تاشپولات روزى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
ئامېرىكىدىمۇ تاشولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بار[تەھرىرلەش]

__ ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىقىغىچە

مىرزات مۇسا

1990-يىىلارنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ھازىرقى قولايلىق ئىنتېرنېت ۋاسىتىسىدە بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ۋەتەندىكى ياشلىرىمىز ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەر تېپىپ ئىلھاملاندى، پەخىرلەندى. ئۇلار ياشلىرىمىزنىڭ پەخىرلىنىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئىنتېرنېتقا كىرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا بولغان تەشنالىق كۈچىيىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ يىللاردا چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ نەتىجە قازانغان ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھەتتا ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلدا ئوقۇغانلاردىن ئىكەنلىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ تۇرماقتا. مەيلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك بولغان ھوشۇر ئىسلام ئاكا بولسۇن ۋە ياكى چەت ئەللەردىكى ئاشۇ مۇتەخەسسىسلىرىمىز بولسۇن ئانا تىل كۆۋرۈكى ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە ئۇلاشقان، بۇ ئۇيغۇرنىڭ پەخرى، ئۇلار ئانا تىلىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلىغۇچى پاكىتلاردىن بولغانلىقى بىلەنمۇ خەلقىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىنى يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەم شۇ جۈملىدىندۇر. ماتېماتىكا ئىلمى بىر تۈۋرۈك پەن سۈپىتىدە كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، نەتىجە قازىنىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى نۇرغۇن كىشى ھېس قىلالايدىغان بىر پەن. مانا مۇشۇ پەن بويىچە ئىزچىل تەر تۆكۈپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە كىشىلەرنى قايىل قىلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىمۇ «تاشپولات» ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بارلىققا كېلىپ، ھەممىمىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر خەۋەرنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ تۇرماقتا.

بۇ يازمامدا مەن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتى، ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ھەققىدە توختىلىمەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پېشقەدەم ئۇستازلارنى ئىپتىخارلاندۇرسا، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدە باشقىلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھالدا رىقابەت سەھنىسىدە چاقناپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تاشپولات روزى 1962-يىلى 4-ئايدا ئىلىنىڭ تۇققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تاشپولات روزىنىڭ دادىسى روزى ئاكا ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا 10 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، روزى ئاكا بۇ مەزگىللەردە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئاخىرىدا گېنېرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ كانۋىيى بولىدۇ. 10 يىل ئۆتۈپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىسمى ئۇلۇغ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغان «ئىنقىلاب»نىڭ قارا بورىنى روزى ئائىلىسىنىمۇ بوش قويمايدۇ. روزى ئاكا نۇرغۇن قېتىملاپ «تارتىپ چىقىرىلىدۇ»، «كۈرەش قىلىنىدۇ». لېكىن، مىللىي ئارمىيەدە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە بىلىملىكلەرنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ مىللەتنى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان روزى ئاكا، مەيلى قىيىن - قىستاقلاردا بولسۇن ۋە ياكى جاپالىق تۇرمۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويمايدۇ ۋە ئۇلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان تاشپولات روزى، دادىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىگە ئىلھام بۇلىقى قىلىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلايدۇ.

توققۇزتارا تاشتۆپە باشلانغۇچ مەكتىپى تاشپولات روزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش ھاياتىدىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن مۇئەللىملىرى ئۇنى 3-سىنىپتىن بىۋاسىتە 6-سىنىپقا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ پەنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى دەپ قارالغان ماتېماتىكىغا قىزىقىشى دەل شۇ مەزگىلدىن يەنى توققۇزتارا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. تاشپولات روزى، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللىرىدە، ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك، تۈرلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بىلىشىمچە، ماتېماتىكا كىشىدىن تولىمۇ ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ، بىر نۆلنىڭ ئوڭ ياكى سول بولۇشىمۇ نەتىجىدە ئاسمان - زېمىن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چوڭلارنىڭ بىنانىڭ قانچىلىك ئېگىز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەملىكىگە باغلىق دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان ئىكەن! توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، تاشپولات روزى 1979-يىلى يازدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ماتېماتىكا نەتىجىسى ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 1-بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ يەنى ئالى مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم ئالىدۇ.

تاشپولات روزى 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ 4 يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشقا يەنە، ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، ئۇستازلىرىنىڭ ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ نەزەرىدە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۈمىدلىك ياشقا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر دەرەخنىڭ قانچىلىك مېۋە بېرەلىشى، باغۋەننىڭ ئۇنى قانچىلىك پەرۋىش قىلىشىغا باغلىق. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك شانلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ دەل شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تاشپولات روزىنىڭ سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىدىن تىلىۋالدى مۇھەممەت، رىشات ھەسەن، ئابلىكىم ھاجى، ئابدۇراخمان ۋەكىلى، نىياز مۇھەممەت، مۇھەممەت ئابدۇللا، ئاغزانباي، قاھار قادىر قاتارلىقلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئۆتۈشلىرىدىن ئىلھام ئالغان تاشپولات روزى، كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرىدە ئۆزىدە ئاشۇ ئۇستازلىرىغا ئوخشاش، تەلەپچانلىقنى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدكى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مائاشچىغا ئايلىنىپ كېتىپ بېرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەرخىل بولۇشى، بىر مىللەتنىڭ پارلاق بولغان كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ شەرەپلىك يېرى دەل ئۇنىڭ ئۆز مايسىلىرىغا بولغان تەلەپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدا ئىپادە تاپىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى تولۇق كۇرسنى ئالىي نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۇنىۋېرستېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 1990- يىلى تاشپولات روزىنىڭ ھاياتىدا يەنە بىر بۇرۇلۇش بولىدۇ، ئۇ ياپونىيە توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىغا 2 يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. بىلىم ئاشۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. مەيلى بىلىم ئاشۇرۇش جەريانى بولسۇن ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بېرىلىدىغان ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بۇ مەكتەپتىن تۇنجى بولۇپ ئالىدۇ. 1994-يىلى، تاشپولات روزى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتورلۇققا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئاددەتتە ماتېماتىكا كەسپى قىيىن بولغانلىقتىن، بۇ كەسىپتە دوكتورلۇق ئوقۇيدىغان كىشىلەرمۇ ئانچە كوپ بولمايدۇ، لېكىن بۇ قىيىنچىلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرىدىغان بۇ ياشنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن تاشپولات روزى 1998-يىلى ماقالىسىنى باھالاش ھەيئىتىگە سۇنىدۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالە سۇنۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاشپولات روزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى فۇكۇيو ئاكىيو ئەپەندى ئۆزىنىڭ پەخىرلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 6 ئايچە ئۆتۈپ، تاشپولات روزى ماقالە باھالاش گۇرۇپىسىدىن جاۋاب ئالىدۇ. باھالاش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ماقالىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ فورمۇلالارنىڭ بارلىقىنى، چۈشىنىشكە سەل قىيىن توختىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ يازغان ماقالىسى ئەيلىر تەڭلىمىسىنىڭ يېشىمىنىڭ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پارتلىشى بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى سەۋەبلىك، باھالاش ھەيئىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ماقالىسىنى شۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن پىروفېسسور ياسۇخىدا فۇكۇموتو ئەپەندىگە باھالاشقا ئەۋەتىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىشى تاشپولات روزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماقالىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭلىمىلەرنىڭ بۇ ساھەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تاشپولات روزى بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى بۇ ماقالىسىنى ياسۇخىدا فۇكۇموتو ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياپونىيە فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. تاشپولات روزى بۇ جەرياندا بىلىمنىڭ چەت ئەللەردە نەقەدەر چوڭ قەدىر-قىممىتى ھەمدە ھۆرمىتى بارلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ. 2000-يىلى تاشپولات روزى ماتېماتىكا كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، يېڭى بىر مۇساپە يەنى ئامېرىكىغا قاراپ يول ئالىدۇ.

ئامېرىكا ئىنتايىن قىزىقارلىق دۆلەت، بۇ دولەتكە ھەممە كىشى، بايمۇ، نامراتمۇ، زىيالىيمۇ، سودىگەرمۇ، قاراقچىمۇ قىزىقىدۇ. كىشىلەر چۈشلىرىدە ئامېرىكىنى كۆرىدۇ، خۇددى ئامېرىكىغا كەلسە ھەممە ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك، ئانچە بەدەل تۆلىمەي، جاپا تارتمايلا ياخشى كۈنگە ئېرىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى، تۇمۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى سىرتتا تۇرۇپ ھېس قىلالايدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز سانلىق. بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى قىلىشىمدىكى سەۋەب، ياشلىرىمىزدا ئامېرىكىغا كېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىغا كېلىش ياكى چەتكە چىقىشتا ھەرگىزمۇ جان بېقىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى شەخسەن ئويلايمەنكى، ئەگەر جان بېقىش مەقسەت بولسا، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت!

شۇنداق قىلىپ، تاشپولات روزى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا، پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسىپنى پۇختا بىلگەندىن سىرت، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئىنگلىزچە يادلايدۇ، توختىماي ئىنگلىزچە ماتېرىيال كۆرىدۇ. ئەنە شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ بىر يىلغا قالماي ئىنگلىزچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئوقىيالايدىغان ھەمدە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەكرار قىلىش سىنىپىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىدىن تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەمدە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىشلىك قىلىپ يېشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تاشپولات روزى لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا رەسمىي مۇئەللىم بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىلىق ئانالىز، ئېلېمېنتار ماتىماتىكا، تىرىگونومېتىرىيە، سىزىقلىق ئالگېبرا، كومپيوتېرنىڭ قوللىنىلىشى، ئىقتىساد ماتېماتىكىسىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ سىنىپىغا تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ مەكتەپنىڭ يىللىق ھەمدە مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشلىرىدا «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىدە تۈرلۈك تەجرىبىلەرنى يېتىلدۈرگەن تاشپولات روزى 2010-يىلى، ئانتېلوپ ۋاللېي (Antelop Valley) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي مائارىپ (general education) فاكۇلتېتىغا تولۇق كۈنلۈك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تاشپولات روزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇزۇنغا بارمايلا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىلىدۇ. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تاشپولات روزىنى «lead faculty» يەنى فاكۇلتېت مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. لېكىن، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بولغان دەرس مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، فاكۇلتېت مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنداپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 2012-يىلىغا كەلگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى «dean of facult» يەنى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 7 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسىنىڭ بىرسى قىلىپ بېكىتىدۇ ( University Executive Leadership Council ). ئۇ يەنە فاكۇلتېت تەنتەربىيە ۋەكىلى(Faculty Athletics Representative)لىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ .

ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئادەتتە بىردىن پىرېزىدېنتى يەنى مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، dean of facult ياكى dean of college بولىدۇ. Dean of faculty نىڭ ئاساسلىق خىزمىتى، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا باشلامچى بولغاندىن سىرت يەنە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا ئېلىش ياكى ئىشتىن قالدۇرۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرىدا نۇتۇق سۆزلەش ھەم ھەرخىل يىغىنلارغا قانتىشىشتىن تارتىپ، مەكتەپنىڭ يىللىق مەبلەغ ئاجرىتىشىغا تەكلىپ سۇنۇشقىچە چوڭ-كىچىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئادەتتە ماگىستىر ياكى دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا Dean نىڭ يەنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەۋسىيە خېتى - «Recommendation letter»ى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشپولات روزى ئامېرىكىدا بۇنداق مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلاۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇپ قالدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپتۇر. ئەلۋەتتە، بۇنداق چوڭ شان - شەرەپلەرنى ھەرگىزمۇ دوكتور تاشپولات روزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇۋەپپەققىيەت ھەرگىزمۇ نەچچە كۈنلۈك ياكى نەچچە يىللىق مۇساپە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت بىر جەرياندىن ئىبارەتتۇر، كىشى ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا قاچان يېتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىپ يېتەلمەيدۇ. مۇھىمى شۇ جەرياندا بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەشتۇر. قىيىنچىلىقلارنىڭ، تاغ-داۋانلارنىڭ ھامان ئاخىرلىشىپ، ئۆزى كۆزلىگەن، ئارزۇ قىلغان ئاشۇ مەنزىلگە يېتىشى ئۈچۈن توختىماي سوقۇپ تۇرىدىغان ئۈمىدلىك يۈرەكتۇر. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېگىلمەس روھنى يېتىلدۈرگەنلىكىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتىمۇ ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەيلى بالىلىق ۋاقتىدا دادىسى روزى ئاكىنىڭ ئۇنى ۋە ھەدىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى كۈنلەردە ئايالى مۇنىرە خانىمنىڭ ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىككى پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەشتىن سىرت، يەنە تاشپولات روزىغا مەنىۋىي جەھەتتىن توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشلىرى، ئۇنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.

تاشپولات روزى ئۆز ساھاسىدە تۈرلۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش جەريانىدا ئۆز خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەيلى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىشلىرىغا مەسلىھەت بەرگەندىن سىرت يەنە، قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا 13 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئىشلىرىنى ھەقسىز بېجىرىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر پەرزەنلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە يېزىلغان خەتلەر ھەمدە سورالغان تۈرلۈك سوئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم، ئادىمىيلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم. مېنىڭ نەزەرىمدە، ھەقىقىي ئادەم بولماق ئالىم بولماقتىن نەچچە يۈز ھەسسە قىيىن. ئادىمىيلىكىدىن ئايرىلغان بىر ئالىم خۇددى كىتاب ئارتىۋالغان ھايۋانغا ئوخشايدۇ، خالاس. دوكتور تاشپولات روزىنىڭ ئىنسانىي ئېتىقادىدىن ئايرىلماي، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىنسانىي پەزىلىتى ئارقىلىق ياشلارغا ئۈمىد ۋە مۇھەببەت ئاتا قىلىشى كىشىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.

ھازىر تاشپولات روزى مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ھازىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ياسۇخىدا فۇكۇموتو بىلەن بىرلىكتە شارسىمان قاينام ھەرىكىتىنىڭ تەقسىملىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇلار بۇ نەتىجىنى پات ئارىدا داڭلىق ئامېرىكا ئاقار جىسىملار فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلماقچى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

خوش، قەدىمدىن تارتىپ غەلىبە قازانغۇچىلاردا بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك - غايە، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق. دېمەك، ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسى ھەقىقىي ئىنسانىي بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر. شان - شەرەپكە ئىنتىلىش يامان ئىش ئەمەس، ھېچ كىممۇ بۇ دۇنيادىن ئىزسىز كېتىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن شان - شەرەپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دۈمبىسىنى پەلەمپەي قىلىش بولماستىن، بەلكى ئەمگەك تەرىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدىغان شان - شەرەپ ھەقىقىي بەخت ھېسابلىنىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى مېنى مۇشۇنداق بىر يەكۈنگە ئۇندىدى. قەلەم كۈچۈمنىڭ ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئالىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى، تارتقان جاپالىرىنى ئەتراپلىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ياشلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تاشپولات روزىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەلسۆيەر ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياشلارغا تېخىمۇ جانلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، ئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا كاتتا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

تاشپولات روزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئالى مەكتەپنىڭ تور ئادېرسى:

http://www.uav.edu/index.aspx?recordid=225&page=95

http://www.uav.edu/

تاشپولات روزى ئەپەندىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادېرسى: tashpulat@yahoo. com



ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟[تەھرىرلەش]

1999 -يىلى بېيجىڭدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇاۋىن مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. كەچلىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يېگەچ تەتقىقات توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. تاشپولاتنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر يۈزىدىن تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق يەر ئۈستىدىكى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش ئىكەن. ئۇ ماڭا شۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ كەسپتە ماتېماتىكا بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ماتېماتىكىنى ياخشى بىلسە ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغىلى بولىدىكەن. ھازىر شۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم، ئەسلىدە ماتېماتىكا كەسپىنى تۈگىتىپ ئاندىن بۇ كەسپنى قىلىدىغان گەپ ئىكەن.

ياپونىيىدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ئاغىنىلەر مەندىن ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى سوراپ تۇراتتى. ياپونىيىدە جۇغراپىيە كەسپىدىن دوكتورلۇق ئالغان مۇختەر چوڭ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش. ئۇ داىم كەسپىدە ماتېماتىكىنىڭ بەكمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغانلىقىنى دەيتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلاتتى، بەزىدە ئۆزى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ كۆرۈۋاتقان ماقالىلەردىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سورايتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇنىڭ ماتېماتىكا سە -ۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىلگەن ماتېماتىكا، ئۇنىڭ تەلىپىنى قاناەتلەندۈرەلمەيتتى. كېيىن مۇختەر چوڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ماتېماتىكا ئۆگەندى.

