توققۇزاق بازىرى

ئورنى Wikipedia
توققۇزاق بازىرى

托克扎克镇.Toqquzaq town

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە كونا شەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 34 مىڭ
يەر مەيدانى 8.7 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

توققۇزاق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك پارتكومى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

توققۇزاق بازىرىغا قاراشلىق 5 مەمۇرىي كەنت، 5 مەھەللە بۇلۇپ، ئۇلار : ئاۋات مەھەللىسى، يېڭى رايون مەھەللىسى، نۇرباغ مەھەللىسى، گۈلباغ مەھەللىسى، سايباغ مەھەللىسى، پىلال كەنتى، شوغۇز كەنتى، ئىشلەمچى كەنتى، ئاياغ شياۋگۇ كەنتى، يۇقارقى مەنگەن كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

توققۇزاق بازىرى بازارنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئاشلىق، كۆكتات، گۆش، سۈت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشلە كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، تاماشا، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە بىناكارلىق، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ تەرەققياتى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان. 2003-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 18 مىليون 97 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1367 يۈەن بولغان. 3850 توننا ئاشلىق، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 33400 تۇياق (دانە)؛ ئالاھىدە كەسىپ ۋە 2-، 3-كەسىپ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە كۆكتات پارنىكى بار.

جۇغراپىيەسى[تەھرىرلەش]

توققۇزاق بازىرى شەھەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شەھەر-يېزا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر» ئىشلەپچىقرىشى، شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر-بازار مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى 2-، 3-كەسىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى، زامانىۋىلاشقان يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان شەھەر قەدىمىنى تېزلەتتى.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]