بۇ ئەمەس يامغۇردىن يىگىرمە پارچە
بۇ ئەمەس يامغۇردىن يىگىرمە پارچە
بەيخۇا— مەشھۇر يازغۇچى، سىنارىست ۋە شائىر. 1930-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 89 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئۇنىڭ «مۇھەببەت: مۇزلىغان قەلب»، «مۇھەببەت ناخشىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «ئۇزۇن ۋە قىسقا ناخشىلار» قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردىكى ئەسەرلىرى بار.
بەي خۇا ئالىي مەكتەپتىن باشلاپلا شېئىر يېزىشىنى باشلىغان بولۇپ، شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئىخچام، گۈزەل، ھېسسىياتى كۈچلۈك بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن زور تەسىر قوزغىغان. غۇۋا بولغان شېئىرلارنى داۋاملاشتۇرغان ئەڭ ئىلغار لېرىك شائىر دەپ قارالغان. بەي خۇانىڭ شېئىرلىنى كىشىلەر ئوقىغان بولسىلا ئۇنىتالمايدۇ.
بىر جۈپ كۆچمەن قۇش
يازنىلا ئىزدېگەن بىر جۈپ كۆچمەن قۇش،
قاچانمۇ تۆت پەسىل سىلەرنىڭ بولار؟
تومۇزدا ئاسماننى كەزسەڭلار، قۇياش
مەۋجۇتلۇق بېشىدا كۈيىنى توۋلار.
زېمىستان كۈنلىرى ئۇچساڭلار كۆكتە،
قار، بوران زېمىندا «قىر–چاپ»نى باشلار.
ھەممە ياق ئاشۇنداق مۇقىمسىز ماكان،
سۈرگۈنلۈك تەقدىرگە سىلەر بەك يېقىن.
كەچ بولسا كۈندۈزنى تىلەپ ياتماستىن،
تاڭ ئاتسا كېچىنى خالايسىلەر، چىن.
مىلتىق سىتۋولىدىن ئۈزۈلىدۇ ئوق،
شۇئان توزۇيسىلەر ئىككى تەرەپكە.
ئايرىلىش، داد - پەرياد، يەنە يەم غېمى،
ئىككى سىزىق قالار شۇئان پەلەكتە.
مىڭ تۈمەن ئايلىنىپ، چەمبەرلەر سىزىپ،
ھالدىن كەتكەن چاغدا ۋىسال يېقىنلار.
يۈرەك ئەندىشىدە، ھىجران ۋە توزۇش،
يەم غېمى بەرىبىر سەرگەردان قىلار.
ئابىھايات
چۆللەردە تونۇرغا چۈشكەندەك بولسام،
بۇلاق شىر - شىر ئاقار قۇلاق تۈۋىمدە.
سۇسىزلىق تىنىمنى كاۋاپ ئەتسىمۇ،
سۈپسۈزۈك بىر ئېرىق ئاقار كۆڭلۈمدە.
كۆزۈمگە كۆرۈنەر، كۆرۈنەر قايتا.
مېنى مەس ئەيلىگەن شىشەنىڭ ئاغزى.
قۇرىماس، تۈگىمەس ھاياتلىق سۈيى،
قەترىسى مەن ئۈچۈن دېڭىزنىڭ ئۆزى.
ئاغزىمنى تامشىيمەن، ئىزدەيمەن ماڭا
قايتىدىن جان بەرگەن ئېسىل شارابنى.
ئېھتىمال، ئۇ مېنى ئىزدەپ تاپقاندۇر.
قىيىن، دەپ يۈرەتتىم ئۇنى تاپماقنى.
چۆللەردە ۋۇجۇدۇم كاۋاپ بوپ يۈرسە،
مۆجىزە بولىدۇ لەۋلىرىم كۆيسە...
چۈشتىكى تانسا
چۈش ئەركىن، ئەركىنلىك چۈشتە بولىدۇ،
بەختسىز ئاشىقلار سۇلتانلىقى چۈش.
چۈشتىلا بەھۇزۇر سۆيۈشۈش مۇمكىن،
چۈشتە بىھاجەتتۇر مۆكۈنۈپ يۈرۈش.
چۈشتە بىھاجەتتۇر مەكتۇبلار پۈتۈپ،
سۆزلىشىش، سوئالغا جاۋابلار بېرىش.
چېكى يوق ماكاندا ئۆز جۈپتۈڭ بىلەن،
تانسىغا دەسسەيسەن، دىل تاپار قېنىش.
تۆت پۇتنى رېتىملىق يۆتكەش— مۇزىكا،
گۈزەل جۇلا بىلەن ئەركىن بايرىساڭ.
بىرىڭ بىرىڭ ئۈچۈن گوياكى سايە،
چاقپىلەڭ بولۇشساڭ، كۆكتە سويلىساڭ.
تۇغۇلار بىر ئارمان: ئاشۇنداق چۈشۈڭ،
ئۆلۈمدەك مەڭگۈلۈك بولسا، ئوينىساڭ.
گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر
ئېغر سۈكۈناتتا دەرەخلەر ئۇچى،
ئېغر سۈكۈناتتا ئاسمان شۇمشىيەر.
ئاسماندا كىملەر بار؟
بەلكى بار بىر توپ.
ئۈمىدسىز، ئەلەملىك، ئەخمەق بۈيۈكلەر.
ئالەمنى، ئۆزىنى رەسۋا قىلىشىپ،
ئۆمرىنى تېگىشەر گۆلدۈر ۋە ياشقا.
ئۇلارنىڭ يىغىسى گۈلدۈرمامىدۇر،
ياشلىرى يامغۇر بوپ تۆكۈلەر باشقا.
جاھاندا مەۋجۇتلۇق بەرمەكتە چىدام،
كۈتمەكتە ئۇلاردىن جىق زوراۋانلىق.
مەن خۇشال: شەھەرنى تۇمان باسقىچە.
يامغۇرلۇق گۈلدۈرلەش ئىچىگە كىردىم،
ئۆزۈمنى كۆرىمەن شۇندا داۋاملىق.
ئاپەتنى قىياس قىپ ئولتۇرغىنىم يوق،
سەگەك كۆرمەكتىمەن ئۇنى ئوپ - ئوچۇق.
ئاھىمدىنمۇ ياندى ئەكس سادالار
غالىپ بولاي، دېگەن ئويدىن يىراقمەن،
بولغۇم باردى سۆيدۈرگۈچى، سۆيگۈچى.
بولغۇممۇ يوق بىر كىملەرنىڭ دۈشمىنى،
بەرگۈچىمەن، ئەمەس يۇلۇپ ئالغۇچى.
بۈيۈك دەيدۇ، مېنى ھەتتا بەزىلەر،
ئۇقۇشماسلىق،
جىرالاردەك پاكارمەن.
جىم تۇرغانلار قاتارىدا ئورنۇممۇ،
نەچچە مىسرا ناخشا ئېيتتىم، ئىقرارمەن.
بەزەن - بەزەن ئۇرۇپ قويسام چوڭقۇر ئاھ...
ئاھىمدىنمۇ ياندى ئەكس سادالار.
ئويۇمدا يوق ئۇنداق بولۇش ھېچۋاقتا،
ئەكس سادا قوزغاپ كەلدى شاماللار.
ئەلەملەرنى يۇتۇپ كەتمەك تەس ئىكەن،
شۇنداق چاغدا پىغانىمنى چاچقانمەن.
سۆيدۈم مەنمۇ، ھەم سۆيدۈردۈم ئۆزۈمنى،
قارغۇجىدەك خۇشال سايراپ باققانمەن.
ئەلەم دېگەن بولسا بولار شۇنچىلىك،
ئۆز قولۇمدا ئۆز گېلىمنى ئۈزگۈلۈك.
