بەشكېرەم دەرياسى
كۆرۈنۈش
بەشكېرەم دەرياسى
دەريا كونا شەھەر ناھىيەسى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە قوغان يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قازئېرىق، تۈتۈرگىدىن باشلىنىپ، بەشكېرەم تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، شەرقىي جەنۇبتا خانئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىلىكىدە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر، كەڭلىكى 400 مېتىر، سۇغىرىش كۆلىمى 12 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ دەريا ئاساسەن بەشكېرەم يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىشتا پايدىلىنىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.