بۇ نەزەرىيەنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەر كۈنى ئىشلىتىسىز
بۇ نەزەرىيەنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەر كۈنى ئىشلىتىسىز
ھازىرقى زامان فىزىكا ئاسمىنىدا، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى خۇددى بىر پارلاق يۇلتۇزدەك، بىزنىڭ كائىناتقا بولغان چۈشەنچىمىزنى يورۇتتى. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالبېرت ئېينىشتېين تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇققا بولغان ئەنئەنىۋى قارىشىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرلىرىنى ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئىشىك ئاچتى. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە بۆلۈنىدۇ. تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئاساسلىقى تارتىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ كۆزەتكۈچىنىڭ تېزلىكىگە نىسبەتەن قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ؛ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بولسا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشىنى تەسۋىرلەيدۇ.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى چۈشىنىش راستتىنلا تەسمۇ؟ ھېچقىسى يوق، بىز ئۇنى ھەر كۈنى ئىشلىتىۋاتىمىز!
نىسپىيلىك نەزەرىيىسى فىزىكىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋە پرىنسىپلىرى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) نىڭ توغرا يول باشلىشىدىن تارتىپ، ئالەم كېمىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە يۈرۈشۈشىگىچە، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىزنىڭ كائىناتقا بولغان تونۇشىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنى ئۇنى تۇراقلىق، ئۆزگەرمەس بىر گەۋدە دەپ قارىماستىن، بەلكى ئۈزلۈكسىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغان، مۇمكىنچىلىكلەرگە تولغان ھەرىكەتچان بوشلۇق دەپ قارايدىغان قىلدى.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ۋاقىت-بوشلۇق قارىشىنى ئاغدۇرۇشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئادەتتە ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى مۇتلەق، كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايتتى. بۇ خىل كۆز قاراش نىيۇتوننىڭ كىلاسسىك مېخانىكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىمىزدە گۇمانسىزدەك قىلاتتى — بىز قەيەردە بولايلى، نېمە ئىش قىلايلى، ۋاقىت ھەمىشە تەكشى ئۆتىدۇ، بوشلۇق ئارىلىقىمۇ مۇقىم، ئۆزگەرمەيدۇ. لېكىن، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىزگە بۇ خىل قاراشنىڭ چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئېينىشتىيىن ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ئىككى ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى بىر بىرلىك گەۋدىنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى ۋاقىت-بوشلۇق دەپ ئاتىدى. بۇ تۆت ئۆلچەملىك ۋاقىت-بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا، ۋاقىت ئەمدى مۇتلەق تەكشى ئۆتىدىغان ئارقا كۆرۈنۈش بولماستىن، بەلكى كۆزەتكۈچىنىڭ نىسپىي تېزلىكى ياكى تۇرۇۋاتقان تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە ئاساسەن ئۆزگىرىدىغان بولىدۇ. ئوخشاشلا، بوشلۇقمۇ ئەمدى مۇتلەق، ئۆزگەرمەس سەھنە بولماستىن، ئۇمۇ كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ھالىتى ياكى تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ بىرلىكىگە بولغان بۇ خىل تونۇش، بىزنىڭ كائىناتقا بولغان ئاساسىي قارىشىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پرىنسىپى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پرىنسىپى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يادرولۇق پىرىنسىپى بولۇپ، ئۇ يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تېزلىكىنىڭ بىر تۇراقلىق قىممەت ئىكەنلىكىنى، كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك، سىز تىنچ تۇرامسىز ياكى ھەر قانداق تېزلىكتە ھەرىكەت قىلامسىز، سىز ئۆلچىگەن يورۇقلۇق تېزلىكى ئوخشاش بولىدۇ — سېكۇنتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومېتىر. بۇ پىرىنسىپنى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا چۈشىنىش تەس ، چۈنكى بىزنىڭ تەجرىبىمىز بىزگە تېزلىكنىڭ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەسىلەن، ئىككى ماشىنا بىر-بىرىگە قاراپ يۈرسە، بىز ئۇلارنىڭ ئىككى ھەسسە تېزلىكتە يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز.
لېكىن، يورۇقلۇقنىڭ ھەرىكىتى بىز تونۇشلۇق بولغان جىسىملارغا ئوخشىمايدۇ. سىز يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن تېزلىكتە بىر دەستە نۇرنى قوغلىسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا ئۇنىڭ سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئېينىشتىيىن جىسىم يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزى ئۆزگەرمەستىن، بەلكى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ نىسپىيلىكىگە بولغان بۇ خىل تونۇش، تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كائىناتتىكى ھەرىكەت ۋە ۋاقىتنى چۈشىنىشىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى 1905-يىلى ئېينىشتىيىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ بىر ئاددىي ئەمما چوڭقۇر پرىنسىپقا ئاساسلانغان: بارلىق ئىنېرتسىيەلىك پايدىلىنىش سىستېمىلىرىدا، يورۇقلۇق تېزلىكى تۇراقلىق، ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ نەزەرىيە بىزنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىزنى كېڭەيتتى، بولۇپمۇ تارتىش كۈچى بولمىغان ياكى تارتىش كۈچىنى ھېسابقا ئالمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللاردا. تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋاقىتنىڭ ئەمدى مۇتلەق بىرلىككە كەلگەن ئارقا كۆرۈنۈش ئەمەس، بەلكى كۆزەتكۈچىنىڭ نىسپىي تېزلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىك ئۇقۇمىنى بەزى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق چۈشىنىشكە بولىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بىر ئالەم كېمىسى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن تېزلىكتە ئۇچۇۋاتىدۇ، سىز بولسىڭىز يەر يۈزىدە بۇ ئالەم كېمىسىنى كۆزىتىۋاتىسىز. تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالەم كېمىسىدىكى ۋاقىت ئاستىلايدۇ، بۇ دېگەنلىك ئالەم كېمىسىدىكى سائەت يەر يۈزىدىكى سائەتكە قارىغاندا ئاستا ماڭىدۇ. ئەگەر ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇچۇش جەريانىدا بىر يىل ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر شارىدىكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالەم كېمىسىنىڭ سىزگە نىسبەتەن يۇقىرى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ خىل ۋاقىتنىڭ كېڭىيىش ئۈنۈمى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ، ئەمما يۇقىرى تېزلىكتىكى ئاسترونومىيىلىك فىزىكا جەريانلىرىدا كۆرۈنەرلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك زەررىچىلەر يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن تېزلىكتىكى سوقۇلۇشتا، ئۇلارنىڭ ئۆمرى تۆۋەن تېزلىكتىكىگە قارىغاندا ئۇزۇنراقتەك كۆرۈنىدۇ، بۇ دەل ۋاقىتنىڭ كېڭىيىش ئۈنۈمىنىڭ ئىپادىسى.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدىكى قوللىنىلىشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى پەقەت بىر يۈرۈش نەزەرىيىۋى رامكا بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) دەل بىر تىپىك مىسال.
GPSسۈنئىي ھەمراھ تورىدىن پايدىلىنىپ يەر شارىدىكى ھەر قانداق جاينىڭ ئېنىق ئورنىنى بېكىتىدۇ، بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئورنى ۋە تېزلىك ئۇچۇرى بولسا ئۇلار ئەۋەتكەن سىگناللارنىڭ يەر يۈزىدىكى قوبۇللىغۇچقا يېتىپ كېلىش ۋاقتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. بۇ سۈنئىي ھەمراھلار سېكۇنتىغا تەخمىنەن 4 كىلومېتىر تېزلىكتە يەر شارىنى ئايلىنىپ يۈرگەچكە، سىگنالنىڭ تارقىلىش تېزلىكى بولسا يورۇقلۇق تېزلىكى بولغاچقا، چوقۇم تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ۋاقىتنىڭ كېڭىيىش ئۈنۈمىنى ئويلىشىش كېرەك.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، GPS سۈنئىي ھەمراھلىرىدىكى سائەت يەر يۈزىدىكى سائەتكە قارىغاندا ئاستا مېڭىشى كېرەك، بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تېزلىكتە ۋە تېخىمۇ تۆۋەن تارتىش كۈچى مۇھىتىدا يۈرۈشىدىن بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل نىسپىيلىك ئۈنۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىسە، GPS نىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلمىسا، كۈندىلىك ئورۇن بەلگىلەش خاتالىقى تەخمىنەن 12 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭلاشقا، GPSسىستېمىسى لايىھىلەنگەندىلا نىسپىيلىك ئۈنۈمىنى ئويلىشىپ، سۈنئىي ھەمراھ سائىتىنىڭ سۈرئىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۇنىڭ يەر يۈزى ۋاقتى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
يەنى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بولمىغان بولسا ھازىرقى GPS، يەتىكەن قاتارلىق سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايتى.
GPS تىن باشقا، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى يەنە ئالەم كېمىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە يۈرۈشۈشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەلقئارا ئالەم پونكىتى قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىدە باشتىن كەچۈرگەن ۋاقىتنىڭ كېڭىيىش ئۈنۈمى گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئالەم پونكىتىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ يۈرۈش تېزلىكى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋاقتى يەر شارىدىكى ئوخشاش ۋاقىتقا قارىغاندا سەل ئاستا ئۆتىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئەمەلىيەتتە يەر شارىدا قالغان تەڭتۇشلىرىدىن سەل ياشراق بولىدۇ. گەرچە بۇ خىل پەرق قىسقا مۇددەتلىك ۋەزىپىلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىلىرىدە ئۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى شۈبھىسىزكى 20-ئەسىر پەن-تېخنىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم نەزەرىيىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى فىزىكىدىكى بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ كىشىلەرنىڭ كائىناتقا بولغان تۈپ قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىزگە كائىناتنىڭ يەككە، تىنىچ تۇرغان گەۋدە ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا باغلىنىشلىق ھەرىكەتچان سىستېما ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى، شۇنداقلا ماددا بىلەن ئېنېرگىيە ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ئىچكى باغلىنىشنى ئاشكارىلىدى.
نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئىلمىي جەھەتتە ئىنقىلاب قوزغاپلا قالماي، ئەمەلىي قوللىنىشتىمۇ ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى. GPS يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئېنىقلىقىدىن تارتىپ، ئالەم كېمىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە يۈرۈشۈشىگىچە، ھازىرقى زامان زەررىچە تېزلەتكۈچلىرى ۋە ئاسترونومىيىلىك فىزىكا كۆزىتىشلىرىگىچە، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ پرىنسىپلىرى ھالقىلىق رول ئويناۋاتىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىز بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك فىزىكا پرىنسىپلىرىنى چۈشىنىش ۋە قوللىنىشقا بارغانسېرى تايىنىدىغان بولدۇق.
كەلگۈسىدە، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى داۋاملىق پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ كائىناتنى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئاسترونومىيىلىك فىزىكا ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى ئېچىش، ھەتتا كەلگۈسىدىكى ئالەم ساياھىتى ۋە يۇلتۇزلار ئارا ئالاقىدە تېخىمۇ ھالقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى پەقەت ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتنىڭ چەكسىز مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئىزدىنىش سەپىرىنى ئاچتى.
مەنبە: ئالپ سالونى