دوكتور دولقۇن يۇنۇس ھازىر تۈركىيەدە ياپونىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى رادىو ئېلېكترون. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا تەتقىقاتىدا ئۇچراتقان ماتېماتىكىلىق مەسىلەرنى مەندىن سورايتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە سورىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىشىنى فاكس ئارقىلىقمۇ ئەۋەرتىپ بەرگەن.

دوكتور ئومەرجان ئابلا، ھازىر لوس ئانجىلىس «تويوتا» شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ياپوندىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم ئۇ ماڭە تېلېفون قىلىپ تەتقىق قىلىۋاتقان تەمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەگرى سىزىق گرافىكىنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى، بىراق بۇ سىزىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى، مۇمكىن بولسا مېنىڭ ياردەمدە بولۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە ئۇ گرافىكنى ئىزدىدى. بىرىنچى كۈنى بۇ گرافىكنىڭ تەڭلىمىسىنى چىقىرالمىدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە كەلدى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ توغرا بولغان بىر ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەگرى سىزىقنىڭ گرافىكىنى بۇ تېپىلغان تەڭلىمە ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.

پروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. مەن ياپونىيىدە تۇرغان ۋاقتىمدا، ئوساكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا بىلىم ئاشۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ياپونغا كېلىپ 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىپتۇ. "شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ماقالە يازغان ئىدىم. بىراق، بۇ يەردە تا ھازىرغىچە بىر پارچە ماقالە چىقمايۋاتىدۇ" دېدى ئۇ. "بۇلار سانلىق مەلۇماتلارنى بەك تەكىتلەيدىكەن ھەم ئۇ ئارقىلىق بىر ماتېماتىكىلىق فۇنكسىيە مۇناسىۋەتلەرنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن" . "ئۆزۈڭ بىلىسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماتېماتىكا دېگەننى ئۇنتۇپ قاپتىمكەن، ھازىر ماتېماتىكىنى ئۆگىنىۋاتىمەن" دېگەنىدى ئۇ. كېيىن ئۇقسام ئابلىكىم قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ياپونىيىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىپتۇ.

Google شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىككى ئاغىنە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى بەك يۇقىرى بولغان. بىرى روسيەدىن كەلگەن يەھۇدىي ماتېماتىكنىڭ ئوغلى، يەنە بىرى ئامېرىكىلىق يەھۇدىينىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە بىر سۆزنى ئىزدىگەندە قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قىممەت جەھەتتىن يېقىن بولغان سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ دېگەن نەرسىنى ئويلىشىدۇ. ئۇلار ئاخىر ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق بۇ مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھازىر Google شىركىتى دېسە بىلمەيدىغانلار يوقمىكىن دەيمەن.

ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ رىمان گىومېتېرىيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. ستېفىن خاۋكىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر پەرىزىنىمۇ ئېينىشتېيننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ بىر يېشىمى ئارقىلىق پەرەز قىلىدۇ. ئالەمنىڭ چېگرىسى چەكسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.

ئامېرىكا بۇلتۇر 35 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇلتۇرقى لوس ئانجىلىس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ يېرىمى ئالگېبرادىن ئۆتەلمەيدىكەن. ئەگەر بۇ ئىش داۋاملاشسا، ئامېرىكىنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ھىندىستان ھەم جۇڭگونىڭ ئارقىسىدا قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ھازىر ئىشلەۋاتقان مەكتىپىمدە ئىقتىسادىي ماتېماتىكىنىمۇ بېرىۋاتىمەن. بۇ كەسىپنى ئوقۇسىڭىز ئىقتىسادتىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئېنىقراق دېسەم، ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق ئىقتىسادىي نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى پاراڭلاردىن ماتېماتىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقنى ھەم ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. شۇڭا ماتېماتىكا ھەرقانداق پەننىڭ ئاساسى ھەم ئاچقۇچىدۇر. كېلەر ھەپتە ۋاقتىم چىققاندا ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىلەر ئارقىلىق “نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىمىز” دېگەن سوالغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ جاۋاب بېرىش ئويۇم بار. (دوكتور، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى)

مەن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بىر قېرىندىشىمىزدىن ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئەھۋالىنى سورىدىم. ئۇ قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مېنىڭ بالام ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلار ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىشلەيدىغان بولدى. قولىدا ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيدىغان ئىشلار بۇ يەردە تۈگىدى». مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ماارىپى خەتەرلىك ئىكەن دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى. كومپيۇتېر بىزگە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىشلەش، ئوقۇغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان بىلەن ئوخشاش. چۈنكى، سىز بىلمەكچى بولغان جاۋابلارنى سىز يەشمەستىن، كومپيۇتېر يەشكەن بولىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا جانسىز بىر ئادەمدىن جاۋاب ئېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئاجىزلاشتۇرغان بولىسىز.

ئارىلىقتىن 5 يىل ئۆتۈپ بۇلتۇر بولغان ئىش. مېنى بىر ئالىي مەكتەپ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا ئالگېبرا دەرسىنى ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ سىنىپتا 60 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار كالىفورنىيە شتاتى ئالىدىغان ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەيارلىق قىلغۇچىلار ئىكەن. ئۇلار بۇ سىنىپقا كېلىشتىن بۇرۇن شىتات ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىكەن. بىراق، ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يوق ئىكەن. دېمەك، بىرمۇ ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىم ئۆتەلمەپتۇ.

بۇ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆتىدۇ؟ مەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ماتېماتىكىغا سەل قاراپ، كومپيۇتېر بىلەن مەسىلە يەشكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدىن، ئۇلارنى ئۆز قولى، ئۆز كاللىسى بىلەن مەسىلە يېشەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. سېسترا بولغان ئادەم يانپاشقا ئوكۇل ئۇرۇش نىلا بىلىش بولماستىن، دورىلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، دورا ئۆلچەملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشىنى، دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئۇششاق بۆلەكلەرگە بۆلۈش قاتارلىقلارنى بىلىش شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن سېسترا كەسىر سانلار، ئارىلاش كەسىرلەر، پىرسەنت ھېسابلاش، تەڭلىمە تۈزۈش ۋە ئۇنى ھېسابلاش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ چۈشەنچىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشتىن باشقا يول يوق.

ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ مەكتەپلەردە تېخنىكىلىق يول ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا كومپيۇتېر ئارقىلىق ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مىكروسوفتنىڭ باشلىقى بىلل گەيتىسنىڭ ۋىندوۋس ۋىستانى بازارغا سېلىش ۋاقتىدا «تىمېس» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىغا قارىساق كۇپايە قىلىدۇ.

1. سۇئال: ۋىستا ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشىنى چەكلەش جەھەتتە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى. سىز بىر ئاتا سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مەن ئوغلۇمنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ۋاقتىنى چەكلەيمەن. ئۇ بۇنىڭدىن بەك نارازى بولدى، ئۇ مەندىن: “دادا، پۈتۈن ھاياتىم مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟” دەپ سورىدى. ئۇنداق بولماس، چوڭ بولغاندا بەلكىم ئۆزى بىر كومپيۇتېر سېتىپ ئالار.

2. سۇئال: سىز ئۇزۇندىن بېرى ماارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ئۆگىنىشنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولدىمۇ؟

جاۋاب: تېخنىكىلىق ۋاسىتە مەلۇم رول ئوينايدۇ. بىراق، رول ئانچە چوڭ ئەمەس. مېنىڭ بۇرۇنقى يازمام بىلەن يۇقىرىدىكى يازمامدىن نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. تۆۋەندە يەنە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ توختىلىپ باقاي.

ماتېماتىكا ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ. ساپ ماتېماتىكا ۋە قوللىنىش (تەدبىقىي) ماتېماتىكىسى. ماتېماتىكا يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، شەكىل بىلەن سانلارنىڭ بىرىكمىسى. ماتېماتىكا نوقۇل ھالدا مەسىللەرنى يېشىشلا بولماستىن، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلىمدۇر. ئۇنىڭدا يالغانچىلىق مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنىڭدا گەپ يورغىلىتىپ سەپسەتە سېتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ(شۇڭىمۇ يۈسۈپخاس ھاجىپ بوۋىمىز دەۋرىدە ماتېماتىكىغا ساقىش يەنى ساق+ئىش دەپ نام بېرىشنى بىلگەن ئىكەن - قۇتلان ئىزاھى). سىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارسىڭىز ماتېماتىكا ئوخشاش. ئۇلار ئارىسىدا دۆلەت چېگرىسى مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك.

ماتېماتىكا كىشىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكىدا مۇتلەق قىممەت دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، خالىغان بىر ساننىڭ مۇتلەق قىممىتى نۆلدىن چوڭ بولۇشى ياكى نۆلگە تەڭ بولۇشى ياكى نۆلدىن تۆۋەن بولۇشى مۈمكىن. بۇ يەردە بىز بىر مەسىلىنىڭ 3 خىل ئەھۋالىنى كۆردۇق دېگەن گەپ. بۇ جەمئىيىتىمىزدە بىر مەسىلە مەۋجۇد بولسا ئۇنى بىر تاياق بىلەن ئۇرماسلىق ئۈچۈنمۇ كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەرخىل يوللارنىڭ بارلىقىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىمىزغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ماتېماتىكا مەسىللەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىكى بىر ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىدۇ. ساپ ماتېماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا قوللىنىش ماتېماتېكىسىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ماتېماتىكىدا مەسىلەردىن كېلىپ چىققان نەتىجىنىڭ توغرىلىقىنى لوگىكىلىق يوللار بىلەن ئىسپاتلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئىسپاتلاش مەشقلىرى، سىزنىڭ توغرا نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتقۇزىدۇ. بىز باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ساپ ماتېماتىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ماتېماتىكىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتچاللىقىنى تەكىتلەپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس. بەزى نەرسىلەرنى شەكىل جەھەتتىن، يېشىم جەھەتتىن، ماتېماتىكىنىڭ بىلىملىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۆگىنىمىز. ماتېماتىكىدا بىر نامەلۇملۇق 2 دەرىجىلىك تەڭلىمە بولۇپ، مەسىلەنh=120t+16t2 بۇ يەردە ئەگەر h=180 بولسا، t نى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى 180=120t+16t2 دىن ئىبارەت 2 دەرىجىلىك تەڭلىمىنى يەشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ تەڭلىمىنى قانداق يېشىشنى مەشق قىلىدۇ. بۇ جەريان دەل ساپ ماتېماتىكىدۇر.

بىز بۇ تەڭلىك نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ دەپ سورىساق، ئۇ كىچىك بىر راكېتا 120km/sktتېزلىكتە، يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. يۇقىرىدىكى “ھ” بولسا بۇ راكېتانىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. h=180 دېگىنىمىز راكېتا 180kmئېگىزلىكتە بولغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمدى بىز بۇ راكېتا 180km ئېگىزلىكتە بولغاندا، قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ دېسەك، چوقۇم 180=120t+16t2 تەڭلىمىنى t غا نىسبەتەن يەشسەكلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ يەردە “t” ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ساپ ماتېماتىكا بولماي، تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. مەن ياپوندا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بۇ ئىقتىسادشۇناس ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىنى ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساپ ماتېماتىكىچىسى، فۇنكسىيە نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان، تۇراقلىق نۇقتا دېگەن تېورېمىسى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىقان. بۇ تېورېما بۇ نەزەرىيىنى ئىسپاتلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. شۇ چاغدا ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى ياپونلۇق پروفېسسورنى تەكلىپ قىلىپ، 1 ساەتلىك ئالاھىدە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پروفېسسور ئۆزىنىڭ تېورېمىسىنىڭ ئىقتىسادقا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق، ماتېماتىكىلىق جەھەتتە بۇ تېورېمىنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.

دېمەكچى بولغىنىم ساپ ماتېماتىكىدەك بىر كۈچلۈك قوشۇن بولماي تۇرۇپ، باشقا پەنلەرنى ياخشى ئىگىلەش مۈمكىن ئەمەس. مېنىڭ دەيدىغىنىم، ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئىلىم-پەن خادىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەغەزنى قولغا ئېلىپ مەسىلە يېشەلەيدىغان ھەم مەسىلە تۈزەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەن دۈرۈش كېرەك.

مېنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر دەيدىغان نەرسەم، ئەدەبىياتنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن. مەن 4-، 5-، 9-، 10- سىنىپلاردا ئەدەبىيات دەرسىنى ئوقۇيالمىغان. مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى ئاجىزلىق داۋاملىق مېنىڭ بىرنىمە يېزىشىمدا ئاۋارە قىلىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات بىلەن ماتېماتىكىنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ ياخشى ئۆگەنسەك مۇكەممەل ئادەم بولامدۇقكىن دەپ قارايمەن.

ھۆرمەت بىلەن: تاشپولات روزى («بىلىۋال» توربېتىدىن)

بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://matimatik.blogbus.com/logs/38929858.html