Jump to content

تىرىكلىك نىشانى

ئورنى Wikipedia

تىرىكلىك نىشانى

[مەنبە تەھرىر]

ئۆكتەبىر 1, 2010

(خاتىرە)

ئەرتۈرك

1

ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى؛ قۇياش نۇرىدەك، شامالدەك، كېچىدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئېزىلىپ ياتقان چاغدا، خىياللارنىڭ كىرمىگەن تۆشۈكى قالمىغان چاغدا، نېمە قىلىشنى بىلمەي ئىچىم پۇشقان چاغدا يەنە قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم. ئالتە كۈن ئۆتۈپتۇ، ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ، ئايروپىلان ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن شىددەت بىلەن ئېگىز-پەس ئۇچۇپ ئۆتكەندە يۈرىكىم ئېغىرلىشىپ، نەپسىم ئىتتىكلەپ كەتتى؛ ئېغىرلىقىمنى يوقاتقاندا ھاڭدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغاندەك تۇيۇلدى، كىچىك بالىلار، بوۋاقلار چىقىراپ يىغلاپ كېتىشتى. مۇبادا ئېھرام بىلەن يەرگە موللاق ئېتىپ چۈشۈپ كەتكەن بولساق بۇ ئىككى ئايلىق ھەج پائالىيىتىمۇ قۇرۇق خىيال بولۇپ قالاتتى. نىھايەت قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھ جېنىمىزنى ئالمىدى، يەرگە چۈشۈپ داۋاملىق ياشاشقا قويۇۋەتتى بىزنى.  ئەجىلىمىز تېخى كەلمىگەنىكەن، غەم بىلەن، ھاياجان بىلەن، ئاجىزانە قورقۇش بىلەن ياشاشقا باشلىدۇق. بۇ جەرياندا ئۇششاق ئىشلار بىزنى ئىسراپ قىلىدۇ، كەيپىمىز ئۇچۇپ چۇۋۇلۇپ تۇرىمىز، جىددىي پەيتتە مەھكەم تۈگۈلۈپ تۇرىمىز. ھارغىنلىق سۆڭەكلەرگىچە سىڭىپ كىردى، ئىمكانىيەت قەلبىمنى خۇرسەن قىلدى. جان پاناقاپ كەلگەن ئىشلەمچىدەك مەسئۇلىيەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم. تەقۋالىق بىلەن تىنچ ياشايمەن دەۋاتسام، ئۆزلىرىگە دۈشمەن ئىزدىگۈچىلەر ھېچ ئارام بېرىشمىدى ماڭا. بېسىۋالدىم ئۇچالمىغان قۇشلىرىمنى، خىيالىمدا، چۈشۈمدە زىلۋا گۈزەللەرگە زىل تۇيغۇم بېغىشلاندى قېرىشقاندەك، مەسخىرە قىلغاندەك ۋە يەنە ھەرەمدە بولساڭمۇ نورمال، ھېسسىياتلىق، ھەتتا ئەسەبىي ئىستەكلىك ئادەمسەن دەۋاتقاندەك. تەرلەپ  كەتتىم، ئىستەكلىرىم تەرگە ئايلىنىپ ئارقىدىن سوۋۇپ كەتتى، جاندىن چىقىدۇ بەلكىم بۇ ئىسسىقلىق ھەم سوغۇقلۇق. شائىر دوستۇم كەلدى پاجىئە سۆزلەپ، مۇدھىش تەسەۋۋۇردىن، ئېچىنىش ھەم غەزەپتىن ئۆرە-تۆپە بولدۇم، بەرىبىر پەسكويغا چۈشتۈم. يۈرەكتە قالدى يارا ۋە ساقايماس دەرت.

2

ئۆزلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغۇچىلار ئارىسىغا كىرىپ قالدىم. سۆرەپ كىردى ئۇيغۇرلۇقۇم، كارغا كەلدى تىل-زۇۋانىم، تۇتۇلدۇم ئۆز خەۋپىم ۋە قىسماقلىرىمغا، ئايلاندىم خۇدۇكسىرەشلىرىمدىكى بەدبەختكە، دەسسىدىم ئۆز قىلتاقلىرىمغا… خىزمەت دېدىم، خوتۇن-بالامنى باقاي دېدىم، ئىبادەت قىلغاچ باقماقچى بولدۇم، رىزقىمنى ئاللاھ بېرىدۇ دېدىم، كەتكەن پۇللار ھۇزۇر بەخش ئەتسە مەيلى، ئەڭ چوڭ نادامەت يېتىپ كەلگىچە كىچىك پۇشايمانلارغا ئورۇن يوق. بەرىبىر جان بار يەردە قازا بار، ئاڭغىچە تىرىكچىلىك بار يەردە تاپاۋەت بار.

خىيال بىلەن چۈشۈمدە خاتىرە يازدىم، « قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ»قا ئوبزۇر يازماقچى بولدۇم، مۇبالىغە بىلەن بېزەلگەن چىنلىق ئەدەبىياتنىڭ ھۆسنى، رېئاللىقنىڭ پەردازلانغان ئالا-بۇلىماچ يۈزىنى كۆرۈپ تۇرمىسا ھېكايە توقۇغۇچىمۇ ۋە ئۇنى ئوقۇغۇچىمۇ پۇخادىن چىقمايدۇ. يازغۇچىنىڭ راۋان، لېرىك تىلىدا گەۋدىلەنگەن خاسلىق ۋە يەرلىك پۇراق ھەر كىمنى جەلپ قىلغۇدەك: ئاتا قىزىنى ساتقان بوپتۇ، ئارقىدىن تاپتىن چىققان قىزىنى ئەۋرەزگە ئاتقان بوپتۇ. ئەقىلسىزلىق، بەڭۋاشلىق پاجىئەسى شۇ جاي، شۇ ئادەملەر دۇچ كېلىۋاتقان نېگىزلىك پاجىئەنى ياندىن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. غەزەپ، ھەسەت ۋە شەھۋەت بىر-بىرىنى كۆپتۈرۈپ يوغىنىتىدۇ، بۇ چاغدا ئىنساننىڭ ئۇنى بېسىقتۇرۇشقا چامى يەتمەيدۇ. جامائەتنىڭ خاتا بېسىمى ئەمەلىيەتتە يەنە بىر زۇلۇم.

كۈن ئۆتكۈزۈش شۇ قەدەر شەرەپلىك، سەۋر قىلىش، كۈلۈمسىرەش، شۈكرى قىلىش، ئۇلۇغ كىچىك تىنىش، رەنجىش، غەزەبلىنىش، ئىككىلىنىش، ئىرادىگە كېلىش ۋە ئارقىدىن يېنىپ كېتىش، كۆنگەن ھالەتكە قايتىش، ئاندىن ھۇزۇرلىنىش، بۇنىڭدىن قانائەتلىنىش ئاساسلىق روھىي ھالىتىم. فىترەت ۋە كەيفىيەت ھەققىدە ئەرەبلەر نېمە دەيدۇ؟ ئەرەبچە قائىدىلەر ئەرەبلەرنىڭ نىزامچانلىقى، ئىتىزامچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ قېنى ئىتتىپاقلىق؟ ھەممە ئادەم ئومۇمەن ئوخشاش، بىرلككە كېلەلمەسلىك جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش، رەزىلىككە مايىللىق جەھەتتىن ھەر مىللەتتە نىسبەت ئوخشاشمىدۇ؟

3

ئوي ئويلايسەن ئوي ئويلايسەن، ئويچىمىدىڭ سەن؛

ئۆز نەپسىڭنى قويغا ئوخشاش بوغۇزلاپ ئەركىنلىككە چىققان قويچىمىدىڭ سەن.

قويچى بولساڭ قويلىرىڭنى بىللە باقايلى،

نەپسى شەيتان بىلەن يەنىلاھ ھەمراھ بولايلى.

ئازغۇنلۇقتا ئارزۇلارغا قېنىپ ئۆتەيلى،

قېنىپ-قېنىپ قېنىۋېلىپ ئاندىن ئۆلەيلى…

مۇرەككەپلىكتە ھېكمەت ياتىدۇ،

ئادەم گۈزەللىكنى كۈيلەپ قوشاق قاتىدۇ.

رېتىمدار كەچمىشلەر قاپيىداش،

تەكرارلىق ئىچىدە قۇياش پاتىدۇ، دەريا ئاقىدۇ، ياشلار ئاقىدۇ، قان ئاقىدۇ.

ئارزۇلا ئۈمىدكە كۈلۈپ باقىدۇ.

ئاددىيلىققا كۆنمەس بولدۇق،

سۆزگە، يېزىققا ئايلىنىپ ئۇزۇن جۈملە بولدۇق؛

چوڭقۇرلۇق قايناملىرىدا چۆگىلەۋېتىپ

ئاددىي ئوت-چۆپلەرگە ئېسىلىپ قىرغاققا چىقتۇرق.

ئۆزەڭنى ئەزىز دەپ ئويلا،

ئورنۇڭنى ھېچكىم باسالمايدۇ.

ئۆزەڭنى مۇساپىردەك ئاددىي چاغلا،

كاتتىلارمۇ چۈمۈلىدىن ئاشالمايدۇ.

ھەر جان ئۆز ئالدىغا بىر مۆجىزە، مالىكولا، ئاتوم، پروتون، نېترون، ئېلىكترون، بىرلىك، ۋەھدەت، تەجەللىي…  ئاللاھ ئاسمان-زېمىننىڭ نۇرى، پەقەت بىر تامچىدىلا ئەكس ئېتەر قۇدرەت شولىسى.

ئۆزلۈك سەلتەنىتىدە شاھلىق ھۇزۇرى سۈرمەك بولساڭ لاغىلداپ ئولتۇرما، يىقىلىپ چۈشىسەن؛ تۈگۈلۈۋالما، رەزگىلىشىپ يوقاپ كېتىسەن. روھىڭ سەن بىلمەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنكى، غەزەبلەنگەندە، ھاياجانلانغاندا، قورقماس بولغاندا، كۈچ-جاسارەتكە تولغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ماھىيىتىگە، شان شەۋكىتىگە، ھەقلىق مەقامىغا يېقىنلىشالايسەن؛ قولۇڭ تىترىمەس بولغاندا يۈرىكىڭنىڭ ھەقىقىي تەپتىنى سېزەلەيسەن؛ پۇتۇڭ دەھشەت ئانىدا يۇمشاپ كەتمەس بولغاندا مەزمۇتلۇق، باتۇرلۇق، ئۇلۇغلۇقنىڭ ۋەسلىگە يېتەلەيسەن.

4

سۆز قىلماق ئاسان، ئورۇنلىماق تەس؛

كوتۇلداش ئاسان، سۈكۈت قىلماق تەس؛

قورقۇنچاقلىق ئاسان، باتۇرلۇق تەس؛

غاپىللىق ئاسان، ئۆزىنى بىلمەك تەس؛

ئۇخلىماق ئاسان، ئويغانماق تەس؛

خىيال قىلماق ئاسان، ھەرىكەتلەنمەك تەس؛

تاما قىلماق ئاسان، ئېرىشمەك تەس…

بولدى بەس، شۇنداق قىلىپ باستى بىزنى نەس.

بولدۇق ئورنى  پەس، كۆزى مەست-ئەلەس.

قوشاق ۋە يۇمۇر بىلەن روھىنى ساز قىلىپ، ئۆزىنى ماز قىلىپ ياشاپ كەلدى بۇ خەلقىم. تەۋەلىكىم بىر قەپەز، سايرايمەن ھەر خىل قۇش بولۇپ؛ باشقا ئەتىۋارلىق قۇشلارنىڭ زۇۋانىغا زوقلىنىمەن؛ ئاسىيلىق ۋە بوشاڭلىق بىر-بىرىنى يۆلەپ كەلدى؛ نومۇس ھەر دائىم نومۇسسىزلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ كەلدى.

5

ئۆزەمنى نېمە چاغلىشىم ئېتىبارسىز مەسىلە ۋە بىمەنە ئۆلچەم. قانداق ياشىشىم ئەڭ مۇھىم مەسىلە. زەئىپ يارىتىلغان تەبىئىتىمنىڭ سىر-ئەسرالىرىغا چۆكۈپ، گۇناھلىرىمنى توغرا چۈشىنىپ، ئەركىنلىكىمگە تېخىمۇ كەڭ ئىمكانىيەت قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كېتىمەن بەزىدە… ئاتالمىش ئەركىنلىك مۇھتاجلىق ۋە پىتنە سەۋەبىدىن چۈپەي، قارىغۇدەك ئەپتى يوق، ساختا بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالدى؛ دوللار ئۈچۈن ۋاقتىمنى، جېنىمنى بېرىمەن؛ ئەۋلادىمنىڭ تەقدىرىنى بىلمەي تۇرۇپ ساراسىمىگە چۆكىمەن؛ ئۆزەمنىمۇ ئوڭلاپ ئىدارە قىلالماي تۇرۇپ دائىم ئوسال، مەغلۇبىيەتلىك تۇيغۇلارغا ئەسىر بولىمەن. ۋاھالەنكى، چۈشكۈنلەشمەيمەن. ئىنسان جاپاغا چىداملىق يارىتىلغان، بۇ خۇسۇسىيەت ئۇنىڭ باشقا ئاجىزلىقىنى يېپىپ تۇرىدۇ؛ ئەگەر ئەقىل ئۈستۈنلۈكى ئۇنىڭ  چىداملىق ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشمىگەن بولسا دۇنيا بۇنچىلىك ئاۋات بولمىغان بولاتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ ھېكمىتى ھەممىنى ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ رەھمىتى يامغۇرلارنى ئېلىپ يۈرگۈچى بۇلۇت ۋە شامالدەك بۇ جاھاننى ئالا قويماي كېزىپ تۇرىدۇ. مەككىدە بىر قېتىم، مەدىنىگە كېتىۋاتقاندا بىر قېتىم يامغۇر ياغدى، رەھمەت ياغدى، بالىلار شادلاندى.

6

ئىززەت تۇيغۇسى ئۆزلۈكنىڭ زىننىتى، ئۇنى تىنماي بېزەپ تۇرىمىز. بەزى قابىلىيەتنىڭ كەملىكى ۋاقىتلىق مەسىلە، مۇكەممەلىكنى زىيادە قوغلىشىپ كېتىش ئازابتىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ. كاللامدا دائىم ئەكس ئېتىدىغىنى تۈزۈك ياشاش، كەسكىن ھەرىكەت قىلىش، ئويلىغاندەك بولۇشقا ئىمكانقەدەر يېقىنلىشىش. ئەگەر ئويلىغىنىمدىنمۇ ھالقىپ كەتسەم ”ماشائاللاھ“ دەيمەن، ئۆزلۈكنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مەزلۇملۇق، مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولىدۇ؛ ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا قۇللۇق قىلىش نېسىپ بولسا بەندىگە بويسۇنۇشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

ئۇيقۇنىڭ باغرىغا قانمايمەن، چۈشلەردە شىرىن خىيال بىلەن رېئال تۇيغۇنىڭ ئاجايىپ بىرلىشىپ كەتكىنىگە ھەيران قالىمەن. ھەممىسى بىر لەھزە لەززەت ئىلكىدە غايىب بولىدۇ. ئىچ پۇشۇغى ئىچىمدىن بىر خىل ئىسيان ۋە قىتىغۇرلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېتەلمىگەن ۋىساللارغا  باغلىنىپ ئۆزەمنى پەرىشان قىلىمەن.  ئېگىلگەن ۋە ئېگىلمىگەن خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ ھەممىسى دەسسىلىپ، مىجىلىپ قۇرۇپ كەتتى، ھالا بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئوت ھەۋىسىمدىن گۈلخان ياقماقچىمۇ؟  گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، دۆت، نەپسانىيەتچى كېلىدۇ.  ئۇ ھالدا گويا ئۆزەم توقۇغان نەپسانىيەت تورىدا تىپىرلاپ يۈرگەن چىۋىنغا ئايلىنىپ قالىمەن، ھايۋاندا، ھاشارەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئەقىل بولمايدۇ،  ئىنسان بولغانىكەنمەن ئۆز نەپسىمگە چەك قويۇشۇم لازىم.

7

يەۋاتقان خورمىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئەرەبلەرگە ۋە بارچە ئاجىز مۇسۇلمانلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ھېلىلا قاسماق قىلىنماقچى بولغان پاكىز يەرلەرگە ۋە ئاللىقاچان بۇلغانغان گۈزەللىكلەرگە ئىچىم ئېچىشىدۇ. ئۆزلۈك قىممەت قارىشىمدىكى نەرسىلەرنى قوغدايمەن، شۇنچە گۈزەللىكلەرگە قارشى ھالدا خۇنۇك قاباھەتلەرنىمۇ بىللە ياراتقان رەببىمگە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن، ئۇنىڭدا بەلكى بىز بىلمەيدىغان ئاجايىباتلار، ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان.

كۆڭلۈمدە جىق ئىزتىراپ بار، خۇشاللىقمۇ بىر ئىزتىراپ. قوبۇل قىلالمايمەن ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئازابنى، خالىمايمەن يالغان شادلىقنى، روھىمدىكى غەليان تىلىمغا كەلگەندە گاچىلىشىدۇ. ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇيغۇر ئەرلەرنى كۆردۈم، ھەممىسى ئۆزلۈكى بىلەن ئالدىراش، ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ قويغانلار ئۇنى ئىزدەپمۇ يۈرمەيدۇ، كۈندۈزى يوقاتسا كېچىسى تېپىۋالىدۇ، بۇ مۇقەددەس زېمىنغا كېلەلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بەختلىك، چىرايىدىن غەم-قايغۇ كۆرۈنمەيدۇ، ئېتىقادنىڭ كۈچىدىن، بۇ يەرگە يول بەرگەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەمنۇن بولۇپ يۈرۈشىدۇ.

8

ئۆز ھالىمغا باقماي يۈكسەك ئېچىنىشلاردىن ئۇلۇغلۇق ھېس قىلىمەنمۇ؟ دەردى-داۋايىم زادى نېمە؟ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا كېرەكسىز ئادەم، نامىزىڭ بولمىسا، دۇئايىڭ بولمىسا ئۆلۈكتىن نېمە پەرقىڭ؟ ياشىغىنىڭنىڭ نېمە پايدىسى؟  تەكرار-تەكرار ئىبادەتلەردىن پەقەت كاللىسى قۇرۇق، ئىنساۋى يوق، تەسىرچان قەلبى يوق ئادەملا زېرىكىدۇ؛ نامازغا تەسىرچانلىق، تەمكىنلىك، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، ئۆلۈم-ئاخىرەت ئەندىشىسى، قورقۇنچ بىلەن ئۈمىد ئارىسىدىكى تىركىشىش ھەمدەم بولغاندىلا ئاندىن دىققەتنى يىغىپ ئىبادەت قىلغىلى، تولۇق تەسلىمىيەت بەجا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇيقۇ بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدا تىرىكلىك مېڭىپ يۈرىدۇ، سۇ ئىچدۇ، تەرەت قىلىدۇ… بارلىق ئۆتكۈنچى خەۋەرلەرگە قۇلاق سالمىدىم، سۆزلىيەلمىگەن ئەرەبچەمگە ئانچە پىسەنت قىلمىدىم، بىھۇدە ئالدىراشلىق، جىددىيلىك ئىچىدە ئۆزىنى ئۇپرىتىپ يۈرگەنلەرگە قوشۇلۇپ لاي ئېقىنغا قوشۇلۇپ كەتكەن سۇدەك ئاقتىم. مەندىن باشقا ھەر بىر ئىنساننى ھۆرمەتلىدىم، ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى نېمىشقا ھۆرمەتلىمەي؟  تاشلىۋېتىلگەن قاچىلارنى يالاپ يۈرگەن پالكۆز مۈشۈكلەر بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشالايدىغان ئالاھىدىلىكىم نېمە؟ ئەقىل بىلەن ئىمان.  ئەمما شۈكرى قىلمايمەن، تاماقتىن كېيىن ئاغزىمنى يالىۋېتىپ يا سۈرتىۋېتىپ ئاندىن باشقا ئىشتىھانى خىيال قىلىمەن، كۈچەپ ئويلايمەن، ئازابلىنىمەن بىكاردىن بىكار…

9

كېچىنى كۈندۈز، كۈندۈزنى كېچە ئورايدۇ؛ خۇشاللىقنى خاپىلىق، خاتىرجەملىكنى ۋەھىمە قاپلايدۇ. كۈلۈپ تۇرغان كۆزلەردە ئۆلۈم سايىسى، ياش تۆكۈلگەن كۆزلەردە بەخت جىلۋىسى تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، ئۆزگىرىش نەقەدەر تېز، تۇرمۇش ھەر قاچان ھەرىكەت، بەرىكەت بىلەن گۈزەل. ئالمىشىپ تۇرغان كۆڭۈلسىزلىكلەر چوڭ ئازاب، ئېغىر دەرت-ئەلەم پەيدا قىلمىسىلا ئۆتكۈزۈۋېتىش كېرەك.  ” بىر نەرسىنىڭ قانداقلىقى قاتتىق يەرگە چۈشكەندە، زەربىگە يولۇققاندا بىلىنىدۇ“، چىداش ھەقىقەت، ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يوق ئىشقا تەكلىپ قىلغان ئەمەس؛ بىر ئىنسان ئېتىقاد يولىدا جېنىنى پىدا قىلالىغانىكەن، باشقا ئىنسانمۇ شۇنداق قىلالايدۇ. مەن بولالمىساممۇ باشقا بىرى بولالايدۇ. ئىنسانلار ئارىسدىكى پەرق شۇنچىلىك زور، قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىمەن دەپ يۈرمىدىم، دۇئا قىلمىدىم، قەلبلەرنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى رەببىم ماڭا شاخ تومۇرىمدىنمۇ يېقىن، روھىمنىڭ سىرىنى ئۇ بىلىدۇ؛ روھىمنىڭ قۇۋۋىتىنى، يۈرىكىمنىڭ چىداش كۈچىنى، ئىمانىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۇ بىلىدۇ؛ روھىمدا بولۇۋاتقان تىنىمسىز ئۆزگۈرۈشلەردىن ئۇ تولۇق خەۋەردار، ئۇنىڭ ماڭا مەلۇم قىلغىنىدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلەلمەيمەن؛ ئۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمەن؛ يۈز يىل يىغلاپ ئىبادەت قىلساممۇ ئۇنىڭ رەھمىتى ۋە رۇخسىتى بولمىسا جەننەتكە كىرەلمەيمەن.

10

چۈشۈمدە جېكسوننى كۆرۈپتىمەن، ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە ئۇ غەمكىن قاراپ تۇرغۇدەك، چىرايىمۇ ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، بۇزۇلمىغان چىرايىدىن شان-شەرەپ، خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ”ئالۋاستى بىلەن پەرىشتىنىڭ بىر گەۋدىسى“ دەپ تەرىپلەيدىغان، پۇل بىلەن شان-شۆھرەتكە يەتكىچە كۆمۈلگەن ئۇ مەشھۇر شەخسمۇ ئۆلدى، ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان پېتى ئۆلدىمۇ ياكى ئىسلامغا قىزىققان پېتى كاپىر-مۇشرىك ھالدا ئۆلدىمۇ، بىلگۈچى ئاللاھ.

ئەتىگەندە نامازغا تۇرغاندا كەلگۈسى ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدىم، چۈشۈمنى تۈگەتكەندە رېئاللىق باستۇرۇپ كەلدى. تۇيۇقسىز بىر ئىشلار ئۆزلۈكىدىن يۈز بېرىدۇكى، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتۈلىدۇ. بىر يامانلىق ئارقىسىدىن بىر ياخشىلىق كېلىشى مۇمكىن. پالاكەت ئۆتۈپ كەتسە ئارقىدىن ئامەت يېغىشى مۇمكىن. ھاۋا ھەمىشە ئوچۇق بولىۋەرمەيدۇ، چاقماق چاقىدۇ، يامغۇر ياغىدۇ، ھەممىسى رەھمەت. بەك تىنچ، غەم-قايغۇسىز، سىلىق-سىپايە، يالغان كۈلكە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭمۇ چىن مەنىسى يوق؛ راھەت ۋە غەپلەت ئادەمنى سېمىز قۇرتتەك يۇمشاق، كالۋا، كالاڭپاي قىلىۋېتىدۇ؛ قورقۇپ تۈگۈلۈۋالساڭ خەق كېلىپ كاللاڭغا دەسسىۋېتىدۇ؛ قاتتىق غەزەپ ئۇنچە يامان ئىشمۇ ئەمەس، ئۇ كەسكىنلىك، ئىرادە، جەسۇرلۇق پەيدا قىلىدۇ؛ ئەمما غەزەپنى ئەقىل بىلەن يەڭمەي دۆتلۈك قىلغاندا كىشىنى پالاكەت باسىدۇ؛ غەزەپنى يېڭىشمۇ باتۇرلۇق؛ غەزەپنى ھەق ئۈچۈن قوللىنىش، ئىرادە ۋە زېھنىي كۈچنى ھەق يولغا سەرپ قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىق.

11

خەيرىيەت، ئۆتۈپ كەتتى جىمى ھېسسىيات. ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەقىقەت، ئۇ دائىم كۆرۈنمەس سىماسى، شامالدەك راھەت شىۋىرلاشلىرى بىلەن پېقىرغا نەسىھەت قىلىدۇ.

خىيالنىڭ چېكى يوق، نەزەر دائىرە ئېچىلغانچە ئېچىلىدۇ.  بۇ دۇنيالىق پىكىر- تەپەككۇر ئۆلۈمگە بارغىچە چوڭقۇرلىشىدۇ، تىرەنلىك ئەنە شۇنداق شەكىللىنىدۇ. توختىماي ئېچىلىمىز، كېڭىيىمىز، كېڭەيگەنچە يۈكسىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقىقىتىنى تونۇپ كەمتەرلىشىمىز، ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقىنى تونۇغان ئىنسان بەختلىك ئىنساندۇر. تەكەببۇرلۇق، ھەسەدخورلۇق، ماختانچاقلىق، ئاچكۆزلۈك، سەپرالىق، قىتىغۇرلۇق، ئاداۋەتخورلۇق… ئىللەتلىرى روھىمىزنى مەجرۇھ قىلغىلى ئۇزاق زامان بولدى. روھىي كېسەل ئادەمنىڭ ئازابى شەخسىيەتنىڭ ئەڭ چۈپەي، رەزىل تەرەپلىرىگە چېتىلغان بولىدۇ، ئۆزىنى ئۆزى قىينايدۇ؛ قارىماققا ساپساق يۈرگەن ئادەملەرنىڭ روھىنى كۆزەتسە، بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان كېسەل، مېيىپ ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.

دۇئا قىلىپ يىغلاپ كەتكەن يىگىتنىڭ دىلى دائىم شۇنداق سۇنۇق بولغاي، ئەمما روھى ئىماندىن پۈتۈن بولغاي، بۇنداق چاغدا كۆزدىن چىققان ياشتا سۈزۈك قەلب قەترىلىرى جۇلالايدۇ. بۇنداق مىنۇتلارنى دائىم ياد ئېتىش، تۆكۈلگەن مۇڭ ياشلارنى قەلب قېتىغا سىڭدۈرۈۋېتىش كېرەك.

ئۆز مەۋقەيىمنى ئۆزەم بىلىشىم لازىم، ھالبۇكى پەرۋەردىگارىم نەزەرىدىكى مەن ھەقىقىي مەن؛ قالغىنىغا ھېچكىم، ھەتتا ئۆزەممۇ باھار بېرەلمەيمەن. شۇڭا باھانى قويۇپ، قىممەت ئىزدە؛ ماختاش تەمە قىلماي ماختانغۇدەك ياشاۋەر؛ خەقتىن ئىززەت تەلەپ قىلماي ئۆزەڭنى قەدىرلەپ ئۆتۈۋەر.  ئۆزەڭنى باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئەمەس، قەلب كۆزۈڭدىن ئىزدە. ياخشى ياشىغان ھايات ياخشى ھاياتتۇر. ياخشى ئات ئۇزۇن سەپەردە بىلىنىدۇ؛ ئۆلچەمنى ئادەم بېكىتسە خاتالىشىدۇ، ئەۋلىيا بېكىتسە توغرىلىققا يېقىنلىشىدۇ؛ ئەمما ھېچقانداق قىممەت ئۆلچىمى پەرۋەردىگارنىڭ ھېكمىتىگە ۋە ئادىل تارازىسىغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭدىن كۆڭۈل تىنىدۇكى، ھەر نەرسىنىڭ ئىستەك-سورىقى بار، ياراتقۇچى نېمىلا قىلسا ھەقلىق.

12

بىر خىل ياشىغۇمىز كەلمەي پات-پات ھەر خىل ئىشلارغا ئۇرۇنۇپ باقىمىز، ئەڭشەپ تۇرىمىز، مىجەزىمىزنى تەڭشەپ تۇرىمىز. ھەرىكەت ۋە ئىبادەت سەھەردە ماڭا نۇر بولدى.

يىراق دەپ ئويلىمايمەن ئۆلۈمنى؛ نەپسىمنى قىينايدىغان ھەۋەس كېسەللىرىمۇ جان چىققاندا تۈگەيدۇ، بارىدىغىنى ئادىللىق تارازىسىغا چىقىدىغان كىملىكىم؛ قالىدىغىنى ۋە ماڭا مەنپەئەت بېرىدىغىنى ياخشى ئەمەللىرىم، كىشىگە پايدىلىق يادىكارلىقلىرىم، ئاللاھتىن تىلەيدىغان سالىھ ئەۋلادلىرىم.

كۈن قىزدۇرىدۇ، ئاللاھ قىيامەتتە سايىدىتىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرسى بولالايمەنمۇ؟ نازىنىن چاقىرسا ”خۇدادىن قورقىمەن“ دەپ قاچالايمەنمۇ؟ نەپسىمنى بوغۇزلاپ پاك ئىمانىمنى ساقلاپ قالالايمەنمۇ؟ ئاللاھنى زىكرى قىلىپ دائىم كۆزى يېشى تۆكەلەيمەنمۇ؟

قېتىپ كەتتىم، نەپسانىيەتتىن مەزمۇت قېتىپ كەتكەن قەقەشلىرىمنى تاتىلايمەن، بۇزۇق قان سىرغىپ چىقىدۇ؛ قىچىشقانچە قاشلايمەن راھەت بىلەن جاراھەتلىرىمنى، قىچىشقاقلىرىمنى؛ بىلىپ تۇرۇپ ئازابلايمەن تەقۋالىقىمنى؛ قاپقارا ئەسلىمىلەرمۇ كونىراپ كەتتى، پاك ئەمەسمەن، ساق ئەمەسمەن، ئەمما ئېرىمايدىغان پاسىق دەپ ئۆزەمنى ئەيبلىمەيمەن، ئادىمىيلىكىمنىڭ ئىماندىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرلۈك دېگەن نېمە؟ ئىمان ھۇزۇرى، ۋىجدان تەنتەنىسى، كۆڭۈل راھىتى… چۈشەنمەيدۇ چۈشەنمەسلەر. مىليونلىغان ئىنساننىڭ كاللىسى سايدىكى تاشتەك قاغجىراپ ياتىدۇ.

13

تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىمنى توسۇۋالالمايمەن. ئەقىل نېمەتلىرىنى ئىرادە بىلەن كۆپەيتىپ كۆڭۈلنى باي قىلغىلى بولىدۇ؛  سەۋىيەڭدىن جۈرئىتىڭ ئەلا، ئەمما شۇ جۈرئەتكىمۇ سەۋىيە كېرەك. ئىرادىگە تۈرتكە بولىدىغان نەرسە نېمە؟ يەنىلا ئەقىل ۋە ھېسسىيات، قىزىقىش ۋە ئىشتىياق.

ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە ماختىنىشى ئۈزۈلمەيدۇ، سۆزلەر ئېھتىياج ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەنمۇ ئېيتىلىدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ ئېيتىلىدۇ؛  تەپەككۇرۇم ئەسلى مەنزىلىدىن چىقالمىغان قېرى مۇساپىر، ئانا تىلىم ئۆز ئۇۋىسىدىن چىقالمىغان قۇش، ئۇ غېرىپ، بىچارە بولسىمۇ تەنتەنە بىلەن سايرايدۇ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزى ئاڭلايدۇ، بۇمۇ بىر مەۋجۇتلۇق غەلىبىسى. ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك قىممەتلىك تىلىم ھامان ئاجايىپ مەپكۇرە ۋە ئەسەرلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە ئۇنى ياشاتقانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇچۇرۇم قۇش بولىدۇ.

نامازدا ئېگىلىپ دىققىتىمنى ئۇ دۇنياغا قاراتتىم، ئاندىن ۋەسۋەسىلەرگە تولغان بۇ دۇنيانىڭ توپىسىنى كەچتىم. دۇئالىرىم ئۈزۈلمىدى، ئەشەددىي يامان خىيال، ياۋۇز نىيەتلەردىن ساقلىنىشنى تىلىدىم. يارالمىشىمدىن كىرگەن خۇينىڭ زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلسام بولمايدۇ. بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىگە زۇلۇم سېلىش ئېغىر ئاسارەت، ئادىمىيلىككە قىلىنغان ھاقارەت. ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدىغان دۆت، ئەخمەقلەردىن بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

14

كۈن ئۆتكۈزۈش تەس كەلسە بۇ دېمەك مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىشى؛ كۈنلەردىن زېرىككەن چېغىڭ ئەڭ ھاماقەت، ھورۇن ۋاقتىڭ. ۋاقىتنى شۇنداق راھەت ئۆتكۈزۈش كېرەككى، ئىچ پۇشۇقلىرىغا ئورۇن قالمىسۇن، ھېچ بولمىسا غىڭشىپ ناخشا توۋلا.

جاھاندىكى ئەمەللەرنىڭ تولىسى مۇباھ، ئەمما ئىنچىكىلەپ كەلسە ئۇنىڭدىمۇ مەسىلىلەر بار. ئاللاھ قىيامەتتە ھەممىنى ئايرىيدۇ، ئەڭ توغرىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرگە رەھمەت قىلىدۇ، ئۆزىنى بەك پاك چاغلاپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولمىغانلارغا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. ھەر ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە بۇيرۇقىغا قارشى چىقالمايدۇ.

15

كەيپىيات ھۇزۇرى ئىچىدە ئىچىمنى سىقىمەن، كېسەللىك پەقەت تەندىلا بولمايدۇ، روھتىمۇ دائىم قاپاراتمىلار، جاراھەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ. پىكىر قىلماي لايدەك ياتسام ئازابلىنىمەن، يۈرەككە زەھەر يىغماي، ھەسەل يىغىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. ھاياتلىق پەقەت ئىچ پۇشۇغى ئەمەس، مۇساپىر ئىكەنمەن، ھەر نەرسىگە ھەيرەت كۆزى بىلەن قاراپ ئۆتكۈزۈۋېتىشىم كېرەك؛ ئارتۇق كىرىشىۋېلىش، بىر يەردە توختاپ جاھىللىق بىلەن تۇرىۋېلىش ئەخمەقلىق، ياشاشنى بىلمەسلىك؛ كۈن ئولتۇرسا ئاي چىقىدۇ.

نامازغا كېچىكىپ قوپتۇم، رەببىمنى ھەقىقىي تونۇيالمىدىم، ئۇنىڭغا لايىقىدا ئىبادەت قىلالمىدىم، شەيتان خىياللىرىدا بولدۇم. ئەگەر شۇ خىياللىرىمدىن ھېساب بېرىدىغان بولسام مىڭ يىل ئىبادەت قىلساممۇ گۇناھلىرىم تۆكۈلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا رەببىمدىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمەن. روھىمدىكى كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

قەلەمكەشنىڭ ھەسرىتى شەھۋەت، ئاداۋەت،

بۇنىڭدىن بېشىغا كېلىدۇ ھەر پالاكەت.

ماڭا ئۆز ئازادىلكىم مۇھىم، مۇشۇ دائىرىدە ھەرىكەت قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە بارلىق ئادەملەر شۇنداق؛ ئىمتىياز ۋە سالاھىيەت گويا كىيىمگە ئوخشايدۇ، ھەر كىم ئۇنى ئۆز يارىشىغىدا كىيىدۇ، چېنىپ قالماسلىققا تىرىشىپ ياشايدىغان بىچارىلەرگە نېمە ئامال؟ تەنە-مەسخىرە ھەر يەرنى قورشاپ تۇرغان مۇھىتتا ھەرگىز ئازادە كەيپىيات بولمايدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىگە بىئاراملىق يەتكۈزۈشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈش مۇشەققەتلىك، ئەمما شەرەپلىك جەريان. ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالىغانلار بەختلىك. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشسام بولاتتى، تىرىشماسلىققا نېمە توسقۇن بولۇۋاتىدۇ؟

16

كەيپىياتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ تەقۋالىقمۇ كۈچىيىپ ياكى ئاجىزلىشىپ قالىدىكەن؛ ئەمما ئىمان ۋە تەقۋالىق ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشى كېرەك. ھەر قانداق پاسسىپ، ناچار كەيپىياتنىڭ، قىتىغۇرلۇق، ئىسيانكارلىق ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىق كېرەك. شۇنداق ۋاقىتلار بارغۇ، كاللا پەرۋاسىزلىق بىلەن چۆرىلىدۇ؛ يېڭىلىققا تەشنا ئىستەكلىرىم تەكرار ھەرىكەت ۋە ئادەتلەرنى زېرىكىشلىك كۆرسىتىدۇ؛ شۇ چاغدا تىرىك ئادەمدەك تۇرۇپ كېتىش، ئۆلۈكتەك ياتىۋەرمەسلىك كېرەك. ناماز ئاسمان-زېمىن ھەرىكىتى بىلەن بىللە مەۋجۇت ئۇلۇغ ھەرىكەت، كاتتا ئىبادەت. نۇرلۇق قەلب كۈن بىلەن ئايدەك يورۇپ تۇرىدۇ، بۇلۇت، تۇمانلار ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ.

نەپسى بىلەن كۈرەش قىلالايدىغانلار نەپسىدىن كېچەلەيدۇ، كېيىنكىلىرى ئىبادەت-ئىخلاسلىرى، تەقۋا ئەمەللىرى، گۇناھتىن يېنىشلىرى، تەۋبە-ئىستىغپارلىرى بىلەن رەببىگە قۇللۇق قىلىدۇ.  قايسى ئەمەلنىڭ ماختاشقا لايىق ئىكەنلىكىنى، قايسى ئەمەلنىڭ نىيەتتە قىڭغىر كەتكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ.  بىزنىڭ تەخمىن-قىياسلىرىمىزنىڭ يۈزدەيۈز توغرا چىقىشى ناتايىن؛ زەن-قىياس دېگەنلەر، قۇرئاندا ئېيتىلغاندەك، ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە يارىمايدۇ.

غەيبكە ئىشىنىش بىلەن گۇمان دائىم توقۇنۇشىدۇ، مانا بۇنىڭدىن ئىماننىڭ غالىبىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە شەك كەلتۈرمەيدۇ؛ شەك-شۈبھىدە توسۇلۇپ قالغان گۇمانخورلار، تەكەببۇرلار، ئىسيانكارلار، ھايۋانىي نەپسى بىلەنلا قالغان ماڭقۇرتلار  ھەر تۈرلۈك سوئاللار، ئىزتىراپلار، قېيداشلار ئىچىدە ئېزىقىدۇ ھەم ئىماندىن باش تارتىدۇ. ئاللاھنىڭ مۆجىزاتى ھەممىنى قورشاپ تۇرىدۇكى، خالىغان ئادەمنى مۇسۇلمان، خالىغان ئادەمنى كاپىر قىلىدىغان شۇ ئۇلۇغ رەببىمگە ھەمدۇ سانالار بولسۇن.

گۇناھ قىلىۋاتقان چاغدا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتقان، يورۇق دىلىنى قارايتىۋاتقان ھەر بىر مۇسۇلمان كۆكسىنىڭ تارىيىپ، ئىچىنىڭ سىقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالىشى كېرەك،  بۇمۇ ئىمان. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەممىگە يېتىۋاتقان، پەرىشتىلەر ھەممە ئىشىمىزنى خاتىرىلەۋاتقان بۇ بەشەر دۇنياسىدا مۆجىزىلەرگە تولغان ۋۇجۇدىمىزدىن، ھاياتىمىزدىن ھوزۇرلىنىپ، خىيالىمىزچە ياشاۋېرىپ غەپلەتتە قالىمىز. بىراق ۋاقتىدا ھوشىنى تاپالىغانلار ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق بەندىلەر. ئاللاھ غەپلەت ۋە ھورۇنلۇقنى، مەئىشەت ۋە نەپسانىي ئاچكۆزلۈكنى بۇ سىناق دۇنياسىنىڭ قىيىن سوئاللىرى قىلىپ ئالدىمىزغا تاشلىدى، قېنى قانداق جاۋاب بېرىمىزكىن.

ساغلام ۋۇجۇد ئىگىلىرى بولۇش ئۈچۈن ئەقىل، ئېتىقادىمىز ساغلام بولۇشى كېرەك. ئېزىپ قالغاندا داۋاملىق ئېزىپ ھاڭغا غۇلاپ چۈشمەسلىك كېرەك. ھەر قەدەمنى باسقاندا ياخشى مەقسەتلىك، توغرا قەدەملىك، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇش كېرەككى، ئېزىلىپ، پۈكۈلۈپ، خاتا مېڭىپ پۇشايمان قىلىپ جاننى قىينىماسلىق كېرەك. مۇشۇنداق ”كېرەك، لازىم“ زۆرۈرىيەتلىرى بولمىسا ياشاش مەقسەتلىرىمىز ھايۋاننىڭ  ياشاش ئىستەكلىرى بىلەن پەرقسىز بولۇپ قالىدۇ.

17

تۈگىمەيدىغان دەرتلەر ئۇ سۆزلىگەنگە ئارام تاپىدىغان؛ ئۇنتۇلمايدىغان ئازابلار ئۇ قەلەم بىلەن جىجىلاپ قويسا تارىخ بولىدىغان. روھىيەت تارىخىنى ھەر كىم ئۆز قەلبىگە يازىدۇ، ۋىجدانلىق ئادەم ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە ئوقۇيدۇ، ئىبرەت، ساۋاق، ئىلھام-مەدەت ئالىدۇ.

بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن نەچچە ئاي بوغۇلدۇم، خېلى ئۇزاق تاتىرىپ يۈردۈم. نەپسانىي دۈشمەنلىكىم ۋە زالىملىقىمنىڭ يىلتىزىنى يوقىتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئاللاھتىن ياردەم تىلەش.  نورمال كەيپىيات ياشىسۇن، شىرىن ئۇيقۇ، گۈزەل چۈشلەر ياشىسۇن؛ پايدىلىق ئىلىم، ئىجتىھاد، گۈزەل پىكىر ۋە شادلىق ھېرىسمەنلىكى ياشىسۇن؛ تەمكىنلىك، سەۋرچانلىق ياشىسۇن. مانا بۇ تىرىكلىك شوئارىم، ھاياتلىق ئۈمىدىم.

بۇ ئىزنا-ئەستىلىكلەرمۇ ۋاقىتلىق؛ جان سىقىرايدىغان ھايات مەنزىلى تېخى ئالدىمدا. ئۆلۈمگە قانداق يۈزلىنىش كېرەك؟ غاپىللىقتىكى ئىسيان ۋە شەھۋەت ئىستەكلىرىنى قانداق ئۇجۇقتۇرۇش كېرەك؟ ھاۋايى ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك، ئابرۇيپەرەسلىكنى قانداق چەكلەش كېرەك؟  ئىللەتنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، پەقەت ۋاقىتلىق تارمار قىلغىلى، يامان تەسىرىنى باشقا ياققا بۇراپ زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ؛ ھەر زامان ھوشيار بولۇش ئېغىر كەلسە ياكى مۇمكىن بولمىسا ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرماسلىققا بولسىمۇ تىرىشىش كېرەك، شۇڭا ئاز بولسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغان سالىھ ئەمەل ياخشى.

زىيادە خىيالدىن ئەدەبىي ئەسەر پۈتكەن بىلەن، ئېسىل خىسلەت پۈتمەيدۇ. قايسى يازغۇچى ئۆزىدىكى ئەسەبىيلىكنى باشقۇرالايدۇ، ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئۇنى توغرا ئىزغا سالالايدۇ؟ ئۆز ئەقلىگە قايتىپ كېلەلەيدىغان يازغۇچىلار مۇتلەق كۆپ ساندا، ئاز بىر قىسىملىرى كاللىسىدىن كېتىپ، ساراڭقېتىش ھالەتتە ياشايدۇ؛ ئەخلاقى بۇزۇلىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ، ساراڭ بولۇپ كېتىدۇ، ياكى روھىدىكى مالىمانچىلىققا چىدىماي ئۆلۈۋالىدۇ.  شۇڭا روھى تىنىم تاپمايدىغانلار، ئەسەبىي ئىستەكلىرىنى باشقۇرالماي قالىدىغانلار بۇ روھىنىڭ سىرىنى بىلگۈچى ئاللاھتىن ئىلىم ۋە ھىدايەت تىلىشى كېرەك. ھىدايەت قەلبنىڭ نۇرى دېمەكتۇر، قەلبتە نۇر بولغاندا گۈزەللىك ۋە بەختتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.

18

بۇ دۇنيا نورمال ياشىشىمغا يېتىپ ئاشىدۇ، چۈنكى دىققىتىم، خىيالىم٨، ئىش مەيلىم، پىلانىم ھەر دائىم تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.  ياخشى يېرى، ئۆز خىيالىڭ بويىچە تەلۋىلەرچە، ئەخمەقلەرچە ياشىيالمايسەن؛ ئۆزەڭنى ئۆزەڭ چەكلەيسەن ھەم باشقىلار تەرىپىدىن چەكلىنىپ تۇرىسەن؛ باشقۇرۇلىسەن، ھەتتا بەزىدە ئۆزەڭگە ئۆزەڭ ئىگە بولالمايسەن. پۇتۇڭغا تىكەن كىرسە، كىچىككىنە ئاغرىق-كېسەلدىن بىئارام بولساڭ پىكىر-خىيالىڭ شۇئان بۇ سەزگۈگە مەركەزلىشىدۇ؛ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيسەن؛ دائىم بىر خىل ھالەتتە بۇرۇقتۇرما بولۇپ ياشاۋېرىش مۇمكىن ئەمەس، كاللىسىدا چاتاق بار ئادەملا ئۆزى پەيدا قىلغان قورقۇنچلۇق خىيال، ئەندىشە ۋە كۆپتۈرۈپ ئويلىۋالغان ئازابلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالىدۇ، ئۆزىنى قىينايدۇ.

خۇدۇكسىرەشلەر، قورقۇنچلار بەزى چاغدا كۈچىيىپ كەتسە بەزىدە يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۆلۈم بەزى چاغدا دەھشەتلىك تۇيۇلسا، بەزىدە يەڭگىل، نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ؛ قەلبىمنىڭ بىر خىل تۇرغىنىنى بىلمەيمەن، دائىم ئۆزگىرىپ يېڭلىنىپ تۇرۇۋاتقىنىنىلا ھېس قىلىمەن. ئەسلىمىلەر غۇۋالىشىپ كەتسىمۇ سەزگۈلەر شۇ پېتى. كونا ھايات كونا ئورمانلىققا ئوخشاش خىلۋەت، دەرەخلەر قېرىپ پورلىشىپ كەتكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن يېڭى بىخلار ئۆسۈپ چىقىۋاتقان، ھاياتىمىز داۋاملىشىۋاتقان… ھەر كۈنى قۇياش بىلەن تەڭ چىقىپ تەڭ پاتىمىز؛ كۈندۈزى تىرىكچىلىك بىلەن، كېچىسى بولسا ئۆلۈكتەك ياتىمىز؛ چۈشىمىزدە باشقا بىر يەردە ياشايمىز، شادلىنىمىز، قايغۇرىمىز، قورقىمىز… روھىمىزنىڭ سىر-ئەسرالىرى بىز چۈشىنىپ بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپ ھەم قىزىقارلىق.

روھىمىزنىڭ بارمايدىغان يېرى يوق، خىيالىمىزنىڭ كىرمەيدىغان ئوي-چوڭقۇرى يوق، سۈرۈلمىگەن خىيال يوق، بەلكى ئېيتىلمىغان گەپ يوق؛ ھەممىسى مەۋجۇت، ھەممىسى يۈز بەرگەن، يۈز بەرگەننىڭ ھەممىسى رېئاللىق، مەۋھۇم ۋە بىمەنە خىيالنىڭ چەكسىزلىكى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ گەرچە شۇم خىيالنى ئوسۇرۇققا تەڭ قىلساقمۇ، ئوسۇرۇقنىڭ سېسىق پۇرىقى يەنىلا مەۋجۇت، ھەتتا شەيتان ئۇنى دائىم پۇرنىمىزغا ئەكىلىپ پۇرىتىپ تۇرىدۇ، سەسكىنىپ قورىلىمىز، چىرايىمىزنى پۈرۈشتۈرىمىز، بۇمۇ رېئاللىق. ئەگەر خىيالدىن ھېساب بېرىدىغان ئىش بولسا ھەممە ئادەمنى يەريۈتۈپ كەتكەن بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، مەرھەمىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى يېتەرلىك چۈشىنىپ بولالمايمىز، پەقەت ئاللاھنىڭ ”رەھمىتىم غەزىپىمدىن غالىپ كەلدى“ دېگەن سۆزىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، بەختلىك بولۇشىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايمىز.

كائىنات ۋە جىمى مەۋجۇدات بىر ئاللاھنىڭ مۆجىزاتى، ھەممە نەرسە ۋەھدەت، يەنى بىر ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتىدىن مەيدانغا كەلگەن. بىزگە ئاجايىپ روھ، ئەقىل، تەپەككۇر، كۆڭۈل، گۈزەل ھېسسىيات بېرىلگەن؛ شۇنداقلا  روھنى قارايتىدىغان، مالىمان قىلىدىغان، تەپەككۇرنى قايدۇرۇپ، ئەقىلنى ئازدۇرىدىغان، گۈزەل ھېسلارنى بۇلغاپ شەھۋەت، شۇملۇق، بۇزۇقلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىبلىس− ئازغۇن دۈشمەن ئەۋەتىلگەن، بەلكى بىۋاسىتە ۋۇجۇدىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بارلىق ئىنسان كۈرەش ئىچىدە؛ ئاللىكىملەر ئازغۇنلۇقتا، ئاللىكىملەر توغرا يولدا؛ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا؛ ياخشىلىق، يامانلىق ئارىلىشىپ كەتكەن؛ ئەقىل بىلەن ھىيلىگەرلىك، سەۋرچانلىق بىلەن مەزلۇملۇق، شىجائەت بىلەن زوراۋانلىق، ساددىلىق بىلەن دۆتلۈك، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىچارىلىك بىرلىشىپ كەتكەن. بىر قارىسا ھەممە ئادەم بىچارە، ئۆزىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆرەڭلىگەنلەر تېخىمۇ ھاماقەت؛ ناقىسلىق، كەمتۈكلۈك گويا بىر ھەقىقەتتەك جىمى ئادەمزاتىنى ئورىۋالغان…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ئۇلۇغ ئىنساننى كىم كۆردى؟ ئۇنىڭ كامالىتى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى، ئۇ پەقەت جىمى ئىنسانغا رەھمەت، نادىر ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنى ھەممە ئادەمدىن چارە كۆرۈپ، يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىش ئىنسان ئۈچۈن شەرەپ. ئەمما جاھان ئەھلى تۈگۈل، ئۇنىڭ ئۈممەتلىرىمۇ تېخى ئۇ زاتنى يېتەرلىك ياخشى كۆرۈپ، سۈننەتلىرىنى ئادا قىلالىغىنى يوق. سۈننەت نامازلىرىنى ئوقۇشقا سەل قارايدىغانلار بار؛ نامازدىن باشقا چاغدا ئۇ زاتنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشمايمىز؛ ”ئۇ دېگەن پەيغەمبەر، ئاللاھنىڭ تاللىغان ئەلچىسى، ئۇنىڭغا بىز قانداقمۇ تەڭلىشەلەيمىز؟“ دەپ ئۆزىمىزنى ئەپقاچىمىز. شۇ كاتتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرەر ئەخلاق ئادىتىنى بولسىمۇ يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىمىزنى ساھابە كىراملاردەك ئېسىل بەندىلەر قىلىشقا تىرىشمايمىز، ئىرادىمىز بوش، رىغبىتىمىز ئاز، ھەرىكىتىمىز قاشاڭ، كەيپىياتىمىز سۇس؛ شەيتان بوينىمىزغا مىنىۋالغانچە ھالىمىز بوشاپ، گەۋدىمىز ئېغىرلىشىپ، ئۆزىمىزنى كۆتۈرەلمەي قېلىۋاتىمىز. غەپلەت، غەپلەتتىن كېيىن شەھۋەت، ھورۇنلۇق تاپ بېسىپ كېلىپ، بىزنى جان ھۇزۇرىغا، چىرايلىق ۋە ئىشتىھالىق نەرسىلەرگە قىزىقتۇرماقتا؛ پەرۋاسىزلىقىمىز، ھاماقەتلىكىمىز داۋاملاشماقتا. مەن شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، مەندەك ئادەملەرنى كۈندە تولا كۆرىمەن، ھالىمنى ئۇلارغا سېلىشتۇرىمەن. پەرىشتىدەك پاك كىم بار؟ شەيتاندەك بۇزۇق ۋە بۇزغۇنچى كىم بار؟ ھەيرەتتە قارايمەن، ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ غاپىللار، ئۆزىنى كۈندە گۇناھكاردەك ھېس قىلىدۇ پاكىزلار، ئەمەللىرىم بىكار كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ لايىقىدا ئىبادەت قىلالمايۋاتقان تەقۋادارلار. قانچە تەقۋا بولسا ئۆزىنى شۇنچە گۇناھكار، جەھەننەملىك ھېس قىلىپ قورقىدىغان بەندىلەرمۇ بار، ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي.

ئىشقىلىپ، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتىمىز. زامانىمىزدا تەقدىر-پىشانىسى ئېنىق بولغان ھېچكىم يوق. ھېچكىم ئاخىرەتتىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن بەندىنىڭ خىيالى بىر يەردىن چىقماي قالسىچۇ؟ ئۆزىنى پاك چاغلاپ كەتكەن كۆرەڭ موللا قىيامەتتە دوزاخقا ھەيدىلىپ قالسىچۇ؟ دۇنيادا ئەڭ خار، پەس كۆرۈلگەن بىر بەندە ئۆزىنىڭ خالىس ئەمەللىرى، باشقىلاردا يوق خىسلەت ۋە ساۋابلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ، ئاخىرەتتە ئۈستۈن مەقامغا ئېرىشىپ قالسىچۇ؟  بىلگۈچى ئاللاھ، ئادىللىقنى قىيامەتكە قالدۇرغۇچى ئاللاھ، ئىنسانغا كۈتۈلمىگەن خەير-ئېھسانلارنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ،  ئۇنىڭ رەھمىتى بولمىسا ھېچكىم قۇتۇلۇشقا ئېرىشەلمەيدۇ.

19

ئۆزەم بىلەن قالدىم، مەن دائىم ئۆزەم بىلەنلا قالغۇچى. قولى قاناپ كەتكەن بىچارىگە 10 رىيال بېرىپ يەڭگىللەپ قالدىم. سەدىقىنى كۆپ بەرسەم بولغۇدەك. بىر لوقما تائامنى ئاز يېسەم بىر ئاچنى تويغۇزالايمەن؛ ماڭا كۆرە ئارتۇق نەرسە بىر مۇھتاج ئۈچۈن تولىمۇ كېرەكلىك. جاندىن، مالدىن نېسىۋە ئايرىپ تۇرۇش ھەقىقەتەن شەرەپلىك. جاندىن نېسىۋە ئايرىش دېگەنلىك ۋاقتىڭنى ئىبادەت-ئەمەل ۋە خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىل دېگەنلىك، چۈنكى ۋاقىت دېمەك مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا جان دېمەكتۇر. جان ھۇزۇرى ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن، رازى بولغان ئىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، مالدىن نېسىۋە ئايرىش ئارقىلىق ياخشىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. شۇ مالمۇ ئەمەلىيەتتە جاننىڭ، ۋاقىتنىڭ بىر قىممىتى. پۇل-مالغا ئېرىشمەك ئۈچۈن جان(ۋاقىت) سەرپ قىلىمىز، قان-تەر تۆكىمىز. بەزى پۇل-مال بەلكىم مۇشەققەتسىز ئەمگەك ئارقىلىقمۇ قولغا كېلىدۇ؛ بۇ چاغدا ئۇنىڭ زاكىتىنى تېخىمۇ ئايرىش كېرەك. بېخىللىق قۇرتلىرى پارازىتلارنىڭ بەدىنىدە ئۇۋىلايدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇنداق پارازىتلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

20

قىزغىنلىق يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاش…

مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى روھىي بايلىقنى كۆپەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش. ئىچى قۇرۇق ئادەمنىڭ يوقىتىدىغانلىرى تېخىمۇ كۆپ، ھاياتى تېخىمۇ مەنىسىز بولىدۇ.

ۋاقىت ئاجايىپ ئىشلارنى، مەنزىللەرنى زاھىر قىلغاندەك بولىدۇ، تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن ئىشلارنى كۆرۈۋاتىمەن، يىللار ئاۋۋالقى مەنزىرە شۇ ئەسنادىكى خىياللارنى باشلاپ كېلەلمەيدۇ؛ تۇنجى كۆرگەندە ھاياجان قوزغىغان دېڭىز شۇ يەرگە قايتا قەدەم باسقاندا كىشىنى ئۇنچە ھاياجانغان سالالمايدۇ؛ تۇنجى كۆرۈنگەندە پەرىزاتتەك گۈزەل كۆرۈنگەن قىز قايتا يېقىنلاپ قارىغاندا ياكى ئۇنى چۈشىنىپ باققاندا سېھرىي كۈچىنى، جەزبىسىنى يوقىتىدۇ؛ خۇسۇسەن، ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدۇكى، تۇيغۇ-تەسىراتلىرىم يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ بارىدۇ.

دەل كۆزىتىش، دەل ئىپادىلەش تەپەككۇرنىڭ تېزلىكىگە باغلىق؛ باشقىچە كۆزىتىش، غەيرى ئىپادىلەش سەنئەت تالانتىغا باغلىق.

كەيپىياتتا بەلگىلەندىم قانداق ياشاشنى،

بىلمىدىم، بەرىبىر پارچىلىنىمەن ئۇششاق ئىشلارغا.

يېشىل ياغاچمەن، ھەرىدەيدۇ تىرىكچىلىك

ئۆتكەن ۋاقىتمەن، ھەرە كېپىكى دۆۋىلىنىدۇ ئالدىمغا.

ئاندىن بىر ئەسنادا ئۇنىڭغا كۆمۈلىمەن،

تېنىم سېسىيدۇ

كۆيىدىغان گاز پەيدا بولىدۇ گۇناھتىن،

ئاھ، ياشىرىپ تۇرغۇچى روھىم يېشىل ياپراقتەك

خالىق ئىگەمنىڭ ئىلكىدە تىترەپ تۇرىدۇ.

21

ناماز بىر زىكرى-تەسبىھتۇر، مۇئمىننىڭ مىئراجىدۇر ؛ روھنىڭ مۇجەسسىمىدۇر؛ گۇناھقا گەدەنگىچە كۆمۈلگەن بىر مەخلۇقنىڭ پاكلىنىش جەريانىدۇر؛ دۇنيانىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈلگەن قاساۋەتلىك ۋۇجۇدنىڭ پاكىزلىنىشىدۇر؛ جاھان غەۋغالىرىغا ئالدىنىپ خارلانغان، بوينى پۈكۈلگەن بەندىنىڭ ئەسلى ئىززەت كامالىغا، غۇرۇرىغا قايتىشىدۇر؛ روھنىڭ نۇرىدۇر ناماز؛ شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆزۈمنىڭ نۇرى دېگەن؛ بىلالغا ” ئەزان ئېيتىپ بىزنى راھەتلەندۈرگەن“ دېگەن. قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئالدىدا ئائىلە، ئىمتىياز، بايلىق، ماختىنىش، كۆرەڭلىك، خاپىلىق، تىرىكچىلىك ئەندىشىلىرى، يوقىلاڭ غەم-قايغۇ، ئارتۇق پىلان ۋە خام خىياللار تامامەن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشىدۇ؛ نامازنىڭ نۇرى ئىچىدە نامازدىكى روھ بارلىق دۇنياۋى، ماددىي نەرسىلەرنى غۇۋالاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەرزىمەس ھالغا كەلتۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇنىڭغا قۇل بولغان، ئۇنىڭغا باغلانغان مەنىۋى كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ؛ ياشىسۇن ناماز، ناماز بىلەن تەڭ ياشاش شەرەپ؛ ئۆلگەندىمۇ يۈزىمىز قىبلىگە، ئاللاھ ۋەدە قىلغان جايغا يۈزلەنسۇن.

22

بازاردا مال-دۇنياغا تويماي قاراپ ئۆتتۈم. پېقىرنى ماددىغا قۇل قىلىدىغان زوراۋانلىق مىڭ يىللىق ھاكىمىيەتتەك مۇستەھكەم. پارازىتلار ئۇۋىسى يامراپ كەتكەن بۇ دۇنيادا نەگىلا بارساڭ ماددىي قۇللۇق. بۇ سىناق ئېغىر سىناق، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ باق؛ ئارىلىشىپ كەتتى كۆپ نەرسە، روھمۇ گاھى قارا، گاھى ئاق.

ھالسىز ئۇيقۇلۇقتا تەرلىگەن بەدەن مۇشەققەت ۋە راھەتنى تەڭ مۇجەسسەملىگەن؛ تەرەت سۇنۇپ تۇرىدۇ، ئەمما روھ ئاسان سۇنمايدۇ، غۇرۇر بىلەن ياشاشقا غەيرىتىمىز بار.

ماختانچاق پاقا بولماي، ھەرىكەتچان قۇمچاق بولغان ياخشىمىكىن.  تېتىك ئىجتىھات، جانلىق تەپەككۇر، ئېغىر- بېسىق ھاياجان بىلەن قەلەمكەشلىك قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ”مۇۋەپپەقىيەت ئالدىراشلىقىدىن ئۇنى ئىزدەپ بولالمىغانلارغا مەنسۇپ“. ئەمگەك جەريانىدىكى مۇشەققەت ھاياتىمنىڭ ئەسلى مۇشەققىتى بىلەن مەنىداش. شۇڭا ئۇنىڭدىن ھەرگىز قاچماسلىق كېرەككى، مۇشەققەتتىن مەنە ئىزدەش كېرەك، ئاندىن ئۇنىڭ راھىتى ئۆزلۈكىدىن كېلىدۇ.

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم، تەپەككۇر تېزلىكىم تۆۋەنلەپ كەتتى دەپ ئۆزەمنى تاشلىۋەتسەم زېھنىم تېخىمۇ گاللىشىدۇ؛ تەشنالىق سۇ بىلەن، جاننىڭ ھۇزۇرى ئېتىقاد، ئىجتىھاد بىلەن بېسىلىدۇ. ئىنتىلىش شۇ ياققا مېڭىش بىلەن قارار تاپىدۇ؛ ھەۋەسنىڭ تۈرى خىلمۇ خىل، ئاللاھ بىزنى خەيرلىك ئىشلارغا نېسىپ قىلغاي.

23

قەلبتىكى قاراڭغۇلۇق ۋە گۇناھ تۇيغۇلىرى كۆڭۈل ئاسمىنىدىكى قارا بۇلۇتلارغا ئوخشايدۇ، ئىمان نۇرىنى  شۇ بۇلۇتلار دائىم توسۇۋالىدۇ. گۇناھلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ۋۇجۇدۇمدا، ھېچكىمگە زەرەرى بولمىسىمۇ ئۆزەمگە زىيانلىق. بەزى گۇناھلىرىمنى بىلمەيمەن، پەرۋەردىگارىم مەندىن ئېنىق بىلىدۇ. ئىسسىقنىڭ بىئارام قىلىشلىرى دەۋزەخنىڭ دەھشەتلىك ئازابلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرىدۇ، گەرچە تەسەۋۋۇرىمىز ئۇنىڭغا يەتمىسىمۇ ئۇ ئازابنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق ئازابتىن قات-قات ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ھەر كۈنى تىلەيمىز.

قورساق ئاچقاندا مېزىلىك قوي گۆشى ۋە پولو يەپ ھۇزۇرلاندىم، رەببىم ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى، باشقىلارنىڭ ئەجرى ئارقىلىق بىزگە كۈتۈلمىگەن رىزىق ۋە بەرىكەت بەردى. باشقىلارنىڭ ئەجرىدىن بەھرىلىنىپ كېلىۋاتقان بەندە ئىكەنمىز، باشقىلارغىمۇ پايدىلىق ئىش قىلىشنى بىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ دۇنيادىكى رىزىقلارنى جانلىقلارنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇنداق چاچقان ئىكەنكى، شۇ ئارقىلىق ھەرىكەتتە بەرىكەت، ھەرىكەتتە ھاياتلىق مەيدانغا كېلىدۇ؛ كۆزنى يۇمۇپ يەۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ، بۇ رىزىقنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ بېقىش، ھالال-ھارامنى ئايرىش، ھالالدىن بولسا ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىش كېرەك.

24

ھورۇنلۇق بىلەن بىپەرۋارلىق شەھۋەت مۈشۈكلىرىنىڭ ئىسسىق بۇلۇڭى، بەزنى كۆرگەن مۈشۈك ئۇنى يېمەي قالمايدۇ؛ شۇڭا يالغۇزلۇقتىكى قىتىغۇرلۇقتىن، خالىي يەردە يات ئايال (قىز، چوكان) بىلەن ئايرىم قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك؛ قىچىقى بار قىز-چوكان بىلەن يالغۇز قالغاندا ھەمراھ بولىدىغىنى شەيتان؛ ياۋايى ھەۋەس ھەم قىتىغۇرلۇقۇڭنى تەڭلەپ تۇرغىنىڭدا شەيتان باشتا سېنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، شەيتان بىلەن دۇئېلغا چۈشۈشتىن ساقلىنىش لازىم. ئىمانىنى يوقىتىش بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىش دېمەكتۇر. 30 كۈن روزا تۇتۇپ پوق بىلەن ئېغىز ئېچىش ئۇچىغا چىققان ئاچكۆزلۈك ۋە ساراڭلىق. مىڭ مۇشەققەتتە قىلغان ئىبادەتنى، ئۇنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋېتىش ئۆتۈپ كەتكەن ئازغۇنلۇق، دۆتلۈك ۋە ھاماقەتلىك. بۇ پەقەت ئۆز-ئۆزىنى مازاق قىلىش، ئەخمەق قىلىش، ئۆزىگە زۇلۇم سېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.

