بەرداش
بەرداش (Berdash) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولۇپ، مەنىسى: قىيىنچىلىققا، زۇلۇمغا ، ئېغىرچىلىققا چىدىماق، سەبىر قىلماق، قارشى تۇرماق ؛ قىيىنچىلىققا چىدايدىغان كىشى.
تىل تەۋەلىكى: ئۇيغۇرچە
لۇغەتتىن: بەرداش ئى [ پ] چىدام، سەۋر-تاقەت:
ئانىجان كۆتۈر باشىڭنى،
تۆكمە ئەمدى كۆز ياشىڭنى،
قالدۇرغاغ كۆرەي بەرداشىڭنى،
يۈسۈپ ئەھمەت ئوغلۇڭ كەلدى.
تۇيۇلغان بولسىمۇ ئۈچ ئاي قىز ئۈچۈن ئۈچ يىل،
ئامان قالدى كېسەللىككە بېرىپ بەرداش قىساسكار دىل.
زىت مەنىسى: بەرداشسىز
بەرداسلىق [سۈپەت]
جۈملىلەردە ئىشلىتىلىشى:
باشقا قانچە كۈن كەلسىمۇ ،
بېرىمىز بەرداش .
قول تۇتۇشۇپ مۈشكۈللەردە ،
بولۇپ يۆلەكداش .
بېرەلمەس ئىكەن بۇ كۆڭۈل بەرداش...
ھەر-ھەر ئېغىرچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئادەملەر ھامان خۇشاللىقنى كەلگۈسىگە بېغىشلىغانلار .
فامىلە قىلىپ قوللانغان كىشىلەر:
ئەركىن بەرداش
نۇرمەمەت بەرداش