توكۇگاۋا نارىئاكى
توكۇگاۋا نارىئاكى 徳川 斉昭 9 - مىتو ھۆكۈمدارى | |||||
---|---|---|---|---|---|
سەلتەنىتى | 1829 — 1844 | ||||
ئالدىنقى ھۆكۈمدار | توكۇگاۋا نارىنوبۇ | ||||
كېيىنكى ھۆكۈمدار | توكۇگاۋا يوشىئاتسۇ | ||||
تۇغۇلۇشى | 1800 - يىل 4 - ئاپرېل | ||||
ئۆلۈمى | 1860 - يىل 29 - سېنتەبر |
قېلىپ دەۋرىيلىكى بايقالدى: قېلىپ:ھۆكۈمدار ئۇچۇرى
توكۇگاۋا نارىئاكى (ياپونچە: Tokugawa Nariaki\徳川 斉昭؛ 1800— 1860) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مىتو ۋاسساللىقىنىڭ 9 - ئەۋلاد ۋاسسال بېگى. 1829 - يىلى ۋاسسال بېگى بولغاندىن كېيىن، ۋاسسال ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشكەن. 1844 - يىلى مەھكىمە تەرىپىدىن «تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش» جازاسى بېرىلگەن. 1849 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن ۋاسسال ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق قاتناشقان. 1853 - يىلى پېررى كېمىلەرنى باشلاپ ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ شوگناتتىكى ئابى ماساخىرونىڭ ھەربىي - سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقان، سىرتقا قارىتا ئەجنەبىلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ياپونىيە - ئامېرىكا شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان. ئىچكى جەھەتتە ئىچىخاشىنىڭ ئوغلى يوشىنوبۇنى سىياگۇن بولۇشقا پائال قۇتراتقان. كىئى ۋاسسال بېگى توكۇگاۋانى سىياگۇن قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىناۋنا ئوسوكې قاتارلىق كىشىلەر بىلەن قارشىلاشقان. 1858 - يىلى ئىناۋ تايىرو بولغاندىن كېيىن ماتسۇخىرا كېئې قاتارلىقلار بىلەن بىللە شوگناتنى يارلىققا خىلاپلىق قىلىپ شەرتنامە ئىمزالىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ يىلى يەنە «تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش» جازاسى بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى مىتوغا سولاپ قويۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئۆلگەن.