Jump to content

تارىختىن ئۆچۈرۈلۈش خەۋپى

ئورنى Wikipedia

تارىختىن ئۆچۈرۈلۈش خەۋپى

ئوچۇقلاش ئېغىر كەلگەندە، جاۋابىدىن بىئاراملىق تۇيۇلغاندا تاساددىپىيلىققا دۆڭگەش بىلەن ئىشنىڭ ئارقىسىدىكى غەرەزلەرنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنىلا ئەمەس، ماھىيىتىگىمۇ كۆز تاشلاش پىكىر ئادەملىرىنىڭ ئورتاق خاسلىقلىرىدىن بىرى.

ئېيتىلغىنىدەك، قەدىمىي مۇقەددەس جايلارنى يوق قىلىۋېتىش تارىخنى يوق قىلىش ئوپىراتسىيەسىدۇر. قەدىمىي يادىكارلىقلار، بولۇپمۇ ئىبادەت مەركەزلىرىنى يوقىتىش ئارقىسىدا دىنغا بولغان ئەسەبىي ئۆچمەنلىك ۋە سىياسىي مەقسەت يۇشۇرۇنغانلىقى بۈگۈنكى رېئاللىقتا ئىشەنمەسلىككە يول قالمىغۇدەك دەرىجىدە تەكرار ۋە تەكرار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. لېكىن كۆزلەر ھېلىھەم كۆرمەسلىككە تىرىشىلماقتا. غەربتە ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى دىنسىز ۋە سېكولار كۈچلەرنىڭ ئۆز جۇغراپىيەسىدە ئەسىرلەر بويى يىلتىز تارتىپ كەلگەن دىنىنىڭ «مۇقەددەس» بىلىنىدىغان جايلىرىنى خاراب قىلىش ۋە بۇنى «تاساددىپىيلىق» دېگەن نام بىلەن يىغىشتۈرۇشقا ئۇرۇنۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇنداق بىر رەزىللىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە تۇشۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى تەھلىل قىلىنىۋاتىدۇ. مېدىيا نېمىنى دېسە شۇنى راست دەيدىغان ئاددىي تاماشىبىن ئېڭىمىز بۇنى يىراق سانىشى مۇمكىن. لېكىن بىز شەرقتىكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ، دىنىي مىراسلىرىمىزنىڭ نەمۇنىسى بولغان قەدىمىي مەسچىت ۋە جامەلىرىمىزنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئارقىسىدا زېمىنلىرىمىزنى يۇتىۋىلىش غەرزى بىلەن تەڭ كوممۇنىزم دىنسزلىق ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تايانچ ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايمىز. نەتىجە جەھەتتىن غەرب ۋە شەرقتىكى قەدىمىي جايلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى ئارقىسىدا ماتېرىيالىزملىقتىن ئىبارەت ئۇل ئىدىيە مەركەز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. ئەجەبلىنەرلىك يېرى غەرپتىكى پەردە ئارقىسى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىشلار «تاساددىپىيلىق» بىلەن يېپىپ قويۇلغان بولسا، شەرقتىكى بۇزغۇنچىلىقلار ئىس-تۈتەكسىز تۇيدۇرۇلماي داۋاملاشتۇرۇلماقتا. نېمە ئۈچۈن؟

بەلكىم تۆۋەندىكى «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ 600 يىللىق جامەلىرىغا دىققەت قىلىنمايدۇ، چېركاۋ مەسىلىسى بۇنچە غۇلغۇلا قىلىنىپ كەتتى» دېگەن مەزمۇندىكى سوئاللارنى تاشلاپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى تەھلىللەر بىزگە بۇ تېمىغا دائىر بەزى ئىشارەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن:

https://www.youtube.com/watch?v=RDFmzXtC0Eo

يازار: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى