تامغا

ئورنى Wikipedia


«تامغا» دېگەنلىك- «بەلگە» ، «نىشان» دېگەنلىك. تامغا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇ تارىختا خىلمۇ خىل رول ئويناپ كەلگەن. تامغا ئەينى زاماندا بىر قەبىلىنىڭ بەلگىسى بولغان، شۇنداقلا يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا ئاساس بولغان.

 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تامغا بېسىش ئادىتى[تەھرىرلەش]

ئەن سېلىشئۇيغۇر خەلقى شەھەر ھاياتىغا كۆچمەستىن بۇرۇن، ئۇزاق مۇددەت چارۋىچىلىق ھاياتى كەچۈرگەن. چارۋىلار بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە، ياكى يوقىلىپ كەتسە ئوڭاي تونۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىغا ئوخشاشمىغان بەلگە نىشانى قويۇش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تامغا پەيدا بولدى. بۇ خىل تامغا تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتا قىزىتىلىپ ماللارنىڭ ئوڭ ياكى سول ساغرىسىغا بېسىلىدۇ.

بەلگە-نىشاننىڭ «ئەن» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تۈرىمۇ بولغان. بۇ قوي، ئۆچكە قاتارلىق ئۇششاق ماللار ئۈزۈن قوللىنىلغان. ئۇششاق ماللارنىڭ ئوڭ ياكى سول قۇلىقى ئوخشاشمىغان شەكىلدە كېسىلىپ، ياكى تىلىنىپ قىلىنغان بەلگە «ئەن سېلىش» دەپ ئاتالغان. شەخىشلەرنىڭ ماللىرى يوقىلىپ كەتسە ياكى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە ئەنە شۇ ئەنگە قاراپ تونۇۋالغان.

تامغىنىڭ قوللىنىلىشى[تەھرىرلەش]

تامغىنىڭ قوللىنىشى«تامغا» كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە گۇۋاھ-ئىسپات سۈپىتىدە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا، شەخىسلەردە قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ خىل تامغىلار ئالتۇ، كۈمۈش، مىس قاتارلىق مېتاللاردىن ۋە قاشتېشى، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان.

«تامغا» ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ھەر خىل خەت-چەك، ھۆججەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. ئۇ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا تامغا تۇتىدىغان مەخسۇس ئادەملەر بولۇپ، ئۇ «تامغىچى» ياكى «مۆھۈردار» دەپ ئاتالغان.

كونا جەمئىيەتتە دىن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان چاغلاردا قۇززات، قازى، ئەلەم، مۇپتىلاردىن تەركىب تاپقان قازىخانا(دىنىي سوت مەھكىمىسى) بولغان. مەھكىمە ئالاھىدە ھوقۇق-ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇ قانۇنغا دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. شۇڭا قۇززات، قازى، ئەلەم ۋە مۇپتىلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان مۆھۈرلىرى بولۇپ، ئۇ مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈم-پەتىۋالارغا بېسىلاتتى. بۇ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىناتتى. پۇقرالار «مۆھۈر ھەققى» تۆلەيتتى.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تامغا بېسىش ئادىتى
  • تامغىنىڭ قوللىنىلىشى
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

كونا جەمئىيەتتە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا كىشىلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن نابۇت قىلىدىغان جازا تۈرلىرى ۋە جازا قوراللىرى بار ئىدى. تامغا كۆپىنچە «تۈزەلمەس» ئوغرىلارنىڭ پېشانىسىگە بېسىلاتتى. باشقىلار ئۇنىڭ پېشانىسىدىكى تامغىغا قاراپ، ئۇنىڭدى ئېھتىيات قىلاتتى. بۇ خىل تامغىمۇ تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتا قىزىتىلىپ بېسىلاتتى.