Jump to content

توخۇلا يېزىسى (قاراقاش ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
توخۇلا يېزىسى

托胡拉乡.Toxula Town

مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 20 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

توخۇلا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بازاربويى كەنتى، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن بولغان ئارلىقى 6 كىلومېتىر، 315-دۆلەت تاشيولى دائىرىسىنى توغرسىغا كېسىپ ئۆتكەن. شەرقتە جاھانباغ يېزىسى، قاراقاش بازىرى، غەربتە ئاقساراي يېزىسى، شىمالدا ماڭلاي يېزىسى بىلەن تۇتاشقان.

مەمۇرىي كەنتلەر

[تەھرىر]

توخۇلا يېزىسىدا 11 دانە كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • 1.توخۇلا كەنتى؛
  • 2.بازار بويى كەنتى؛
  • 3.قارمان كەنتى؛
  • 4.تاشكەنت كەنتى؛
  • 5.بۇغۇچ كەنتى؛
  • 6.بارتالا كەنتى؛
  • 7.بورىچى كەنتى؛
  • 8.باش گۆر كەنتى؛
  • 9.ئاياغ گۆر كەنتى؛
  • 10.قاراتام كەنتى؛
  • 11.يېڭىباغ كەنتى؛

ئىقتىساد

[تەھرىر]

2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1418.50 يۈەن بولغان. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 18558 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 457.22 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8485 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 9900 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 436.97 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 4326 توننىغا يەتكەن، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 5826 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 468.42 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 720 توننىغا يەتكەن. شالتېرىلغۇ كۆلىمى 2832 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 504.94 كىلوگرام، ئومۇمىي ھوسۇلى 14300 توننىغا يەتكەن. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 72 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 109.72 كىلوگرام، ئومۇمىي ھوسۇلى 8 توننا (ساپ پاختا) بولغان. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 44053 تۇياق بولغان. ئەلا سورتلۇق ئۆرۈكلۈك 5857 مو، سەرخىل ياڭاقلىق 4246 موغا يەتكەن.

مەنبەلەر

[تەھرىر]