تارىخنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟

ئورنى Wikipedia

ئابدۇللا قاسىم

بۇ سوئالنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك بىر جاۋابى يوق، قايسى نۇقتىدىن چىقىش، نېمىنى ئۆلچەم قىلىش، ھەتتا ئويلانغۇچىنىڭ قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئېرىشىدىغان جاۋابىمىزمۇ ھەر خىل بولىدۇ. تارىخ بەرىبىر ئۆتۈپ كەتكەن بىر دەۋر، ئۇ تەكرارلانمايدۇ، تارىختا بەرپا قىلغان سەلتەنەت، قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرنى كۆشەپ يېتىشنىڭ بۈگۈنىمىز ياكى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوق دېگەندەك قارىماققا توغرىدەك بىلىنىدىغان، ئەمما چوڭقۇرراق مۇلاھىزىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان يەڭگىل يەكۈنلەرنى جىق ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. بەلكىم يېقىنقى يىللاردا ۋەتەندە نەشر قىلىنغان تارىخىي رومانلارنىڭ كۆپلىكى، شۇنىڭغا ماس ھالدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي رومان ئوقۇش قىزغىنلىقى بەلكىم مۇشۇنداق خۇلاسىلەرگە سەۋەپ بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل يەكۈنلەرنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ بېقىش ئۈچۈن مېنىڭچە مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ: ئۇنداقتا مانا مۇشۇ نەشىر قىلىنغان تارىخىي رومانلار ۋە بۇ تارىخىي رومان ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇيغۇرلاردا يېتەرلىك تارىخىي ئاڭ شەكىللەندۈرەلىدىمۇ؟ ياكى بىر مىللەتنىڭ تارىخىي ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە پەقەت تارىخىي رومانلارلا يېتەرلىكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ سوئاللارغا دەرھاللا ھەئە دېيىش قىيىن، ھەتتا ھەئە دېيىشنىڭ ئۆزى خاتا. ئۇزاق تارىخىمىزنى قويۇپ تۇرۇپ، يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخىمىزنى يۈزەكى ۋاراقلاپ باقساقمۇ، بۇرۇنقىلار سادىر قىلغان نۇرغۇن خاتالىقلارنى كېيىنكىلەرنىڭ شۇ پېتى تەكرارلىغانلىغىدەك ھەم ئېچىنىشلىق، ھەم كۈلكىلىك ھەم مەسخىرىلىك مىساللارنى نۇرغۇن ئۇچرىتالايمىز. ھېلىھەم بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزمۇ شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. تارىخىي ئاڭ دېگىنىمىز سەل ئابستراكىت بىلىنىشى مۇمكىن، ئاددىي ئېيتقاندا، تارىخىي ئاڭ دېگىنىمىز بىزنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىمىزدىن توغرا تەجرىبە- ساۋاق يەكۈنلەش،رېئاللىقىمىزدا تەدبىقلاش شۇنداقلا بۈگۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىز مەسىلىلىرىنى شۇ تەجرىبە- ساۋاقلار ئاساسىدا كۆزىتىش ئىقتىدارىمىزنى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇنداق تارىخىي ئاڭ بىزگە سىياسىي ستراتېگىيەلەرنى چۈشىنىش، بەلگىلەش شۇنداقلا، ستراتېگىيەلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان باسقۇچلۇق پىلان- تاكتىكىلارنى پىلانلاش- ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۈرىدۇ، ستراتىگىيەلىك تەپەككۇرنى كەڭ ئارقا كۆرۈنۈش ۋە مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى ستراتېگىيەچى بولۇشى ناتايىن، ئەمما ستراتېگىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى تارىخنى ئوقۇغان بولىدۇ. كىچىك بۇش ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئوتتۇرا شەرق تارىخچىلىرىدىن بىرى بېرنارد لۇيىس ئىدى.

تۆۋەندە بىز تارىخ ئوقۇشنىڭ زادى قانداق ئەمەلىي قىممەتلىرى بارلىقى ھەققىدە بىرلىكتە مۇلاھىزىگە چۆكۈپ باقايلى.

