توختامنىڭ تۈزۈلۈشى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

2- باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى

  9- ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
  ئالاقىدار توختام تۈزۈشنى قانۇن بويىچە ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
  10- ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازما، ئاغزاكى ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللىنىدۇ.
  قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا يازما شەكىل قوللىنىش بەلگىلەنگەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك. ئالاقىدار يازما شەكىل قوللىنىشنى پۈتۈشكەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك.
  11- ماددا يازما توختامنامە، خەت- چەك ۋە سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى (جۈملىدىن تېلېگرامما، تېلېكىس، فاكىس، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېكترون يوللانمىسى) قاتارلىق مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.
  12- ماددا توختام مەزمۇنىنى ئالاقىدار پۈتۈشىدۇ. ئۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  (1) ئالاقىدارلارنىڭ نامى ياكى ئىسمى- فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى؛
  (2) نىشان؛
  (3) سان؛
  (4) سۈپەت؛
  (5) مال پۇلى ياكى ھەق؛
  (6) ئىجرا مۆھلىتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلى؛
  (7) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛
  (8) تالاشنى ھەل قىلىش چارىسى.
  ئالاقىدارلار توختامنى توختام ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزسە بولىدۇ.
  13- ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە چاقىرىق، ۋەدە ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
  14- ماددا چاقىرىق باشقىلار بىلەن توختام ۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارزۇ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
  (1) مەزمۇنى كونكرېت بولۇش؛
  (2) چاقىرىلغۇچى ۋەدە بەرگە ھامان، چاقىرغۇچى شۇ ئازۇ بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇش.
  15- ماددا چاقىرىق تەكلىپى باشقىلارنىڭ چاقىرىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر. ئەۋەتىلگەن باھا جەدۋىلى، كىمئارتۇق سودىسى ئېلانى، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، سودا ئېلانى قاتارلىقلار چاقىرىق تەكلىپى ھېسابلىنىدۇ.
  سودا ئېلانىنىڭ مەزمۇنى چاقىرىق بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولسا، چاقىرىق دەپ قارىلىدۇ.
  16- ماددا چاقىرىق چاقىرىلغۇچىغا يەتكۈزۈلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلى بىلەن توختام تۈزۈشتە، تاپشۇرۇۋالغۇچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتىنى مۇئەييەن سىستېما بىلەن تاپشۇرۇۋېلىشنى بېكىتكەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى مۇشۇ مۇئەييەن سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت قولغا تەگكەن ۋاقىت دەپ قارىلىدۇ؛ مۇئەييەن سىستېما بېكىتىلمىگەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەر قانداق بىر سىستېمىسىغا تۇنجى كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت قولغا تەگكەن ۋاقىت دەپ قارىلىدۇ.
  17- ماددا چاقىرىقتىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. چاقىرىقتىن يېنىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرىلغۇچىغا تېگىشتىن بۇرۇن ياكى چاقىرىق بىلەن تەڭ چاقىرىلغۇچىغا تېگىشى كېرەك.
  18- ماددا چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ، چاقىرىقنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرىلغۇچى ۋەدە ئۇقتۇرۇشى قىلىشتىن بۇرۇن چاقىرىلغۇچىغا تېگىشى كېرەك.
  19- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىدە چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ:
  (1) چاقىرغۇچى ۋەدە مۆھلىتىنى بېكىتكەن ياكى چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى باشقا شەكىل بىلەن ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسا
  (2) چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، دەيدىغان ئاساسى بولسا ھەمدە توختامنى ئىجرا قىلىش تەييارلىقى بولسا.
  20- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە چاقىرىق كۈچتىن قالىدۇ؛
  (1) چاقىرىقنى رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تەگكەن بولسا؛
  (2) چاقىرغۇچى چاقىرىقنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان بولسا؛
  (3) ۋەدە مۇددىتى توشسىمۇ، چاقىرىلغۇچى ۋەدە بەرمىگەن بولسا؛
  (4) چاقىرىلغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەن بولسا.
  21- ماددا ۋەدە چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىققا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  22- ماددا ۋەدە ئۇقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىشى كېرەك، لېكىن سودىلىشىش ئادىتى ياكى چاقىرىق بويىچە ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەدە بېرىشكە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  23- ماددا ۋەدە چاقىرىقتا بېكىتىلگەن مۆھلەتتە چاقىرغۇچىغا تېگىشى كېرەك.
  چاقىرىقتا ۋەدە مۆھلىتى بېكىتىلمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تېگىشى كېرەك:
  (1) چاقىرىق سۆزلىشىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن بولسا، شۇ ھامان ۋەدە بېرىلىشى كېرەك، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
  (2) چاقىرىق سۆزلىشىشتىن باشقا ئۇسۇل بىلەن بېرىلگەن بولسا، ۋەدە مۇۋاپىق مۆھلەتتە تېگىشى كېرەك.
  24- ماددا چاقىرىق خەت- چەك ياكى تېلېگرامما شەكلى بىلەن قىلىنغان بولسا، ۋەدە مۆھلىتى خەت- چەكتىكى ۋاقىت ياكى تېلېگرامما بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر خەت- چەكتىكى ۋاقىت ئېنىق بولمىغان بولسا، شۇ خەت- چەككە بېسىلغان پوچتا تامغىسىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىرىق تېلېفون، فاكس قاتارلىق تېز خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بىلەن قىلغان بولسا، ۋەدە مۆھلىتى چاقىرىق چاقىرىلغۇچىغا تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
  25- ماددا ۋەدە كۈچكە ئىگە بولغاندا توختام تۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.
  26- ماددا ۋەدە ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تەگكەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەدىنى ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، سودىلىشىش ئادىتى ياكى چاقىرىقتىكى تەلەپ بويىچە ۋەدە ھەرىكىتى بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
  توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلى بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، ۋەدە تېگىش ۋاقتى مۇشۇ قانۇننىڭ 16- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  27- ماددا ۋەدىدىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. ۋەدىدىن يېنىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى ۋەدە ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تېگىشتىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تېگىشى كېرەك.
  28- ماددا چاقىرىلغۇچىنىڭ ۋەدە مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسى يېڭى چاقىرىق ھېسابلىنىدۇ، چاقىرغۇچى چاقىرىلغۇچىغا شۇ ۋەدىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  29- ماددا چاقىرىلغۇچى ۋەدە مۆھلىتىدە ۋەدە بەرگەن بولسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى چاقىرغۇچىغا ۋاقتىدا تەگكۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن ۋەدە چاقىرىلغۇچىغا تەگكەندە ۋەدە مۆھلىتى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتۈپ كەتسە، بۇ ۋەدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چاقىرغۇچى ۋەدە مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چاقىرىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  30- ماددا ۋەدىنىڭ مەزمۇنى چاقىرىقنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. چاقىرىلغۇچى مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەن چاقىرىق يېڭى چاقىرىق بولىدۇ. توختام نىشانى، سانى، سۈپىتى، مال پۇلى ياكى ھەق، ئىجرا مۆھلىتى، ئورنى ياكى ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش چاقىرىق مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
  31- ماددا چاقىرغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىنى ھەر قاندان ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلدۈرگەن ياكى ۋەدىدە چاقىرىق مەزمۇنىنى ھەر قانداق ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىرى ھېسابقا ئالمىغاندا چاقىرىق مەزمۇنى ماھىيەتسىز ئۆزگەرتىلگەن ۋەدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، توختام مەزمۇنىدا ۋەدە مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
  32- ماددا ئالاقىدار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باشقان چاغدىن باشلاپ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
  33- ماددا ئالاقىدارلار توختامنى خەت- چەك، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى قاتارلىق شەكىللەردە تۈزۈشكەن بولسا، توختام پۈتۈشتىن ئىلگىرى ئېتىراپنامە تۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئېتىراپنامە تۈزۈلگەندە توختام پۈتكەن بولىدۇ.
  34- ماددا ۋەدە كۈچكە ئىگە بولغان جاي توختام پۈتكەن جاي ھېسابلىنىدۇ.
  توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلىدە تۈزۈلگەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى توختام پۈتكەن جاي بولىدۇ؛ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى توختام پۈتكەن جاي بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ.
  35- ماددا ئالاقىدارلار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان جاي توختام پۈتكەن جاي ھېسابلىنىدۇ.
  36- ماددا توختامنى يازما شەكىلدە تۈزۈش قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار يازما شەكىل قوللانمىغان، لېكىن بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى قۇبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
  37- ماددا توختامنامە شەكلى بىلەن تۈزۈلگەن توختامغا ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشتىن بۇرۇن، بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان، ئۇنى قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
  38- ماددا دۆلەت ئېھتىياجىغا قاراپ بۇيرۇق ۋەزىپە ياكى مال زاكاز ۋەزىپىسى چۈشۈرگەندە، ئالاقىدار قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن توختام تۈزۈشى كېرەك.
  39- ماددا ئەندىزىلىك ماددا شەكلىدە توختام تۈزۈشتە، ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچى تەرەپ ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىشى ھەمدە جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ياكى چەكلىنىدىغان ماددىلارغا دىققەت قىلىشنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سەمىگە سېلىشى، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ ماددىلارغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك.
  ئەندىزىلىك ماددىلار ئالاقىدارلار تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان ھەمدە توختام تۈزۈشتە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ماددىلاردۇر.
  40- ماددا ئەندىزىلىك ماددىلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 52- ۋە 53- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچى ئۆز جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە ۋە ئاساسلىق ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىۋەتسە، بۇ ماددىلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
  41- ماددا ئەندىزىلىك ماددىلارنى چۈشىنىشتە تالاش كۆرۈلسە، ئادەتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئىزاھات بېرىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىغا ئىككى خىلدىن كۆپ ئىزاھات بېرىلگەن بولسا، ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچىغا پايدىسىز ئىزاھات بېرىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددا بىلەن ئەندىزىسىز ماددا بىردەك بولمىسا، ئەندىزىسىز ماددىنى قوللىنىش كېرەك.
  42- ماددا ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
  (1) توختام تۈزۈشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، يامان غەرەزدە كېڭەشكەنلىرى؛
  (2) توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار مۇھىم پاكىتلارنى قەستەن يوشۇرغانلىرى ياكى ساختا ئەھۋال يەتكۈزگەنلىرى؛
  (3) سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلىرى.
  43- ماددا توختام پۈتكەن- پۈتمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئالاقىدارلارنىڭ توختام تۈزۈش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا ياكى ئۇنىڭدىن يولسىزلىق بىلەن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ياكى ئۇنىڭدىن يولسىزلىق بىلەن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپكە زىيان يەتكۈزگەنلەر زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك