بېيجىڭ ۋاقتى

ئورنى Wikipedia

بېيجىڭ ۋاقتى، باشقا ئاتى جۇڭگو ئۆلچەملىك ۋاقتى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى، ماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتتىن 8 سائەت (يەنى UTC+8) ئىلگىرىدۇر، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيبېي، كۇئالالۇمپۇر، سىنگاپور قاتارلىق رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆلچەملىك سائەتى ھەم بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بېيجىڭ شەھرىنىڭ يەرلىك قۇياش سائىتى (شەرقىي ئۇزۇنلۇق °116.4) ئەمەستۇر، بەلكى شەرقىي ئۇزۇنلۇق °120 گرادوسنىڭ ۋاقتىدۇر، ئىككىسىنىڭ ئاراسىدا 14.5 مىنۇت پەرق باردۇر. بېيجىڭ ۋاقتى جۇڭگونىڭ خەرىتە ئۈستىدىكى گېئومېترىك مەركىزى بولمىش شەنشى لىنتوڭدىكى جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى دۆلەتلىك ۋاقىتتىن خەبەر بېرىش مەركىزىنىڭ 9- سۇپا سېزىي ئاتوم سائەتى ۋە 2- سوپا ۋودرود ئاتوم سائەتى گرۇپىنىڭ ئىنچىكە ۋە كەسپىي سېلىشتۇرما ۋە ھېساپلىشى نەتىجىسىدە ئۇلاشلىغان، شۇنداقلا سۇنئىي ھەمرا ۋە ھەرقايسى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ۋاقىتتىن خەبەر بېرىش تارماقلىرى بىلەن ئەمەلىي سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىگەن.

ئۆتمۈشى[تەھرىرلەش]

1902- يىل (گۇاڭشۈنىڭ 28- يىلى)، چىڭ سۇلالىسى دېڭىز تاموژنىسى ساھىل سائەتىنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 120 گرادوسنى ئۆلچەم قىلىپ بەلگىلىدى. 1912- يىل جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن سوڭرە، بېيجىڭغا جايلاشقان مەركىزى كۆزىتىش سۇپىسى پۈتۈن دەۋلەتنى 5 ۋاقىت رايونىغا بۆلدى. 1939- يىلى 9- نەۋرۇز جۇڭخۇا مىنگو ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ئۆلچەملىك سائەت يېغىنى چاقىرىپم 1912- يىلى بۆلۈپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت رايونلىرىنى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى دەپ تەستىقلىدى. ئۇلار:

  1. كوئىنلۇن ۋاقتى GMT+5.5 ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ غەربى ۋە تىبەتنىڭ بىر قىسمى.
  2. ئۇيغۇر تىبەت ۋاقىتى GMT+6 ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت.
  3. گەنسۇ-سىچۇەن ۋاقىتى GMT+7 ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى.
  4. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى GMT+8 جۇڭگو دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە.
  5. چاڭبەي ۋاقتى  5.GMT+8 جۇڭگونىڭ شەرقىشىمالى.

1947 يىل 1- ئۈمىد كۈنى، شەرقىي شىمال مەمورىي ھەيئەتلەر قۇرۇلتىيى قارار قىلىپ، شۇ كۈندىن ئىتىبارەن شەرقىي شىمال ئازاد رايونى بىردەك 120 گرادوس شاڭخەي سائەتىنى قوللىنىشقا باشلىدى.

1949- يىلى 27- مىزان، جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭەش يىغىنى 1- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، "بېيپىڭ" نىڭ ئاتى تەكرار "بېيجىڭ"غا ئۆزگەرتىلىشى قارار قىلىندى. 1- ئوغۇزدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، UTC+8 ۋاقىت رايونى رەسمىي «بېيجىڭ ۋاقتى» (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى بىلەن بىردەك) دەپ ئاتالدى. 7- ئوغۇز، شىئەن خەلق رادىئوسى: "ئۇشبۇ رادىئومىزنىڭ ۋاقتى بىردەك بېيجىڭ ۋاقتىنى ئۆلچەق قىلىدۇ" دېدى، ئۇ چاغدا شىئەن ھەنۇز گەنسۇ-سىچۇەن ۋاقتىنى قوللانماقتا ئىدى. شۇ يىلى 2- ئوغلاق كۈنى شىئەن خەلق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەتنىڭ مۇھىم رايونىنىڭ ۋاقتى بىلەن ئوخشاش ۋاقىت قوللىنىلىدىغانلىقى بىلدۈردى، 3- ئوغۇز ئىتىبارى بىلەن گەنسۇ-سىچۇەن ۋاقتىنى قوللىنىش توختىتىلىپ، بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىلىشقا باشلىدى. 27- كۆنەك، جۇ ڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسى چىڭدۇغا يەرلەشتى، 10 كۈندەك ئۆتكەندىن سوڭرە جۇڭگو ۋاقتى قوللىنىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتە باشقا ۋاقىت رايونلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1952- يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئۆلكىلىرىدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆلچەملىك جۇڭگو ۋاقتى ئومۇملاشتى، تىبەت رايونىمۇ كېيىنچە بېيجىڭ ۋاقتىغا ئۆتتى.

جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە چېكىنەەندىن سوڭرە، تەيۋەندە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى قوللىنىلدى. 2000- يىلىدىن سوڭرە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى نامى دۆلەتلىك ئۆلچەملىك ۋاقتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

غەربىي شىمالى جۇڭگوۋاقىت رايونى مەسىلىسى[تەھرىرلەش]

بۇگۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8) قوللىنىلماقتا. لېكىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلاردا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، شىركەت-گۇرۇھلارنىڭ ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى ھەمدە پوچتا-تېلگراف خىراج ئىتىبار سائەتلىرى بېيجىڭ ۋاقتىغا كۆرە توغۇرلانغان بولسىمۇ، ئىككىلىسى باشقا ئۆلكىلەردىن 2 سائەت كەچتۇر، مەسىلەن، جۇڭگو تېلگىرافى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئېتىبار سائەتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتتە ئىككى سائەت ئۇزۇن تۇتۇشنى ئىجرا قىلماقتا. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق ئىچىدە (بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە)، UTC+6 ۋاقىت رايونى قوللىنىش ئۇمۇلاشقاندۇر (شىنجاڭ تەۋەسىدە قوللىنىلغان شىنجاڭ ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كېيندۇر). شىنجاڭ تېلېۋىزيىسى خەنزۇچە ۋە ئۆسمۈرلەر قانىلى بېيجىڭ ۋاقتى، ئۇيغۇر، قازاق تىللىرى قانىلى شىنجاڭ ۋاقتى قوللىنىدۇ.

ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكىنىلەردە قوللىنىلىدىغان iOS 8 سېستىمىسدا، قوللانغۇچى يېرىنى ئۈرۈمچى دەپ تاللىغاندا ئاپتوماتىك ھالدا ۋاقت رايونى UTC+6 كۆرسەتمەكتە.

ئۈرۈمچى ۋاقتى ۋە ۋاقىت رايونىغا بۆلۈنۈش ھەققىدە تەكلىف[تەھرىرلەش]

ئانا ماددە: شىنجاڭ ۋاقتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىقياسىدا بېيجىڭ ۋاقتى ئۆلچەملىك ۋاقىت سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا، بۇ غەربي رايوندىكى شەنشى، كەڭسۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئۆلكە ئاپتونوم رايونلاردا تۇرمۇشتا بەئزى قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بېيجىڭ ۋاقتى يەرلىك ۋاقىتتىن ئىككى سائەت بۇرۇن بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 8:30 دا (جۇڭگو مەمورىي ئورگانلىرىدا بىر تۇتاش خىزمەتكە چىقىش ۋاقتى) يەرلىك ۋاقىت 6:30 غا تەقابۇل ئەتمەكتە، بۇ ۋەجدىن ھەقىيقى ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرى شەرقى قىسىمغا كۆرە ئىككى سائەت كېيىندۇر.

1986- يىل 2- ئايدا، دۆلەتلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شىنجاڭ ۋاقتى (UTC+6) قوللىنىلىشى قارارلانغان، بولۇپمۇ خەلقنىڭ خىزمەت ۋاقتى بۇنىڭغا كۆرە بولۇپ، تۆمۈريول، ھاۋايولى، پوچتا-تېلگراف تارماقلىرى بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. لېكىن ئاپتونوم رايونللۇق ھۆكۈمەت ۋە بۇ يەردە ياشىغۇچى خەنزۇلار بۇنىڭغا ماسلىشىپ كېتەلمەيۋاتماقتا.

2005- يىل بەئزى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جۇڭگو ۋاقىت رايونلىرىنى ئىنچىكە ئايرىش تەكلىفى بەردى، تەكلىفكە كۆرە بېيجىڭ ۋاقتى ئاساس قىلىنغان شەرقى ۋاقىت رايونى (UTC+8)، شەنشى رايونى ئاساس قىلىنغان ئوتتۇرا ۋاقىت رايونى (UTC+7) ۋە ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرى ئاساس قىلىنغان غەربىي ۋاقىت رايونى (UTC+6) غا بۆلىنىدۇ. كېيىنچە تەكلىف پەقەتلا ئىككى ۋاقىت رايونىغا بۆلۈش، يەئنى UTC+8 ۋە UTC+7. شەنشى، سىچۇەن، چوڭچىڭ، گۇيجۇ، يۈننەن ۋە غەربىدىكى ئۆلكىلەر UTC+7 دىكى غەربىي رايون ۋاقتى قوللىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى. لېكىن بۇ تەۋسىيە تەكلىف كۆپچىلىك تەرىپىدىن رەد قىلىندى.[1]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ۋاقتى

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. بېيجىڭ ۋاقتى، خەنزۇچە ۋىكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى.