Jump to content

بۇ بىر يىلدا ئالىملار نېمە ئىش قىلدى؟

ئورنى Wikipedia

بۇ بىر يىلدا ئالىملار نېمە ئىش قىلدى؟

2024.12.20


2024-يىلى ئالىملار نۇرغۇن ساھەدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى: يەر شارىدىن ئايرىلىپ، ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سىرلارنى ئېلىپ كەلدى؛ ھۈجەيرىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنچىكە خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى؛ سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ ئىلمىي بايقاش قەدىمىنى تېزلەتتى.

تۆۋەندە بۇ بىر يىلدىكى مۇھىم پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتەيلى.


1. سۈنئىي ئەقىل پەن-تەتقىقاتتىكى ياردەمچى كۈچكە ئايلاندى

2024-يىلى سۈنئىي ئەقىل ساھەسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جون خوپفيېلد (John Hopfield) ۋە جېفرى خىنتون (Geoffrey Hinton) غا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈنئىي نېرۋا تورى ۋە ماشىنلىق ئۆگىنىش ساھەسىدىكى ئىجادىي خىزمىتى تەقدىرلەندى.

مۇناسىۋەتلىك يازما:  نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى كومپىيۇتېر ئالىمىغا بېرىلدى

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا داۋىد بېكېر (David Baker)،  دېمىس ھاسسابىس (Demis Hassabis) ۋە جون جۇمپېر (John M. Jumper) ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى مۆلچەرلەش جەھەتتىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھاسسابىس بىلەن جۇمپپېر رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان AlphaFold مودېلى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغان بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھاياتلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماددا - ئاقسىل قۇرۇلمىسىنىڭ شىفىرىنى يەشتى.

مۇناسىۋەتلىك يازما: ئالپ سالونىدا يوللانغان تەتقىقات نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

بۇ مۇكاپاتلار AI نىڭ بىر ياردەمچى قورالدىن ئىلمىي بايقاشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

رەسىم : AlphaFold 3.0 «تەبىئەت»ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى

5-ئايدا AlphaFold 3 مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ مودېل ئالىملارنىڭ كېسەللىك مېخانىزمىنى تېخىمۇ ئېنىق نىشانلىشىغا، شۇنداقلا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى AlphaFold 3 يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلار ئاقسىل قۇرۇلمىسىنى، يەنى، ئىنسانلار، ئۆسۈملۈك، باكتېرىيە، ھايۋانات ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاقسىل قۇرۇلمىسنى مۆلچەرلەپ بولدى. بۇ ھازىرغىچە داۋا تېپىلمىغان راك، دىيابىت، ئەيدىز ... دېگەندەك ئىنسانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقان كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا ياساش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىدۇ.

ئۇلار تەتقىق قىلىپ ئاچقان سۈنئىي ئەقىل مودېلى AlphaFold بىيولوگىيە، خىمىيە ئىلمىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۋەتتى.

مۇناسىۋەتلىك يازما: سۈنئىي ئەقىل راكنى داۋالايدىغان دورا ياساشقا زور قەدەم تاشلىدى

بىيو تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىن باشقا، AI باشقا ئىلمىي تەتقىقاتلاردىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

كىلىمات ئىلمى ساھەسىدە، AI مودېلى GrphCast ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە تەبىئىي ئاپەتنى ئالدىن مۆلچەرلەشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

تەجرىبە لايىھەسى جەھەتتە، AI ئالىملارنىڭ تەجرىبە لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەتقىقات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. 74 مىليون 600 مىڭ پارچە ئىلمىي ماقالە توغرىسىدىكى تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، AI تېخنىكىسىنى قوللانغان تەتقىقات ئادەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي دىققەت ۋە نەقىل كەلتۈرۈشكە ئېرىشەلەيدىكەن.

تەجرىبىخانىدىكى ئاقسىل مولېكۇلالىرىدىن تارتىپ ئاسماندىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگىچە، ئاندىن دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىكى گېن تەرتىپىگىچە، AI ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ياردەم بەرمەكتە. بۇ ئىلگىرىلەشلەر پەن تەتقىقات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئېغىر، زور خىرىسلارنى ھەل قىلىشنى يېڭى ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى.


