بۇلغانغان مىللىي روھ ۋە پۇچەكلەشتۈرۈلگەن ئەجداد روھى
بۇلغانغان مىللىي روھ ۋە پۇچەكلەشتۈرۈلگەن ئەجداد روھى
(1)
«ياتلىشىش» دېگەن بۇ سۆز ئۆزلۈكنىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، كۆپىنچە تەبىئىي ھالەتتىن يىراقلىشىش، ئەسلىي بولغاننى تونۇماس ھالغا كېلىپ قېلىش، سەل قاراش ، بىپەرۋالىق مەنىلىرىگە جورىلىدۇ. بۇ سۆز ئىجتىمائىي بىلىم ساھەلىرىدە سۆزلۈك مەنىسىدىن بىر قەدەر ھالقىغان مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن. بۇلار ئىچىدە بىر مىللەتنىڭ خۇسۇسىيلىققا ئىگە مىللىي تەركىبلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى، مىللىي خاسلىقلىرىنىڭ سۇسلىشىشى، تەۋەلىك ۋە كىملىك ئېڭىنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلار ياتلىشىش ھادىسىسىدىكى ئىپادىلەر بولۇپ كۆرسىتىلىدۇ. ئەنە شۇ قاتاردا مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيەلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى بولغان شالغۇتلاشتۇرۇش، ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ۋە ئەبجەش تەلقىنلەرنى قوبۇل قىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ھادىسىلەرمۇ ئوخشاشلا ئۆزلۈكتىن ياتلىشىش ۋە شالغۇتلىشىشنىڭ تۈرلىرى قاتارىدىن ئورۇن تۇتقاندۇر.
ئاسارەت تارىخىمىزدىن مەلۇم بولماقتىكى، مىللەت ئىزچىل ھالدا شالغۇتلاشتۇرۇلۇش، ماڭقۇرتلاشتۇرۇلۇش ۋە ئەبجەش تەلقىنلەرنى قوبۇل قىلدۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتنىڭ نىشان ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. بۇلار ئىچىدە شالغۇتلاشتۇرۇش بىر پۈتۈن خىتاي مائارىپىنىڭ نىشانى بولغان بولسا، ماڭقۇرتلاشتۇرۇش مەمۇرىيەت سىستېمىسىنىڭ، ئەبجەش تەلقىنلەر بولسا، ئومۇم خەلقنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ ئاڭ - ئىدىيەسى، ئىلمىي ۋە پىكرىي يۆنىلىشىگە تەسىر قىلغۇچى ھەر ساھە تەشۋىقات ۋە مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ، تەتقىقات ۋە مەتبۇئات ساھەلىرىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلدى. مىللەتنىڭ قايتا باش كۆتۈرەلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن «مائارىپ»، «مەمۇرىيەت» ۋە «تەشۋىقات»تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ مۇئەسسەسە مىللەتنىڭ بۈگۈنكىدەك پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدا ئىنتايىن ھالقىلىق ۋە ئەجەللىك رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكىدەك بىر مىللەت تەۋەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق ئىسمىدا ئوخشاش تۇرۇپ ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ پەرقلىق رەڭلەر بىلەن بويۇلۇپ كېتىشىدە، تىلى ئوخشاش تۇرۇپ دىيالوگ قۇرالماسلىقىدا، غايىسى ئوخشاش تۇرۇپ بىر سەپ بولالماسلىقىدا، بىر دىننىڭ تەۋەلىرى تۇرۇپ پەرقلىق دىنىي ئېقىنلار قاينىمىغا غەرق بولۇپ كېتىشىدە مەزكۇر مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئوينىغان رولى ھەقىقەتەن سەل قارىغۇسىز دەرىجىدە زور ۋە پاجىئەلىك. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قارىغاندا شالغۇتلاشتۇرۇش، ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ۋە ئەبجەش تەلقىنلەرنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلغان بۇ مۇئەسسەسەلەر مىللەتنى ئۆزلۈكىدىن ياتلاشتۇرۇش، كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش تىپىدىكى جىمى ھەرىكەتلەردە ھەر قاچان قارا سايە تاشلاپ كەلدى.
تۇپراقلىرى بېسىۋېلىنغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ياشاپ كەلگەن، ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن قايتا شەكىللەندۈرۈلۈش تەجرىبىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە كەچۈرۈۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەدەنىيىتىمىزدىن قانداق ياتلاشتۇرۇلغان بولساق، تىلىمىزدىنمۇ ئۇ قەدەر ياتلاشتۇرۇلدۇق. تىلىمىزدىن قانچىلىك ياتلاشتۇرۇلغان بولساق، دىنىمىزدىنمۇ ئۇ قەدەر ياتلاشتۇرۇلدۇق. مانا بۈگۈن تىلىمىز ۋە دىنىمىز قوشۇلۇپ مەدەنىيىتىمىزدىنمۇ ياتلىشىشتەك بىر پاجىئەنى مۇستەملىكچى كۈچلەرنىڭ بېسىمىسىزمۇ ياشاپ تۇرۇپتىمىز. بۇ يەردە تىلدىن ياتلاشتۇق دەۋاتقىنىمىزدا، ئەلۋەتتە تەپەككۇر تىلىمىز، ئىلىم تىلىمىز، مەدەنىيەت تىلىمىز، ئەدەبىيات تىلىمىز، سەنئەت تىلىمىز نەزەردە تۇتۇلىدۇ. مەدەنىيەت دەۋاتقىنىمىزدا، ماددىي ۋە مەنىۋى خاسلىقلىرىمىزدىن، جۈملىدىن ئەنئەنىلىرىمىزنى شەكىللەندۈرگەن، تاكامۇللاشتۇرغان مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىمىزدىن، بىزنى ئىككىنچى بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاسلىقلىرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدىن ياتلاشتۇق دېگىنىمىزدە بولسا، مىللەتنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەڭ نەپىس تىل بىلەن كۈيلەيدىغان، تىل بايلىقىنى نامايان قىلىدىغان، بېيىتىدىغان، روھىي دۇنياسىنى شەرھلەپ بېرىدىغان، ئەڭ پىنھان ۋە ئەڭ چوڭقۇر ھېسلىرىنى پاساھەتلىك تىل ۋە پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇق بىلەن ئىزاھلاپ بېرەلەيدىغان، مىللىي كىملىك ۋە مەنسۇبىيەت تەۋەلىكىنى ئەڭ يارقىن شەكىلدە تەسۋىرلەشنىڭ قورالى بولغان، شۇنداقلا تەسەۋۋۇر ئالىمىمىز بىلەن تەپەككۇر دۇنيايىمىز ئارىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى، ئەدەبىي سەنئەت بىلەن مەنىۋى قىممەتنىڭ ھالقىسى بولغان ئەدەپ ئوتتۇرىسىنى باغلىغۇچى گۆھىرىمىزدىن ياتلاشقانلىقىمىز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دىنىمىزدىن ياتلاشتۇق دېگىنىمىزدە بولسا، دىن بۈگۈن ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىدە بولۇشتىن بەكرەك گىرۋىكىدىكى تاشلاندۇق نەرسە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى، بىزنىڭ خاراكتېرىمىزنى تەربىيەلەيدىغان، روھ بېغىشلايدىغان مەنىۋى كۈچ ئورنىغا سۇيىئىستېمال ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، بىز ئۈچۈن ھايات يولىمىزنى سىستېمىلاشتۇرغۇچى ئىلاھىي نىزام بولماستىن، پەقەتلا مەنسۇبىيەتلىكتە قوللىنىدىغان ئاتاققا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، قىسمەن شەكلىي پائالىيەتلەردىن باشقا دىننىڭ نېگىزى ۋە جەۋھەر قىسىملىرىنىڭ ئەمەل - ھەرىكەتلىرىمىزدە ئىپادىلىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن مەنىۋى دۇنيايىمىزدىنمۇ ئاساسەن سۈپۈرۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مانا بۇ ياتلىشىشلار بۈگۈنكىدەك داۋرىڭى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق مىللىيلىكنىڭ، ئېغىزدا بار رېئاللىقتا تەسىرى يوق شەكلىي دىندارلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ بولدى. ناۋادا بۇ يەردە يۇقىرىقىلاردىنمۇ ئېغىر بولغان پاجىئە خاراكتېرلىك ياتلىشىش بارمۇ دېيىلسە، مېنىڭچە بار. ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ ئۆز تارىخىدىن ۋە ئەجداد مىراسلىرىدىن ياتلاشتۇرۇۋېتىلىشىدۇر. مانا بۇ تۈردىكى ياتلىشىش ھادىسىسىنى بەلكىم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار ياتلىشىشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەجەللىكى ۋە قورقۇنچلۇقى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. چۈنكى، مۇتەپەككۇرلار ئېيتقىنىدەك، بىر مىللەتنىڭ تارىخى شۇ مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭ خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ. تارىخىنى يوقاتقان ياكى ئۈزۈكچىلىكنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەت بەئەينى خاتىرىسىنى يوقاتقان كىشىدۇر. پىسخولوگلار بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق پىسخىكىلىق ھالەتنىڭ ئۇنىڭ خاتىرىسىنى يوقىتىشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. دەرۋەقە، خاتىرىسىنى يوقاتقان ئىنسان ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنىڭ قانداق ياشاپ چوڭ بولغانلىقىنى، قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكى ۋە ھازىرقى باسقۇچقا قانداق يېتىپ كەلگەنلىكىنى، نېمىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نېمىلەرنى قولدىن چىقىرىپ قويغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى ھاياتتا نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ياكى بولمىسا نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇ پەقەت گاڭگىراشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، ئاداشقان، تېڭىرقىغان بىرى بولۇپ بىراۋنىڭ يېتەكلىشىسىز مۇستەقىل ياشاپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ چوقۇم ئۆزىدىن باشقا بىرىنىڭ يول كۆرسىتىشىگە موھتاج بولىدۇ. خاتىرىسىنى يوقاتقان ئىنسان گەرچە ياشام مۇساپىسىدە تالاي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، خاتىرىسىنى يوقىتىش بىلەن تەڭ ئۆتمۈشى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى تۇرۇپ ھېچقانداق نەرسىسىگە ئىگە چىقالمىغان، قانداق ئىگە چىقىشنى بىلمىگەن، ئۆزىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلىرى بولغان، ئەمما ئۇنىڭ قايسى نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلمەي گاڭگىرىغان، كۆپ نەرسىسى بولغان، ئەمما نېمىلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتەلمىگەن، نەتىجىدە تالاي نەرسىلىرى تۇرۇپ ھەممىسىدىن قۇرۇق قالغان ئىنسانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك تىراگېدىيە، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پالاكەت، قورقۇنچلۇق روھىي ھالەت بارمۇ؟!
(2)
زامانىمىز پەيلاسوپلىرىدىن جون بېرگېر ( (John Bergerشۇنداق ئېيتىدۇ: «بۈگۈننى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخنى سەپەرۋەر قىلدۇرۇش كېرەك». دەرۋەقە، بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭ تارىخى مۇھىملىق ۋە زۆرۈرلۈكتە ئەنە شۇ ئىنساننىڭ خاتىرىسىگە ئوخشايدۇ. يىلتىزسىز دەرەخ، ئۇلسىز بىنا بولمىغاندەك، ئۆتمۈشسىز كېلەچەكمۇ بولمايدۇ. بۈگۈن بىز ئۇلى تۇرۇپ قۇرۇلالماسلىقنىڭ، يىلتىزى تۇرۇپ كۆكلىيەلمەسلىكنىڭ، تارىخى تۇرۇپ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنىنى ئۇلىيالماسلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان بولۇشىمىزغا قارىماي، پاجىئەلىك ھالدا نېمە بولۇپ بۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىمىزنى، قانداق بىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، قەيەردىن كېلىپ قەيەردە توختاۋاتقانلىقىمىزنى دەڭسەپ ئۈلگۈرگىدەك سەۋىيەگە يېتىشىپ بولالىغىنىمىز، تارىخىي ۋە ئىدىيەۋى جەھەتلەردىكى ھېساب - كىتابلىرىمىزنى قىلىپ ئۈلگۈرەلىگىنىمىز يوق. چۈنكى، بىز ئەجداد قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنىڭ داۋامىنى ئۇلىغۇچىلار بولالمىدۇق، ھەتتا بىز مۇستەملىكە تارىخىمىزنىڭ باشلىنىشى بىلەن تاقاق دۇنيانىڭ ئەسىرى بولۇشتەك مەھكۇملۇق تارىخىمىز مابەينىدە مەيدانغا كەلگەن ئۈزۈكچىلىكنىڭ ئورنىنى تولدۇرالىغان يەردە ئەمەسمىز. بۇ مەنىدىن بىز ئەجداد تارىخىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا ئۇلار ياراتقان تارىخنىڭ ئىزباسارلىرى بولماستىن، ئەنە شۇ ئۈزۈكچىلىكتىن كېيىنكى بىزنى شەكىللەندۈرگەن، بىزنى قۇرۇپ چىققان، بىزنى ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان، ھەمدە تارىخىمىز بىلەن ئالاقە باغلىشىمىزغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن بىر سىستېما ھۆكۈم سۈرگەن قاباھەتلىك بىر دۇنيانىڭ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ مەھكۇم پۇقرالىرىغا، ھەتتا مەھكۇم قۇللىرىغا ئايلاندۇرۇلۇش كىرىزىسى ئىچىدە چوڭ بولغان بىر نەسىلنىڭ داۋامى. ئەگەر بىز بىزنى قاماللاپ چىرمىۋېلىۋاتقان قاتمۇقات كىرىزىسلاردىن چىقىپ كېتىمىز دەيدىكەنمىز، شۈبھىسىز ھالدا ئاڭ يېڭىلاش ھەرىكىتىنى باشتىن كەچۈرۈشىمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تارىخىمىزنى توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا ئوقۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، بىزگە بۇزۇق ھالدا سۇنۇلغان، بۇرمىلانغان تارىخلار بىلەن يۇيۇلغان مېڭىمىزنى تازىلىشىمىز، قوبۇل قىلدۇرۇلغان ئەبجەش تەلقىنلەرنى ساپلاشتۇرۇشىمىز، غەلدى - غەش ئىدىيەلەردىن ئۆزىمىزنى پاك تۇتۇشىمىز زۆرۈر. ئۇنداق بولمىغاندا شالغۇتلاشتۇرۇلغان تارىختىن شالغۇتلاشقان زېھنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىپ چىقىشى، ئۆتمۈشى بىلەن چىقىشالماس، ئىرقداشلىرى بىلەن پېتىشالماس، ئەجدادىغا كۈشەندە ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىز مۇقەررەر. بىز بۇنداق بىر رېئاللىقنىڭ مىساللىرىنى يېقىنقى ئەللىك يىل مابەينىدە مەيدانغا كەلگەن ھەر ساھە ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاز ساندىكى قىسمەن يازغۇچىلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، «زىيالىيلىق» نامى بىلەن مىللەتنىڭ تارىخىغا، ئەدەبىياتىغا چاڭ سالغان كۆپلىگەن يازغۇچى شائىرلارنىڭ، مىللەتنىڭ تىلى ۋە پەلسەپەسى بىلەن ھەپىلەشكەن كۆپ سانلىق ئۇلۇغ - ئۇششاق قەلەمكەشلەرنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىدە كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز.
بىزنىڭ مەزكۇر مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز قانداقتۇر ئۇلاردىن ئاغرىنىش، ئۇلارنى ئەيىبلەشتىن كېلىپ چىققان پوزىتسىيە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان كوممۇنىزملىق مائارىپنىڭ شەكىللەندۈرۈشى ئاساسىدا يېتىشكەنلىكى، ماركسىزملىق دۇنيا قاراشنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىشىدىن ۋە ئۇنى تەپەككۇر مېتودى قىلىۋېلىشتەك بىر قاتار ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىققاندۇر. دەرۋەقە، ئۇلار قانداق بۇلاقتىن ئوزۇقلانغان بولسا، شۇنىڭغا بېقىپ مېۋە بەردى. ئەمما بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن ھېچ تەرەددۇتسىز ئوزۇقلىنىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى مۇستەملىكە دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ئەجدادنىڭ داۋامىنى ئۇلىغۇچىلار بولۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس. ئەجدادلار ئىچكەن ئىلىم بۇلىقىدىن ئىچىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە بولمىغان. قارايدىغان بولساق، تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدە، پەلسەپە تەتقىقاتلىرىدا مىللەت ئەجدادلىرىغا، مىللەتنىڭ خاتىرىسىگە قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ بارچىسى ئەنە شۇ شالغۇت زېھنىيەت ۋە زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ قولىدا روي بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئالايلۇق، تارىخنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاسارەت دەۋرىمىزدە مەيلى شەخسىي ئىزدىنىش شەكلىدە يېزىلغان مىللىي تارىخىمىز بولسۇن، مەيلى ئاتالمىش «تارىخ يېزىش كومىتېتلىرى» تەرىپىدىن يېزىلغان مىللىي تارىخىمىز بولسۇن، تەتقىقات مېتودى ئومۇمەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان. بۇ تارىخلاردا ھادىسىلەرنىڭ جەريانى، يۈز بېرىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار توغرا بولسىمۇ، مەزكۇر ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئىچكى ئامىلى، ماھىيىتى ھەققىدىكى ئانالىزلار ئاساسەن كۆپتۈرمە ۋە ياكى تېيىزلىقتىن قۇتۇلالىغان ئەمەس. بۇنداق تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىنكى مەدەنىيەتتە يۇقىرى پەللە يارىتىش دەۋرى بولسۇن، موڭغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىنكى سەئىدىيە خانلىقىدىن تارتىپ تاكى ئاتالمىش ئازادلىق دەۋرى، يەنى مىللەتنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىگىچە بولغان تەپسىلاتلار بولسۇن ئاساسەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودى يېتەكچى ئورۇندا بولۇپ كەلگەن. تارىخ پەلسەپەسى ئۇ قەدەر بۇرمىلىنىپ تەھلىل قىلىنغانكى، بەزىدە دوست دۈشمەنگە، دۈشمەن دوستقا ئايلاندۇرۇۋېتىلسە، بەزىدە ھەقىقەت سەپسەتىگە، سەپسەتىلەر ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن. بىز بۇلارنى ئوقۇش جەريانىدا تارىخىمىزنىڭ ئومۇمىي ئاتموسفېراسى بىزگە تارىخىمىزنىڭ زىددىيەتلىك تارىخلىقىنى، ئۆتمۈشىمىزنىڭ توقۇنۇش ۋە سىنىپىي جەڭگى - جېدەللەر ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەمدە تەدرىجىي ھالدا مەزكۇر توقۇنۇشلۇق تارىخىمىز بىزنى ئۆزىمىزدىن سەسكەندۈرۈشكە، ئۇنىڭدىن قېزىپ چىقىشقا ئەرزىگۈدەك، مىراس سۈپىتىدە بىباھا بىلىپ ئىگە چىققۇدەك قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ. بىز ئۈچۈن كاتتا مەبلەغلەرنى سېلىپ، تەتقىقاتچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ يېزىپ چىقىرىلغان يېقىنقى زامان تارىخ كىتابلىرىمىزنى ۋاراقلاپ قالىدىغان بولساق، ئۆتمۈشتىن تاكى كۈنىمىزگە ئۇلاشقانغا قەدەر جەريانلارنى ئوقۇپ تۈگەتكۈچە ئاللىبۇرۇن ئېڭىمىزغا مىللەتكە سەركە بولغۇچىلاردىكى يامان غەرەزلەر، كالانپايلىقلار، دۆتلۈكلەر تۈپەيلى بۈگۈنكى كۈنگە قالغانلىقىمىزدەك بىر چۈشەنچە شەكىللىنىپ ئۈلگۈرىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ئاسارەتكە قېلىشىمىزنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە ئوبرازلاشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. كىرىزىسلاردا ئۇ قەدەر باتۇرانە كۈرەش قىلغانلارنىڭ ئىنتايىن پۇچەك ئىشلار تۈپەيلى مەغلۇپ بولۇشلىرى، جەمئىيىتىمىز ئىزچىل بايلار تەرىپىدىن ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىپ، موللا - ئۆلىمالار تەرىپىدىن نادانلاشتۇرۇلۇپ، قايمۇقتۇرۇلۇپ كەلگەنلىكى، پەقەت ۋە پەقەت مۇستەملىكىچىلەر كەلگەندىلا توقۇنۇشىمىز توختاپ ئاسايىشلىق ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىمىز، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىققانلىقىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزگە قويۇپ بەرسە، ياكى ئەجدادنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا توغرا كەلسە، بىزنىڭ ھەرگىزمۇ باش كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىمىزدەك بىر يوشۇرۇن سىگنال ئىنتايىن ئۇستىلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن ئېڭىمىزغا يەرلەشتۈرۈلۈپ بولىدۇ.
