Jump to content

تالقان (يېمەكلىك)

ئورنى Wikipedia

تالقان (كرىل: Талқан؛ لاتىن: Talqan/Talkan) قەدىمكى يېمەك تۈرلىرىدىن بىرى[1] بولۇپ، تۈگمەندە تارتىلغان ئارپا، بۇغداي، سۇلۇ، پۇرچاق، نوقۇت قاتارلىقلاردىن تەييارلىنىدىغان يىرىكرەك ئۇندۇر.

تارىخچە

[تەھرىر]

تالقان كۈنىمىزدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، باشقۇرت، تاتار، نوغاي، بۇريات، تۇۋا، چۇۋاش، خاكاس ۋە موڭغۇل قاتارلىق بودۇنلارنىڭ تائاملىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ . تالقان ئەرمەنلەر (ئەرمەنىچە: پوخىندز Տալկան)، رۇسلار (رۇسچە: Толокно)، ئۇكراينالىقلار، ئېستونىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق ئەللەر ئارىسىدىمۇ ئ‍ۆزگىچە ئۇسلۇبتا بار.

تالقان ناھايىتى بۇرۇنلا تۈرك خەلقلەر ئىچىدە تارقالغان بىر يېمەكلىك بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرى دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركتە تىلغان ئالغان.

قَتُّرْدىٖ Ķatturdï — قاتقۇزدى، قوشقۇزدى. اُل تَلْقانْقا ياغْ قَتُّرْدى. ئول تالقانغا ياغ قاتتۇردى \\ ئۇ تالقانغا ياغ قاتقۇزدى.[2]

تالقان: بېيىتتە مۇنداق كېلىدۇ:

اُغْلُمْ اُكُتْ اَلْغِلْ بِلِكْ سِزْلِكْ كِتارْ

تَلْقَانْ كِمْنِكْ بُلْسا اَنْكَرْ بَكْمَسْ قَتارْ

[ئوغلۇم، ئۆگۈت - نەسىھەت ئالغىن، بىلىمسىزلىكنى (ئۆزۈڭدىن) كەتكۈز، كىمنىڭ تالقىنى بولسا ئۇنىڭغا شىرنا قاتىدۇ.][3]

ئالاھىدىلىكى

[تەھرىر]

تالقان ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بۇزۇلۇپ قالمىغاچقا، قەدىمكى زامان جەڭ يۈرۈشلىرىدە، شۇنداقلا ئۇزۇن سەپەر قىلغان كارۋانلار تالقان تەييارلاپ ئېلىپ ماڭاتتى. ئۇنى قاچىشا سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قويۇپ ئىچىشكە بولىدۇ، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ.

تەييارلىنىشى

[تەھرىر]

تالقان ئاق ئۇن، كېپەكلىك ئۇن ياكى پۇرچاق، باقلا قاتارلىق ھەرخىل ئاشلىقلارنىڭ قورۇپ سوقۇلىشىدىن ياسالغان ئۇنلار بىلەن ئېتىلىدۇ.

ئۇن تالقىنى:

[تەھرىر]

تالقان مۇنداق ياسىلىدۇ: قازانغا قوي يېغى سېلىپ قىزىتقاندىن كېيىن ئۇننى سېلىپ سۇس ئوتتا ئۇزاق قورۇلىدۇ، ئۇن سارغايغاندىن كېيىن شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قورۇلىدۇ. بەزىدە تالقانغا كۈنجۈت ياكى ئۇششاق توغرالغان ياڭاق مېغىزى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن تالقاننى خالتىغا قاچىلىۋېلىپ، خالىغان ۋاقىتتا ئىشلىتىدۇ. تالقان بولۇپمۇ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.[1]

مىقدارلار:

[تەھرىر]

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كۈنجۈت 140 گرام، ئاق شېكەر 500 گرام، ياڭاق مېغىزى 70 گرام، قوي ياكى كالا يېغى (كالىنىڭ يىلىكى بەك ياخشى) 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، ئۇننى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن كۈنجۈت، ياڭاق مېغىزى، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ ئېلىنىدۇ.

2. قورۇلغان تالقان بۇزۇلمايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

3. چايغا سېلىپ شىرە چاي قىلىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.[4]

مەنبە(لەر)

[تەھرىر]
  1. 1.0 1.1 ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللاھ ھەمدۇللاھ، شېرىپ خۇشتار، ئۇيغۇر ئ‍ۆرپ - ئادەتلىرى، ش ج ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2008، 2 - نەشرى، ISBN 978-7-5371-2309-9، بەت 47-48.
  2. مەھمۇد كاشغەرى، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، (ئۇيغۇرچە) II توم، ش ج خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1983، 271 - بەت؛ 2008، نەشرى، 546 - بەت.
  3. مەھمۇد كاشغەرى، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك، (ئۇيغۇرچە) I توم، ش ج خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1983، 573 - بەت؛ 2008، نەشرى، 1 - جىلد 221 - بەت.
  4. ئۇيغۇر تائاملىرى تېمىسى، 2025-02-17 - كۈنى مۇقىمدالدى.