Jump to content

توغرا مۇساپە ۋە خاتا ئادرېس

ئورنى Wikipedia

توغرا مۇساپە ۋە خاتا ئادرېس

بەزى ئاتاققا چىققان، تىرەن پىكىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بىردىنلا تەمكىنلىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقى دىققەت تارتماقتا. بولۇپمۇ سەرخىللىشىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق چاغلىرىمىزدا، پىكىر ۋە قەلەم ئىگىلىرىمىزنىڭ چۈشكۈن تەسەۋۋۇرلارغا رام بولۇشى، خاتا دىياگنوزدىن يولغا چىقىشى پىكىر ئىگىلىرىنىڭ يەنىمۇ سەگەكلىشىشىنى، بار مەسىلىنى ئورتاقلىشىش ۋە ئاقىلانە يوسۇندا پىكىرلىشىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بىز زىيالىي ئۇقۇمى ئىنتايىن تۇراقسىز قوللىنىۋاتقان ۋە پاخاللاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. شۇنداقلا بىر قىسىم پاخاللاشقان زىيالىيلىق ئوبرازىنى بېشىغا تاج قىلىپ كېيىۋالغانلارنىڭ تۆر بېشىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقلىرىغىمۇ شاھىد بولۇۋاتىمىز. ھالبۇكى، زىيالىيلىق ئۆزىگە يارىشا بىلىم-قابىلىيەت، دىت، پاراسەت، ساپا تەلەپ قىلىپلا قالماي يەنە مەسئۇلىيەتمۇ تەلەپ قىلىدۇ. زىيالىيلىق بىلىم ۋە پىكىردىن، قابىلىيەتتىن شەكىللىنىدۇ. زىيالىيلىق سالاھىيەتنى بولسا، مەزكۇر پىكىر ۋە قابىلىيەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مەسئۇلىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. پىكىر ۋە بىلىم بولۇپ مەسئۇلىيەت يوقىسا، سالاھىيەت يوقايدۇ. سالاھىيەت تەبىئىي يۈكسىلىش بولۇپ، تەبىئىيلىكتىن ئايرىلغان سالاھىيەت قۇرۇق دەۋادۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا «دەۋېلىش» تۇر. بىلىپ بىلمەي بۇ كېچىككە دەسسەۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆزگە چىلىقىشىنى بىر بولسا سالاھىيەتكە ئارتۇق يۈك يۈكلىۋېلىشنىڭ، «بۇنى پەقەت بىزلا قىلمىغىچە ھەل بولمايدۇ» دەيدىغان ئوڭچە ئىگىلەش خاھىشىغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى، يەنە بىر بولسا، مەسئۇلىيەتكە دادىل يۈزلىنىشتىن قېچىش خاھىشى دېيشىكە بولىدۇ. بۇنى يەنە ئاۋامنىڭ تىلىدا ئاددىي قىلىپ «ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ» نى يوقىتىش پىسخىكىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. زىيالىينىڭ ۋەزىپىسى جەمئىيەتكە توغرا دىياگنۇز قۇيۇپ ھەل قىلىش يولىنى ئىزدىنىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئىزدىنىش مۇساپىسىنىڭ بىر پارچىسى ئۆزىنىمۇ تەكشۈرۈپ تۇرۇش بولۇشى كېرەك. مەشھۇر پەيلاسوپ سارتىرى ئېيتقاندەك، «زىيالىي ھەقىقەتنى سۆزلەشكە جۈرئەتكار بولۇشى» زۆرۈر بولغىنىدەك، پەيلاسوپ ئالبېرت ئېيتقاندەك «زىيالىينىڭ پىسخىكىسىنى ئۇنىڭ ئەقلى كونترول قىلىشى» لازىم. مۇۋازىنەتنى يوقاتقان ھامان چوقۇم كاشىلا يۈز بېرىدۇ. زىيالىيدا پىسخىكىلىك كاشىلا كۆرۈلسە، ئەقىل چۇلۋۇرى قولىدىن كېتىدۇ. پىكىرلىرى چۇۋالچاقلىشىدۇ. ئەقىل پەردىلەنگەندە كۆزنىڭ رولى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىدۇ. خۇددى ئۆزىنىڭ تائىپىسى ياكى بېكىتىۋالغان تەۋەلىكى نىشانغا ئېلىنغاندەك، قوغدىلىشقا، ھىمايە قىلىش مۇھىمدەك ئويلاپ قالىدۇ. پىسخىكىدىكى داۋالغۇشلارنىڭ تەرتىپسىزلىشىشى ئەقىلگە پەردە بولىدۇ-دە، ئەقىلنىڭ ئورنىنى ھېسسىيلىق ئىگىلەشكە باشلايدۇ. مەسىلىنىڭ كۆرۈنىشىنىلا تەھلىل قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇش بۇنىڭ تىپىك ئالامىتى. بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ داۋاملىشىشى پىكىر ئەربابلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر يوقىتىش بولۇپ، قەلەم ئىگىلىرى بولغان سەرخىللىرىمىزنىڭ تىرەنلىكتىن ھۇدۇقۇشقا، چوڭقۇرلۇقتىن يۈزەكىلىككە قاراپ يول ئالماسلىقى نۆۋەتتە بۇ توپلۇمنىڭ بېشىغا كەلمەسلىكى ئۈمىد قىلىنىدىغان، ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم قەدەمدۇر.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى