توكۇگاۋا ئېياسۇ
توكۇگاۋا ئېياسۇ
徳川 家康 | |||||
|---|---|---|---|---|---|
| سەلتەنىتى | 1603 - يىلى 24 - مارت — 1605 - يىلى 16 - ئاپرېل | ||||
| ئالدىنقى ھۆكۈمدار | ئاشىكاگا يوشىئاكى | ||||
| كېيىنكى ھۆكۈمدار | توكۇگاۋا ھىدېتادا | ||||
| تۇغۇلغان | 1543 - يىلى 31 - يانۋار | ||||
| ئۆلگەن | 1616 - يىلى 1 - ئىيۇن | ||||
| جۆرە(لەر) | تسۇكىياما خاتۇن ئاساھى نو كاتا | ||||
| ئاتاسى | ماتسۇدائىرا ھىروتادا | ||||
| ئاناسى | ماتسۇدائىرا ھىروتادا | ||||
توكوگاۋا ئېياسۇ (ياپونچە: Tokugawa Ieyasu 徳川 家康؛ 1543— 1616) ياپونىيە ئېدو شوگونلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. مىكاۋا (بۈگۈنكى ئايتى ناھىيىسى) ناھىيىسىدىكى ئوكاساكى شەھىرىنىڭ خوجايىنى ماتسۇدائىرا ھىروتادا (1526 — 1549) نىڭ چوڭ ئوغلى.
6 ياشتىن 19 ياشقىچە ئوتانوبۇخىدې (1510 — 1551)، ئىماكاۋا يوشىموتو (1519 — 1560) دا بارىمتاي بولۇپ تۇرغان.
1560 - يىلى ئىماكاۋا جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن ئوكاساكىغا قايتقان.
1561 - يىلى ئوتا نوبۇناگا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.
1566 - يىلى توكوگاۋا دېگەن فامىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
1568 - يىلى تاكىدا نوبۇيوشى بىلەن بىرلىكتە ئىماكاۋانىڭ سۇيۇرغال زېمىنىنى بۆلۈشۈۋالغان.
1570 - يىلى توتومىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنى خاماماچى دەپ ئۆزگەرتىۋەتكەن.
1572 - يىلى تاكىدانىڭ قوشۇنىنى خاماماچى شەھىرىنىڭ سىرتىدا يوقاتقان.
1582 - يىلى ئوتانوبۇناگا ئۆلگەندىن كېيىن تويوتومى خىدېكىچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان.
1586 - يىلى تويوتومى خىدېكىچىنىڭ سىڭلىسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1590 - يىلى كىتاجو ئوجىنائو (1562 — 1591) غا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ، كانتودىكى سەككىز ۋىلايەتنى تىزگىنلەيدىغان چوڭ خوجا بولۇپ قالغان ۋە ئېدودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
1596 - يىلى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان.
1598 - يىلى تويوتومى خىدېكىچى ئۆلگەندىن كېيىن بەش تائىرونىڭ باشلىقى بولغان.
1600 - يىلى سېكىخارا جېڭىدە تويوتومىنىڭ كۈچلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.
1603 - يىلى ئەجنەبىلەرنى يوقىتىش سىياگۇنى بولۇپ، ئېدودا شوگنات قۇرغان.
1605 - يىلى سىياگۇنلۇق ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىدېتادا (1579 — 1632) غا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، سۇمپۇ شەھىرى (بۈگۈنكى شىزۇئوكا ناھىيىسى) دە خىزمەتتىن چېكىنىپ چىققان. شۇنداق بولسىمۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىشلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتقان. 1615 - يىلى ئوساكا جېڭىدە تويوتومى خىدېيورى (1593 — 1615) نى يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى تىزگىنلىۋالغان. 1616 - يىلى ئەتىيازدا ساراي ۋەزىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.