شەيتانغا ئۆچلۈك قىلىش كېرەككى، ۋەسۋەسىلەرگە ئالدىنىپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولماسلىق كېرەك. جاھاندا ھېچ بەندە ئۆزىنى پاك دەپ ئېيتالمايدۇ ھەم ئۇنداق قىلالمايدۇ. بەندىنىڭ تەبىئىتى سىناق دۇنياسىغا مۇناسىپ ھالدا مۇرەككەپ يارىتىلغان بولۇپ، بۇ قانۇنىيەتتىن ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىسى(پەيغەمبەرلەر)دىن باشقا ھېچكىم مۇستەسنا بولالمايدۇ. بىر لەھزە لەززەتنى دەپ جەھەننەمگە غۇلاپ كەتكەنلەر بەلكىم ئاز ئەمەس. گۇناھلاردىن يېنىش، ئۆلگىچە تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق خاتالىقلارنى ئۆچۈرۈش، ئاللاھ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈش بىردىنبىر نىجادلىق يولىمىز. قارارگاھىمىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىش ھەر ئىككى دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

25

ھېچكىمدىن خاپا بولما ۋە ھېچكىمگە چۈشەندۈرمە. ئەقلىڭ بولسا قورسىقىڭنى كەڭ تۇت، ئازادە ياشايسەن. جاھاندا ئۆز ئىچىنى ئۆزى سىقىپ ياشايدىغان جاھىل ئەخمەقتىن ئۆتە بەختسىز ئادەم بولماس. ئاچچىقنىمۇ، قورقۇنچنىمۇ كۆپتۈرۈپ ئويلايدىغان ئادەم بىر كۈنلەردە ئۆزىنى غەزەپتىن ساراڭ قىلىدۇ ياكى قورقۇنچتىن ئۆلىدۇ.

شەيتان شەرەت قىلغان يەرگە قارىمىدىم، ئويلىمىدىم، چوڭ بىلمىدىم، ئازابلانمىدىم، سەۋر قىلدىم، راھەتلەندىم، دائىم مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قېلىشىم ھاياتىمدىكى زور مۇۋەپپەقىيەت، شان-شەرەپ. ئابرۇي كۆپۈك نەرسە، بىر دەمدە يوقىلىدۇ؛ ئۆزلۈك ئىشەنچ ساپ نەرسە، تاۋلانغانچە پارقىرايدۇ. مەندىن باشقا يەنە كىممۇ ماڭا دۈشمەن؟ شەيتان. مۇرەككەپلىك ئىچىدە ئاددىي، توغرا يول تاپاي؛ ئى ئاللاھ، ئىلكىڭدىكى بۇ جاننى سەن رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلاي، مەدەت بەرگەيسەن، نېسىپ قىلغايسەن.

26

ئۇيقۇ يېرىم ئۆلۈم، ئۇنداقتا ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەيدىغانلارنىڭ ئۆلۈمگە ئىنتىلىش ئېڭى كۈچلۈكمىدۇ؟ يوشۇرۇن ئىستەكلەر ئادەمنى قىينايدۇ، ۋەسۋەسىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئاپەت. ئەقىل ۋە سەۋر-تاقەت ھەر دائىم نەپسانىيەتنىڭ غايەت زور بېسىمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ؛ يىغلايمەن قانمىغان نەپسىمنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي، كۈلىمەن ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ توختىماي… تەپەككۇر ئەركىن روھنىڭ قانات يېيىشى، ئۇچىمەن خىيالىمنىڭ خالىغان مەنزىلىگە. تەن ھۇزۇرىغا تەشنامەن، خالىغاندا ۋەسۋەسە قوزغايدىغان شىرىنلىككە ئاشنامەن. گۇناھتىن پاكلىنىپ ساغلام ياشاش شۇنچە تەسمۇ؟ ئۆزىگە قىلغان گۈزەل ۋەدىسىنى بۇزغانلار ھەرگىز ئەركىنلىك قەھرىمانى ئەمەس، بەلكى مەغلۇبىيەتچى خائىن. ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈپ ئاندىن جاراھەتلىرىنى ساقايتىش ئەخمەقلىق، مۇكەممەل بولالمايسەن، ئەمما زەئىپلىكىڭنى شەيتانغا ئارتىپلا قۇتۇلىمەن دېمە، ئىنسانغا يېتەرلىك ئاڭ، ئەقىل، ئىرادە، سەۋر-تاقەت بېرىلگەن. ئۆلۈمگە قانداق يۈزلىنىش ئېتىقاد ۋە ياشاش يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئاللاھ خالىغاندىلا خالىغان ئىشىمىز بولىدۇ؛ ھەددىمىزدىن ئاشماسلىق، نەپسىمىزنى چەكلەپ ساغلام تەبىئىتىمىزگە قايتىش ھاياتىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك نىشان، ئاللاھ بىزنى مۇسۇلمانلىق بىلەن شەرەپلەندۈرگەندىن كېيىن قەلبىمىزنى ئازغۇنلۇققا بۇرىۋەتمىگەي، بەلكى دىنىمىزدا مۇستەھكەم قىلغاي.

27

كېچىدىن چۈشۈمدە ئاجايىپ ئىش كۆردۈم، غەلىتە ھەم سىرلىق. ھەرەم مەسچىتىنىڭ بىر يېرىدە جامائەت ئارىسىدا ئولتۇرغىدەكمەن، داڭلىق قارى سۇدەيىس ۋاپات بولغۇدەك، جىنازىسى كېلىۋاتقاندا جامائەت تۆمۈر رىشاتكىلارغا ئېسىلىپ قايغۇ-ماتەم بىلدۈرگۈدەك، ساقچىلار يېقىن كەلتۈرمىگىدەك. جىنازا توساتتىن ماڭا يېقىن يەرگە كەلگەندە مەن ئولتۇرغان يەر پىقىراپ، ئاندىن چۆكۈپ، يەر ئاستىغا (لەھەتكە) بارىدىغان بىر يول ئېچىلغۇدەك، ئۇ دۇنياغا بارىدىغان يول مۇشۇمۇ نېمە؟ دەپ قالغۇدەكمەن ھەيران بولۇپ. سۇدەيىس قارى تېخى تىرىككەن دېگۈدەكمەن، بىر چاغدا كۆرگەن تونۇش چىرايىنى ئەسلىگۈدەكمەن…

كۈندۈزى ھەرەم مەسچىتىگە باردىم، ئۆڭۈمدە كۆرگەن دۇنيا شۇ قەدەر قاينام-تاشقىن، ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ شاماللار، مېڭىپ تۇرىدۇ ھاجىلار، كېلىپ تۇرىدۇ شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازلار…

ياتاقتىكى چىۋىنلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىپ خاتىرجەم ئۇخلىدىم، بىراق ئەتىسى سەھەردە يەنە پەيدا بولۇپ قاپتۇ، قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ يوقاتتىم؛ گۇناھلارنى، قاغجىراپ كەتكەن نەپسىمنى چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەك بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈش مۇمكىنمۇ؟  ئادەممەن، ئەخمەق جاھىلمەن، ئۆزگىرىمەن، پاكلىنىمەن، كىرلىنىمەن، يەنە ئۆزەمنى پاكلاشقا ئىنتىلىمەن. مۇزدەك مەر-مەر تاشقا سەجدە قىلسام باش ئاغرىقىم يوقالسا دەيمەن؛ يارالمىشىمدىكى خۇسۇسىيەتلىرىمگە ھەيرانمەن، ئۆزەمنى ئۆلگىچە ئوقۇپ تۈگىتەلمەيدىغان كىتابتەك قىزىقارلىق ھېس قىلىمەن، ھاياتىم بىر جەريان، خىلمۇخىل ھەرىكەت، ئەركىنلىك ۋە چەكلىمە، يەڭىللىك ۋە بېسىم ئارىسىدا گاھ شاردەك لەيلسەم، گاھ چۆيۈن توپتەك دومىلايمەن. جۇشقۇن ياشىماق ئەمەلىيەتتە ياشلىقنى ساقلىماقتۇر.

28

گۈزەل ئاياللارغا كۆز تىكىپ كۆز زىناسى قىلىۋاتقان ئەي ئەر،  سەندە شۇ خىلىت، شۇ ھورمۇن، شۇ ھېسسىيات بولمىسا ئۇ جەزبىلىك جىنسلارمۇ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ؛ قوي گۆشىدىنمۇ تەمسىز، لەززەتسىز تۇيۇلىدۇ.  ئۆزەڭدىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نەپسانىي ئېنىرگىيە مۇھەببەت ۋە جىنسىيەتنىڭ ئاساسى. پىشىپ يېتىلىپ، تولۇپ تېشىپ تۇرغاندا تۇغاننى ئېچىپ، سۇنى ئېقىشىغا قويۇۋەتسەڭ راھەت، بىئارام ھەۋەسلەرمۇ قىنىغا چۈشىدۇ، كۆڭلۈڭ ئارام تاپىدۇ. بىراق نەپسىڭنى ھالال يول بىلەن قاندۇرۇشۇڭ كېرەك. بىزدە تەرىتى بوش، ئىمانى بوش، ئازغىنە ئىبادەتلىرىدىن كۆڭلى خوش مۇسۇلمان تولا. ئۇلار شەھۋەت يولىدا تېيىلىپلا تۇرىدۇ. تالاي سەتچىلىك، يوشۇرۇن رەسۋالىقلارنى خەق بىلمىگەن بىلەن ئاللاھ بىلىدۇ، پەرىشتىلەر يېزىپ خاتىرىلەپ تۇرىدۇ.

غاپىللىق پەردىسى ئىمان نۇرىنى توسۇۋالىدۇ، غۇۋالىق ئىچىدە ياشايمەن، قاچانكى ئىمانىم كۈچىيىپ روھىم پارلىسا نۇر ئىچىدە ياشاشقا نېسىپ بولىمەن؛ ئەلۋەتتە رەببىم خالىسا ئارزۇيۇم، ئىشتىياقىم شۇنىڭغا باغلىنىدۇ.

29

مەئىشەت، ئويۇن-كۈلكە دۇنياسىنىڭ سېھرىي كۈچى ئادەمنى تىنماي غىدىقلايدۇ،  ئىسراپ بولدۇم، خاراپ بولدۇم گۇناھ قېتىدا؛ دۇنيا گويا شۇنداق ئەيش-ئىشرەت ۋە رومانتىكا بىلەن گۈزەل؛ شەيتانىزم ھەممە يەردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندەك بىر مەنزىرە ئالدىدا گاڭگىرايدۇ ساددا مۇسۇلمان.  نامازدىن باشقا چاغدا ھەيۋەت يوق، بىرلىك يوق، گۈزەللىك ۋە پاكلىق يوق؛ يوللار ئەخلەت، چىۋىنلار بىلەن ئاۋات.

  روھىم ئۈستۈن ئىمان بىلەن، ئەمما پات-پات خائىنلارچە باش ئېگىمەن نەپسىمگە، ”نېمە ئۈچۈن؟“ دەپ سوئال قويىمەن، ئاندىن ”ئادەم بولغاچقا، بەشەرىي ئىستەك ئارام بەرمىگەچكە“ دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئەمما ئۇ دۇنيادىكى سوئال-سوراقلارغا مۇشۇنداق جاۋاب بەرسەم ئاقامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېيىلسە، كاپىر، مۇناپىق، فاجىرلارغىمۇ باھانە تېپىلىدۇ. قايتىش يولى رەببىمىزنىڭ دەرگاھى، سىغىناق ئەنە شۇ يەردە، رەھمەت ئىشىكىدىن كىرىمىزمۇ ياكى غەزەپ بوسۇغۇسىدا جەھەننەمگە غۇلاپ چۈشىمىزمۇ، بۇ پۈتۈنلەي رەببىمىزنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. پەقەت ئۇنىڭغىلا يېلىنىمىز؛ گۇناھ-مەئسىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى بىزدىن ياخشى بىلگۈچى، قارارگاھىمىزنى بېكىتىپ بولغۇچى ئاشۇ زاتقا يالۋۇرۇپ يىغلىماقتىن باشقا بۈيۈك ئىشىمىز، ئۇلۇغ تاللىشىمىز يوق. ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت ئۈچۈن تىرىشىشتىن باشقا ئىش چوڭ غايە ئەمەس، قالغىنى  پەقەت  ئادەتتىكى مەقسەت، قورساق غېمى، ماختىنىش ۋە ئويۇن-كۈلكە.  ئەگەر بۇنى غايە قىلىۋالساق رەزگىلىشىپ كېتىمىز، نەپسىمىز يوغىناپ كېتىدۇ، بۇ نەپسىمىزنى قاندۇالمىغاننى ئاز دەپ مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتتىنمۇ قۇرۇق قالىمىز.  ھالبۇكى بىزنى دائىم شۇ كۈندىلىك مەقسەتلەر ئالداپ كېتىدۇ، قېنىمىزدىكى شەيتان ۋۇجۇدىمىزنى، ئەتراپىمىزنى قورشاپ تۇرىدۇ، نەگە بارساق سايىدەك ئەگىشىپ بىئارام قىلىدۇ؛ ئۇ بولغاچقا ئىمان ھۇزۇرىنى ھېس قىلالايمىز، سەۋر-تاقەتنىڭ چىدىغۇسىز يەڭگىللىكىنى بىلەلەيمىز.

