Jump to content

توي

ئورنى Wikipedia

توي

ئىمىن ئەھمىدى


ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز،

ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ.

ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ،

مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ.

سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق،

تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى.

جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟!

ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى.

«شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا،

تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت.

ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا،

قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت.

ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان،

يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ.

ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان

يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ...

بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟

سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال.

بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم،

خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال...

بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى،

يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟

ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى،

يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ...