Jump to content

توكۇگاۋا مىتسۇكۇنى

ئورنى Wikipedia
توكۇگاۋا مىتسۇكۇنى
سەلتەنىتى1661 — 1690
ئالدىنقى ھۆكۈمدارتوكۇگاۋا يورىفۇسا
كېيىنكى ھۆكۈمدارتوكۇگاۋا تسۇنائېدا
تۇغۇلغان1628 - يىلى 11 - ئىيۇل
ئۆلگەن1701 - يىلى 14 - يانۋار (72 ياش)


توكۇگاۋا مىتسۇكۇنى (ياپونچە:Tokugawa Mitsukuni\徳川 光圀؛ 1628 — 1700) ياپونىيەنىڭ ئېدو دەۋرىدىكى مىتو ۋاسساللىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى. توكۇگاۋا يودىفۇسا (1603 — 1661) نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. 1633 - يىلى (كۇەنيۇڭنىڭ 10 - يىلى) ئاتىسى ئۇنى ۋەلىئەھد قىلىپ بېكىتكەن. 1657 - يىلى (مىڭلىنىڭ 3 - يىلى) ئېدودىكى ئوردىدا «بۈيۈك ياپونىيە تارىخى» نى تۈزۈشكە كىرىشكەن. 1661 - يىلى (كۇەنۋىننىڭ 1 - يىلى) ۋاسسال بەگنىڭ ئورنىغا چىققان. 1665 - يىلى (كۇەنۋىننىڭ 5 - يىلى) جۇڭگولۇق كۇڭزىچى جۇ شۇنشۇي (1600 — 1682) نى تەكلىپ قىلغان. بۇ، مىتونىڭ ئۆگىنىش ئىستىلىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ۋاسساللىقتا يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن، يۈكسەك سامورايلار ئىستىلى تىكلەنگەن، ئىبادەتخانا تۈزۈملىرى تەرتىپكە سېلىنغان. 1690 - يىلى (يۇەنلۇنىڭ 3 - يىلى) ئۆز ئورنىنى ئاكىسى تسونا ئېداغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى بايان قىلىنىدىغان كىتابلار چىققان.