بىرەيلەن بىر غەلىتە كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى ھوشۇقىدىن كۆكۈرۈپ قېلىشقا باشلاپتۇ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە دەرھال كېسىۋەتمىسە، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا تارقىلىپ، جانغا خەۋپ ئەكىلىدىكەن. بىمار ئامالسىز قوشۇلۇپتۇ. ئەمما كېسەللىك ۋىرۇسلىرى بەكمۇ تېز تارقىلىشچان بولغاچقا، ئاللىبۇرۇن تىزىغا تارقاپ بولغانىكەن، دوختۇرلار يەنە كېسىشنى تەۋسىيە قىپتۇ، بىمار يەنە ئامالسىز قوشۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىمارنىڭ ئوڭ پاچىقى تولۇپ كېسىپ تاشلىنىپتۇ. كېسەللىك بىر مەزگىل كونترول قىلىنىپتۇ، ئەمما ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتى ئۇنىڭ سول پۇتىدا كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن سول پۇتىنىمۇ كېسىۋېتىپتۇ. ئەپسۇس، ۋىرۇسنى يەنىلا تىزگىنلىگىلى بولماپتۇ. ئۇنىڭ قوللىرىمۇ يۇقۇملىنىپتۇ، ئامالسىز ئىككى بىلىكىنىمۇ كېسىۋېتىپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا سۈنئىي پۇت ۋە قول ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. سەل ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا باشلاپتۇ. دوختۇرلار ئاۋال بۆرەكنى ئالماشتۇرۇپتۇ. بىمارمۇ ھايات قېلىش ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ ئەزا ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. شۇ تەرزدە بىمارنىڭ باشتا بۆرىكى، بىر مەھەلدىن كېيىن، جىگىرى، ئاشقازىنى، ھەتتا يۈرىكى ئالماشتۇرۇلۇپتۇ. ئاخىرى ۋىرۇس تارقىلىپ بويۇنغا كەپتۇ، دوختۇر ئەمدى ئاخىرقى چارە بېشىڭىزنى ئالماشتۇرايلى، شۇندىلا ھايات قالالايسىز دەپتۇ. قىزىق يېرى، ھەممە ئەزاسىنى ئالماشتۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ كەلگەن بۇ بىمار، ئەمدى دەرھال ئالماشتۇرايلى دېيەلمەپتۇ. بەكلا ئىككىلىنىپتۇ، ئىلگىرى باشقا ئەزالىرىنى ئالماشتۇرغاندا بۇنداق ئىككىلەنمىگەن ئىكەن. ئاخىرىدا بىمار دوختۇردىن سوراپتۇ:

– بېشىمنى ئالماشتۇرساق راستىنلا ھايات قالالامدىم؟

– بۇنىڭغا چوقۇم دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن، ئەمما چوڭ ئېھتىمالدا ھايات قالىسىز.

– ئەگەر ھايات قالسام، ھايات قالغان ئادەم كىم بولىدۇ؟ مەن يەنە بۇرۇنقى مەن بولالامدىم؟

دوختۇر بۇ سوئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى پەقەت بىلەلمەپتۇ، ئۇ بۇنداق بىر سوئالنىڭ سورىلىپ قېلىشىنى پەقەت ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.

– بۇنى مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىمەن، ئەپەندىم دەپتۇ دوختۇر ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن.

– ئۇنداقتا ئالماشتۇرۇپ يۈرمەيلى، چۈنكى ھايات قالغان ئۇ ئادەم مەن ئەمەسكەنمەن دەپتۇ بىمار.

ئەمدى بىز تۆۋەندىكى سوئاللارنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى،

ئەگەر بىمارنىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ھايات قېلىش ئۈچۈن كاللىڭىزنى ئالماشتۇرامتىڭىز؟

سىزمۇ بىماردەك ئەگەر بېشىمنى ئالماشتۇرسام مەن ئۆزۈم بولماي قالىدىكەنمەنغۇ دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

نېمىشقا باشقا بارلىق ئەزالىرىنى ئالماشتۇرغاندا ئىككىلەنمىگەن ئادەم، بېشىنى ئالماشتۇرۇشقا كەلگەندە ئىككىلىنىدۇ؟

ئۇ نېمىشقا ئۆزىنىڭ <مەن>لىكىنى ئالماشتۇرۇلۇپ كەتكەن باشقا بۆرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، يۈرەكلىرىگە ئەمەس، بېشىغا باغلايدۇ؟

نېمىشقا بېشىدىن ئايرىلىپ قالسا، <ئۆز>ىدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك، ئىلگىرىكى ئۆزى بولالمايدىغاندەك، ئەمدىكى ھايات قالغان ئادەم بۇرۇنقى ئۆزى ئەمەستەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ؟ ئۇنىڭ بېشىدا زادى نېمە بار؟

تەجرىبىچىلىك پەلسەپە ئېقىمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان جون لوكنىڭ قارىشىچە ئادەملەرنىڭ بىلىمى ئۇنىڭ كەچمىش- تەجرىبىلىرىدىن كېلىدۇ، كېيىنكى ھايات كەچمىش- تەجرىبىلىرى ئۇنىڭغا يېزىلىپ، بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىدە ئەسلىمە شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئەسلىمە ئۇنىڭ كىملىكىنىڭ مەنبەسى بولىدۇ. ئەمدى بىز تۆۋەندىكى كىنونىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالايلى.

بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ھوللىۋودنىڭ جاسۇسلۇق تېمىسىدىكى داڭلىق كىنوسى < بورننىڭ كىملىكى>(Bourne Identity) ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بۇ كىنو ھازىرغىچە تۆت قىسىم ئىشلەندى، ئالدىنقى ئۈچ قىسمى ئوخشاش تېمىدىكى كىنولارنىڭ ئەڭ سەرخىلى سانىلىدۇ. بۇنىڭدا خاتىرىسىنى يوقاتقان بىر دەرىجىدىن تاشقىرى جاسۇسنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىزدەش داۋامىدىكى كەچمىشلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ. باش پېرسۇناژ جېيسن بورن ئەسلىدە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇتلەق مەخپىي پىلانلىغان بىر پروگراممىسىدا يېتىشتۈرۈلگەن پەۋقۇلئاددە ئالاھىدە خادىملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى. بۇلار مەخسۇس دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخلارنى يۇلۇشقا مەسئۇل. پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك ئۇلارنىڭ ئەزالىرى بار، ئۇلار شۇ يەرلەردە ئوقۇغۇچى دېگەندەك يالغان سالاھىيەت بىلەن ۋەزىپە بېجىرىدۇ. كىنونىڭ بېشىدىلا بورن ئىتالىيىنىڭ بىر دېڭىز قولتۇقىدا لەيلەپ قالغان يەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ، ئۇ ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيدۇ، ئۇ ئوقتىن يارىلانغان ياكى ۋە سۇدا ئۇزاق تۇرۇپ قالغانلىقتىنمۇ، ئىشقىلىپ خاتىرىسىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدە بار كىچىككىنە يىپ ئۇچى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، كىنو ۋەقەلىكى مۇشۇنى يىپ ئۇچى بويىچە راۋاجلىنىدۇ. كىنودا باشتىن ئاخىرى ئۇ كىملىكىنى بىلەلمەي بەكلا بىئارام بولىدۇ، سىقىلىدۇ، روھى خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ.

داڭلىق خىتاي ئارتىسى چېڭلۇڭنىڭ < مەن كىم؟> دېگەن كىنوسىمۇ، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولسا كېرەك، بۇنىڭدىمۇ چېڭلۇڭ خاتىرىسىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىملىكىنى تېپىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلىنىدۇ.

قىسقىسى، خاتىرىسىنى يوقىتىدىغان ۋەقەلىك چىقىدىغان كىنولار بەك كۆپ، ھەممىسىدىكى ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلار خاتىرىسىنى يوقاتقاندىكىن كېيىن، ھەممىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىزتىراپقا چۈشۈپ، نېمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ئورنى، سالاھىيىتىنى بېكىتەلمەي قالىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ خاتىرىسىنى يوقىتىشتىن باشقا، سالامەتلىكى ياخشى، پۇلىسى بار، ھەتتا قولىدا بىر قانچە پاسپورتى بار، دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىن، ھۇزۇر- ھالاۋەت، خاتىرجەملىكتە ياشاش ئىمكانىيىتى بار. ئەمما، ھەممىسى مەن كىم؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ تاپمىغىچە كۆڭلى تىنمايدۇ.

بۇ كىنولارنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك مۇنداق ئورتاقلىق بار:

1- خاتىرىسىنى يوقاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق چوڭقۇر پەرىشانلىق، چەكسىز ئىزتىراپقا گرىپتار بولىدۇ. ئىنتايىن ئارامسىزلىنىدۇ، بىئارام بولىدۇ، سىقىلىدۇ.

2- ھەممىسى ھاياتنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ، نېمە قىلىشنى، قەيەرگە مېڭىشىنى بىلەلمەيدۇ، ھايات نىشانىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش كىملىكىنى تېپىش بولۇپ قالىدۇ.

3- ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئازاپلاردىن كىملىكىنى تېپىش، بۇرۇنقى ئۆزىنى بىلىش ئارقىلىق قۇتۇلماقچى بولىدۇ، خاتىرىسىز ياشاشنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

4- يەنە بىر ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىملىكىنى ئۆتمۈشىدىن ئىزدەيدۇ. مۇنداقلا دېگەندە، ئۆزىنى ئۆز كەچمىشىدىن، تارىخىدىن تاپماقچى بولىدۇ.

بۇلار بەلكىم مۇنداق سوئاللارنى تۇغدۇرىشى مۇمكىن: ئۇلار نېمىشقا ئۆز كىملىكىنى ئۆتمۈشىدىن ئىزدەيدۇ؟ ھېلىقى بىمارمۇ نېمىشقا بېشىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئۆلۈمنى ئەلا كۆرىدۇ؟ ئۇنىڭ بېشىدا ياكى مېڭىسىدە زادى نېمە بار؟

بۇ سوئالغا ئاددىي جاۋاپ بەرسەك، بىمارنىڭ مېڭىسىدە دەل ئۇنىڭ خاتىرىسى، ئەسلىمىسى بار، ئۇ يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن < مەن> بار. كىنودىكى پېرسۇناژلارغا نىسبەتەنمۇ ئۇلارنىڭ كىملىكى ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىدىن كەلگەن، ئەسلىمىسى بولغاچقىلا ئۇلار ئۆزى بولالىغان. ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسلىمىسى، خاتىرىسىنى يوقىتىشىدىن كەلگەن. شۇنداق دېيىش تامامەن مۇمكىنكى، بىزنىڭ كىملىكىمىز ماھىيەتتە ئەسلىمىمىزدىدۇر. مېنى مەن، سىزنى سىز، ئۇنى ئۇ قىلغان نەرسە، تۇغما ئىرسىي پەرقلەردىن باشقا، بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىمىزدۇر. تۇغۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق ھايات كەچمىشى جەريانىدا، بىز ئوخشىمىغان مۇناسىۋەت ۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا شۇنىڭغا ماس سالاھىيەت ئالىمىز. تۇغۇلۇپ بالا بولىمىز، مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىمىز، توي قىلساق ئەر ياكى خوتۇن بولىمىز، بالىمىز تۇغۇلسا دادا ياكى ئانا بولىمىز، يەنە خىزمىتىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ساقچى، سودىگەر، ياغاچچى، تىككۈچى ياكى دېھقان بولىمىز. ۋەتەنگە نىسبەتەن پۇقرا بولساق، بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن دادا- ئانا، ئىدارىمىزغا نىسبەتەن خىزمەتچى ياكى باشلىق بولىمىز. مانا مۇشۇ سالاھىيەت- كىملىكلىرىمىزنى تۇيۇقسىز ئۇنتۇپ كەتسەكچۇ؟ مەن مەن بولالامدىم؟ سىز سىز بولالامسىز؟ بۇ تەسەۋۋۇردىن بىز نېمىلەرنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن؟

ئادەمنى مەھرۇم قېلىشى تۈپەيلىدىن شۇنچە ئازاپقا مۇپتىلا قىلغان كىملىك شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسى، قىممىتى، نىشانى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، تېخىمۇ ئاددىي ئېيتقاندا، كىملىكى ئېنىق بولمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ماڭىدىغان يۆنىلىشىنىمۇ، ئىنتىلىدىغان نىشانىنىمۇ ئېنىق بېكىتەلمەيدۇ- دە، تەبىئىيلا نېمە ئىش قىلىشىنىمۇ بىلەلمەيدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر كىملىك بىر قاتار ھەرىكەتلەر بىلەن باغلانغان بولىدۇ، ھەر قانداق كىملىكنىڭ مۇئەييەن ۋە مۇقەررەر تەلەپ- تەقەززالىرى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ دوختۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئۇنىڭ كېسەل داۋالاشنى بىلىدىغانلىقى ۋە كېسەل داۋالايدىغانلىقى( يەنى بىلىش ۋە ھەرىكەت)نىمۇ ئېتىراپ قىلغىنىمىزدۇر. بىز بىراۋنىڭ مەلۇم سالاھىيىتىنى ياكى كىملىكىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ شۇنىڭغا لايىق ھەرىكەتتە بولۇشىنى كۈتكەن بولىمىز، ناۋادا ئۇ سالاھىيىتىگە لايىق ئىش قىلمىسا- دوختۇر كېسەل داۋالىمىسا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمىسە، شوپۇر ماشىنا ھەيدىمىسە- ئۇنىڭ سالاھىيىتى ھەقىقىي سالاھىيەت بولماي قالىدۇ. كىملىك بىلەن ھەرىكىتىنىڭ ماس كەلمەسلىكى ئادەمدە دائىم سىقىلىش پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئادەم كىملىكىنىڭ تەلىپىگە لايىق ياشىيالىسا، ئۇ راھەت ھېس قىلسا، تەلىپىگە لايىق ياشىيالمىسا، يەنى كىملىكىگە زىت ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولسا، ئۆزى خالاپ قىلسا، ئۇنىڭ ھاياتى روھىي بىئاراملىقتىن، ئازاپتىن قۇتۇلالمايدۇ.

