بېلگىيە

ئورنى Wikipedia
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى


بېلگىيە پادىشاھلىقى Kingdom of Belgium پايتەخت: بېريۇسسېل(ياۋرۇپانىڭ پايتەختى دەپ نامى بار)، ئاھالىسى 1مىلىيۇن 510مىڭ زىمىنى 30مىڭ528 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى: بېلگىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 10مىلىيۇن 379مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 58%نى فلېمىڭ(گوللاند تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر)، 31%نى ۋاللونلار(فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بېلگىيىلىكلەر) ، 2%نى گېرمانلار، 9%نى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ.ئۈچ خوشنا دۆلەتنىڭ تىلى- گوللاند، فرانسۇز ۋە گېرمان تىللىرى دۆلەت تىلى. دىنى : ۋاللونلار كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. فلېمىڭلارنىڭ 70% كاتولىك دىنىغا 30% پروتىستانت دىنى مارتىن مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. پۇلى:ياۋرۇ. ئىقتىسادى: 2006 -يىلى بېلگىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 350مىليارت326مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا34081دوللار توغرا كەلگەن. بېلگىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%-3% بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى:( 1831-يىلى)7 -ئاينىڭ 21-كۈنى، بېلگىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن مەمۇرى بىرلىك سۈپىتىدە گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى) قىسقىچە تارىخى: بېلگىيە زىمىنى گۇتلارنىڭ(گېرمان تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلار پاراكەندىچىلىك سالغان. مىلادىدىن كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا زىمىنى بولغان. 2-ئەسىرلەردىن كېيىن شىمال ۋە جەنۇپتا ئايرىم ئايرىم كېنەزلىكلەر ۋە بەگلىكلەر قۇرۇلغان، 14-ئەسىردىن كېيىن ۋاللونلاردىن كېلىپ چىققان لىبورلاند پادىشاھلىقى بېلگىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىككى ئەسىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن، 16-ئەسىردىن كېيىن ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيىلەر بېلگىيەنى نۆۋەت بىلەن بېسىۋالغان. 1830-يىلى بېلگىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1993-يىلى پايتەخت بېريۇسسېل، ۋاللونلار ۋە فلېمىڭلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا فىدىراتسىيە يولغا قويۇلغان.

بېلگىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنى قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، نوپۇسى زىچ، يېرى مۇنبەت باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىدە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى 1938-يىلىلا ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ 29% ئالى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە. 2006-يىلى بېلگىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %1، سانائەت %24، مۇلازىمەت %75نى ئىگەللىگەن بولۇپ . -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 4مىلىيۇن801مىڭ، يانپون ئابونتى 9 مىليۇن446مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىلىيۇن 100مىڭ بولغان.