2. چاڭئې 6-نومۇر ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتتى

2024-يىلى، جۇڭگونىڭ چاڭئې 6-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىر تۈرلۈك تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى تاماملىدى: ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئالدى ھەم يەر شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەلدى. بۇ، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاغ جىنسلىرى ۋە تۇپراق ئەۋرىشكىسىگە ئېرىشىشى.

5-ئاينىڭ 3-كۈنى چاڭئې 6-نومۇر خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپ ئەتكېن ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا قوندى. تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ماشىنا بىلەك ۋە بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق 1935.3 گىرام ئاي شارى ئەۋررىشكىسى ئالدى، بۇ، سىرتقى قاتلامدىكى تۇپراق ۋە چوڭقۇر قاتلامدىكى تاغ جىنسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتقان بۆلۈمچە ئىچكى موڭغۇلنىڭ دۆربۈد خوشۇنىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا بىخەتەر قوندى.

رەسىم:  چاڭئې 6-نومۇرلۇق قونۇش ئۈسكۈنىسى كۆتۈرۈلۈش ئۈسكۈنىسى بىرىكمە گەۋدىسىنىڭ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى خىزمەت سۈرىتى

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ ئىلمىي ئەھمىيىتى ئالاھىدە بولدى. ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپى كىشىلەرگە تونۇش بولغان ئوڭ تەرەپ بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ يەر پوستى تېخىمۇ قېلىن، مېتېئورىت ئازگىلى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئاساسەن ئاي دېڭىزى يوق دېيەرلىك. ئالىملار :بۇ پەرقلەرنى تەتقىق قىلىش ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق يىپ ئۇچىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.

چاڭئې 6-نومۇر تاللىغان قونۇش نۇقتىسى جەنۇبىي قۇتۇپ-ئايتكېن ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ، ئاي شارىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمىي سوقۇلۇش ئويمانلىقلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتىنى تەخمىنەن 4 مىليارد يىل ئىلگىرىكىگە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ يەردىن ئېرىشكەن ئەۋرىشكە ئالىملارنىڭ ئاي شارىنى، ھەتتا پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە يەنە خەلقئارا ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلدى. تەكشۈرۈش ئەسۋابى فىرانسىيە، ئىتالىيە، شىۋېتسىيە ۋە پاكىستاندىن كەلگەن نۇرغۇن ئىلىم-پەن ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ، ئاي شارىدىكى چاڭ-توزاننىڭ ھەرىكىتى، ئاي يۈزىدىكى مەنپىي ئىيونلارنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلەتكەن. «ئالتۇن چارپاقا»ناملىق كىچىك تىپتىكى ئاي شارى ماشىنىسىمۇ ۋەزىپىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سىپېكتىرومېتىر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن، ئاي شارى يۈزىدىكى تەركىبلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئاي توپىسىدىكى سۇ مۇزىنى ئىزدەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازما: ئىنسانلار تۇنجى قېتىم ئاينىڭ كەينىدىن ئەۋرىشكە ئالماقچى


3. پىلانېتلار ئالەم كېمىسى كۆپ قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇلدى.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ راكېتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، SpaceX نىڭ سەييارىلەر ئارا ئالەم كېمىسى 2024-يىلى تۆت قېتىم ئوربىتا سىنىقى ئېلىپ باردى.

كىشىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى، 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ئالەم كېمىسىنىڭ 5-قېتىملىق سىناق ئۇچۇشى بولدى. بىرىنچى دەرىجىلىك راكېتانىڭ ئېغىر تىپلىق ئىتتىرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاۋازدىن تېز سۈرئەتتە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە موتورنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا ئوت ياقتى. ئاندىن قويۇپ بېرىش مۇنارىدا « چوكا » دەپ ئاتالغان مىخانىك بىلەك راكېتانى تۇتىۋالدى. بۇ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ بىر يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئالەم كېمىسى ھەر قېتىملىق سىناق ئۇچۇشتا يېڭى رېكورت ياراتتى. 3-ئايدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش راكېتانىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ئۈگىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، 6-ئايدىكى تۆتىنچى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشتا بىرىنچى، ئىككىنچى ئۈگىسىنى دېڭىزدا يۇمشاق قونۇش تۇنجى قېتىم تاماملاندى. 11-ئايدىكى ئالتىنچى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشتا تۇنجى قېتىم دەلىللەنگەن ئالەم بوشلۇقىدا راكېتا ماتورىنى قايتا قوزغىتىشنى دەلىللىدى.

بۇ بىر قاتار ئىلگىرىلەشنىڭ ئاخىرقى نىشانى راكېتانى پۈتۈنلەي قايتا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى  ئېغىر تىپلىق ئىتتىرگۈچنى قايتا ئىشلىتىشكە بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدە ھەتتا ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئالەم كېمىسى قىسمىنىمۇ قايتا ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ۋىدىيو: پىلانېتلار ئالەم كېمىسىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىدا، ئالەم كېمىسى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھىندى ئوكياندىكى SpaceX / TJ Cooney غا يۇمشاق قونۇشنى تاماملىدى.

ئەنئەنىۋى بىر قېتىملىق راكېتاغا سېلىشتۇرغاندا، تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالەم كېمىسى خۇددى ئالەم بوشلۇقىدىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل لايىھە قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

SpaceX شىركىتى قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان « قارچىغا 9-نومۇر » لۇق راكېتا ئارقىلىق ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى تەخمىنەن %90 تۆۋەنلەتكەن. قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان پىلانېتلار ئالەم كېمىسىنىڭ تەننەرخى يەنىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

قويۇپ بېرىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قويۇپ بېرىلىش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۇسۇلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.

ئالىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش لايىھەسىنى سىناپ بېقىش پۇرسىتى بار.  مەسىلەن، ئۇلار ئەمدى بىر مارس ماشىنىسى قويۇپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى بىر توپ قويۇپ بېرەلىشى مۇمكىن؛ بىر دانە قىممەت باھالىق چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىشنىڭ  ھاجىتى يوق، بەلكى بىر توپ كىچىك تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھلاردىن پايدىلىنىپ كۆزىتىش تورىنى تەشكىللىگىلى بولىدۇ؛ ھەتتا ئالەم بوشلۇقىدا خاببىل تېلېسكوپىدىن خېلىلا چوڭ بولغان تېلېسكوپنى قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، ئاي شارى بازىسى قۇرۇش، مارس ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق ئىلگىرى يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇلارمۇ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.

بۇلارنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان توشۇغۇچى راكېتا ھازىر ئەمەلگە ئېشىشقا پەقەت بىر قەدەملا قالدى.

مۇناسىۋەتلىك يازما: ماسك يەنە تارىخ ياراتتى؛پىلانېتلار كېمىسى تولۇق غەلبە قازاندى


4. مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ئادەم بەدىنى تەجرىبىسىنىڭ تەرەققىياتى

2024-يىلى مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش تېخنىكىسى ئادەم بەدىنى سىنىقى جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى چوڭ مېڭە سىگنالىنى ئوقۇيالايدىغان ياكى يازالايدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولۇپ، چوڭ مېڭە ماشىنا بىلەن بىۋاسىتە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئىككى خىل لايىھە بار: بىرى، زەخمىسىز، باش سۆڭىكىنى ئېچىش ھاجەتسىز؛

يەنە بىرى مېڭە سۆڭىكىنى ئېچىپ، ئېلېكتىر قۇتۇپىنى چوڭ مېڭىگە كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

Neuralink شىركىتى كېيىنكى خىل لايىھەنى قوللانغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت تەڭگە چوڭلۇقىدىكى ئۆزەكنى تەتقىق قىلىپ چىققان، نازۇك ئوپېراتسىيە روبوتى ئارقىلىق ئىنتايىن ئىنچىكە ئەۋرىشىم ئېلېكتىرودنى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە كىرگۈزىدۇ.