بىز بۇنى ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن باغلاپ ئويلىنىپ باقساقمۇ شۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشىمىز، يەنى، بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ ئېلان ۋە ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىمىزدا، بىر مۇسۇلماننىڭ كىملىكى تەقەززا قىلىدىغان، ئۇنى مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان بىر يۈرۈش ئىش- ئەمەللەرنى قىلىشنىمۇ تەڭ ئېلان قىلغان بولىمىز. چۈنكى باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك ھەر قانداق كىملىك شۇ كىملىكنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھەرىكەتلەرنى تەقەززا قىلىدۇ. بىر ئادەم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى دەۋا قىلىدۇيۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلىقىغا زىت قىلىقلارنى قىلسا، ئۇنىڭ كىملىكى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمىغان بولىدۇ- دە، بۇ خىل بىردەكسىزلىك ئۇنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ.

دېمەك، كىملىك بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىرلىكى مەزكۇر كىملىكنىڭ ئىچكى تەقەززاسى ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش- ئۆتكۈزەلمەسلىكى، نىشانىنى تېپىش تاپالماسلىقى ئۇنىڭ ئۆز كىملىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقى ۋە بۇ كىملىكىگە بولغان ساداقىتىنىڭ قانچىلىك چىنلىقىغا باغلىق. كىملىكنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلىشنى يېتەرلىك دەپ قارايمەن.

بەلكىم بىز يۇقارقى بايانلارنىڭ تارىخ بىلەن نېمە ئالاقىسى بار دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن، بىر شەخس ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ھېساپلانغان شۇ كىملىكنى بىر مىللەتكە تەدبىقلاپ ئويلاپ باقساقچۇ؟ شەخس ئۈچۈن مۇھىم ھېساپلانغان كىملىك، مىللەت ئۈچۈنمۇ شۇنداق مۇھىممۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالغا ھېچكىم مۇھىم ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرمىسە كېرەك. ئۇنداقتا شەخسنىڭ كىملىكى ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدىن كەلسە، كەچمىشىنى مەنبە قىلسا، ئۇ ھالدا، مىللەتنىڭ كىملىكىچۇ؟ مېنىڭچە ئۇنىڭ جاۋابى تارىخ. مىللەتنىڭ كىملىكىمۇ ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىدە، يەنى ئۇلارنىڭ تارىخىدا. خاتىرىسىنى ئۇنۇتقان ئادەم، كىملىكىنى يوقاتقىنىدەك، تارىخىنى ئۇنۇتقان مىللەتمۇ ئوخشاشلا كىملىك كىرىزىسىگە مۇپتىلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى شەخسكە نېمىدىن دېرەك بەرگەن بولسا، مىللەت ئۈچۈنمۇ شۇنىڭدىن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ. مىللەتنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ. تارىخىدىن يىراقلىشىش، تارىخىنى ئۆگەنمەسلىك ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن يىراقلىشىشتۇر. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، پۈتۈن مىللەتتە يۆنىلىشىنى تاپالماسلىقتەك كوللېكتىپ كورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەمدى تارىخ ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە يەنە بىر نۇقتىدىن نەزەر سالايلى. خىتايلارنىڭ كلاسسىك ھەربىي ستراتېگىيە ئەسىرى < سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى> دا، < ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەندە ھەر قانداق جەڭدە يېڭىسەن>دەيدىغان بىر مەشھۇر سۆز بار. ئەمما ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزگىنى بىلىش ئېيتىلغىنىدەك ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس. بىز بىر مىللەتنى چۈشىنىشنى قويۇپ تۇرۇپ، بىر يەككە ئادەمنى چۈشىنىش ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى. بىز دائىم كىنولاردا بولۇپمۇ، رازۋېتكا، جىنايەت كىنولىرىدا مۇنداق كۆرۈنۈشنى دائىم ئۇچرىتىمىز. جىنايەت گۇماندارى بېكىتىلگەندىن كېيىن، باش رازۋېتچىك دەرھال باشتىلا ئۇنىڭ ئارخىپىنى سورايدۇ، يەنى، ئۇ نەدە تۇغۇلغان؟ نەدە ئوقۇغان؟ ئوقۇغاندا نېمىلەرنى قىلغان؟ نەدە ئىشلىگەن؟ ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغانمۇ يوق؟ ھەتتا خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟ دېگەنلەرنى ئاۋال ئېنىقلايدۇ. ھەممىمىز بىلىمىزكى، بۇلارنى ئېنىقلاشتىن مەقسەت، گۇماندارنى توغرا چۈشىنىش ۋە شۇ ئاساستا ئۇنىڭ شۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقى ياكى سادىر قىلىش ئېھتىماللىقىنى بېكىتىشتۇر. ناۋادا رازۋېتچىك قانچە گۇماندارنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە قانچە كۆپ ۋە توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشەلىسە، دېلونى پاش قىلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ ئارخىپى، باشقىچە ئېيتقاندا تارىخى شۇ ئادەمنى چۈشىنىشنىڭ نۇرغۇنلىغان يىپ ئۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. شۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن بىز بىر ئادەمنىڭ قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىش- ھەرىكەتلىرىنى پەرەز قىلىمىز. ئېرىشكەن يىپ ئۇچىمىز قانچە جىق بولسا ۋە ئۇنى توغرا ئانالىز قىلالىساق، پەرىزىمىز شۇنچە توغرا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى بىلىۋالىمىز.

ئەمەلىيەتتە ئارخىپ ئۇقۇمى ھېچقايسىمىزغا يات ئەمەس، بىز مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، تاكى خىزمەتكە چىققانغا قەدەر ۋە چىققاندىن كېيىنمۇ، سانسىز ئانكىت- جەدۋەللەرنى توشقۇزىمىز، ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارخىپىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلەر مۇھىم ئورۇنغا تىزغان ئىشلارنىڭ بىرى. شەخسلەرنى ئارخىپلاشتۇرۇش دۆلەتنى، شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىدارە قىلىشنى قولايلاشتۇرىدۇ، دۆلەت- شىركەتلەرنىڭ سىتراتېگىيە- سىياسەتلىرىنىڭ ھۇلىنى تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر شەخسنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ ئارخىپىغا مۇراجىئەت قىلساق، ئۇنداقتا بىرەر مىللەت ياكى دۆلەتنى چۈشىنىشتىچۇ؟ ئۇنىڭ تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىمىز. شۇڭلاشقا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ياكى تەتقىقات مەركەزلىرىدە باشقا دۆلەت- ئەللەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس ئاكادېمىك تەتقىقات ئورگانلىرى بولىدۇ، ئۇ ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرى شۇ پەننىڭ بوشلۇقىنى تولۇقلاش فۇنكىسىيىسىنى ئادا قىلىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى شۇ دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تەمىنلەيدۇ. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يا ھەمكارلىشىش يا رىقابەت ۋە ياكى يامان بولغاندا ئۇرۇش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، <ئۆزگىنى چۈشىنىش> ھەممە تەرەپلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ، قايسى تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ياخشىراق چۈشەنسە بۇ مۇناسىۋەتتىن شۇلار چوڭراق مەنپەئەت ئالىدۇ ياكى رەقىبىدىن ئۈستۈن كېلەلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سىياسىتى توغرا بىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغاچقا، غالىپ كېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، قارشى تەرەپنىڭ تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەر مەخسۇس مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم تۈر ھېساپلىنىدۇ.