ياتاقتا چىۋىنلار يەنە كۆپىيىپ قالدى، گاھىدا كارىم بولمىدى، گاھىدا قوپۇپ ئۆلتۈردۈم. كەسكىن ئىرادە ۋە تېز ھەرىكەتنى ئالامەت ياخشى كۆرىمەن، ئەمما بۇ ھال دائىم ۋە ئىزچىل داۋاملاشمايدۇ؛ گاھ يۈگۈرۈپ، گاھ مېڭىپ، گاھ ئولتۇرۇپ، گاھ ئۇخلاپ… يۈدۈپ بارىمەن بۇ جىسمىمنى جان چىققىچە؛ رەھىم ھەر كۈنى غەليان كۆتۈرىدۇ؛ ئەمما قورقىمەن ئىسيان ۋە تۇغياندىن؛ تىلەيمەن ھىدايەتنى رەببىمدىن.

30

سىقىلىپ كەتكەن روھىم ئۇيقۇدىن بىدار، ئادەمنىڭ روھىدىكى پەرق نەقەدەر زور، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. ئىسسىق-سوغۇقنى يېتەرلىك باشتىن كەچۈرمىگەن ئادەمدە پىشىپ يېتىلىش، تاۋلىنىش بولمايدۇ، ئىش كۆرمىگەن 40 ياشلىق ئەركەكنىڭ 10 ياشلىق سېرىق تۈك بالا بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. ئەرلەر ھۆكۈم سۈرەلمىگەن ئائىلىدە ئاياللارنىڭ ئەركەكزەدەكلىكى باش كۆتۈرىدۇ.

يازغۇچى شاللاق بولسا تالانتىنى ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكىگە باغلاش كېرەكمۇ؟ قورساق كۆپۈكىنى بوشىتىش ئۈچۈن قەلەمكەشلىك قىلىش چوڭ تەرەت قىلغاندەك ئىش. بىر كىتاب ئوقۇدۇم، پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردىمۇ؟ ياق، پەقەت بىر نەچچە سائەتلىك خىيالىم ئۆزگەردى، مەن كۆنۈپ قالغان بۇنداق ئۆزگۈرۈشچان خىياللارغا، ھاياجانلارغا، غەزەپلەرگە. ھەر دەۋرىمدە، ھەر زامانىمدا مەن مەن بولماي قالىمەن. ئەمما  يەنىلا شۇ پېتى تۇرغاندەك قىلىمەن. ئەركىنلىكتەك كۆرۈنگەن خۇسۇسىي، نىسبىي، ساختىلىقى چانمايدىغان ئەركىنلىككە ۋە قانچىلىك ھۇزۇر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر دەم يېرىم دەم راھەتلەرگە شۇنچىلىك كۆنۈپ قالدىمكى، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر، مۇسىبەتلەرنى ئويلاشتىنمۇ ئۆلگۈدەك قورقىدىغان بولۇپ كەتتىم.

كۆنۈپ قېلىش راھەتتۇر راھەت،

كۆنۈپ قېلىش ئاپەتتۇر ئاپەت.

نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولۇپ ياشاۋاتىمەن، مىللىي تۇيغۇ-سەزگۈلىرىم توڭلاپ قالغان كىرپە. ئاللاھ مېنى مۇشۇنچىلىك روھ ۋە بوي-بەستىم بىلەن يارىتىپتىكەن، قىسمىتىمگە پۈتۈلگەن ھاياتىمنى ياشايمەن، قىلالايدىغان ئىشىمنى قىلىمەن، ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياجلىرىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىمەن، بۇ ئەجىبا مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسمۇ؟ مىللەت ئۈچۈن ئۆزلۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەسسە قوشۇش كېرەك؛ ھەر كىم ئۆز يۈرىكىنىڭ نېمىگە سوقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ؛ مەنىۋىيەتنىڭ رەھبىرى پەقەت ئىمان ۋە ئۆزلۈك ئېڭى.

31

ئىشتىياق باغلىدىم خەۋەرلەرگە، ھەقىقىي ۋەقەنى بىلگۈچى ئاللاھ، نىجاتكارىمىز ئاللاھ، بەختكە بىر ۋەسىلىنى بەرگۈچىمۇ ئاللاھ، پەرۋەردىگارىمىز بۇ دەۋرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتنى بىلىشكە شۇنچىۋالا ھېرىسمەن، ئەمما غەيبىي مەسىلىلەرگە كاللىسى يەتمىگەچكە، ھېس- تۇيغۇسى رېئاللىقتىن، ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەي، نەق نەرسىلەرگە باغلىنىپ، چەكلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ؛ ئەسلى تەبىئەت، ئاجىزلىق، بىچارىلىك مانا مەشەدە؛ ئۆزىنى ماددىنىڭ قۇللۇقىدىن، باتىللىقتىن ئازاد قىلالىغان تەۋەككۈلچىلەرگە ئاپىرىن، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى. ئىشنىڭ بېشى ئىسلام، تۈۋرۈكى ناماز، چوققىسى جىھاد دېگەن مەشھۇر ھەدىس تا قىيامەتكىچە پارلاق ھەقىقەت بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. باشقا ھاياجان ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلەر جاھان رەپتارىغا تولۇپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى تېز قىززىتىپ، تېز سوۋىتىپ قويىدۇ. جاھاندىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ پەزلى كەرەمىدىن، ئەپۇ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدۇ.

بۈيۈك ھەقىقەتنى بىلىش باشقا، ئىرادە باشقا، ئەمەل قىلىش باشقا. ئاللاھ قەلبلەردىكى ئاشكارا، يوشۇرۇن سىرلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇراپ تۇرىدۇ. قەلبلەرنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى بۈيۈك زاتنىڭ پەزلى كەرەمىدىن ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈشتىن باشقا تەسەللىيىمىز، خاتىرجەملىكىمىز يوق. بارلىق كەيپىيات ۋە ئىستەكلىرىمىز بىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇجەسسەم بولغاي دەيمىز. ئاللا رەھمىتىدىن باشقا سىغىناق، خاتىرجەم ماكان ئەسلا يوق. ئۆلۈم ئالدىدا شۇنداق بىر نۇقتىغا يىغىلىدۇكى بۇ جان، پەقەت ياراتقۇچىسىنىلا ئويلايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ يىغلايدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىغا بارماسلىققا ھېچ بىر سەۋەب قالمايدۇ، تارتىشىدىغان بۇ دۇنياسى ۋە بېرىشتىن ۋەھىمە قىلىدىغان ئۇ دۇنياسىنى ياراتقان شۇ ئاللاھقا يۈزلەنمەي قالمايدۇ؛ ئاللاھ ئەۋۋەل ھەم ئاخىر، زاھىر ھەم باتىن؛ ئەقىل ئۆزى يېتەلمىگەن سىرلىق مەنزىلدىن، يۆچۈن قارارگاھتىن ئەندىكىپ تىپىرلايدۇ، خىلمۇ خىل پەرەزلەردىن ئەقلى تېخىمۇ تۇتۇقلىشىدۇ؛ ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىپ، ئەقىل كۆزۈڭنى ئاچ، ئۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى ئېنىق كۆر دېمىگەنمىدى؟ جەننەت بىلەن دوزاختنى سۈرەتتەك تەسۋىرلەپ بەرمىگەنمىدى؟ ئۇنىڭ ئىلاھىي ھېكمەتلىرىنى ئىنسان ئەقلىگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈپ بەرمىگەنمىدى؟ قۇرئاندا دېيىلگەندەك، بۇ كىتابتىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ، ئىبرەت ئالىدۇ، بىلىم ئالىدۇ… ئىلىم بېرىلگەنلەرنى ئاللاھ تېخىمۇ ئەزىز قىلىدۇ، ئەمەل قىلغانلارنى بولسا تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ بىزنى شۇنداق بەندىلەردىن قىلغاي-ئامىن.

32

قۇرئان ئوقۇدۇم ئىشتىياق بىلەن، ئەمما ئەمەل قىلماسلىقتىن قورقىمەن. ئەخلاقىم قۇرئان بولامدۇ؟ ياكى بۇ پەقەت پەيغەمبىرىمىزگە خاس خۇسۇسىيەت، مەن ئۇنداق بولالمايمەن دەپ يالتىيىپ، ئىشنىڭ ئوڭىيىغا قېچىپ قۇتۇلىمەنمۇ؟ قېچىپ نەگە بارىمەن؟

ھاياتتىكى جەريانلار بىر ئېقىندىكى داۋالغۇشلار بويىچە داۋاملىشىدۇ. گاھىدا تىنچ ئاقىمىز ئۆز قىنىمىزدا، گاھىدا ئۆركەشلەيمىز، چاچراپ كېتىمىز ئازغۇن تامچە بولۇپ…

ئادەملەردىكى ئىشەنچسىز مۇناسىۋەتتىن گاھىدا شۈركىنىپ كېتىمەن؛ ھەر قەلب ھەر ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇكى، ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ھېچنېمە ئەمەس(ئەرزىمەس) نېمىنى ئەزىز قىلغان ئاللاھ ئۇنى يەنە خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. نېمىلا قىلسا قىلىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشكە، نارازى بولۇشقا، ھەتتا ئىسيان كۆتۈرۈشكە ھەقلىق بولالمايدۇ؛ ھەق پەقەت ئاللاھ تەرەپتىن كېلىدۇكى، ھەقىقەت ئۇنىڭ تەجەللىيسى. ئۇ ئەزىز قىلغاننى ھېچكىم خار قىلالمايدۇ، ئۇ خار قىلغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ.

ئۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت تەنبىھ بەردۇق، ئەمما ئىختىيارىمىزنى قولدىن بەرمىدۇق. ئېھتىيات يۈزىسىدىن چەكلەندۇق، بەلكىم ئىچ پۇشۇغى ياكى ئاللىقانداق ۋەسۋەسىلەردىن چۈشكۈنلەشتۇق، دىل ئارام تاپمىدى، ئۆزىمىزنى ئەيبلىدۇق، تەقۋالىققا توسقۇن بولۇۋاتقان نەرسىلەر شۇنچىلىك كۆپ. شەيتانلار ۋۇجۇدىمىزنى ئەخلەتتەك دەسسەپ، يەنچىپ، ھالاكەتكە سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئاران تۇرىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھ ۋە دانا بولۇش، غەپلەت، ئىسيان ۋە تۇغياندا(ھەددىدىن ئېشىشتا) قالماسلىققا تىرىشىش كېرەك. دەۋەتچى تالىپلارغا مۇشەققەت كۆپ، ئاۋۋال ئىلىم، ئاندىن ئىرادە ۋە ئەمەل كېرەك.

گۇناھلار يېپىشىپلا تۇرىدۇ ھاۋايى ھەۋەسكە. تولا ئويلىدىم، تولا سۆزلىدىم. كۆڭۈلگە ياقىدىغان، ياقمايدىغان ئىشلار نورمال داۋاملىشىۋەردى. كۆنگەنچە تەپەككۇر قاشاڭ بولۇپ كېتىدىكەن، كۆنمىگەنچە ئازاب بۇ دۇنيا… شۇنچىلىك كىچىك بىر دۇنياغا قاپسىلىپ قالدىمكى، ئىچىمدىن بوغۇلۇپ، تالاغا چىقتىم.

ئەتىگەن بىر ئوبدان، تەقۋا بەندە ئىدىم، كەچتە ئۆزگەردىم. بەندىنىڭ ھالى شۇنچىلىكمۇ؟ كونا ئىللەت ۋە يامان ئادەتتىن قۇتۇلالماي كېتىدىغان گەپمۇ؟ كۆڭۈل ئىستەيدۇ، خالىغىىنىمنى قىلىمەن دەپ تىزگىنىمنى قويۇۋەتسەم، تورمۇزى يوق ماشىنىدەك خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالماسمەنمۇ؟ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغىنىم ياخشى، ياخشىلىقتا گۈزەللىك بار.