1-ئايدا Neuralink تۇنجى ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملاپ، پالەچ بولۇپ قالغىنىغا سەككىز يىل بولغان بىمارغا مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ئۆزىكى كۆچۈرگەن. نولاند ئىسىملىك بۇ سىناققا قاتناشقۇچى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئاڭ ئارقىلىق كومپيۇتېر مائۇسىنى كونترول قىلالايدىغان، خەت باسالايدىغان، پوچتا يوللانمىسى يوللىيالايدىغان، يەنە ئويۇن ئوينايدىغان بولغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ بۇ بىر يۈرۈش سىستېمىنى مۇستەقىل ئىشلىتەلەيدۇ، پەرۋىش خادىملىرىنىڭ ياردەم قىلىپ كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىپ بېرىشىنىڭ  ھاجىتى يوق. بۇ ئۇنىڭغا قايتىدىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى.

سۈرەت: Neuralink مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ئۆزىكىنى كۆچۈرگەن تۇنجى بىمار ئاڭ ئارقىلىق ئويۇن ئوينىدى

بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ئالېكس دەپ ئاتالغان ئىككىنچى سىناققا قاتناشقۇچىمۇ ئوپېراتسىيەنى تاماملىغان. Alex بۇ تېخنىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى، يەنى پەقەت ئاساسىي كومپيۇتېر مەشغۇلاتىلا ئەمەس، ھەتتا مۇرەككەپ 3D مودېل قۇرۇش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ لايىھەلەش مۇمكىنچىلىكىنى نامايان قىلغان. بۇ مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزىنىڭ بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئالاقىسىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كەسپىي دەرىجىدىكى ئىجادىي خىزمەتلىرىنى قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلاش تېخنىكىسى تەجرىبىخانىدىن ئەمەلىي قوللىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.  گەرچە بۇ جەرياندا بەزى تېخنىكىلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مەسىلەن، ئېلېكتىر قۇتۇپلىرىنىڭ يۆتكىلىشى كونترول قىلىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ تەجرىبىلەر تېخنىكىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بىمارلارغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك يازما: تارىخىي ئابىدە: ئىنسان مېڭىسىگە ئۆزەك كۆچۈرۈلدى


5. ئىنسانلار مەلۇم بولغان بارلىق ھۈجەيرە تىپلىرىنىڭ چېرتىيوژىنى سىزىپ چىقتى.

11-ئايدا، ئىنسانلار ھۈجەيرە ئاتلىسى تۈرىنىڭ تۇنجى دەسلەپكى چېرتيوژى تاماملاندى. بۇ «ئادەم بەدىنى ھۈجەيرە خەرىتىسى» دە تەخمىنەن 62 مىليون ئادەم ھۈجەيرىسىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى، ئۆپكە، يۈرەك، ئۈچەي يولى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قاتارلىق 18 مۇھىم جانلىقلار تورىنى قاپلىغان.

بۇ بۆسۈش يەر شارىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىينى تەتقىق قىلىشتىن كەلگەن بولۇپ، ئالىملار 100 مىليوندىن ئارتۇق ھۈجەيرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، « تەبىئەت » ژۇرنىلىدا 40 تۈرلۈك مۇھىم بايقاشنى ئېلان قىلغان. مەسىلەن، ئۇلار ئېغىز بوشلۇقىدىن مەقئەتكىچە بولغان مۇكەممەل ھەزىم قىلىش يولى ھۈجەيرە خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، ئىلگىرى نامەلۇم بولغان بىر خىل ئۈچەي يولى ھۈجەيرىسىنى بايقىغان، بۇ خىل ھۈجەيرە ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار يەنە تۇنجى قېتىم ھامىلە سۆڭىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەپ، بۇ جەريانغا قاتناشقان گېننىڭ دەل نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاسانلا سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېن ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

سۈرەت: 11-ئاينىڭ 21-كۈنى « تەبىئەت » مەخسۇس سانىدا ئىنسانلار ھۈجەيرىلىرى ئاتلىسى تۈرىدىن 40 نەچچە تۈرلۈك نەتىجە ئېلان قىلىندى

بۇ تۈر 2016-يىلى 10-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 3600 دىن ئارتۇق ئالىم بۇ خىزمەتكە قاتناشقان. ئۇلارنىڭ نىشانى ئادەم بەدىنىدىكى تەخمىنەن 3 تىرىليون 700 مىليارد ھۈجەيرىنىڭ مۇكەممەل خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش.

ئالىملار ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئىقتىدار ھالىتى، تۇرغان ئورنى ۋە يېتىلىش جەريانىنى چۈشىنىشى كېرەك. بۇ خۇددى بىر پارچە ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان « ئادەم بەدىنى خەرىتىسى » نى سىزىپ، ھەر بىر ھۈجەيرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارقىلىشىنى خاتىرىلىگەنگە ئوخشايدۇ.

بۇ خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئالىملارنىڭ كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش مېخانىزمىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، قايتا ھاسىل قىلىش مېدىتسىناسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، ساغلام ھۈجەيرىلەر بىلەن كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار يېڭى داۋالاش نىشان نۇقتىلىرىنى بايقىشى مۇمكىن؛ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، دوختۇر كېسەللىكتە كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇپ، ھەقىقىي خاسلاشقان داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن.


6. گوگۇل Willow ئۆزىكى كىۋانت خاتالىقىنى تۈزىتىش يۇقىرى چېكىنى بۆسۈپ ئۆتتى

12-ئايدا گوگۇل Willow دەپ ئاتىلىدىغان كىۋانت ئۆزىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ كىۋانت ھېسابلاش ساھەسىدىكى بىر زور بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ بۆسۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كىۋانت ھېسابلاشتىكى بىر يادرولۇق مەسىلە-كىۋانتنىڭ ئاجىزلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. كىۋانت بىت ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ، بۇ خىل كاشىلا ھېسابلاش خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خۇددى قۇملۇققا قەلئە سالغانغا ئوخشايدۇ، سەللا شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار چوقۇم ئۈنۈملۈك كىۋانت خاتالىقىنى تۈزىتىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

Willow ئۆزىكىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى ئۇنىڭ كىۋانت خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىقتىدارى. ئۇنىڭغا « سىرتقى يۈز كودى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خاتالىق تۈزىتىش لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، كۆپ خىل فىزىكىلىق مىقدارلارنى بىر كىۋانت لوگىكىلىق كودىغا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ خىل كود تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قىسمەن كىۋانت بىت خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەھۋالدىمۇ، ئومۇمىي ھېسابلاش نەتىجىسى يەنىلا توغرا بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، Willow ئۆزىكى كىۋانت خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ھالقىلىق يۇقىرى چېكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ كىۋانت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھېسابلاش خاتالىقىنىڭ نىسبىتىنىڭ ئاشماي، بەلكى كۆرسەتكۈچ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

Willow بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئادەتتىكى كومپىيۇتېر 25^10 يىلدا، يەنى 10000000000000000000000000 يىلدا ئىشلەپ بولىدىغان ھېسابنى ئىشلەپ بولىدۇ، بۇ ۋاقىت ئالەمنىڭ يېشىدىنمۇ ئۇزۇن.

بۇ ھەر قانداق مۇرەككەپ مەسىلىنى يېشىشكە ئاساسەن ۋاقىت كەتمەيدۇ دېگەنلىك، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بارلىق شىفىرلاش ئۇسۇللىرى ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ پارول، شىفىرلارنى نەچچە سېكۇنتتا ئېچىۋېتىدۇ.

بۇ نۇقتا ئىلگىرى ئەزەلدىن ئەمەلگە ئېشىپ باقمىغان.

سۈرەت: 12-ئايدا گۇگول Willow كىۋانت ئۆزىكىنى ئېلان قىلدى

گۇگولنىڭ Willow كىۋانت ئۆزىكى كىۋانت ھېسابلاش ساھەسىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىۋاتقان بىر چوڭ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كەلگۈسىدىكى كىۋانت كومپيۇتېرىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ۋە كەڭ قوللىنىش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى.


7. گېنى تەھرىرلەنگەن چوشقا ئەزاسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلدى

ئەزا كۆچۈرۈش ساھەسىدە مۇھىم بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، گېنى تەھرىرلەنگەن چوشقا ئەزاسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلدى.

ئەزا كۆچۈرۈش نۇرغۇن ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئەزالار زەئىپلىشىشنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى. دۆلىتىمىزنىڭ ئەزا كۆچۈرۈش تىزىملىكىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار، لېكىن ھەر يىلى پەقەت تەخمىنەن 16 مىڭ ئەزانىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق چوشقىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئادەم تېنىگە كۆچۈرۈشكە ماس كېلىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.

3-ئايدا ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتلىق باش دوختۇرخانا چوشقىنىڭ بۆرىكىنى تۇنجى قېتىم تىرىك بىمارنىڭ تېنىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.  بۆرەك بىلەن تەمىنلىگەن چوشقا CRISPR-Cas 9 تېخنىكىسى ئارقىلىق گېنىنىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتۈپ، زىيانلىق چوشقا گېنىنى ئېلىۋېتىپ، بەزى ئىنسانلار گېنىنى قوشقان. ئىنسانلار بىلەن قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىنسانلارنىڭ چوشقا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن چوشقىنىڭ ئىچكى مەنبەلىك تەتۈر ئايلىنىش ۋىرۇسىنى تازىلىغان.

قوبۇل قىلغۇچى دەسلەپتە ياخشى ئەسلىگە كەلگەن، لېكىن ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن، دوختۇر «ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ئەزا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئالامەت يوق » دەپ قارىغان.

سۈرەت: گېن تەھرىرلەنگەن چوشقا بۆرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلدى

ئوخشاش بىر ئايدا، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى شىجىڭ دوختۇرخانىسى كوللېكتىپى كۆپ گېنى تەھرىرلەنگەن چوشقا بۆرىكىنى مېڭىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىغان.

تەتقىقاتچىلار چوشقا بۆرىكىنىڭ گېنىنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇلترا جىددىي خاراكتېرلىك يەكلەش رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئۈچ گېندىن باشقا، يەنە ئىككى ئىنسانلار گېنىنى يۆتكەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەنچە ۋە ئىنسانلار گېنىنى تەڭشەشكە ئىشلەتكەن. كۆچۈرۈلگەن چوشقا بۆرىكى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تېنىدە ياخشى خىزمەت قىلغان بولۇپ، دوكلات قىلىنغانغا قەدەر 14 كۈن نورمال سۈيدۈك پەيدا بولغان.

چوشقىنىڭ بۆرىكىدىن باشقا، گېنى تەھرىرلەنگەن چوشقىنىڭ يۈرىكى 2022-يىلى تۇنجى قېتىم بىمارغا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، جىگەر ۋە ئۆپكە كۆچۈرۈلۈشمۇ تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ. چوشقىنى ئەزا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەنچە قىلىپ تاللاش چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق بولغان. چوشقىنىڭ گېنى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەزالىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش ئاسان. بىراق، ھالقىما جانلىقلارنى كۆچۈرۈشتە يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت، مەسىلەن، يەكلەش رېئاكسىيەسى، قان ئۇيۇشۇش توسالغۇسى، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش خەۋپى قاتارلىقلار.

بۇ بۆسۈش ئەزالار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى. گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىممۇنولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئەزا كۆچۈرۈشنى ساقلاۋاتقان بىمارلارغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. گەرچە نۆۋەتتە يەنىلا بەزى خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىش مەزگىلىگە كىردى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەزا زەئىپلەشكەن بىمارلارنى يېڭى داۋالاش تاللىشى بىلەن تەمىنلىشىدىن ئۈمىد بار.

مۇناسىۋەتلىك يازما: چوشقىنىڭ بۆرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈلدى


8. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

ئەيدىز (HIV) ۋىرۇسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل دورىنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشتى: ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئوكۇل قىلىنسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

6-ئايدا lenacapavir دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دورا ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك كەڭ كۆلەملىك تەجرىبىدە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان 2000 دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، تۆت چوڭ قىتئەنى قاپلىغان يەنە بىر تۈرلۈك تەجرىبە نەتىجىسىمۇ بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۈنۈمنى ئىسپاتلىدى:2000  دىن ئارتۇق قاتناشقۇچى ئىچىدە پەقەت ئىككىلا ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يەنىلا سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىن يۇقىرى بولدى .

بۇ خىل دورىغا يېڭىچە تەسىر مېخانىزمى قوللىنىلغان. ئۇ ئەنئەنىۋى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ۋىرۇسنىڭ قاپچۇق ئاقسىلىنى نىشان قىلىپ، ۋىرۇس بىلەن ھۈجەيرىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى توسىدۇ، يەنە ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرە يادروسىغا كىرىشىنى توسىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل دورا بەدەندە ئۇدا ئالتە ئاي رول ئوينايدۇ.

سۈرەت: ۋىرۇس قاپچۇقى كونۇسسىمان تەنچىسى بىلەن بىرىكىپ، ۋىرۇس ھۈجەيرە يادروسى N. Bur غا كىرىشىنى توسىدۇ.

بۇ بۆسۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور. 2023-يىلى دۇنيا بويچە 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملاندى، گەرچە ئىچىدىغان ئالدىنى ئېلىش دورىلىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چىدىشى تەس. بۇ خىل يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئوكۇل سېلىش لايىھەسى دورا ئىشلىتىشنىڭ قولايلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

بۇ خىل ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش دورىسى گەرچە ۋاكسىنىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئالالمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلسە، يەر شارى بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىشىدىن ئۈمىد بار.


9. CAR-T ھۈجەيرە ئارقىلىق ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش

CAR-T ھۈجەيرە داۋالاش ئۇسۇلى ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

CAR-T ئەڭ دەسلەپتە قان ئۆسمىسىنى داۋالايدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، دوختۇر بىمارنىڭ قېنىدىن T ھۈجەيرە (ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ « قاراۋۇلى ») نى ئايرىپ چىقىپ، گېن قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۇنى پەرقلەندۈرەلىگەن ھەمدە ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىپ، ئاندىن ئۇنى بىمارنىڭ تېنىگە كىرگۈزىدۇ.  

2-ئايدا گېرمانىيە تەتقىقات كوللېكتىپى بىمارنىڭ ئۆز تېنىدىكى CAR-T ھۈجەيرىسىنى ئىشلىتىپ، ئىمۇنىتېت كېسەللىكلەرنى داۋالاش نەتىجىسىنى دوكلات قىلغان:15  نەپەر قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى، قاتتىق تېرە كېسىلى ياكى مۇسكۇل ياللۇغى بىمارى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان داۋالانغاندىن كېيىن، سەككىز نەپەر سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى بىمارى دورا ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان پەسەيتىش ھالىتىگە يەتتى.

سۈرەت: CAR-T ھۈجەيرىسى (ھال رەڭ) بىر B ھۈجەيرىنى يوقىتىشقا يېقىنلىشىۋاتىدۇ ھەمدە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

9-ئايدا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىدىكى شۈ خۇجى كوللېكتىپى يەنە بىر تۈرلۈك ئىجادىي تەتقىقاتنى ئېلان قىلغان: ئۇلار تۇنجى قېتىم تەقدىم قىلغۇچىنىڭ CAR-T ھۈجەيرىسىنى ئىشلىتىپ داۋالىغان. تەتقىقات كوللېكتىپى CRISPR گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تەقدىم قىلغۇچىنىڭ T ھۈجەيرىسىدىكى بەش گېننى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنى ھەم بىمارغا ھۇجۇم قىلمايدىغان، ھەم بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى چەتكە قاقمايدىغان قىلغان.

داۋالاش ئۈنۈمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ: بىر نېكروزلىنىش خاراكتېرلىك مۇسكۇل كېسىلى بىمارى داۋالىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بىلىكىنى كۆتۈرۈپ، چېچىنى تارىيالىدى، ئۇنىڭدىن باشقا تېرە قاتتىقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئالتە ئايدىن كېيىن، ئۈچ بىمارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك پەسەيتىش ھالىتىگە يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسەتمىگەن. ھازىر بۇ ئەترەت داۋالاشنى باشقا 20 دىن ئارتۇق بىمارغا كېڭەيتتى.

تەقدىم قىلغۇچى ھۈجەيرىسىنى ئىشلەتكەندە CAR-T داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋالاش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ داۋالاش تەس بولغان ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بۇ خىل ئىنقىلاب خاراكتېرلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى.


10. جامېس ۋېبىر ئالەم تېلېسكوپىنىڭ داۋاملىق كۆزىتىشىگە ئەگىشىپ، ئالىملار « ئالەم سەھىرى » گە قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى.

«ئالەم سەھىرى» دېگىنىمىز، ئالەم پەيدا بولۇپ 1 مىليارد يىلدىن كېيىنكى تۇنجى تۇرغۇن يۇلتۇزنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ چاغدا تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇزلار سىستېمىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان، ئالەم قاراڭغۇلۇقتىن ئاستا-ئاستا يورىغان.

ۋېبىر تېلېسكوپى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يورۇق يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىغان بولۇپ، نەزەرىيە مۆلچەرىدىن 1000 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇ بايقاش ئىنتايىن تاسادىپىي بولغان: ھازىرقى نەزەرىيە بويىچە، ئالەم پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە بۇنداق كۆپ، بۇنداق يورۇق يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

بۇ قەدىمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسى چىقارغان نۇرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئالىملار ئىككى خىل ئېھتىماللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىر بولسا دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالەمدە قۇياشتىن نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە چوڭ بولغان غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇزلار مەۋجۇت ئىدى. بىر بولسا، كۆپ مىقداردىكى ھەرىكەتچان قارا ئۆڭكۈر ئەتراپتىكى ماددىلارنى يۇتۇپ، كۈچلۈك ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ.

سۈرەت: ۋېبىر تېلېسكوپى كۆزەتكەن يىراق يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئىچىدە تارتىش كۈچى لىنزىسى تەرپىدىن تولغىنىپ تۇرغان يۇلتۇزلار سىستېمىسى چوڭ پارتىلاشتىن كېيىنكى 600 مىليون يىللىق ئالەم سەھىرىدە مەۋجۇت.

تەتقىقاتلاردىن يەنە بۇ دەسلەپكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا كاربون ۋە ئوكسىگېن قاتارلىق ئېغىر ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقى بايقالغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا چوقۇم تېخىمۇ بۇرۇنقى غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۆلگەندە ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پەيدا بولۇپ، بۇ ئېلېمېنتلارنى ئالەمگە تارقىتىۋېتىدىكەن. بۇ بايقاشلار بىزنىڭ ئالەمنىڭ قانداق قىلىپ تۇتۇقلۇقتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يېتىشىنى چۈشىنىشىمىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.

ۋېبىر تېلېسكوپىنىڭ بۇلارنى بايقىيالىشى ئۇنىڭ كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارىدىن بولغان. ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى بولۇپ، مەخسۇس ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قويۇپ بېرىلگەن ئاجىز ئىنفىرا قىزىل نۇرنى تۇتۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ كۆزىتىش نەتىجىلىرى بىزنىڭ ئالەمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ.

ئالەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن مىكرو دۇنياغىچە، ئاساسىي تەتقىقاتتىن ئەمەلىي قوللىنىشقىچە، پەن-تېخنىكا بىزنىڭ بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرمەكتە، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تەدرىجىي ياخشىلىماقتا. بۇ تەرەققىياتلار ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىۋاتقان بەزى قىيىن تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، كەلگۈسى تەرەققىياتنىمۇ يېڭى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىدى.

مەنبە: ئالپ سالونى