تارىخ ئوقۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم پايدىسى ئۇ مىللەتلەرنى ئۆزى ھەققىدە سوغۇققان ئويلىنىش، ئۆزىنى سالماق دەڭسەش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىر شەخسنىڭ ئۆزىنى بىلىشى نوقۇل ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ناۋادا بۇ بىلىش مۇشۇ يەك مەنبەلىك ئۇچۇرنىلا ئاساس قىلسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىشى كەمتۈك ، ھەتتا خاتا بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئىنسان بىر ئىجتىمائىي مەخلۇقكى، ئۇنىڭ ياشاش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئۆزىنىڭ ئورنى، قىممىتىنى مۇئەييەن توپ ئىچىدىن ئىزدەيدۇ ۋە دەڭسەيدۇ. توغرا دەڭسەش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ بىلىشكە مۇھتاج. ناۋادا بۈگۈنكى دەرىجىسىنى پەقەت تۈنۈگۈنىگىلا سېلىشتۇرۇپ خۇلاسە چىقارسا، بەلكىم ئۆزىنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىلگىرىلىگەندەك ھېس قىلىپ، دەرھال مەمنۇنلۇق ھېسلىرىدا ئۆزىنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى باشقا تەڭتۈشلىرىگە سېلىشتۇرۇپ ئويلانغىنىدا خۇلاسىسى چوقۇم باشقىچە بولىدۇ. ئۇنداق ئاسان مەمنۇنلۇق، مەغرۇرلۇققا چۆكۈپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ خىل سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇ مۇئەييەن توپ ئىچىدە زادى قانداقراق ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئورنىنى دەڭسىشى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تارىخ ئوقۇش ئارقىلىق بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئورنى، ۋەزنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، مۇشۇنداق بولغاندىلا بۈگۈنىمىز، كەلگۈسىمىزگە ئالاقىدار توغرا ستراتېگىيەلىك قارارلارنى چىقىرالايمىز. ئىنسانلارنىڭ توغرا تاللىشى ئۆزىنى توغرا تونۇشى، دەڭسىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئۆزىنى توغرا دەڭسىيەلمىگەن بىر شەخس بەلكىم كەسپ، ئورۇن، ۋەزىپە تاللىغاندا دائىم توغرا قارار چىقىرالمايدۇ. ئۆزىنى يا بەك قالتىس چاغلاپ قالىدۇ، ياكى ئۆزىنى ھېچنىمە قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. ئوخشاشلا مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى دەڭسىشىمۇ سېلىشتۇرما خۇلا سە ئارقىلىق ئوبېكتىپلىققا يېقىنلىيالايدۇ، بۇنىڭغا تارىخ ئوقۇش، ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەلەيدۇ. يەنى، تارىخ بىزنى دەرەخنى كۆرگەندە ئورماننىمۇ كۆرۈش، ئورماننى كۆرگەندە دەرەخنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئاخىرىدا توختىلىدىغىنىمىز بولسا، تارىختىن ساۋاق ئېلىش ھەققىدە بولىدۇ. تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش، ساۋاقلارنى خۇلاسىلەش، تارىخ ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسەتلىرى ۋە ئەقەللىي تەلەپلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇنى زىيادە زىغىرلاشنىڭ ئورنى يوق. قۇرئاننى ئوقۇپ باققانلارغا ئايانكى، قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكى ئۈممەت، مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تارىخىي قىسسىلىرى بايان قىلىنغان، ھەتتا بۇ قىسسىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ھەجمى ئەھكام ئايەتلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئاللاھتائالا شۇ قىسسىلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن دائىم ئاخىرىدا < بۇ سىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن…> دەپ قىسسىلەرنى بايان قىلىشتىكى مەقسىدىنى سەمىمىزگە سالىدۇ.

< كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدا ساڭا ھەقىقەت كەلدى، مۇئمىنلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەر باردۇر>. ھۇد 123- ئايەت

<

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ ماھىيەتتە بىزنى تارىخنى ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ: < مۇئمىن بىر تۆشۈكتىن ئىككى قېتىم چېقىلمايدۇ>. يەنى بىر قېتىم سادىر قىلغان خاتالىقنى يەنە بىر قېتىم سادىر قىلمايدۇ. ئىنسان ئالدىنقى خاتالىقىنى يەنە تەكرارلىماسلىقى ئۈچۈن چوقۇم بىرىنچىدىن، ئۇ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، ئەگەر چىن ئېتىراپ قىلمىسا يەنە تەكرارلىشى شەكسىز. ئىككىنچىدىن، ئۇ خاتالىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇنتۇپ قالسىمۇ يەنىلا تەكرارلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن شۇ خاتالىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى كېرەك. ناۋادا ئۇنداق بولمىغاندا، خاتالىقنى يەڭگىل چاغلاپ قېلىپ يەنە سادىر قىلىدۇ. بىر ئادەم تەجرىبە- ساۋاق يەكۈنلەش ئۈچۈن، چوقۇم ھەممىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرنىغا يەپ بېقىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەقىللىق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ساۋاقلىرىدىن دەرس ئېلىشنى بىلىدۇ. بىر قېتىم چېقىلغان تۆشۈكتىن يەنە بىر قېتىم چېقىلماسلىق ئۈچۈن، دادىمىزنىڭ شۇ كاتەكتىن چېقىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا كۇپايە، چوقۇم ئەمدى يىلان يوقمىكىن دەپ قولىمىزنى يەنە تىقىپ بېقىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كاتەكنى ئورنىنى، ئىچىدە قانداق زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇلارنى بىزگە تارىخ ئۆگىتىدۇ.

تارىخىي ئەسەرلەرنى ئىنچىكە نەزەر بىلەن مۇتالىئە قىلغىنىمىزدا، بىز جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ، شۇنداقلا قانۇنىيەت سىرتىدا سانسىزلىغان تەسادىپىيلىقلارغا تولغانلىقىنىمۇ تەڭ بايقايمىز. قانۇنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزگە ئاساسلانغىلى بولىدىغان ئەندىزە، ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان مودېللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مانا بۇ ئەندىزە- مودىللار بىز ئۈچۈن كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىقىمىزنى چۈشىنىشنىڭ سېلىشتۇرما ئاساسى، شۇنداقلا كەلگۈسىمىزنى پەرەز قىلىشىمىزنىڭمۇ دەسسەش نۇقتىسى بولالايدۇ.

ئاللاھتائالامۇ قۇرئان كەرىمدە مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش ۋە ھالاكىتىدىمۇ دەل مۇشۇنداق ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىزگە نۇرغۇن ئايەتلەر ئارقىلىق بىلدۈرگەن، بولۇپ تۆۋەندىكى ئايەت شۇلاردىن پەقەت بىرىدۇر: <ئاللاھ بىر قەۋمنى ئۇلار ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ> رەئىد 11- ئايەت. يەنى، ئاللاھ مەزكۇر ئايەتتە بىر قەۋمنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. سەھىپە ئېتىبارى بىلەن بۇ ئايەت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر توختىلالمايمىز. قىسقىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھتائالا كېچە- كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، پەسىللەرنىڭ نۆۋەتلىشىشى دېگەندەك تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنىلا بايان قىلماستىن، يەنە مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتىنىڭ سەۋەپ- نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنىمۇ بايان قىلغان. قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە قوللىنىغان سۈننەت ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى فىقھى مەنىدىكى سۈننەت بولماستىن، بەلكى قانۇنىيەت مەنىسىدىدۇر. < (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىلە- مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىلە- مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىلە- مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان(ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ ( مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ كۆرمەيسەن>. فاتىر 43- ئايەت. يۇقارقى ئايەتتىكى سۈننەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسى دەل قانۇنىيەت مەنىسىدىدۇركى، قانۇنىيەت دېگىنىمىز شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىدە خىلاپلىق قىلىنسا بولمايدىغان قائىدىلەر يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر. ھەر قانداق مەغلۇبىيەت ماھىيەتتە ئالاقىدار قانۇنىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، خىلاپلىق قىلىش بولسا، ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلمەسلىكتىن، ھەرىكەت ئاساسى قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز تېخى قۇرئان كەرىمدىكى ئۆتمۈش ئۈممەتلىرى قىسسىلىرىنى يېتەرلىك تەتقىق قىلمىدۇق.

قىسقىسى، ئەۋلاتلار ئەجداتلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى قايتا سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قاچان؟ قەيەردە؟ نېمە سەۋەپتىن ئۇ خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ناۋادا بىلمىسە، ئوخشاش خاتالىق بوۋىدىن دادىغا، دادىدىن بالىغا، ھەتتا نەۋرىگە قەدەر مىراس قېلىشى مۇمكىن. دېمەك، ئەۋلاتلار ئەجداتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىلا ئەمەس، خاتالىقلىرىنىمۇ ئوبدان تەتقىق قىلغاندا، ئۆگەنگەندە، ئاندىن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرارلاپ تاشلاشتىن ساقلىنالايدۇ. مانا مۇشۇ خاتالىقلارنى بىلىش، ماھىيەتتە تارىخ ئۆگىنىش ئارقىلىقلا ئاندىن قولغا كېلىدۇ.

مەنبە: مەرىپەت ژۇرنىلىنىڭ 2018 – يىللىق 1 – سانى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى