بەلكىم ئەتە چىقمايدۇ قۇياش
كۆرۈنۈش
بەلكىم ئەتە چىقمايدۇ قۇياش
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
قۇشقا بەرگەن قاناتنى خۇدا
بەردى مېنىڭ خىياللىرىمغا
ئۆلۈپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر
ناخشىلاردا ياشايدۇ قىزغىن.
ياشاۋاتقان سانسىز كىشىلەر
تۇغۇلمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئېھ!
ماشىنا يوق شەھەر نەدىسەن،
قەيەردىسەن ئايال كىلىچەك؟
خازان قىلىپ سانسىز باھارنى
گۈل قېتىغا پالاندىن يۈرەك.
قەيەردىسەن يارنىڭ كۈلكىسى،
قەيەردىسەن قۇياش پاتماس جاي؟
قەيەردىسەن تۈڭلۈك ئالدىدا
يىغلاۋاتقان مۇھەببەتلىك ئاي؟!...
مەن قەيەرگە كېتىۋاتىمەن
ياستۇقتىكى چەكسىز دېڭىزدا
قولۋىقىمنى ھەيدەپ يېگانە؟
بەلكىم ئەتە چىقمايدۇ قۇياش،
بەلكىم قۇياشقا كەينىمنى قىلىپ
تۆكۈۋاتىمەن ئاچچىق - ئاچچىق ياش!
2008 - يىل 9 - ماي. خوتەن
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: «بەرگى خازان»، 1-، 2-بەت