Jump to content

تارىخىمىزدا ئۇنتۇلماس بىر يىل

ئورنى Wikipedia

تارىخىمىزدا ئۇنتۇلماس بىر يىل

ئاجىز ۋە مەزلۇم بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي پايدا – زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ بولالمىغان، ئويغانسىمۇ كۆزىنى ئېچىپ بولالمىغان زامانلاردا، ئارزۇلاۋاتقان ھۈرلۈككە، ئازادلىققا ئېرىشەلمەي كەتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن پايدا – زىيانلىق نۇقتىلارنى بىلەلەيدىغانلار بولىدۇ. ياكى ئۇلار مەلۇم بىر گۇرۇھ سۈپىتىدە شۇ نۇقتىلارنى ئۆز خەلقىگە ئاز ۋاقىتتا بولسىمۇ چۈشىنىۋېلىش پۇرسىتىنى سۇنىدۇ. مانا مۇشۇنداق زامانلارنى شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدىكى بۈيۈك بىر غەنىيمەت دېسە بولىدۇ.

گەرچە باشقا جەھەتلەردە خەلقىمىزگە ئانچە چوڭ خىزمەت قىلالمىغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ نۇقتىدا ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى سۇندۇق. خەلقىمىز تاكى بۈگۈنگە قەدەر نادانلىق ۋە غەپلەت ئىچىدە ياتقانلىقتىن ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆز مىللىتىنى ئۇنۇتقان، مىللىي مەنپەئەت دېگەن نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن، ھەركىم ھەر يولغا باشلىسا، پايدا – زىياننى دەڭسىمەيلا ئەگىشىپ كېتىۋىرىدىغان بىر ئەھۋالدا ئىدى.

بولۇپمۇ، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان مىللىي روھتىن خەلقىمىز بىخەۋەر ئىدى.

بىز ئۆتكەن بىر ئىككى يىل ئىچىدە ئۆز مىللىتىنى تونىماي كەلگەن خەلقىمىزگە: «سېنىڭ مىللىتىڭ تۈرك، سەن دۇنيادا تىرىك تۇرۇۋاتقان تۈرك خەلقىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەننى بىلدۈردۇق. ۋەتىنىنى بىلمەي كەلگەن خەلقىمىزگە: «سېنىڭ ۋەتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، سەن ياشىغان جاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتكۈل تۈرك ئالىمىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن بىلىمنى بەردۇق.

«بىز مۇشۇنداق يارىتىلغان، باشقىلار ھاكىم مىللەت، بىز بولساق مەھكۇم مىللەتمىز»، دەپ كەلگەن خەلقىمىزگە: «ياق، سەن يارىتىلىشىڭدا مەھكۇم بولۇپ يارىتىلمىغان ئىدىڭ، ئاتا – بوۋاڭ دۇنيانى تىترىتىپ ئۆتكەن ئىدى، بۈگۈنكى مەھكۇملۇقۇڭ جاھالەتتە قالغانلىقىڭ تۈپەيلى بولىۋاتىدۇ» دېگەن تەسىرنى بەردۇق.

بۇنىڭ سىرتىدا ئومۇمغا خۇلاسە تەرىقىدە «خەلقىمىزنىڭ بىردىنبىر يولى مىللەتچىلىكتە. خەلقىمىزنى ئازاد قىلىدىغان كۈچ مىللەتچىلىكتە، خەلقىمىزنى دۇنيادا بىر مىللەت قىلىپ ياشىتالايدىغان كۈچ مىللەتچىلىكتۇر» دېگەن تەلىماتنى ئۈگەتتۇق. گېزىتىمىزنىڭ شوئارى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ شوئارى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن «ئىرقىمىز تۈركتۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر، مىللىتىمىز تۈركتۇر، بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز» دېگەن بۈيۈك شوئارنى ئوتتۇرىغا تاشلىدۇق. بۇ چۈشەنچە ۋە بۇ شوئار ئۆلكىمىزنىڭ پۈتكۈل بۇرجەكلىرىگە قەدەر تارقالدى. خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىگە چىڭ ئورنىدى.

بىز بۈگۈن ئاجىزلىقىمىز، ئىقتىسادسىزلىقىمىزغا قارىماي، يەنە كېلىپ بىرقانچە تەرەپتىن مۇھىتنىڭ قىستىشىغا قارىماي، پۈتكۈل كۈچىمىزنى مۇشۇ يولغا سەرپ قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ناھايىتىمۇ چوڭ نوپۇز قازاندۇق. كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن زور كاپالەتكە ئېرىشتۇق. بىزنى ھىمايە قىلغۇچىلار، بۇ يولنى توغرا تاپقۇچىلار بارغانچە كۆپەيدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بوھران يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، خەلق ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئالدىراپ ئۇنداق بوھرانلارغا بېرىلىپ كەتمەيدۇ. (خەلقىمىز ھازىر) يۈرىكىدە ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى مۇھاپىزەت قىلالايدىغان، ياخشى ئىشنى ياخشى، دەپ بىلىدىغان، يامان ئىشنى يامان، دەپ سېزىۋالالايدىغان بىر سەۋىيەگە يېتىپ قالدى. 300 يىلدىن بۇيان بۇ قەدەر بىر ئاڭغا، بىلىمگە ئىگە بولالماي كەلگەن خەلقىمىز ئۈچۈن بۇ ئۇتۇق ئادەتتىكى ئۇتۇق ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇتۇق ۋە بۇ شۆھرەتكە ئىگە بولغان مىللەتچىلەر گۇرۇھى يەنىمۇ ئىلھام ئېلىپ خىزمەتكە تېخىمۇ غەيرەت بىلەن كىرىشكۈسى. بۇرۇن يالغۇزلۇق تارتقان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمدە مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نوپۇزىغا تايىنىپ خەلققە تېخىمۇ كۆپ بىلىم بېرىشكە نائىل بولغۇسى.

شۇ سەۋەبتىن ئۆتكەن بۇ بىر يىلنى بىز ئۈچۈن ئۇتۇقلۇق بىر يىل، دەپ ھېسابلايمىز. ھەمدە بۇ ئۇتۇق ۋە شەرەپ ئۈچۈن بۇ يېڭى يىلنى ھەممىدىن ئارتۇق خۇرسەنلىك ئىچىدە قارشى ئالىمىز.

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 232 - سان، 1949 - يىل، 1 - يانۋار.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد