سۇرە بەقەرە

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى بەقەرە سۈرىسى)
بەقەرە سۈرىسى

سورة البقرة

سۇرە بەقەرەنىڭ بېشى
تۈرى مەدەنى
مەنىسى سىيىر\ئىنەك
سانلىق مەئلۇماتلار
بەتلەر 2-49
پارە\جۈز 1-3
نۇزۇل زامانى 87 ھىجرەتنىڭ 1 ۋە 2. يىلى مەدىندە نازىل بولغان، ئەمما 281- ئايەت ۋىدا ھەججىدە نازىل بولغان
سۇرە نومۇرى 2
ئايەت سانى 286
كەلىمە سانى 6144
ھەرف سانى 25613

سۈرە بەقەرە (ئەرەبچە: سورة البقرة) قۇرئان سۈرىلىرى رەت تەرتىبىدە 2- رەتتە يەر ئالغان بۇ سۇرە قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇزۇن سۇرىسى بولۇپ، مەدىنىدە نازىل بولغان، 286 ئايەتتۇر.

ئىسمى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

بەقەرە سۇرىسى، ئىسمىنى سۇرەنىڭ 67-73 ئايەتلىرىدە بەيان قىلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەن بىر كىشىنىڭ قاتىلىنى تېپىش ئۈچۈن سويۇلغان بىر كالىنىڭ ھىكايىسىدۇر.، بەقەرە "ئىنەك" دېگەنلىكتۇر.

ئۆتمۈشى[تەھرىرلەش]

مىسىر توپراقلىرى سەھرايى كەبىرنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقتىن قۇم دېڭىزى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىنغان بۇ زېمىنلارغا ھايات بېغىشلىغان نىل دەرياسىدۇر. مۇنداق ئۈنۈمسىز ۋە شور بىر چۆلنىڭ يېنىدىلا نىل دەرياسىنىڭ سۇلىرى بىلەن تىرىلگەن، نىھايەتتە مۇنبەت جەننەت مىسال يەرلەرنىڭ بولىشى، مۇسا زامانىدا دېھقانچىلىق ۋە زىرائەتنى مىسىر خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن جەلىپكار ھالغا كەلتۈرگەنىدى. دېھقانچىلىق ۋە زىرائەت بۇ يەر خەلقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھالىغا كەلگەنىدى. ئۇ دەۋىردە مىسىر خەلقى زىرائەت، تېرىقچىلىق ۋاستىسى بومىش "بەقەر" (ئىنەك) ۋە ئۆكۈزنى مۇقەددەس بىلگەن. ھەتتا ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار. ئۇ زامانلار بەنى ئىسرائىل ھەم بۇ قىتئەدە ياشايىتتى ۋە بۇ ئىتىقادنىڭ تەئسىرى ئاستىدا ئىدى.

بەنى ئىسرائىل فىرئەۋىندىن قۇتۇلۇپ سىنا چۆلىگە يەرلەشكەن ۋاقتىدا بۇزاق ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. مۇسا سىنا تېغىغا چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىدۇ. بەنى ئىسرائىل بۇ ئەسنادا سامىرى ئالتۇندىن ياسىغان بۇزاق (موزاي)غا چوقۇنۇشقا باشلىغانىدى.

بەقەرە سۇرسى، ھەزرىتى مۇسانىڭ، پەيغەمبەرلىكى بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ئىنەككە ئىشىنىش ئىتىقادىنى بىر كالىنى بوغۇزلاش ھادىسىسى بىلەن ئاڭلاتقان.

تىلغا ئېلىنغان مەۋزۇلار[تەھرىرلەش]

مەزكۇر سۇرىنىڭ 65-66. ئايەتلىرى شەنبە كۈنى ئىشلىمەسلىك نىزامىنى بوزغان بىر يەھۇدىي قەۋمىگە اللە تەرىپىدىن بېرىلگەن جازا تېما قىلىنغان.

سۇرىنىڭ 102. ئايىتى بابىل، سۇمېر ئەفسانىلىرى بىلەن تەۋرات ۋە ئاۋېستاغا ئوخشىغان دىنى مەنبئەلەردە بىر بىرىگە ئوخشىشىپ كەتكەن تەلەففۇز بىلەن (تەۋراتتا مەروداك) تىلغا ئېلىنغان ھارۇت ۋە مارۇت قىسسى بىلەن مۇناسىبەتلىكتۇر. ئەفسانىدە ئىلاھ مەردۇك ياكى ئىلاھىي كۈچلەرگە ئىگە دەپ سۈپەتلەنگەن ھارۇت ۋە مارۇت، يەھۇدي ۋە خرىستىيان مەنبئەلىرىدە بابىلنىڭ "يىقىلغان پەرىشتىلىرى" قۇرئاندا بولسا ئىنسانلارغا سىھىر ئۆرەەتكۈچى ئىككى فرشتە دەپ زىكىر قىلنىدۇ.

تاشقى ئۇلىنىشلار[تەھرىرلەش]

سۇرە بەقەرە

ئالدىدا نازىل بولغا سۈرە:
سۇرە فاتىھە
سۇرە بەقەرەنىڭ پۈتۈن مەتنى كېيىن نازىل بولغان سۈرە:
سۇرە ئال ئىمران
مۇسھەف تەرتىپىگە كۆرە سۈرىلەر
1 · 2 · 3 · 4 · 5 · 6 · 7 · 8 · 9 · 10 · 11 · 12 · 13 · 14 · 15 · 16 · 17 · 18 · 19 · 20 · 21 · 22 · 23 · 24 · 25 · 26 · 27 · 28 · 29 · 30 · 31

32 · 33 · 34 · 35 · 36 · 37 · 38 · 39 · 40 · 41 · 42 · 43 · 44 · 4546 · 47 · 48 · 49 · 50 · 51 · 52 · 53 · 54 · 55 · 56 · 57 · 58 · 59 · 60 · 61
62 ·
63 · 64 · 65 · 66 · 67 · 68 · 69 · 70 · 71 · 72 · 73 · 74 · 75 · 76 · 77 · 78 · 79 · 8081 · 82 · 83 · 84 · 85 · 86 · 87 · 88 · 89 · 90 · 91
92 ·
93 · 94 · 95 · 96 · 97 · 98 · 99 · 100 · 101 · 102 · 103 · 104 · 105 · 106 · 107 · 108 · 109 · 110 · 111 · 112 · 113 · 114