بۇ زامان (ساتىرا)
كۆرۈنۈش
بۇ زامان
(ساتىرا)
ئېشەك ئۆزىن دۇلدۇل چاغلار،
ئاۋازىنى بۇلبۇل چاغلار.
قۇيرۇقىنى گۈل غۇنچىسى-
بوز يايلىنى سۇمبۇل چاغلار.
قاغا خۇش ئۆز ئاۋازىدىن،
توخۇ مەمنۇن پەرۋازىدىن
تىمساق رازى ئۇز نازىدىن،
سا ئۆزىن قىرغاۋۇل چاغلار.
بار خىسلەتنى يىغساڭ شۇئان،
ئەپسۇس پۈتمەس خىل بىر نادان.
توختا، بىر - بىر ئەيلەي بايان،
شائىر بۇنى بىر ئۇل چاغلار.
— ھەبىبۇللا توختى