بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى

ئورنى Wikipedia

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

كۈرەش، كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھەر قەدەمدە كونا تۇرمۇش بىلەن ئېلىشىپ تۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


جاھانگىرلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا،

مەزلۈم ئەللەر يېڭى ھاياتتىن كەڭ يول ئالسا،

زادى تۈگىمەس سائادەتكە قەدەم قويسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


ئۆمەكلىشىپ مەزلۇملار بىلەن بىللە ئىشلىسەك،

ھەقىقەتەن يېڭى يولغا راست كىرىشسەك،

باراۋەرلىك ئۇللىرىنى مەھكەم قۇرساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


يوقسۇل – مىسكىنلەر ئەمدى تارتمىسا مۇشەققەت،

'ئاھ، نەيلەي، قىسىلدىمغۇ...' دېمىسە پەقەت،

ئازادلىقتىن شۇلارغا ياغسا مېھىر-شەپقەت،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


ئېلىمىزدە ئىلىم – مەرىپەت تېشىپ تۇرسا،

دولقۇنلاپ ئۆزىمىزدىن ئېشىپ تۇرسا،

خائىنلارنىڭ يوللىرى كېسىلىپ تۇرسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


ھەر بىر يەردە زاۋۇت، ڧابرىكا ۋارقىراپ تۇرسا،

تۆمۈر يولدا ئوت ھارۋىلار جارقىراپ تۇرسا،

ھاۋا قۇشلىرى ئۈستىمىزدە غارقىراپ تۇرسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


قەھرىمان ياشلار ئەمدى تەييار تۇرسا،

قەھرىمانلارچە ھەر بىر ئىشتا ھۇشيار تۇرسا،

قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغىمۇ چىراغ يېقىلسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا،

ئىستىباتچى قارا كۈچلەر گۇمران بولسا،

ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


گۇرۇھ، گۇرۇھ زىيالىلار قىلسا خىزمەت،

ھەربىر ئېغىر ئىشلارغا قىلسا جۈرئەت،

پۈكسە كۆڭلىگە دائىما توغرا نىيەت،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


مىللەتچىلىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تۇرساق،

ھەقىقەت دەپ مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرساق،

جۇڭگونىڭ ئازادچى ئەللىرى بولساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


ھەربىر ئىشتا ئەل خىزمىتىگە ئاساسلانساق،

قۇرۇپ تېخنىكە ئېغىر ئىشنى ئاسانلاتساق،

تەرەققىيات يولىغا ئەزىزى جاننى ئاتىساق،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.


مۇتەللىپ، سەن ھەقىقەتنى تارتىنماي سۆزلە،

غەيرەت بىلەن قۇزغۇنلار يوللىرىنى تورا،

بۇ يولدا ۋارقىرا، ھەيۋەتلىك قورقماي ھۇررا،

بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ھۆججەت:Lutpulla04.jpg