Jump to content

بەخت دەل ھازىر

ئورنى Wikipedia

بەخت دەل ھازىر


بىر باي بىلەن بىر گاداي بەختنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قاپتۇ.

— بەخت دەل ھازىردۇر،—  دەپتۇ گاداي.

باي گاداينىڭ كەپىسىگە، كونىراپ كەتكەن كىيىملىرىگە قارىغىنىچە مەنسىتمەسلىك ئاھاڭىدا سۆزلەشكە باشلاپتۇ.

— بۇلارنى قانداقمۇ بەخت دېگىلى بولسۇن؟ مېنىڭ بەختىم ئاشۇ ئېسىل داچام، مىڭلىغان قۇللىرىمدۇر.

بىر كۈنى باينىڭ ئېسىل داچىسىغا ئوت كېتىپ، ھەممە نەرسىسى كۈيۈپ كۈل بوپتۇ، قۇللىرىمۇ ھەر يەرگە قېچىپ كېتىپتۇ. باي بىر كېچىدىلا دىۋانىگە ئايلىنىپتۇ.

پىژغىرىم ئىسسقتا، ئۈستبېشى تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن بۇرۇنقى باي— ھازىرقى دىۋانە ھېلىقى گاداينىڭ كەپىسى ئالدىدىن يەنە ئۆتۈپتۇ. ئۇ گادايدىن بىر چىنە سۇ تىلەپ ئىچمەكچى بوپتۇ. گاداي چوڭ بىر چىنىدە مۇزدەك سۇ ئېلىپ چىقىپ دىۋانىدىن سوراپتۇ:

—  سەن ھازىر نېمىنى بەخت دەپ قارايسەن؟

— بەخت دەل سېنىڭ قولۇڭدىكى ئاشۇ بىر چىنە سۇدۇر،— دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دىۋانە كۆزى تۆت بولغان ھالدا.


ھېكمەت: ئەمەلىيەتتە، بەخت دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدۇر، پەقەت ھەربىر ھازىرنى بىردىن بىردىن تىزىپ كەلسەك، ئاندىن بىر ئۆمۈرلۈك بەخت ھاسىل بولىدۇ. ھازىرىڭىزنى قەدىرلەڭ، قولىڭىزدىكى بىر ئىستاكان سۇ، بىر ۋاق ئاددىي تاماق، ئادەتتىكى بىر خىزمەت، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بەختتۇر.