Jump to content

توماس ھ. مورگان

ئورنى Wikipedia
توماس خونت مورگان

توماس خونت مورگان (Thomas Hunt Morgan، 1866 — 1945) ئامېرىكىلىق ئېمبرۇئولوگ ۋە ئىرسىيەتشۇناس. خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى (1890). كولومبىيە ئۇنېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى (1904—1928). 1928 - يىلدىن باشلاپ، كالىفورنىيە سانائەت ئىنستىتۇتى بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، «مۇندىل قانۇنى» ئاساسىدا گېن تەلىماتىنى ياراتقان. 1909 - يىلىدىن باشلاپ، مېۋە چىۋىنىدە ئىرسىيەت تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، خروموسوما ئىرسىيەت تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىرسىيەت بىرلىكى بولغان گېننىڭ خروموسومىدا تىزىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. 1933 - يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. «گېن توغرىسىدا»، «ئەمەلىي ئېمبرۇلوگىيە»، «ئېمبرۇئولوگىيە ۋە ئېۋگېنكا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.