ئەدەبىيات تارىخىمىزغا كەلسەك، بىز تاكى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئۇ قەدەر كۆككە كۆتۈرگەن زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز، ھەتتا پەيلاسوپلۇقى ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىپ كەتكەن يازغۇچىلىرىمىز مىللەتنىڭ ئەدەبىيات پېشۋالىرىنى، مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپلىرىنى ئۇلارنىڭ زامانىدا ئاپىرىدە بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن ئاللىقانداق غەربچە ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئاتالغۇلىرى بىلەن تەقدىرلەشلىرىنى ھېچقانداق بىنورماللىق ھېس قىلماستىن توغرا چۈشىنىپ چوڭ بولدۇق. مىللەتنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى بېيىتقان ۋە كامال تاپقۇزغان ئەجدادلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي تەۋەلىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئاتاقلار بىلەن، گاھ گۇمانىست، گاھ ھۇمانىست، گاھ ئىدېئالىست، گاھ رېئالىست بولۇپ تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق بۈيۈكلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈلكىلىك يېرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى بىسمىللاھ بىلەن باشلىغان، كىتابلىرىنىڭ سۆز بېشىنى ئاللاھقا ھەمدە، پەيغەمبەرگە دۇرۇت ۋە سالاۋات كەلتۈرگەن، چاھارىيار ساھابىلەرگە، تابىئىنلارغا قەدەر مەدھىيە ۋە دۇئايى سالاملارنى ئوقۇش بىلەن باشلىغان بولۇشلىرىغا قارىماي «ماتېرىيالىست» قىلىپ تەسۋىرلەشكە كۈچەپ كېتىلگەنلىكىمۇ بىر رېئاللىق. بولۇپمۇ بۇ تەتقىقاتلاردا قاراخانىيلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى، يەنى ئىسلامىيەت تارىخىدا سەلجۇقىيلارنىڭ ئانادولۇدىكى شانۇشەۋكىتى ئەڭ زورايغان بىر دەۋرىدە پاراللېل ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈركىستان ئىقلىمىنىڭ مەركىزى ۋە مەدەنىيەت ئوچۇقى بولغان، يەنە كېلىپ ئاجايىپ گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ سەمەرىسى، يېتىشتۈرگەن گىگانتلىرى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشىغەرىيلەرنىڭ ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنى، تەربىيە ۋە تەلىملىرىنى ئاتالمىش ئۆز دەۋرىنىڭ فېئودال ھاكىمىيىتىنى ئىسلامغا ئورۇنۇپ تۇرۇپ تەنقىد قىلىش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرنى، مەزكۇر ئەجدادلارنى دىنغا مايىللىقلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپ فېئودال تۈزۈمگە قارشى چىقىشقا جاسارەت كۆرسەتكەنلەر قىلىپ تەسۋىرلىنىشلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ئوقۇۋەتكەنمۇ بولدۇق. ئەمما بۇلارنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، بىر مىللەتنىڭ دۆلەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ئەخلاق مىزانلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر ئىدىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى ياراتقان ئەجدادلار ئارقىسىدا ئۇنى يېتىشتۈرگەن شۇ دەۋر ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بۇنداق بىر ئىدىيە سىستېمىسىنى، مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى تونۇشتىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەرنى ئىسلامنىڭ تونىغا ئورىنىۋېلىپ تۇرۇپ يېزىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئاشۇ ئەسەرلەردە دېيىلگەن تەلىملەرگە، دېيىلگەن ئەخلاق مىزانلىرىغا سالغىنىمىزدا، بۇنداق بىر خاراكتېرنىڭ مۇناپىقلىق بولىدىغانلىقىنى ئاساسەن ئويلىشىپ كەتمىدۇق.
بىز يەنە بۇ خىل ئوخشاش مېتود ۋە تىراگېدىيەنى مەشرەپ، زەلىلىي، ھىرقەتىي كەبى دەۋرىنىڭ گىگانت شائىرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىمۇ ئوخشاش تەكرارلانغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، بىزنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قولىمىزغا نەشر قىلىنىپ كەلگەن تارىخ ئەسەرلىرىدە سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىرگە يېقىن تارىخىمىز پۈتۈنلەي بىزنى ئەزگەن ئاتالمىش فېئوداللارنى سۆكۈش بىلەن يېزىپ چىقىلىدۇ. ئەسىرلەر بويى بىر تىلنىڭ ئەدەبىياتىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە بېيىتىش بىلەن قان - قېرىنداش بولۇپ كەلگەن، بىر دىننىڭ، بىر مەزھەپنىڭ، بىر قىبلىنىڭ مەنسۇپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى، يەنە كېلىپ ئۆزلىرىنى بىر ئىقلىمنىڭ ئاغا - ئىنىلىرى بىلىشىپ ۋە بىر - بىرىگە ساھىب چىقىپ ئۆتكەن خەلقنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلىرىنى ھاكىم ۋە مەھكۇم تەبىقىسىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىنىشى، گويا بىرى چەتتىن كىرگەن مۇستەملىكىچى، يەنە بىرى مەغلۇبىيەتچى قىلىپ تەسۋىرلىنىشى، ھاكىمىيەت تۇتقانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ياۋۇز ئىشغالىيەتچىنىڭ قولىغا قېلىشىنىڭ باش جاۋابكارى قىلىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئۈستىلەپ مەزكۇر ئاتالمىش بېسىۋالغۇچى تائىپەنىڭ دەۋرى قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا جىمى كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، ھەمدە خەلقنى نادان قالدۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ دەۋرى بولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جاھالەتلىك دەۋرىنىڭ مانا بۇ ئۈچ ئەسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي دەۋرلەر بولغانلىقى تۈپ مەزمۇن قىلىنىپ سېنارىيەلەشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئۈچ ئەسىرلىك مۇقىمسىزلىق، فېئودال كۈچلەرنىڭ ئېزىشى ۋە زۇلۇمدىن كېيىنكى بۈگۈنكى ئاتالمىش ئازادلىقنىڭ كېلىشى بىلەن كومپارتىيە سايىسىدە مىللەتنىڭ بېشى كۈن كۆرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئاتالمىش «ئازادلىق»نىڭ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ قۇياش نۇرى چۈشۈپ مېھرى - شەپقەت ياغقانلىقىدەك يوشۇرۇن سىگناللار ئۈچۈن زېمىن ھازىرلانغان بۇ سېنارىيەنىڭ داۋامىغا ئۇلاپلا شۇنداق خۇلاسە چىقىرىلغانكى، مىللەتنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي مۇستەملىكىسى ۋە بىر نەچچە ئەسىرلىك نادانلىققا يۈز تۇتۇشى ئاشۇ ئاتالمىش فېئودال تاجاۋۇزچى تونۇش دۈشمەنلەر سەۋەبلىك بولغان.
مەزكۇر تارىختىكى تىياتىر خاراكتېرلىك تىراگېدىيە شۈكى، ئەسلىي قىياپىتى تونۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بوياپ تۈزەشتۈرۈلگەن بۇ تارىخ بۈگۈننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت بۆلۈنۈش ئوبيېكتى، مىسال قىلىشتىكى تۈپ ئۆرنەكلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى. نەتىجىدە ئىنتايىن ماھىرلارچە تۈزۈلگەن بۇ سېنارىيەلەردىكى باش پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاساسەن غەرب جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن سانائەت ئىنقىلابىنىڭ پارتلاش ھارپىسىدىكى چېركاۋ پوپلىرىنىڭ ئىلاھنىڭ ۋەكىلى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ خەلقنى ئەزگەن بىر كۆرۈنۈشىگە ئوخشىتىلغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە بىر باش ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشنى مۇمكىن قىلىدىغان جامائەتچىلىك، تەرىقەتچىلىك، تەشكىلاتچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ قايتىدىن تېرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تارىخىي ئەنئەنىلەرنى «بۆبۆلەشتۈرۈپ سەت كۆرسىتىش»تەك بۈگۈننىڭ سىياسىي مۇستەملىكچىلىرىگە پايدىلىق بولغان بىر خىزمەت پۈتۈپ چىققان ۋە ئىككىنچى بىر ئەۋلادقا كەلگەنگە قەدەر مەزكۇر يېزىپ بېرىلگەن تارىخ كىتابلارنىڭ ۋەزنى كۈچىيىدۇ ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تارىخىنى چۈشىنىشتىكى دەستۇرلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنىدى.
مەسىلىنىڭ ئەدەبىياتقا ئالاقىدار قىسمىغا كەلسەك، خۇددى غەربتىكى شەرقشۇناسلارنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرىنى زۇلمەتلىك دەۋر دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش يۇقىرىدا ئىسمى زىكرى قىلىنغان شائىرلارنىڭ ياشىغان دەۋرلىرى، يەنى سەئىدىيە دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋرلەر پۈتۈنلەي «جاھالەتلىك دەۋر» قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭدىكى غەلىتىلىك تۇيۇلمىغان، ھېچقانداق زىددىيەت ھېس قىلىنماستىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلگەن نۇقتا شۇكى، مەزكۇر دەۋرلەر قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقىسى كۆيدۈرۈپ تاشلانغان زۇلمەتلىك ۋە جاھالەتلىك دەۋر سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇشبۇ ئاتالمىش جاھالەتلىك دەۋرنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ قولىدا، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىقى باشلىنىپ يېرىم ئەسىرگە بارمىغان بىر تارىختا مەشرەپ، ھىرقەتى، زەلىلىي، ئابدۇللاھ خاراباتىي كەبى بۈيۈك شائىرلار، ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى يېتىشىپ چىققانىدى. ھالبۇكى مەشھۇر شائىرىمىز زەلىلىي بۈگۈنكى تارىخچىلار تىلىدا، جۈملىدىن ئەدەبىيات تارىخچىلىرى قوشۇلۇپ ھەممىسىنىڭ قەلىمىدە بىردەك «ئۇيغۇرلارنىڭ جاھالەتلىك دەۋرى»، سوپى - ئىشانلارنىڭ خەلقنى ئېزىۋاتقان، نادانلاشتۇرۇۋاتقان دەۋرى دەپ تەرىپلەۋاتقان زاماننى، يەنە كېلىپ شۇ زاماننىڭ ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە تېپىلىدىغان بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئىللەتلىرى قامچىلانغان شېئىرلارنى تۇتقا قىلىۋېلىپ «قاباھەتلىك دەۋر» دەپ تەسۋىرلەپ، كۆپتۈرۈپ ھارمىغان ئاتالمىش جاھالەتلىك دەۋرنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدىكى مىللىي مائارىپنى مۇنۇ شېئىرى ئارقىلىق تارىخقا پۈتكەنىدى:
چەشمە چىراغى ھەمەئى مەملىكەت،
رەۋنەقى باغۇ چەمەنى مەئرىفەت.
بىر تەرەفى مەدرەسەئى خانىدۇر،
ئىلىم بىلەن فەزلى گۈلىستاندۇر.
رەۋشەن ئولۇپ ھەر بىرى شەمىئى جەھان...
گەرمى مۇتالىئىدە ھەنگامە،
دەرس بېرۇر ۋەقتىدە ئەللامە.
ئالىم ھەم ئامىل ئاخۇن ئۈچۈن،
مەسنەدى ھېكمەتتە فلاتون ئۈچۈن.
ئاپپاق خوجا (توغرىسى ئافاق خوجا)نىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىدىن تەخمىنەن ئون يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن، شېئىرىيەت ساھەسىدە پەقەتلا تۈركىستان ئىقلىمىنىڭ شەرقىنى (ۋەتىنىمىز) نىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ غەربىگىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقلىمىنى، قىسقىسى بىر پۈتۈن تۈركىستان ئىقلىمىنىڭ ھەر قايسى ۋادىلىرىغىچە نام سالغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر شېئىرىيەت سەھنىسىدىكى زىلزىلىسىنى يوقاتمىغان بۇ گىگانت شائىرىمىز تەسۋىرلىگەن، ھەمدە بۈگۈنكىلەرنىڭ تىلىدا «جاھالەتلىك دەۋر» دېيىلگەن زاماننىڭ مائارىپىدا ئىسلامىيەت تۈرك ئىلىم مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنىڭ ئۈچ بۈيۈك ئىستونى بولغان ئىلىم، ئېرپان ۋە پەلسەپەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكمەتتىن دەرس بېرىلىۋاتقانلىقى، مەملىكەت مىقياسىدا مەرىپەت ۋە ئىلىم قاينىمى ھۆكۈم سۈرگەنلىكى، ئىلىمدە يېتۈك ئۇستازلارنىڭ «ئالىم ھەم ئامىل ئاخۇن ئۈچۈن، مەسنەدى ھېكمەتتە فلاتون ئۈچۈن» تەر تۆكۈۋاتقانلىقىنى، يەنى ئىلىمدە ۋە ئەمەلدە يېتىشكەن كامىل ئىنساننى تەربىيەلەپ چىقىش، ھېكمەتتە، پەلسەپىدە ئەپلاتونلارنى يېتىشتۈرۈشنى شوئار قىلغان بىر مائارىپنىڭ جەۋلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئوخشاش بىر ئەسىرنىڭ ئىچىدە، مەزكۇر تەسۋىردىكى مائارىپ ۋە ئىلىم ئوچاقلىرى تۈرتكىسىدە تۈركىستاننىڭ شەرقى ۋە غەربىگە نام سالغان شائىرلىرىنى، ئالىم - ئۆلىمالىرىنى ئارقىمۇئارقىدىن يېتىشتۈرۈشىدەك بىر رېئاللىقنىڭ تارىخ نۇقتىسىدىن ئېيتىلغان ئاتالمىش «زۇلمەتلىك دەۋر»، «جاھالەتچىلىك دەۋرى» قاتارلىق تەسۋىرلەر بىلەن پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. غەلىتە يېرى، بۇ نۇقتىدا ئاسارەت دەۋرىنىڭ يېتىشتۈرگەن ئەدەبىيات تارىخچىلىرىنىڭمۇ مەسىلىنى ئوخشاشلا تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودى بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچەپ كەتكەنلىكىنى، ئەينى دەۋر شائىرلىرنىڭ ئۆز جەمئىيىتىگە تۇتقان ئىسلاھ قىلىش مېتودى ۋە يۆنىلىشىدىكى بىر قىسىم تەنقىدىي شېئىرلىرىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ئۇلارنىمۇ شۇ دەۋردە بازار تاپقان تەسەۋۋۇپ تونىغا كىرىۋېلىپ تەنقىد قىلىشتەك ئاتالمىش «جاسارەت»نى كۆرسەتكەن قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى ۋە ئۇسلۇبىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىغانلىقلىرىنى كۆرىمىز. بۇ يەردە ئوخشاش نۇقتا شۇكى، مەزكۇر سېنارىيەدىمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان ئەجدادلار ئەينى دەۋرنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىسلامغا تەۋەلىنىپ تۇرۇپ ئاتالمىش فېئودال جەمئىيەتنى قانداق تەنقىدلىگەن بولسا، سەئىدىيە تارىخىنىڭ داۋامىدىن باشلانغان پىلانلىق سېسىتىلىش ئوبيېكتى قىلىنغان تارىخنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئالىملىرى، شائىرلىرىمۇ شۇ دەۋردە نېمە بازار تاپقان بولسا شۇنىڭ تونىغا ئورىنىۋېلىپ تەنقىدلەشتەك «جاسارەت»نى كۆرسەتكەن. بۇ يەردە قەلەمكەشلەر قولىدا سادىر بولغان تارىخىي جىنايەت بولسا، ئوخشاشلا ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەخلاق مىزانىنى ھايات يولى قىلغان مەزكۇر ئەجدادلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاۋۋىلىدىن ئاخىرىغىچە شۇ مىللەتنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاق مىزانى بويىچە «مۇناپىق»لىققا ياتىدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى ئىلىمىي ۋە ئەدەبىي يۆنىلىشكە سىڭدۈرۈش، شارائىت تۈپەيلى ئىككى يۈزلىمىچىلىك يولىنى تاللاش ئارقىلىق «جاسارەت» كۆرسەتكەن قىلىپ تەرىپلىنىشى، «ھەققانىيەتچى» قىلىپ تەسۋىرلىنىشىدۇر. نەتىجىدە مىللەتنىڭ ئۈلگىلىك ئەجدادلىرى، پېشۋالىرى ۋە سەرخىللىرىنىڭ ھەممىسى مەزكۇر كىرالىق قەلەمكەشلەرنىڭ، شالغۇت زىيالىيلارنىڭ قولىدا ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك تىراگېدىيەنىڭ پېرسوناژلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن.
شائىر زەلىلىينىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋر ئىلىم - مەرىپەت ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىدا تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ غەرب ۋە شەرقىدە جۇلالىنىپ كەلگەن تۈركلۈك روھىنىڭ نەقەدەر پارلاق ۋە ساپ ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرغا خاس ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ ئۇلاردا نەقەدەر ساغلام ۋە سۈزۈك ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن شائىر زەلىلىي شۇ مىسرالارنى پۈتىدۇ:
جاھاننى سەير ئېتەرگە نەچچە كۈن باغۇ - چىمەن ياخشى،
دەمى ئۈلپەت ئالۇرغا دىلبەرى شېرىن سۇخەن ياخشى.
«سەمەرقەند سەيقەلى ئالەم»، «بۇخارا قۇۋۋەتى ئىسلام»،
بىزنىڭدەك تۈركىي ئادەملەرگە بۇ شەھرى خوتەن ياخشى.
...
نۆۋەتتە بىز ئاسارەت تارىخىمىز داۋامىدا توختىماي قۇلىقىمىزغا قۇيۇلۇپ كەلگەن ئاتالمىش زامانىۋى مائارىپنىڭ زەلىلىي كەبى بىر مۇتەپەككۇر شائىرىنى يېتىشتۈرگىدەك، ئەخلاقى پەزىلەتتە «كامىل ئىنسان» مودېلىنى بەرپا قىلغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغان مەشرەپ كەبى گىگانتلارنى، خىرقەتىي، ئابدۇللاھ خاراباتىي ۋە موللا پازىل كەبى مىللەتپەرۋەر پازىللارنى، ئوت يۈرەك ئەدىب – شائىرلارنى، مۇتەپەككۇر ئالىملارنى، ھەمدە ئۇلاردىن كېيىنكى ئىجتىھاتكارلاردىن ئابدۇقادىر ۋە سابىت داموللىلارنى، تەجەللىي ھەزرەت كەبى دەۋرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىك ئەللامىلىرىنى، ئۇلاردىكى روھنى، پەزىلەتنى يېتىشتۈرگىدەك ماجالى يوقلىقىغا ئەمىن بولغان ھالدا، شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىز ھېلىھەم بىزگە يېزىپ سۇنۇلغان «ۋەقە ۋە ھادىسىلىرى ئەمەلىيەت، ئەمما پەلسەپەسى خاتا مېتود» ئاساسىدا تەھلىل قىلىنىپ سۇنۇلغان تارىخلار توغرىسىدا، ئەجدادلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرى ھەققىدىكى تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودى بىلەن تەھلىل قىلىنغان شەرھ ۋە ئىزاھلارغا گۇمان بىلەن قاراشقا، بۇ ھەقتە يېزىلىپ كەتكەن توم - توم ئەسەرلەر ئۈستىدە، مەيلى ئۇنى قانداق يازغۇچى يازغان، قانداق نەشرىيات نەشر قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دادىللىق بىلەن تەنقىدى نەزەردە قاراشقا، ئىلمىي تارازىدىن قايتىدىن ئۆتكۈزۈشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ياشاۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن بۈگۈننى چۈشىنىش، ھەمدە بۈگۈننى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخىمىزنى سەپەرۋەر قىلدۇرۇش، ئۇنى توغرا مەنبەدىن ئېلىش، ئىزدىنىپ ئوقۇش، ئوقۇغاندىمۇ مېغىزىنى چېقىپ ئوقۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇشى زۆرۈر. شۇنداقلا تارىخنى ئۇنىڭ ساغلام پەلسەپەسى بىلەن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىدىغان، ئۇنىڭدىكى تارىخىي شەخسلەرنى، ئىلىم ۋە ھېكمەت ئەربابلىرىنى ساپ سۈزۈك ھالىتىدە تونۇشتۇرىدىغان سۈزۈك زېھنىيەتلىك مۇئەللىپلەرگە، زىددىيەتلىك كىملىك ۋە شالغۇت زېھنىيەتكە ئىگە بولمىغان ئىلىم ئادەملىرىگە، ماڭقۇرتلاشمىغان، شالغۇتلاشمىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنىغا ئېھتىياجىمىز بار. چۈنكى، مەسىلىمىز ۋە دەردىمىز پەقەتلا تارىخنى توغرا ئوقۇش ۋە چۈشىنىشلا بولماستىن، ئۇنى بۈگۈن بىلەن باغلاش ۋە كېلەچەكنىڭ خەرىتىسىدە جايىدا پايدىلىنىشنى بىلىش بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك يەنە، مىللەتنىڭ ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ھەمدە تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان گىگانتلارنى يېڭىۋاشتىن تونۇپ چىقىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ يولدا ئىزدىنىشلەر، تەتقىقاتلار مەيدانغا كېلىشى زۆرۈر. ئۇنداق بولمىغاندا، تارىختىن ئىبارەت مىللىي خاتىرىمىزنى يوقىتىشنى كۈنىمىزدىكىدەك داۋاملاشتۇرۇۋېرىشىمىز، ئىش بىز بىلەنلا تۈگىمەستىن بۈگۈنكىدەك ئاچچىق رېئاللىقلارنى، تىراگېدىيەلەرنى بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭمۇ تەكرار ياشاۋېرىشى، مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش گىردابىدىن قۇتۇلالماي ئۆتۈپ كېتىۋېرىشى مۇقەررەر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۆزىمىزنى قۇرۇپ چىقىشتا ئۆرنەك بولغۇچى ئەجداد روھىدىن توغرا ئۇسۇلدا ئوزۇق ئېلىشنى بىلىشىمىز لازىم. ئەكسىچە ئەھۋالدا، ئاللىقانداق دەبدەبىلىك قالپاقلار بىلەن ئەسلىي قىياپىتى يوشۇرۇۋېتىلگەن، ھەمدە يات مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئېقىم ۋە يۆنىلىشلەرنىڭ تارازىسىدا تاسقىلىپ، چۈرۈكلەشتۈرۈلۈپ ۋە پۈچەكلەشتۈرۈلۈپ تونۇشتۇرۇلغان ئەجداد روھىدىن ساغلام بولغان مىللىي روھنى قېزىپ چىقىش، ئىبرەت ۋە ئۆرنەكلەرنى سۈزۈپ ئېلىش، شۇنداقلا بۈگۈنىمىزنى تونۇپ يەتكەن ئاساستا كېلەچىكىمىزنى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن بولماس ئىشقا، ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇغا ئايلىنىپ قالغۇسى ۋە بۇ خىل ئايلىنىش تەرەددۇتسىز ھالدا داۋاملىشىپ بارغۇسى!
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى