Jump to content

تارىخىي ھۆججەت: كاشغەر پىتنىچىلىرىگە مۇراجىئەت!

ئورنى Wikipedia

تارىخىي ھۆججەت: كاشغەر پىتنىچىلىرىگە مۇراجىئەت!

ئىلاۋە:

پىكىرگە، پاكىتقا بولالمىغاندا قارشى تەرەپكە قارا سۈركەش، ھەر تۈرلۈك ئاجىز نۇقتىلارنى قىدىرىپ قايمۇقتۇرغۇچى تۆھمەتلەرنى چاپلاش، دىققەتنى مەسىلىدىن بۇرىغۇچى جۇزئىي نۇقتىلارنى سۆرەپ چىقىش قاتارلىقلار  خۇپسەنلىكنىڭ، نامەردلىكنىڭ چوققىسى بولۇپ كۆرۈنمەكتە. پاكىتقا جاۋاب بېرەلمىگەندە تۈگىلىۋېلىش، سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قىستالغاندا تېنىۋېلىش، تانالمايدىغان يېرىگە كېلىپ قالغاندا بىر - بىرىگە دۆڭگەش، ئۇمۇ كار قىلمىغاندا پاكىتلىق ئىشلارنى بۇرمىلاش، ئۇمۇ ئاقمىغاندا خىتايچە ئىش بىجىرىش قائىدىسى بويىچە چوڭنى كېچىكلىتىپ، كېچىكنى يوق قىلىپ تۈگىگەن قىلىش تاكتىكىسى بويىچە نومۇسسىزلىشىش، مەسئۇلىيەتتىن ۋە جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىشتەك بىر قاتار مەككارلىقلار كۈنىمىزدىكى قارا يۈز سىياسەتۋازلارنىڭ زىدىپەس ئەپتىنى قەدەممۇقەدەم ئەكس ئەتتۈرۈشتە قوللىنىدىغان ۋاسىتىلىرى بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدىنمۇ پاجىئەلىكى دىن ۋە دىنىي ئىلىم مىراسىدىن مەلۇم دەرىجىدە نېسىۋىلەنگەن، بولۇپمۇ مەيدان - پوزىتسىيەلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئۆزىگىلا ئەمەس، كاتتىباشلىقىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئورگان ياكى سالاھىيەتكە، كاتتىباشلىقىنى قىلىۋاتقان توپتىكى ئەزالار توپىغىمۇ چاچراپ قالىدىغان بەزى دىنىي ئوبرازلارنىڭ شاپاشلاپ كېتىشلىرى، ئىزچىل ھالدا مەزكۇر قارا يۈز سىياسەتۋازلارنىڭ دېپىنى چېلىپ كېتىشلىرى، ئۇلاردا كۆرۈلۈۋاتقان پاسسىپ ھالەتنى قۇتقۇزۇشقا يارايدىغان ئۇسۇللاردا دەستەك بولۇشلىرى، قىسقىسى شۇلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىشنى بۇرچ قىلىۋېلىشلىرى تەئەججۈپلۇققا يول ئاچماقتا، مەلۇم چەكتە ئىككىلەنگۈچىلەرنىڭ جۈرئەت كېلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇلارنىڭ خۇددى قورقۇنچلۇق كىنولاردىكى زومبىلارنىڭ پىچاق كۆتۈرۈۋېلىپ  ئەتراپتىكىلەرنى توزۇتۇشىغا ئوخشاش ئاتالمىش «پىتنە» تامغىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشلىرى، مەسىلىگە ھەر تەرەپ ئىگىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزى تەۋە توپ ياكى ساھەنىڭ ھەققانىي ساداغا جور بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرزدىكى بېشارەتلىك يازمىلارنى يېزىشتىن ئايانماسلىقلىرى مەسىلىنىڭ نوقۇل سىياسىي خىيانەت مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە مەنسۇبىيەتكە تۇتۇلغان خىيانەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىپادىلىمەكتە. مانا بۇ تۇردىكى پاجىئەلەر مەسىلىنىڭ پىتنىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھەقىقىتى ئېنىق مەسىلىنى ئەتەي پىتنە دېيىش ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرنىڭ مەسىلىنىڭ ئىچكى يۈزىنى ئۇقۇشىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكى ئورتادا. دېمەك بۇ يەردە چىقىرىلىۋاتقان تەتۈر قۇيۇننىڭ مەقسىتىنىڭ پاكىتى ۋە دەلىلى ئېنىق ئىشلارنىڭ ھەققانىي شەكىلدە بىلىنىشىگە توسالغۇ بولۇش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تۇتۇم بەلگىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئۇرۇنۇش ئۈچۈن ئورتاغا تاشلىنىۋاتقان قارىسىغا بوھتانلار، ئىغىۋالار ۋە كۆزنى يۇمۇۋېلىپ قوڭغىراق ئوغرىلاش تىپىدىكى ئىشلارنى ئۇلغايتىشلارنىڭ ھەممىسى دەل پىتنە ئۇرۇقىنى چېچىشنىڭ ئاقىۋىتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا پىتنىنىڭ دەل ئۆزىدۇر، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئېنىقلاشقان بىر مەسىلىنى پىتنە دېيىش پىنتە ئۇرۇقىنى چىچىش بولغان ئىكەن، بۇنىڭغا جان - جەھلى بىلەن ئىگە چىقىۋاتقانلار پىتنىخورلارنىڭ نەق ئۆزى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ خۇسۇستا بىزگە تارىخ ئايدىڭلاتقۇچى چىراغ مىسالى ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بەرگۈسى. ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان «كاشغەر پىتنىچىلىرىگە مۇراجىئەت!» ناملىق بۇ ماقالە بىزنى بۇ خۇسۇستا ئايدىڭلىتىش خاراكتېرىدە بولۇپ، ماقالە نۆۋەتتە بىز يولىنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقان ۋە ئىددالىرىمىزدا جار سېلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى ئۆز قولىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدىكى غايىمىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبەسى بولغان، شۇنداقلا ئىددىئاسىدىلا ئەمەس، ئەمەلىيىتىدە ئورۇنلاپ دۇنياغا مۇستەقىل بولغانلىقنى جاكارلاش بىلەن بىزگە ئۈلگە بولۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن، يەنى نەمۇنىلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغاندۇر. ماقالە خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەردە، بۇغدىيى بىلەن سامىنى ئايرىش قېيىن بولغان، بولۇپمۇ بىزنىڭ تۇرقىمىزدا كۆرۈنىدىغان، بىزنىڭ تىلىمىزدا، بىزنىڭ چىرايىمىزغا ئىگە، ئەمما روھىيىتى ۋە زېھنىيىتى پۈتۈنلەي شالغۇتلۇققا، ماڭقۇرتلۇققا ياتقىن پىتنىچىلەر ھەققىدىكى چاقىرىق بولۇپ، ماقالە ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەتچىلىك پەلسەپەسىگە، دۆلەتچىلىك ئېڭىغا ۋە مۇستەقىللىق پىرىنسىپىغا ئىگە بولغان غايىلىك ئەجدادلىرىىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پىتنىچىلىكنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىشكە زور يورۇتمىدۇر. چۈنكى ماقالىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، تار رامكىلىق يۇرتۋازلىقتىن، تار مەنىلىك قەۋمىيەتچىلىك ۋە ئىچى كاۋاك پاخال مىللەتچىلىككىچە بولغان بىر بۆلۈك تەبىقىلەر ئىزچىل ھالدا قۇرۇلغان دۆلەتنى ئىچىدىن يىمىرىشقا، نۆۋىتى كەلسە سىرتقى كۈچلەرنىڭ دەستەكلىشىگە تايىنىپمۇ بولسا قۇرۇلغاننى پۇتلاشقا، مېڭىۋاتقان دۆلەت مېخانىزمىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق يولىنى كېسىشكە ئۇرۇنغان. ئەجەبلىنەرلىكى خۇددى كۈنىمىزدىكى سىياسىي ۋە دىنىي شالغۇتلارغا ئوخشاشلا ھەر تۈرلۈك ياۋا ئىدىيەلەرنى كەڭ يېيىش، مۇستەقىلچىلەر ئۈستىدىن ھەر تۈرلۈك ئىغۋالارنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق مىللەتنى دۆلەت قۇرغۇچىلارغا ماسلاشماسلىققا چاقىرىشقان، ئىزچىل دۆلەت ئىستىقلالىنىڭ مىللەت ئىستىقبالىنىڭ پارچىسى بولۇشىنى توسۇشنىڭ، ئىلگىرىلىيەلمەس قىلىۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشۈشكەن. جۇمھۈرىيەت قۇرغۇچىلىرى بۇ تۈر پاساتچىلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىتلىقىنى، مىللەتنىڭ ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال يولىنى كېسىشنىڭ ھەقىقىي پىتنىچىلىك بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنداقلا ئۇلار پىتنىخورلۇقنىڭ مۇستەقىللىق ھەمدە مىللەت ئىستىقبالىنىڭ يولىنى ئېچىشتەك قىزىل سىزىقلارغا دەسسەشتە ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ، ياكى ھەرقانداق بىر شەكىلدە ياتلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ياتىدىغان ياكى شۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ لەنەتلەشكە تېگىشلىك پىتنىچىلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداقلارغا تەڭرىنىڭ لەنىتى، مىللەتنىڭ نەپرىتى لايىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن ۋە بۇنداقلارغا قارشى تەدبىر ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقى بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

شۇ غارايىپكى، سۇلتان بەدۆلەت ئاتالىق غازىيدىن كېيىنكى ئىشغالىيەت ۋە بويۇنتۇرۇق ئاستىدىكى دەۋرنى ئاسارەت دەۋرى ھېسابلىغان ۋە بۇ ئاسارەتكە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارقىلىق خاتىمە بېرىشكە ئۇرۇنغان، ئۇشبۇ قۇتلۇق يولدا بارلىقىنى ئاتىغان ۋە قىسمەن بولسىمۇ مۇۋەپپەق بولغان ئۇشبۇ دۆلەت ئەركانلىرى خۇددى بىز بۈگۈن ئاسارەت مۇددىتىمىزنى يەتمىش يىلغا ھېسابلاپ ساناپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك ئۇلارمۇ تۇنجى مۇستەقىللىق جاكارلانغان مۇددەتكىچە بولغان تۇتقۇنلۇق ۋە بويۇنتۇرۇق ئاستىدىكى زۇلۇم-سىتەملىك ئاسارەت تارىخىنى 58 يىل بولۇش بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ھەمدە يات كىم، مۇستەملىكچى كىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولىنىڭ نېمىلىكى خۇسۇسىدا يولىنى ۋە مەيدانىنى كەسكىن قىلىپ كەلگەن. نەتىجىدە مۇستەقىل دۆلەت جاكارلاشتەك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، شۇنداقلا بۇنىڭ بەدىلىنىمۇ شەرەپ بىلەن تۆلىيەلىگەن. ئەپسۇس، بىز 70 يىل ئۆتۈپمۇ دۆلەتچىلىك يولىغا كىرىشىش ئەمەس، ئاسارەتنىڭ ئىزنا - ئاسارەتلىرىنىمۇ تازلاپ ئۆلگۈرەلمەي، بۇ يولنى ياتنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى ئاستىغا سۆرەپ ئاپىرىشتەك خىيانەتلەرگە تېگىشلىك ھىسابىنى سورالماي، جازاسىنىمۇ، جاۋابىنىمۇ كەسكىنلىك بىلەن بېرەلمەي يۈرمەكتىمىز. ھەقىقى پىتنىگە قارشى داغداملىققا ۋە ھەققانىيلىققا سەپەرۋەرلىك قىلغۇچىلار بىلەن مىللەتنىڭ كېلەچەك يولىغا توسۇق ئىجاد قىلىشقا تۆرەلگەن مەخلۇقلار  ئوتتۇرىسىنى پەرق ئېتىشتە كوللېكتىپ دادىللىقنى قولغا كەلتۈرەلمەي، تېگىشلىك جاۋاب بىلەن ئۇلارنىڭ مىللەتنى ئەخمەق قىلىشلىرىغا خاتىمە بېرىشتە، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە ئىلگىرىلەشكە بەل باغلاشتا «پىتنە» توساقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بولالماي يۈرۈپتىمىز. خەير...

