بەشكېرەم يېزىسى

ئورنى Wikipedia
بەشكېرەم يېزىسى

伯什克热木乡.Beshkerem town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 21 دانە
نوپۇس 36 مىڭ
يەر مەيدانى 197.6 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

بەشكېرەم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە يېزا بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. قەشقەر رايونىغا 12 كىلومېتىر ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بازىرىغا 33 كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 299 مىڭ 500 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45 مىڭ مو. 6757 ئائىلە، 33944 ئادەم بار.بەشكېرەم ئۇيغۇر تىلىدا «باياشات جەننەت» دىگەن مەنىدە. مېۋە-چېۋە تۈرلىرىنىڭ سۈپىتى شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك چوڭ يېزىسى.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

بەشكېرەم يېزىسىغا تەۋە

  • يۇقىرىقى سايباغ كەنتى،
  • ئاياغ سايباغ كەنتى،
  • لەڭگەر كەنتى،
  • يۇقىرىقى قۇمباغ كەنتى،
  • ئاياغ قۇمباغ كەنتى،
  • بېغىرىق كەنتى،
  • بايلا كەنتى،
  • يېڭىئاۋات كەنتى،
  • توپا ئېرىق كەنتى،
  • تاغئاغزى كەنتى،
  • خانئۆي كەنتى،
  • قاراقۇم كەنتى،
  • بەش توغراق كەنتى،
  • ئاياغ سېدە كەنتى،
  • باش سېدە كەنتى،
  • بويلا كەنتى،
  • يىچا كەنتى،
  • باغ ئورمان كەنتى،
  • يىغالى كەنتى،
  • تاڭلىكۆل كەنتى،
  • مور كەنتى قاتارلىق 22 كەنت، 146 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

يېقىنقى يىللاردا بەشكېرەم يېزىسى جۇغراپىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ مۇناقى ئۈزۈم، ئەنجۈر، قارا ئۆرۈك ئاساس قىلغان ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسپىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرغان. يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يېزا بويىچە باغ كۆلىمى 43 مىڭ موغا يەتكەن، كۆلىمى 1 مىليون 467 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، باغۋەنچىلىكتىن كىرگەن ئوتتۇرچە ھەر گېكتار باغۋەنچىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 95.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. مۇناقى ئۈزۈم ئاساس قىلىنغان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىدۇ. 2003-يىلى بۇ يېزىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېتىلغان ئۈزۈم 10 مىڭ توننىغا يەتكەن، پاكىستان، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە 3000 توننىدىن ئارتۇق ئېكىسپورت قىلنغان. يىل بويى سىرتتا سودا قىلغان، ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەنلەردىن ئازكەم 4600 دىن كۆپرەككە يەتكەن.

شەكىللەنگەن مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە ھەمدە نىسپىي مۇقىم بولغان ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى سىرتقا چىقىرىش ۋە سودا ئاساس قىلىنغان ئەمگەك كۈچى چىقىرىش قوشۇنى بار. 2003-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 64 مىليون 288 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە باغۋەنچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمى 23 مىڭ 274 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىدۇ. ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش كىرىمى 28 مىڭ 245 مىڭ 800 يۈەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 200 مىڭ بۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1967 يۈەن بولغان. بۇ يېزىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەپسىلىي خەۋەر، قاتناش قولايلىقى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

بۇ يېزىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىغا تاينىپ باغۋەنچىلىكنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزۇپ مېۋە-چېۋە ماكانىنىڭ زاپاس مىقدارنى كۆپەيتىپ، كۆپلەپ سېتىش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش بىلەن بەشكېرەم يېزىسىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «باياشات جەننىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.