ياز بىلەن قىش
يۈرىكىمدىن ئۇخچار دائىم گۈزەل كۈي،
يۇمشاق دولقۇن يالىغاندەك گىرۋەكنى.
يۈرەك ئىزدەر، ئىزدېگىنى نېمىدۇ؟
شۇنچە سېخى، ئىزدەر كىمنى سۆيمەكنى.
چۈشۈمدىلا يۈرگەچكە بىخارامان،
چۈشۈممۇ بۇ، بۇ ھالەتكە شۈبھەم بار.
شۇڭا قورقۇش ماڭا بەنە يانداشتى،
يامان تەقدىر مېنى قانداق ئۇنۇتار؟
ئادەملەرنىڭ جېىمى خىيال - پىكرىنى،
كۈتكىنىنى ماڭا بەرگەن ئويلىسام.
تىلەپ كېتەي: جۈرئېتىم يوق، ئۇلارنىڭ
ھەممىسىگە يالغۇز ئىگە بولمىسام!
دارچىن گۈلى ھىد ئۇرغاندا بۇرنۇمغا
سەزدىم كۆپ يىل ئۆتمۈشۈمگە ئايلاندى.
يازنىڭ ھەيۋەت ئۇمۇمخورى تۈگىمەي.
كۈزنىڭ چوڭقۇر ئاھ ئۇرغىنى ئاڭلاندى.
قانائەت
ئورمان جىمجىت،
جىمجىت بولغاچقا،
ئاڭلاۋاتىمەن بۇلبۇل ئۈنىنى،
ئاشۇ جىمجىتلىق
بەكمۇ ئۇزاق
بەكمۇ قات...قات قىلىپ كۆرسىتەر،
يېشىل ئاسماننىڭ گىرۋەك، قىرىنى.
كېچە - زۇلمەت.
زۇلمەت بولغاچقا
كۆرمەكتىمەن يانغان يۇلتۇزنى،
شۇ قاراڭغۇلۇق
پاك، مەسۇم قىلىپ
كۆرسەتمەكتە مېنىڭ قەلبىمنى.
ھايات ئېغىر
ئېغىر بولغاچقا
سېزىمەن سۆيگۈنىڭ قىزىق تەپتىنى.
قانائەت تاپتىم مەن شۇنداق سۆيگۈدىن،
ئۈمىد ئۈزگەندە
قايتىدىن ئۈمىدۋار قىپ قويدى مېنى.
تا بۈگۈنگىچە
كۈتۈشلەر بىلەن
ئۆتكۈزىمەن ھەربىر كۈنۈمنى.
ئىشەنچ
ئاجىز ئۇرۇق لاي تۇپراققا كۆمۈلدى،
بېسىم بىلەن ئىشەنچ بەردى ئاڭا جان.
ئۇنىڭ كىچىك يۈرىكىدە ساقلىنار
يۇرۇقلۇققا تولۇپ تۇرغان بىر جاھان.
ئۇ بىلىدۇ ئەلۋەك باھار ئاپتىپى،
ئاڭا مەنسۇپ بۇلارىنى ئاقىۋەت.
ئۆز - ئۆزىنى ئاستا - ئاستا كۈچەيتىپ،
ئۆز ئورنىنى كېڭەيتىدۇ داۋامەت.
ئاجىز بىخ ۋە قاتتىق تۇپراق ئاشۇنداق
كومېدىيە ئوينىغانمۇ مىليون رەت.
ھاياتلىققا كۆز ئاچتىمۇ، تاپار بىخ،
ماكان بىلەن ئەركىنلىكنى ھەر نۆۋەت.
كىمدۇر يەنە ھاياتلىقنى بۇغماقتا،
تۈنۈگۈنكى پاجىئەلىك ئويۇنلار،
ئوينالسۇنمۇ تەكرارلىنىپ مىليون رەت؟!
