تارىختا29- سىنتەبىر

ئورنى Wikipedia

2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى ياپونىيىدە تەشكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 13 تىرىليون ياپونىيە يىنىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى بولۇپ قالغان . 2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا چوڭ شەھەرلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا «بېيجىڭ خىتابنامىسى» ماقۇللانغان. يىغىنغا قاتناشقانلار 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان پەيتتە، ئەزا شەھەرلەر قول تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ پارلاق كەلگۈسى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەرنىڭ دوستلۇقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن. 1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 994-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ھايتىغا قاراتقان جازانى بىكار قىلغان. بۇ قارار 13 دۆلەتنىڭ قۇۋۋەتلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان، روسىيە بىلەن برازىلىيە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن . 1972- يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىز ياپونىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خىروشوف سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغان. ماۋ زېدۇڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە زىياپەت بەرگەن.Big text