Jump to content

بۇنىن شېئىرلىرىدىن

ئورنى Wikipedia

بۇنىن شېئىرلىرىدىن

جاسارەت تاش تەرجىمىسى

تەرجىماندىن: ئىۋان ئالېكسيېۋىچ بۇنىن (1870—1953) رۇسىيىنىڭ 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇ 1870–يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋورونېژ شەھىرىدە سۇنغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئالېكسيې نىكولايېۋىچ بۇنىن تولىمۇ بەتخەج، ھاراقكەش بولغاچقا بارلىق مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىۋەتكەن، ئانىسى ليۇدمىلا ئالېكساندىروۋنا كۈنبويى يىغلاپ-قاخشاپ ئۆتكەن. كېيىن ئۇلار ئائىلە بويىچە بوۋىسى (دادىسىنىڭ دادىسى)نىڭ قورۇقىغا كۈچۈپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىن چوڭ ئانىسى (ئانىسىنىڭ ئانىسى)نىڭ قورۇقىغا بېرىپ تۇرغان. بۇنىننىڭ بالىلىق دەۋرى ئاشۇ جىمجىت سەھرادا ئۆتكەن. بۇنىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4–يىللىقىغىچە ئوقۇپ، ئوقۇشتىن توختاپ تىرىكچىلىك قىلغان، كۈتۈپخانا، گېزىتخانىلاردا ئىشچى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىستاتىستىكا خادىمى بولغان، كېيىنچە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان.

بۇنىن 17 يېشىدىن باشلاپلا شېئىر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، 1892-يىلى 22 يېىشدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ  1901–يىلى ئېلان قىلىنغان «غازاڭ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى پۇشكىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 19–ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدىن كېيىن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن شېئىر ئىجادىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، 1906–يىلى رۇسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن (1920-يىلى) چەتئەلگە قېچىپ كېتىپ، فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەم نۇرغۇن ماقالە–ئەسەرلەرنى يېزىپ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇ باشقا ئەللەرنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ–ئادىتى تەسۋىرلەنگەن «ئىلاھىيەت دېڭىزى»، «ئۆلۈك دېڭىز»، «قۇياش ئىبادەتخانىسى» قاتارلىق شېئىرىي چۆچەكلەرنىمۇ يازغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن باشقا يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بايرون، لاڭفېللو قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگلىزچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ «نەسىرلىرىدە رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، نەپىس سەنئەت ئۇسۇلىنى ئىپادىلىگەن» لىكى ئۈچۈن، 1933–يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. چەت ئەلدە 33 يىل سەرسانلىقتا ئۆتكەن بۇ داڭلىق ئەدىب 1953-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئارسېنيېۋنىڭ ئۆمرى»، «مىگانىڭ مۇھەببىتى»، «قىيامەت»، «سان–فرانسىسكودىن كەلگەن مۆتىۋەر» قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلىرى بار.


ياز تۈنى

— بەر بىر تال يۇلتۇزنى، ئانا،— دەر بالا

ئۇيقۇچان ھالەتتە كۆزىنى ئېچىپ.

ئانىسى گۈللۈككە تۇتاش پەشتاقتا

ئولتۇرار ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ.

تاغ ئۈستى — گۈللۈككە سۈكۈت ھۆكۈمران،

ياز تۈنى قاراڭغۇ، يۇلتۇزلار غۇۋا.

مەشرىقنىڭ كۆكىدە تەنھا بىر يۇلتۇز

چاچىدۇ ئەتراپقا قىزغۇچ نۇر–زىيا.

—بەرگىنچۇ!

ئانىسى يېقىملىق كۈلۈپ:

— نېمىنى، ئوغلۇم؟ — دەپ قويىدۇ سوراپ.

— ئاۋۇ ئۇز يۇلتۇزنى...

— نېمە قىلىسەن؟

— ئوينايمەن...— دەپ بالا بېرىدۇ جاۋاب.

پىچىرلار ياپراقلار گۈللۈكتە مەيىن،

يايلاقتا تىنىمسىز چىرىلدار سۇغۇر.

ئانىنىڭ تىزىغا باش قويۇپ بالا

لەززەتلىك ئۇيقۇدىن تاپماقتا ھۇزۇر.

ئوغلىنى مېھىرلىك قۇچاقلاپ ئانا،

بەختلىك تۇيغۇدا قويىدۇ تىنىپ.

يىراق كۆك قەرىدە يانغان يۇلتۇزغا

تۇرىدۇ ھەسرەتلىك كۆزىنى تىكىپ.

ئەي دەردمەن، جاپاكەش ئىنساننىڭ قەلبى،

گۈزەلسەن شۇ قەدەر، زىلال سۇدەك ساپ!

بەزىدە پايانسىز تۈن ئاسمىنى ھەم

نۇرانە يۇلتۇزغا كېتىسەن ئوخشاپ!


كار قىلماس ماڭا ھېچ بورانلىق يامغۇر

كار قىلماس ماڭا ھېچ بورانلىق يامغۇر،

ئەي باھار گۈلدۈرى، ياڭرىغىن خۇشال!

يامغۇردىن كېيىنكى زۇمرەتتەك ھاۋا

دىللارنى ئۆزگىچە قىلسۇن جەلب، لال.

باغلاردا گۈل–گىياھ يۇيۇنۇپ پاكىز،

ئۆزگىچە رۇخساردا كۆرسەتسۇن جامال؛

ئېچىلىپ بەس–بەستە، چېچىپ خۇش پۇراق،

تاپسۇن ھەم ئۇزلۇقتا بۆلەكچە كامال!

تۇتۇلغان ھاۋادىن قورقىمەن بىراق،

ئۇنىڭدا مەنىسىز تۇيۇلار ھايات،

كۈنبويى ئازابسىز، بەختسىز بىر خىل

ئۆتىدۇ بىھۇدە تۇيدۇرمايلا پات.

بولمىسا ئىجتىھات، مېھنەت، جەڭ–چېلىش

ھاياتلىق قۇدرىتى ئەيلىنەر بەربات،

مىسالى قاتمۇ-قات تۇمانلار ئارا

زەر قۇياش بولغاندەك مەڭگۈ تىلسىمات!


قەبرە تەركىزىسى

(سونېت)

مەن ئىدىم ئۆلگەندە تېخى گۆدەك قىز،

ئۇ ئېيتقان ماڭا: «سەن نازىنىن–زىبا.»

مۇھەببەت–سۆيگۈگە بېرىلىپ چەكسىز،

ئۈمىدتىن بىر ئۆمۈر بولمىدىم جۇدا.

تىۋىندىم سۈكۈتكە، كەلگەندە باھار،

ئۆلۈمگە ئوۋلاندى بارلىقىم مېنىڭ.

لېكىن مەن ھاياتنى ئۆتكۈزمەي بىكار،

مۇھەببەت تەختىدە ياشىدىم ئۇنىڭ.

سايىۋەن يوللارغا سۈكۈتات خاقان،

ئۇيقۇچان شوخ شامال يۈرەر گۈلزاردا.

پىچىرلاپ بەختىنى قىلار ئۇ بايان،

مۇھەببەت كۈيىنى چېلىپ مازاردا.

ئۇنتۇلماس ئەسلىمەم ئاڭلىنار ئاڭا،

سايىۋەن يول ئۈستى تىمتاس كۆك–ساما.


قاپلىدى ئورماننى كۈز شاماللىرى

قاپلىدى ئورماننى كۈز شاماللىرى،

دەرەخلەر شاۋقۇنلاپ كۆتەردى غەليان.

ياتىدۇ چېچىلىپ شاخلار سۆڭەكتەك،

ئۇچماقتا يولدىكى غازاڭلار ھەريان.

گاھىدا چىقىدۇ دەھشەتلىك بوران،

گاھدا جاھاننى باسار سۈكۈنات.

دەلدەرەخ ئاھ ئۇرار ھەسرەت ئىلكىدە،

ئالتۇنرەڭ غازاڭلار بولۇشار بەربات.

ئاسماننى بۇلۇتلار ئەيلىگەن قامال،

جۇدۇندا ھېچنەرسە تاپالماس ئەمىن...

ھەممىنى كۈل قىلىپ ئۇچۇرسىمۇ ئۇ،

پاكلىقنى يوقاتماس مۇقەددەس زېمىن!

قىش كېتەر، ياز كېلەر، لېكىن قارلارنىڭ

ساخاۋەت، ھىممىتى يۈكسەكتۇر ھامان.

ئەتىياز كەلگۈچە، ئۇنىڭ قوينىدا

بوغۇنلار بوۋاقتەك ئۇخلايدۇ ئامان.

تارتىلدى ھەر يانغا كەچكۈز پەردىسى،

ئالتۇنرەڭ ياپراققا تولدى يەر–زېمىن.

غازاڭلار ئاستىدا غۇبارسىز بىخلار

چۈشەپ نەۋ باھارنى ياتماقتا لېكىن.

تۆرىلەر ھاياتلىق قاراڭغۇلۇقتا،

بار ئۇنىڭ خۇشاللىق، قايغۇسى ئەبەد.

شۇ شادلىق، قايغۇدىن رىئال تۇرمۇشتا

ھەقىقىي گۈزەللىك ئالىدۇ مەدەت!


قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا

قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا،

چۈشلىرىمگە ھەمراھ يېزا، باغلىرى،

يول بويىدا كۆككە يەتكەن دەلدەرەخ،

يېشىللىققا تولغان باھار چاغلىرى.

ئاق بۇلۇتلار ئوينار مەيىن داۋالغۇپ،

سەھەر پەيتى زۇمرەتتەك كۆك ئاسماندا.

شۈدىگەردە ئېڭىزلارنىڭ جىلۋىسى،

تەڭكەش بولۇر گويا قۇشلار ساپانغا.

بوز تورغاينىڭ مۇڭلۇق، ياڭراق ناۋاسى

چۈشەر كۆكتىن يەر —مۇقەددەس ماكانغا.

قالدى يۇرتۇم كۆز يەتكۈسىز يىراقتا،

چۈشلىرىمدە ئۇ يەردىكى ھۆر نىگار،

شەھلا كۆزى ئەسلىتەر كۆك دېڭىزنى،

مەجنۇنتالدۇر چېچى، قەددى بىر چىنار.

شەيدا قىلغان ئۇنى ئوتلاق، جىمجىتلىق،

ئانا يۇرتى ھەمدە نۇرلۇق تاڭ سەھەر.

ئالدىدىكى چەكسىز كەتكەن دالىغا

تۇرار سېلىپ ھۆرمەت بىلەن كۆز-نەزەر؛

پەرۋاز قىلار خىيالنىڭ كەڭ كۆكىدە،

لەۋلىرىدە تەبەسسۇمى شادلىقنىڭ.

ئېھ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن دەسلەپكى

گۈل باھارى بەخت بىلەن ياشلىقنىڭ.


مەنبە: جاسارەت تاش ئەدەبىيات سالونى