ئاشۇ يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدۇ
ئاشۇ يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدۇ،
پارلاۋاتىدۇ،
ماڭا ئاشۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
باشقا يۇلتۇزلار پارلاپ تۇرسىمۇ،
ماڭا مەنسۇپ بولغىنى پەقەت
نىگاھىمنى ھامان تارتىدۇ.
كۆزلىرىمنى يۇممىسام دەيمەن،
يۇلتۇزۇمغا باققان چېغىمدا.
ئۇ ئۆچكەندە باشقا يۇلتۇزلار.
قۇياش بولۇپ يېنىپ كەتسىمۇ،
مېنىڭ كۆزۈم كور بوپ قالىدۇ.
ئەي، يۇلتۇزۇم كۆردۇڭمۇ يەردە،
غىل - غىل باشقا تولغان جۈپ كۆزنى.
سەۋەبى دەرد، ۋەھىمە ئەمەس،
سەۋەبى شۇ: سەن چاقنىغاچقا
نۇرغا تولۇپ كۆزلەر ياندى، بەس.
ئەتراپىمدا تال - تال نۇرلۇرۇڭ،
ھاياجاندىن تىترەر پۇت - قولۇم.
ئۆسمۈر كىتابخانغا (1)
چوڭلا بولۇپ قاپسەن بالىجان،
ئىككى پارچە خېتىڭدىن بىلدىم.
بىرى قىسقا بىر قەدىمىمدىن؛
بىرى ئۇزۇن، يۈتۈن بىر ئۆمۈر -
ئۇقساممۇ تۈگىمەس، دېدىم.
ئۆشنەڭدكى يۈكۈڭ يۈز ھەسسە
ئېغىرلاپتۇ مۇشۇ يېقىندىن.
ماڭا كەلگەن مالامەتلەرنى
كۆتۈرەيلى، دەپسەن تېڭىدىن.
قانداق مۇمكىن؟! كىچىكقۇ ئۆزۈڭ،
ئۆشنەڭدە بار تۇرسا بىر كېرىست.
ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقىدىن ئۇ
ئېغىر تۇرسا، تېخى، ۋاي ئىست.
ئۇنى يۇدۇپ كېلەرسەن، مېنى -
كېرستقا مىخلىغان يەرگە.
يۈرىكىمدىن ئۇخچىغان قانلار
پۇتلىرىمنى بويىغان دەمگە.
مۇھەببەتكە ئېرىشتىم، مېنى
سەن ۋە باشقىلار سۆيگىنى ئۈچۈن.
ماڭا شۇمۇ يېتەر ۋە قايتا
تىرىلەرمەن ئەيسادەك بىر كۈن.
ئۆسمۈر كىتابخانغا (2)
دەرەخلەر ئۇچلىرىدا شەپەق نۇرى،
دېڭىزنىڭ تەكتى تامام غۇسسە دېمەك.
سوزۇلۇپ سايراپ يۈرەر ئەنە قۇشقاچ،
مۇز تاغلار ئېتىكىدە چاقنار ئىدرەك.
شىۋىرلاپ، چاۋاك چالغان يوپۇرماقلار
گاھ يوقاپ گاھ كۆرۈنگەن ئۈمىد - ئىستەك.
ئوماق ۋە بۇدرۇق قولۇڭ بىلەن ماڭا
ھارارەت بېرەلمەستىن زارلىنىسەن.
ھە بەلكى باردۇ سېنىڭ ئوماق ئىنىڭ،
مېنىمۇ كۈلدۈرمەك بوپ راسلىنىسەن.
بېشىمنى چايقاپ قويغۇڭ كېلەر غەم يەپ،
قورقىسەن ئىلھاملىرىم ئۆلمىسۇن، دەپ.
ئالەمدە شەپەق بولسا، قۇشقاچ بولسا:
ياپراقلار ۋە ئادەملەر ياشاپ تۇرسا؛
ھەر تاڭدا ئۇپۇق بويلاپ چىقسا قۇياش؛
نۇرلىرى بۇ ئالەمگە تاراپ تۇرسا:
قورقمىغىن، يۈز بەرمەيدۇ ئۇ ئىش ھەيھات.
قېرىماس شائىردىكى تالانت، ھېسسىيات.
تۈز سىزىق
ئاتسىمۇ ئۆزىنى ئاسمان ئۇپقۇنلارغا،
ئۆزگەرمەس ئاسماندىكى گۈزەل رۇخسار.
بىردەمدە ئاي مۆكۈندى نەلەرگىدۇر،
مەس قۇياش دەلدۈگۈنۈپ چىقتى بىئار.
ئۇ كېچە بولدى قايسى ئولتۇرۇشتا،
ھاۋانى تۇتۇپ كەتتى شاراب ھىدى.
مەن ھاردىم، ھېرىپ كەتتىم، بەك چارچىدىم،
ھالىمدىن كەتكەن چېغىم ئاشۇ پېتى.
ئەتراپتا نازاكەتلىك قۇش— قانات كۆپ.
ھەممە يەر چىمەنزارلىق گۈل - گۈلىستان.
ئۆمىلەپ يۇقىرىغا ياماشقىم يوق،
كۆتۈرمەس چۈنكى ئۇنى مەندە ۋىجدان.
ئالەمگە ياشاي، دەپلا كەلگىنىم يوق،
ئۆلۈمدىن قورقۇپ تېخى ئۆلگىنىم يوق.
تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈشنىڭ ئارىسىدا
نېمە بار، زادى نېمە بولغان تۈزۈك؟
مېنىڭچە بۇ ئارىدا بولسا ئەلھەق،
دېڭىزدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزگەن ئىنسان
دولقۇنلار ئۆزرە سىزغان بىر تۈز سىزىق.
كىتابخانغا
بىلمەيسىلەر، سىلەر بەرگەن تارتۇقلار
مەن ئىزدەنگەن نەرسىدىن كۆپ ئاشقانتى.
ئەگەر رۇخسەت بولسا ماڭا شۇ تاپتا
يىغلاپ باقسام ھاياجاندىن، سۆيگۈدىن
ئايىغىمدا ياش دەرياسى ئاقاتتى.
ئاجىزلىقىم سىلەر ئۈچۈن نەكېرەك،
بىر تامچىنى تۆككىنىم يوق يېشىمدىن.
بالالارنى ئاسان ئۇنتار بىر قۇشمەن،
بىر دەمدىلا ئۆز پەدەمگە سايرايمەن،
تېخى ھېلى ئوق ئۆتسىمۇ يېنىمدىن.
شۇنداق، خۇشال ناخشا ئېيتىپ تىنمايمەن،
دۇنيا ناخشام ئۈچۈن ھايات تۇرغاندەك.
ھەر بىرىڭنىڭ ئالقىنىغا قۇنارمەن،
چۆچەكتىكى قولغا كۆنگەن تورغايدەك.
ئوقلار يەنە مېنى چەنلەر، بۇ مۇمكىن،
قان ئەتمىسۇن قولۇڭلارنى ۋە لېكىن.
گويا سەھەر نۇرى مېنىڭ شادلىقىم
يىراقتىن سوققان سابا بەرگلەردىن،
ئاخشامقى شەبنەملەرنى تۆكەلمىدى.
چۈشۈمگە چۈش ئۇلۇدۇم شۇدەم گويا،
ئۆتكەن ئىش ئاكورتلۇق سىمفونىيە،
ياڭرىدى چايكوۋىسكى ھۇزۇرىدىن.
ئېخ، ئاققۇ يايدى ئاپئاق قانىتىنى
زوق ئېلىپ، رىغبەت ئېلىپ كۈن نۇرىدىن.
ھويلامدا توختام سۇلار تۇرۇپ قاپتۇ،
بىر ئىپلاس ئەينەك بولۇپ ئۇ ھۈرپىيەر.
قارىسام كۆكۈش ئاسمان ئاشۇ سۇدا،
دېڭىزنىڭ چوڭقۇر تەكتى بوپ كۆرۈنەر.
ئاجىزنىڭ مۇڭ - زارىدەك نالەش بىلەن،
ئالدىمدىن يەرگە چۈشتى بىر ئورگىنال.
بىر گەۋدە دېرىزەمدىن مارىلايدۇ،
ھېچ ئىش يوق، مېنى ماراپ ئۆگەنگەن شۇ.
بامبۇكنىڭ بىر نوتىسى، ئۇ ئېھتىمال.
شادلىقىم گويا سەھەر نۇرى مېنىڭ.
پات كېلىپ، كېتەر، مېنى تۈرك ئېتەر.
ئەلەملىك كۈندۈز يەنە ھەمراھ ماڭا.
گۇگۇممۇ تۈنگە پاتلا سىڭىپ كېتەر.
ئورمانلار سايىسىدىن ئۆتكىنىمدە
جىم يولدا ئىشەنچىلىك كېتىپ بارىمەن،
قاراڭغۇ سايىغا مەن ئورالغانچە.
توختىسام بىر چاغدا، ئوخشار ئەتراپىم
بىر شانلىق ئوردىغا، قارىسام قانچە.
ئوردىدىن تارالغان ھەيۋەت رەڭلەرگە،
كۆمۈلدى بىردىنلا مۇنۇ لاي تۇپراق.
ئاي ئورمان ئۈستىدە يانغىلى نەكەم،
رەڭ دېمەڭ شاخلاركەن، شاخ، سايىسى ھەم،
مەنمۇ بوپ قاپتىمەن ئالايىتەن بىر شاخ.
بويۇم پاكار ئىكەن، سايەممۇ ئاۋاق
ئەجەب ھال، گەۋدىلىك ئۆزۈم ئاشۇ چاغ.
ئورماندىن چىقىپلا چىمەنگە چاپتىم.
قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ باقتىم.
بىلدىمكى، مېنىڭدە ئۆسمىگەن ياپراق،
ئىكەنمەن تۆككىدەك ياپرىقى يوق شاخ.
دىل ئاسمىنىم
جەنۇبنىڭ باش يازدىكى ئاسمىنىغا،
ئوخشايدۇ ئالتە ياش قىزچاق چىرايى،
بالادەك بىر پەس يىغلاپ يەنە كۈلەر.
يۈزىنى قاپلار ياشلار ئەزبىرايى.
بۇ مېنىڭ دىل ئاسمىنىم ئۇنداق ئەمەس،
بىر پەستە ئۆزگىرەلمەس نەچچە ياڭزا.
ئۇندا بار ئىچ پۇشۇقى، بىر گادىرماش -
خىياللار گىرەلەشكەن، چىگىش تازا.
بەختىمگە ئىچ پۇشۇقى دېگەن باركەن،
بەختىمگە باركەن چىگىش ئويلار قەۋەت.
بار ئىكەن ئىچ پۇشۇقى، چىگىش ئوينى
دىلىمغا ئاتا ئەتكەن بىر مۇھەببەت.
ئاشۇلار باغلاپ تۇرار دىلىمنى چىڭ،
چاتقان ئۆز يىپلىرىغا ئانا تۇپراق.
كەتمەيمەن، كېتەلمەيمەن ئۇنى تاشلاپ،
قۇلى بوپ، سۆيۈنىمەن چەكسىز ھەر چاغ.
يۈرىكىم ئوخشايدۇ توسالغان سۇغا
مۇشۇ تاپتا مېنىڭ يۈرىكىم،
ئوخشاپ قالدى توسالغان سۇغا.
بۇ مۇمكىنمۇ دەرسلەر، بەلكى،
مۇمكىن! شۇنداق بولدى يۈرىكىم.
تەكشى ئەينەك يۈزى ئۇ گويا.
چۈنكى بىر ئاي يورۇق يانىدۇ،
سۇ تەكتىدە نۇرلا چاچىدۇ.
مەن شۇنچىلىك رازىمەن كىشى،
رازىمەنلىك تېنچلىتار مېنى.
تېچلانغىنىم گۈزەللىكقۇ، بەس،
شۇ گۈزەللىك پاك قىلار مېنى.
سۇ تەكتىدە ياتقان ئاي ئەمەس.
پەقەت ئاينىڭ شولىسى، چۈشكەن.
شۇنداق ھېسسىيات ياشىسۇن مەندە،
يېقىن بىلەي يىراقلارنى مەن...
ھاراق
ھاراق ئىچىپ كۆرمىگەي ئەي قىز،
چوڭ رومكىنى ئەتەي ئالدىڭىز.
زىمىستاندا بېلىقچى ئىچەر.
يۈزنى بېرىپ بېلىق ئوۋلاي، دەپ،
قەدىم جەڭگاھ...سولداتلار ئىچەر
يۇرتى ئۈچۈن ياۋنى قوغلاي، دەپ،
ئەمدى سىزچۇ، سەۋەب نېمىكەن؟
قىزىرىپسىز، گۈلدەك ئېچىلىپ،
بىر باتۇرلۇق كۆرسەتمەكچىمۇ؟
يا كەتسۇنمۇ نومۇس يېپىلىپ؟
مەن چۈشەندىم مەس بولۇپ قاپسىز.
ئەركىن ئىچىڭ، بولغاندىكىن مەس،
قانداق كۈچلۈك ھاراق بولسىمۇ، سۇغۇ، بەس.
بۇلۇت
بىر پارچە بۇلۇت لەيلەر تاغ ئۈستىدە،
ئۆتتى ئۇ دەل - دەرەخلەر ئۇچلىرىدىن،
سىيلىدى تۆمۈر كۈكى قىيالارنى،
سورىدى نېمىنى تاغ سۇلىرىدىن.
ھېچبىرى جاۋاب بەرمەي قويدى ساڭا،
چۈشەنگەن ئىستىكىڭنى ئۇلار قاچان؟
لى بەينىڭ مىسراسىمۇ چۈشتىكى گەپ،
بۇلۇتنىڭ ئىزدىگىنى ئەمەس چاپان!
بۇلۇتنىڭ ئويلىغىنى يامغۇر بېرىش.
ئايلىنىپ گۈلدۈرلىگەن بىر ناخشىغا،
ئۇ كۈتەر مۇۋاپىق نۇر، كۆز يېشىغا.
يامغۇرلار تېنىڭدىغۇ، ئايھاي بۇلۇت؟!
ياق، كۈتكەي باشقا بۇلۇت تەشنا بولۇپ.
قار ۋە قارىغاي
سۇنۇپ كەتكەن بىر تال قارىغاي،
ئوچۇق تۇرغان بىر قەدىم كىتاب
شۇنچە ئاددىي ۋە شۇنچە راۋان
ئۇنىڭدىكى ئىما ۋە خىتاب.
ئاپەت ئارا بولار ياخشىلىق.
ئامەت ئارا بولار يامانلىق.
قارىغاينى قارغا چاتقان ئىش،
گۈزەل بوپتۇ ھەيران قالارلىق،
جىمجىت يېتىپ سانار قارىغاي،
قۇتراپ كەتكەن قىشنىڭ كۈنىنى،
باھار كەلدى، مېنى تونۇپ ئۇ،
سۇندى ماڭا يېشىل قولىنى،
ئاشۇ قولمۇ، ھەيھات، سۇنۇپتۇ.
ئازراق تېرە تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
يازمۇ كەلدى، بۇ ئالەمدە ياز.
مەن تېخىچە سانىماقتىمەن،
قالدى نەچچە مەن كۆرەر ئاياز.
(ئابلىكىم خېۋىر تەرجىمىسى)