Jump to content

توخرىلار

ئورنى Wikipedia

توخارلار ياكى توخرىيلار (خەنچە: 大月氏) مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگونىڭ دۇڭخۇاڭ (دەشت ئاتا) بىلەن چىليەنشەن (قۇلانتاغ) تېغى ئارىلىقىغا جايلاشقان بىر كۆچمەن قەبىلە.

تەخمىنەن مىلادىدىن 165 يىل ئىلگىرى ھونلارنىڭ قايۇق رۇشات تەڭرىقۇت (مىلادىدىن ئىلگىرى 174 — 161) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئۇلار تىيانشاننىڭ شىمالى ئارقىلىق ئىلى دەريا ۋادىسىغا بېرىپ، ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغان.

تەخمىنەن مىلادىدىن 161 يىل ئىلگىرى (خەن ۋېندىنىڭ خۇيۈەن 3 - يىلى) يەنە ئاسىيۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، غەربتە ئامۇ دەريا ۋادىسىدىكى رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن.

مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى باكتىرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، ماۋرائۇننەھر (ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىسى) نى كونترول قىلىۋالغان.

تەخمىنەن مىلادىدىن 128 يىل ئىلگىرى (خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 1-يىلى)، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە چىقىپ، مۇشۇ يەرگە بارغانىدى. «كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرتلار تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ كەملەردە ئۆز تەۋەسىدە ۋاھان، سياماكا، كۇشان، يارۋان، كابۇلدىن ئىبارەت بەش بەگلىككە (قەبىلە باشلىقى) ئايرىلغان.

مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، كۇشان بەگلىكىنىڭ بېگى كۇجۇلا كادىپس قالغان تۆت قەبىلىنى يۇتۇۋېلىپ، ئۆزى خان بولۇۋالغان ۋە كۇشانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.

مەنبەلەر

[تەھرىر]