تۇنجى قېتىملىق دۆلەت تەجرىبىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەجدادلىرىمىز تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ پىتنىچىلەرگە خەلق ۋە دۆلەت بىر گەۋدە ھالدا ھەقىقىي پىتنىخورلارغا ھەد بىلدۈرگەنلىكى، تەدبىر قوللانغانلىقى نۆۋەتتە سۇنماقچى بولغان ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم.  شۇنداق ئىكەن، تارىختا دۆلەت پېشىۋالىرى ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پىتنىلىرىگە ئالدانماسلىققا چاقىرغان بولسا، ئۇلار ئاچقان مۇستەقىللىق يولىنىڭ ئىزباسارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بۈگۈنكىلەرنىڭمۇ پىتنىخورلارنىڭ «پىتنە» ماركىلىرىغا تۈكۈرۈپ قويۇشنى بىلىشى، ھەققانىيلىققا قارشى ھۇجۇملارنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، ھەقىقەتپەرۋەرلەرنى دۈشمەن كۆرسىتىپ سۇيۇقلاندۇرۇش خاراكتېردىكى ئىغۋالىرىغا ئالدانماستىن پاكىتقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ھەققانىيەتنى ياقلاشتا دادىل بولۇپ مۇستەقىللىقنى ئارماغان قىلىپ كەتكەن ئۇلۇغ ئەجدادلار يولىنى تىرىلدۈرۈشكە بەل باغلىمىقى زۆرۈر. بولۇپمۇ يىللاردىن بىرى بىزچە تۇرۇقتا كۆرۈنۈپ، بىزچە تىلدا سۆزلەپ ۋە بىزچە سىياقتا كۆرۈنۈپ شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ۋە ئۇنىڭ باغرىدىكى خەلق نامىدا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا ماڭىدىغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن ئايانمىغان خىيانەتكارلارغا ھەمدە ئۇلارنىڭ چاپتىكەشلىرىگە پۇرسەت بەرمەسلىكتە ساق تۇرماق، ئىغۋا ياكى تەقى تۇرۇققا ئەمەس، پىرىنسىپ ۋە پاكىتقا قاراپ ئىش تۇتماق لازىمدۇر. مىللەتنىڭ ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالىنىڭ زىيىنىغا قەدەم ئالغۇچى بۇ تۈر نائەھلىلەرگە خۇددى ماقالىدىكى تۇتۇم بويىچە «شەپقەتسىز ۋە قاخشاتقۇچ» شەكىلدە تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ خەلق نامىدا مىللەتنىڭ گەجگىسىگە مىنىشلىرىگە، ئۇلار نامىدىن ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ھەققىدە سۆز ئىگىسى بولۇۋېلىشلىرىغا خاتىمە بەرمەك زۆرۈردۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەكرارلانمىش تارىخ بىز ئۈچۈن ئىبرەت بولۇش ئورنىغا، بىزنى قوشۇپ كەلگۈسىدىكىلەرگە ئىبرەت قىلىپ قويۇشى، تەڭرىنىڭ لەنىتىگە، ئەۋلادلارنىڭ نەپرىتىگە ھەقلىق قىلىپ قويۇشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغۇسىدۇر.

-بۇرھان مۇھەممەد

=========================================

كاشغەر پىتنىچىلىرىگە مۇراجىئەت!

ئاپتورى: باتۇر

ھىجرىيە 1352 – يىلى،  شەئبان ئېيىنىڭ 13 – كۈنى.

(مىلادىيە (1933 – يىلى)

ئىتتىپاق ۋە بىرلىك نېمىتىنىڭ قەدر - قىممىتىنى بىلمىگەن، يالغۇز شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر - بىرىنى ئەزگەن، زۈلۈك (پارازىت قۇرت) كەبى ئىمىپ، سۈمۈرگەن، مەنسەپنى سۇيىئىستېمال قىلغان، ئابرۇيپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ھارامخورلۇققا بېرىلىپ كەتكەن پىتنىگەر ئۇنسۇرلار يۇرت - ماكانىمىزدىن يوقالماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇش ۋەزىيىتىدىكى ھەربىي ۋە مۈلكىي ئىشلىرىمىزنى جايى - جۈدە تەرتىپكە سالالىشىمىزغا ئەقىل - پىكىر يېتىدىغاندەك ئەمەس. مەزكۇر داخىلىي (ئىچكى) مىكروب بولمىش پىتنىچىلەرگە چەك قويۇلمىغان، ياكى (بۇنداقلارغا) خاتىمە بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ئۆزئارا كېلىشەلمەسلىكلەر تۈگىمەي كېتىدىغان ئوخشايدۇ. ئىشىمىز ھازىرقىدەك مېڭىۋېرىدىغانلا بولسا، −خۇدا ئاسرىسۇن− ئۇ چاغدا بۇرۇنقى ئىستىبداد ۋە ياتلارنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بوينىغا سىرتماق بولۇپ سېلىنىش خەۋپى ئېھتىماللىقتىن يىراق بولمىسا كېرەك. بىز چوقۇم ئۆز نەسلىنى، ئۆز يۇرتداشلىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئاشۇ بۇرۇنقى ۋەھشىيلىكتە ئۇچىغا چىققان يات مۇستەبىتلەرگە تۇتقۇزۇش پېيىدە قىمىرلاپ، ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلۈپ يۈرۈۋاتقان ۋەتەن - مىللەت خائىنلىرىنى قولغا چۈشۈرمەي قالمايمىز. (ھېلىھەم) ئۆز مىللىتىنى ھالاكەت چۇقۇرىغا تارتىپ سۆرەۋاتقان، ئەمەلىيەتتە خىتايلىشىپ كەتكەن (بۇ) ۋىجدانسىزلارنىڭ كاتتىباشلىرى ئاساسەن قولغا چۈشۈپ بولدى. قالغان ئۇششاق - چۈشەك مىكروبلار قولغا چۈشۈش ھارپىسىدا تۇرۇپتۇ.

دۇنيادا ئۆز ۋەتىنىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ياتلارغا سېتىشتىن ئارتۇق جىنايەت بولماس. پىتنە ھەققىدە جانابى ئاللاھ: «الفتنة أكبر من القتل - الفتنة أشد من القتل»، يەنى پىتنىخورلۇقنىڭ گۇناھى كىشىنى ناھەق ئۆلتۈرۈش گۇناھىدىنمۇ بەك چوڭدۇر، پىتنىخورلۇقنىڭ گۇناھى ناھەق قان تۆكۈشتىنمۇ ئەشەددىي ئېغىردۇر، دېيىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى پىتنىخورلۇقتىن توسقان ئىدى. چۈنكى پىتنىخورلۇق بىر ئەلدە داۋام قىلىۋەرسە، ئۇ ئەلدە تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىقنى قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەجەبا، بىزنىڭ 58 يىللىق ئاسارەت زەنجىرىدە بوغۇلۇپ قېلىشىمىزغا مانا شۇ ئۆزئارا كېلىشەلمەسلىك، ئۆزئارا قارشىلىشىش ۋە پىتنە ئاپەتلىرىدىن باشقا سەۋەب ياكى ئامىل بارمىدى، مەسىلىنىڭ مۇشۇنداقلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلاپ چىقمىدىمۇ؟! تارىخنى ھادىسىلەرنىڭ قايتىلىنىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان تەقدىردە، يېڭىدىن بىر دۆلەت قۇرۇپ چىققان ھازىرقى شارائىتىمىزدا كەچمىشتىكى كونا خاتالىقلىرىمىزنىڭ قايتا تەكرار بولماسلىقى ئۈچۈن كەسكىنلىك بىلەن ۋە رەھىمسىزلەرچە كۈرەش ئېلىپ بېرىشىمىز نۆۋەتتىكى ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپىلىرىمىزدىن بولۇپ تۇرۇپتۇ. بىزگە خىتايلاردىنمۇ، تۇڭگانلاردىنمۇ بەكرەك ئۆز ئىچىمىزدىكى خىتايلىشىپ كەتكەن خېچىر (شالغۇت) لارنىڭ دۈشمەنلىكى يامانراقتۇر. خوتەنچىلىك، تىمۇرچىلىق، قىرغىزچىلىق، ئەنجانچىلىق، تۇڭگانچىلىق قاتارلىق ئايرىمچىلىقلارنى يۇرت ۋە مىللەت ئارىسىغا ئۇشبۇ خېچىرلاردىن باشقا كىممۇ يايالىسۇن؟ پىتنە ئۇرۇقىنى مەزكۇر ۋىجدانسىزلاردىن باشقا ھېچكىم تېرىغىنى يوق. قولىمىزدىكى ئىسپاتلار بۇ مەسىلە ھەققىدە بىزگە يېتەرلىك چۈشەنچە بېرىپ تۇرۇپتۇ. پىتنە ئەربابلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ قەھر ۋە غەزىپىگە دۇچار بولىدىغانلىقى مۇھەققەقتۇر. دۆلىتىمىز بۇندىن كېيىن پىتنىگەرلەرنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارغا قارشى چارە - تەدبىرلەرنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلىدى. ئىشلەپ چىقىرىپمۇ بولدى، يەنە ئىشلەپ چىقىرىپ تۇرىدۇ. پىتنىگەرلەر ئەمدى كۆزلىرىنى ئاچقاي! پىتىنىگەرلىكتىن نىجىس قوللىرىنى تارتىشقاي!

تەڭرى ئوقۇر ئەي پىتنىچىلەر سىزلەرگە لەنەت!

مىللەت ئوقۇر ئەي پىتنىچىلەر سىزلەرگە نەپرەت!

ئۇيغۇرچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى