تەمبۈر

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى تامبۈر)
ھۆججەت:Tembur.jpg
تەمبۈر

تەمبۈر

تارىخ[تەھرىرلەش]

بۇ قەدىمكى مۇزىكا ئوركېستىرىدىكى بەش تارلىق بەربابتىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دۇنخۋاڭ مىڭئۆي تاشكېمىرلىرىدىكى رەسىملەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ (سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە) قىسقا ساپلىق شەكىلدىن تەدرىجىي ئاساستا ئۇزىرىپ، ئۇزۇن ساپلىق ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەمبۈر ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بولۇپ، تەخمىنەن 140 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بېشى نەشپۈت شەكلىدە سوزۇنچاقراق، ياغاچتىن ئويۇلۇپ ياكى ياغاچ تالالىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ۋە دەستىسى ئادەتتە كۆپرەك ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىپ، 30 غا يېقىن پەدە قويۇلىدۇ ھەمدە سىم تار سېلىنىپ، بارماق ئۇچىغا سىم ناخۇل بېكىتىلىپ چېكىپ چېلىنىدۇ. باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمى ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكرەك تۇتۇلىدۇ.  تەمبۈرنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەستىسى ئۇزۇن بولغانلىقتىن تارسىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئەكىس سادالىق ۋە يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە. تەمبۈرنىڭ دەستىسى، بېشى قاتارلىق ئورۇنلارغا سۆڭەك ۋە سۇلياۋدىن گۈللۈك نەقىشلەر قويۇلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە مۇقام ۋە مەشرەپلەدە يالغۇز ياكى باشقا چالغۇلار بىلەن بىللە ئورۇندىلىدۇ، بولۇپمۇ مۇقام سىستېمىسىدا ئۇنىڭ تۇتقان ئورنى ساتار بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تەمبۈر ئىلى ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا كۆپرەك تارالغان. تەمبۈر بەش تارلىق بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپ تارى مەخسۇس مېلودىيە ئورۇنداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تەمبۈرنىڭ ئاۋازى يۇمشاق، مۇڭلۇق، سادالىق بولۇپ، يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگىدۇر.艾捷克 Ghirjek پەنجىتار <>بۇ باش قىسمى ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش ياسىلىپ، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە راۋابنىڭ مۈڭگۈزىدىن ئۆزگىچە ھالدا ياپىلاقراق، كۆركەم، قۇلاقسىمان ئويما نەقىش بېكىتىلىدۇ. پەدىلىرىمۇ ئاساسەن تەمبۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بەش دانە سىم تار سېلىنىدۇ، ئەمما، دەستىسى قىسقا، تەخمىنەن 1 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. باش قىسمى ۋە دەستىلىرىگە تەمبۈر - راۋابلارغا ئوخشاش سۆڭەك، رەڭلىك سۇلياۋدىن خىلمۇ خىل كۆركەم نەقىشلەر قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى تەمبۈرگە ئوخشاش، بىراق ناخۇل ئىشلەتمەي زەخمەك بىلەن چېلىنىدۇ. ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، دەستىسى سەل تىكېرەك تۇتۇلىدۇ. تارلىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن تەمبۈر ۋە چاپلىما راۋاب قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئاۋاز تۈسى تەمبۈردىن يۇقىرى، ياڭراق، چاپلىما راۋابتىن جاراڭلىق، مۇڭلۇق كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزىلەر پەنجىتارنى يۇقىرى ئاۋازلىق تەمبۈر دەپمۇ ئاتىشىدۇ."

قۇرۇلما[تەھرىرلەش]

چالماق[تەھرىرلەش]

چالغۇچى[تەھرىرلەش]

ئىش[تەھرىرلەش]

قاراڭ[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]