بېدىكلىك توختامى

ئورنى Wikipedia
 22- باب بېدىكلىك توختامى
  414- ماددا بېدىكلىك توختامى بېدىك ئۆز نامىدا ھاۋالە قىلغۇچى ئۈچۈن سودا قىلىدىغان، ھاۋالە قىلغۇچى ھەق بېرىدىغان توختامدۇر.
  415- ماددا بېدىك ھاۋالە ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا چىقىم قىلغان خىراجەتنى ئۆزى چىقىرىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  416- ماددا بېدىك ھاۋالە نەرسىنى ئىگىلىگەن بولسا، ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
  417- ماددا ھاۋالە نەرسە بېدىككە تاپشۇرۇلىدىغان چاغدا نۇقساننى بار ياكى ئاسان بۇزۇلىدىغان، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان نەرسە بولسا، بېدىك ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، بۇ بۇيۇمنى بىر ياقىلىق قىلسا بولىدۇ؛ ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلەشكىلى بولمىسا، بېدىك مۇۋاپىق بىر ياقىلىق قىلسا بولىدۇ.
  418- ماددا بېدىك ھاۋالە قىلغۇچى بېكىتكەن باھادىن تۆۋەن باھادا سېتىشقا ياكى شۇ باھادىن يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. بېدىك ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، كەم قىسمىنى ئۆزى تولۇقلاپ قويغان بولسا، بۇ سودا قىلغۇچىغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  بېدىك ھاۋالە قىلغۇچى بېكىتكەن باھادىن يۇقىرى باھادا ساتسا ياكى شۇ باھادىن تۆۋەن باھادا سېتۋالسا، پۈتۈشكىنى بويىچە ھەق كۆپەيتىپ بېرىلسە بولىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، بۇ پايدا ھاۋالە قىلغۇچىغا تەئەللۇق بولىدۇ.
  ھاۋالە قىلغۇچى باھانى ئالاھىدە كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، بېدىكنىڭ شۇ باھاغا خىلاپلىق قىلىپ سېتىشىغا ياكى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  419- ماددا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قارشى ئارزۇسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بېدىك بازار بېكىتمە باھاسىدىكى تاۋارنى سېتىش ياكى سېتىۋېلىشقا ئۆزى سېتىۋالغۇچى ياكى ساتقۇچى بولسا بولىدۇ.
  بېدىكتە ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەندىمۇ ھاۋالە قىلغۇچىدىن ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  420- ماددا بېدىك ھاۋالە نەرسىنى پۈتۈشكىنى بويىچە سېتىۋالغاندا، ھاۋالە قىلغۇچى ۋاقتىدا ئېلىشى كېرەك. بېدىك سۈيلىگەن بولسىمۇ، ھاۋالە قىلغۇچى ئۇنى ئالماسلىققا ئورۇنلۇق سەۋەب كۆرسىتەلمىسە، بېدىك ھاۋالە نەرسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 101- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
  ھاۋالە نەرسىنى سېتىشقا بولمىسا ياكى ھاۋالە قىلغۇچى سېتىشتىن يېنىۋالسا، بېدىك سۈيلىگەن بولسىمۇ، ھاۋالە قىلغۇچى ئالمىسا ياكى بىر ياقىلىق قىلمىسا، بېدىك ھاۋالە نەرسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 101- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
  421- ماددا بېدىك بىلەن ئۈچىنچى كىشى توختام تۈزۈشكەن بولسا، بېدىك شۇ توختامدىكى ھوقۇقتىن بىۋاستە بەھرىمەن بولىدۇ ۋە مەجبۇرىيەتنى بىۋاستە ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ئۈچىنچى كىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ھاۋالە قىلغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، بېدىك زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لېكىن، بېدىك بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  422- ماددا بېدىك ھاۋالە ئىشىنى پۈتتۈرگەن ياكى قىسمەن پۈتتۈرگەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھەق بېرىشى كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچى مۆھلەت ئۆتسىمۇ ھەق بەرمىسە، بېدىكتە ھاۋالە نەرسىنى قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  423- ماددا بۇ بابتا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىرىغا ھاۋالە توختامىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى تەتبىقلىنىدۇ.
  23- باب ئارىچىلىق توختامى
  424- ماددا ئارىچىلىق توختامى ئارىچى ھاۋالە قىلغۇچىغا توختام تۈزۈش پۇرسىتىنى ئېيتىدىغان ياكى توختام تۈزۈشتە ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىدىغان، ھاۋالە قىلغۇچى ھەق بېرىدىغان توختامدۇر.
  425- ماددا ئارىچى توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار ئىشلارنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئەينەن ئېيتىشى لازىم.
  ئارىچىلاردىن توختام تۈزۈشكە دائىر مۇھىم ئىشلارنى قەستەن يوشۇرۇپ ياكى ساختا ئەھۋال يەتكۈزۈپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ ھەمدە زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  426- ماددا ئارىچى توختامنى پۈتتۈرۈشۈپ بەرسە، ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە ھەق بېرىشى كېرەك. ئارىچىنىڭ ئالىدىغان ھەققىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئارىچىنىڭ ئەجرىگە قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. ئارىچى توختام تۈزۈشتە ۋاستىچىلىك قىلىپ توختامنى پۈتتۈرۈشۈپ بەرگەن بولسا، ئارىچىغا بېرىلىدىغان ھەقنى ئالاقىدارلار تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  توختامنى پۈتتۈرۈشۈپ بەرگەن ئارىچى ئارىچىلىق چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ.
  427- ماددا توختامنى پۈتتۈرۈشۈپ بەرمىگەن ئارىچى ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، لېكىن ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئارىچىلىقتىكى زۆرۈر چىقىمنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  قوشۇمچە پرىنسىپ
  428- ماددا بۇ قانۇن 1999- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي توختام قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىسادىي توختام قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخنىكا توختام قانۇنى» بىكار قىلىنىدۇ.