كۆڭۈل توقۇنۇشلىرى ھەيران قالارلىق، كەچمىشىم خىلمۇ خىل، ۋۇجۇدۇم ئۆزگىرىش ئىچىدە، گاھ خۇدۇك، گاھ ۋەھىمىلىك، گاھ خاتىرجەم، گاھ خۇشال يۈرۈۋاتىمەنكى، تايىنىم قالمىدى گويا… مەلۇم ۋاقىتتىكى ھالىتىم بىلەن ھازىرقى ھالىتىمنى سېلىشتۇرالمايمەن. تۇيۇقسىز بىر ئىشلار قەدىمىمنى توختىتىپ قويىدۇ ياكى تايدۇرىدۇ؛ مۇنكەرلىك قىسقىغىنىچە داۋاملاشسىمۇ زەھىرى يامان، شەيتان تېيىلدۇرۇپلا تۇرىدۇ بۇ پىتنە ئۈستىدە مېنى. نومۇس قىل دېدىم ئىچىمدە، ئىمانىم قېنى؟

33

ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا بىر مەزگىل ئۆلۈمنى تولا ئويلاپ ساغىرىپ يۈرگەنىدىم. ھازىرغىچە تەڭ دېمەتلىكلىرىمدىن بىر نەچچىسى ئۆلۈپ كەتتى، مەن تېخى تىرىك، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ خاتىرجەم بولدۇم. ئۆلۈمنى دەپئى قىلالمىغاندىكىن رەببىمدىن ياخشى ئۆلۈم، ياخشى ئاقىۋەت تىلىشىم كېرەك. يامغۇر يېغىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، بېشىمىزغا كېلىدىغان مۇسىبەتمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەرىكەتچان دۇنيا بۇ، ئاللاھ توختىماي يارىتىپ، ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئىجرا قىلىش كېرەك. ئەڭ قىيىن زىكرى يەنىلا ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش. ئۆزى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن (جان قايغۇسىدا قالغان) ئادەم ئاللاھتىن مەدەت، مەغپىرەت تىلىشى كېرەك. ئىشنىڭ ئاسىنىنى تاللايمىز، ھەر ئىش ئاللاھنىڭ خالىغىنى بويىچە بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا قىيىن ئەھۋالغا، ھەتتا ئۆلۈمگە يۈزلىنىمىز؛ بۇ چاغدا ھوشىمىزنى يوقىتىمىزمۇ يا ئاخىرقى نەپسىمىزدە كەلىمە شاھادەتنى جارى قىلىمىزمۇ؟ قارارگاھىمىز قەيەر بولىدۇ؟ بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە مەنسۇپ؛ قىسقىسى، ئۆلۈم ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قاتتىق سىناق ۋە بۈيۈك ۋەز-نەسىھەت. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ ياشايمىز، ئاللاھتىن ياخشى ئاقىۋەت تىلەيمىز. جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق، ئۆتكۈنچى دۇنياغا ھەر قانچە تارتىشىپ كەتسەكمۇ، ھامان بارىدىغان جايىمىزغا بارىمىز، تۇيۇقسىزلا ھەممىنى تاشلاپ كېتىپ قالىمىز، ئۆي-ماكان، خوتۇن-بالا، مال-دۇنيا، ساختا شۆھرەت، ۋاھاكازا… ھەممىسى قالىدۇ. ئەمما ھازىرنىڭ ئۆزى ھاياتلىق غەپلىتى.

34

ياخشى ئىنسانلار بىلەن ئۇچراشتىم، قولىدىن شەربەت ئىچتىم؛ ياخشى كىتابلارغا ئېرىشتىم، شېئىر يازمىدىم، بىلىدىغان دەرتلەرنى تۆكۈپ بىچارىلەشتىم، ئۇيغۇرلۇق سۈپىتى بىلەن چۈشكۈنلەشتىم، ئەسلىدە مىللەتتىن ئۆتە ئىمان دەۋاسى مۇھىم، چۈنكى ئىنسان شۇ ھەق دىن بىلەن يارالغان، بۇ توغرا يولدۇر. ئەگەر ھەقىقىي مۇئمىن بولساڭلار ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر دەۋاتىدۇ ھەقىقىي سەلتەنەت ئىگىسى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا. ئۆمۈرنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ، ھەقىقەتەن شۇنداق. مەلۇم پەيتتە ئۆلۈم راھەت، مەلۇم پەيتتە ئۆلۈم قاباھەتلىك. ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدا ئېلىشىۋاتقان مۇئمىن نىدا قىلىدۇ: ئارام تاپماس جېنىمنىڭ ئىگىسى ئى ئاللاھ، روھىمنى ئۆز دەرگاھىڭدىن كۈچلەندۈر، جېنىمنى ياخشىلىق ئۈستىدە ئال، مەندىن رازى بول. جەننىتىڭگە ئىزچىل قىزىقىپ كەلدىم، دوزاختىن (دائىم بولمىسىمۇ) گاھىدا قورقۇپ كەلدىم، مېنى جەننەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىرىگە بولسىمۇ ئۇلاشتۇر، مېنى جەھەننەم ئازابىدىن ساقلىغىن؛ رەھمىتى غەزىپىدىن ئۈستۈن كېلىدىغان ئى ئاللاھ، مېنى ئۆز رەھمىتىڭگە ئال، مېنى مۇسۇلمان پېتى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەت…

كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلغىنىمدا قۇرئان ئوقۇپ ئارام تاپتىم.

35

ئۆزگىرىش، ئۆزگىرىش، يەنە ئۆزگىرىش…

ھەرىكەتچان دۇنيا ۋە ھەرىكەتچان روھ. ئادەم تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە مۇشۇ ئۆزگىرىش ئىچىدە گويا مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىدۇ؛ ياق، بەزىلەر تېخى ئۇنداق ئېغىر ئازابلارغا ئۇچرىمىدى. بېشىمغا كېلىدىغان شۇملۇق، پالاكەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدىم، ئاللاھنىڭ بەيتىدە دىلىم ئارام تاپتى. يولدا نۇرغۇن ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چۈمۈلىدەك ماڭدىم. ئۆز غېمىدە قالغان بىچارە بايقۇشمەن، ئىمان بىلەن كۈچلىنىشنى تىلەيمەن. ھالىمىز قارىماققا ناچار بولسىمۇ، ئىمانىمىزنى يوقاتمىساق يەنە ئەزىزلىكىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ئاللاھ خالىسا ئەزىز ھالدا ئۇ دۇنياغا كېتىمىز.

يالغۇزلۇق بەزىدە يامان خىيالنىڭ بۆشۈكى. يالغۇزلۇقتىن زەھەرلەنمەسلىك ئۈچۈن ئاللاھ زىكرىدىن بوشىشىپ قالماسلىق كېرەك. ئىمان نۇرى قەلبىمىزنى تولۇق يورۇتمىغىچە روھىمدىكى(دۇنياۋى) قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈيمەن ۋە ھەمىشە ئۆتكۈنچى يامانلىقلاردىن، پالاكەت، مۇسىبەتلەردىن قورقىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئىمانىمنى زەئىپلەشتۈرۈپ ئۆزۈمنى ئازابلاپ قويىمەن؛ ئاللاھتىن نۇر ۋە نۇرۇمنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تىلەيمەن. ئىمان نۇرى ئىككى دۇنيالىق بەختىم ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. نۇر ئىچىدە ياشاش، ئۇ دۇنيادىمۇ يورۇقلۇققا، نىجاتلىققا ئېرىشىش ئەڭ چوڭ غايىمىز ۋە تىرىشىش نىشانىمىز. بۇندىن باشقىسى دۇنيالىق غەپلەت ۋە غەلەت.

36

ئۇيقۇنى ئارام ئېلىش ۋە مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەندەك بولدۇم. ۋاقىت بۇ بەدەننى ئېقىن سۇدەك يۇيۇپ تۇرىدۇ، كىرلىشىپ تۇرىمەن، قېرىپ تۇرىمەن، شاش دەۋرلىرىمنى سېغىنىمەن، كۆڭۈل ياش دەپ بۇ بىچارە كۆڭۈلنى بەزلەيمەن؛ كۆڭۈل ھەقىقەتەن شادلانغان ۋاقىتلارنى ئەسلەيمەن. يەنە ھەقەمساىيىلەر كۆپ سورۇندا كۆپ سۆزلەپ ئازدىم، دەردىمنى سۆزلەش غەيۋەتكە ئايلىنىپ قالدى؛ مۇشەققەتتە ئوقۇش بىلەن تاۋلىنىۋاتقان ياش بالىلار چەت ئەلدە خاتىرجەم ياشاۋاتقاندەك قىلغان بىلەن زادىلا ئەركىن، ئازادە ئەمەس، بىر قارا سايە ئۆز ئىستىقبالىنى توسۇپ تۇرغاندەك بىئارام بولىدۇ. ئىمكان دەۋاسى، ۋىجدان تەقەززاسى بىلەن مەۋجۇت توسقۇنلۇقلار ئارىسىدا قىسىلىدۇ، يۈرەك باغرى ئېزىلىدۇ. بۇ ئىزتىراپلار يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلدى، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا ياخشىلىققا، تەقۋالىققا توسقۇنلۇق كۆپ ئىدى. ئىلىم يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، يات ئەلدە رىيازەت چەككەنلەر ئىچىدە خوتۇن ئېلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشنىڭ كويىغا كىرىپ كەتكەنلەر كۆپ. ئۆز يولىنى ئەۋلادىنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، بارلىق مېھنىتىنى شۇلارغا سەرپ قىلىدىغانلار بار. ئۆزىدىن تېخى ئۈمىد ئۈزمىگەنلەر بار. بىر سەپرا بوۋاي «ۋاللاھى، بىر-بىرىڭلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلمايدۇ» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. كېچىدىكى خوتۇن پارىڭى مىللەت قايغۇسى بىلەن ھېچ بىر يەرگە كەلمىدى؛ خالادا ناخشا توۋلاپ، ئاندىن خۇپتەن ئوقۇپ يېتىپ قالدىم يېرىم كېچىدە. بېشىمىزنىڭ ساقلىقى بىلەن يۈرىكىمىزنىڭ داغلىغى، قەلبىمىزنىڭ ئاقلىقى بىلەن ئىمانىمىزنىڭ ساپلىقى بىر-بىرىگە تۇتاش.

37

تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈن ئالمىشىپ قالدى، چېسلا ئۆز تەرتىپىنى يوقاتتى، ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئېقىۋاتقان سۇ، بىر چۆمۈلىمەن، قايتا چۆمۈلگەندە ئۇ تۇيغۇنى تاپالمايمەن. گەپلىرىم ئىچىمگە سىغمايدۇ، ئېغىزىم ئۇپراپمۇ قالمىدى، سالماق تاش، ئېغىر باش بولالمىدىم. گۇمانخورلۇق، خەۋپسىرەش ئىچىدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن خەق باركى ئارىمىزدا، ۋەھىمە گويا ۋابادەك تارىلىدۇ ئۇلارغا. توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلارمۇ ئەتراپىغا خۇدۇكسىرەپ قاراپ قويىدۇ، چۈنكى ئەتراپىدا تاغۇتلار، ئىبلىس مەلئۇنلار، ئۆز ۋۇجۇدىدا ھەم توختىماي ھەرىكەتلىنىپ يۈرگەن شەيتانلار بار. بارلىق بىئاراملىق ۋە بالايى ئاپەتلەر شۇلاردىن كېلىدۇكى، بۇ ئاپئاشكارا دۈشمەننى كۆزىمىز كۆرەلمىگەن بىلەن قەلبىمىز كۆرۈشى كېرەك. قەلبىمىز كورلاشسا بىزنى غەپلەت، غەلەت، زىللەت، زۇلمەت باسىدۇ، يامان ئاقىۋەتكە قالىمىز. مانا بۈگۈن ھەر كۈنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇر تىلەيمىز: ئى رەببىمىز، قەلبىمىزنى نۇر، ھىدايەتكە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋەتكىن، بۇ دۇنيالىق ئىشلىرىمىزنى، ئاخىرەتتىكى ھېسابىمىزنى ئاسان قىل دەپ تىلەيمىز.

نەپسم تۈپەيلىدىن ھەر كۈنى يېڭى بىر پىتنىگە دۇچار بولىدىغاندەك ھېس قىلىمەن، ئۇ جەزىبە، ئۇ ئىستەك ۋۇجۇدۇمنى شىرىن قىچىشقاقتەك بىئارام قىلىدۇ، قاشلىغانچە قانمايمەن، شەلۋەرەپ كېتىدۇ جاراھەتلىرىم، ئاندىن بۇ كونا كېسەلگە ئايلىنىپ قەقەش بولىدۇ؛ تاتلىساملا شىرىن ۋە ئازابلىق سەزگۈلىرىم قوزغىلىدۇ، ھوشۇمنى يوقىتىمەن. زەئىپ يارىتىلغان ئىنسان نەپسى ئىستەكلىرىنى چەكلەشتىن ئاجىز كەلسە قانداق قىلىدۇ؟ بۇ سىناقتىن قانداق ئۆتىدۇ؟ بۇ غايەت چوڭ مەسىلە، ئۇنىڭدا ھېكمەت بار، ئىبرەت بار، سىناق بار، بەلكى رەھمەت بار. بىز ئاللاھ بىلدۈرگەندىن باشقىنى زادىلا بىلمەيمىز.

38

ئارام تاپماس جان پەقەت تەۋەككۇلچىلىك، قورقماسلىق بىلەنلا ئارام تاپىدۇ؛ باشقىسى زەئىپ تىترەك، ئۆزىنى ئۆزى قىينايدىغان ئاجىزلىق. فىترەتتىكى كەمچىلىكنى تۈگەتكىلى بولماسمۇ؟ روھتىكى مەجروھلۇقنى ساقايتقىلى بولماسمۇ؟ قورقۇش نېمە، ۋەھىمە دېگەنچۇ؟ ھاياجان نېمە، غەزەپ دېگەنچۇ؟ بۇ خىلمۇ خىل روھىي ھالەتلەرنى ئاللاھ تەبىئىتىمىزگە پۈتۈۋەتكەن، مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم روھىي ھالەت ھۆكۈمران بولىدۇ. رەببىمدىن روھىي ئەمىنلككە ئېرىشىشنى شۇنچىلىك تىلەيمەنكى، ئىمان ۋە ئەمەل-ئىبادەتلىرىمنى شۇنىڭغا تەسەددۇق قىلىمەن.

39

ھازىردىن باشلاپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، بەلكىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ دەرگاھىغا كېتىۋاتىمەن. ئەسلىمىلەر يوقالدى، ھالبۇكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنى مالائىكىلەر خاتىرىلەپ تۇرىدۇ؛ بىھۇدە سۆز، ئوسال قىلىق، ئىتائەتسىز خىيال ۋە ئىسيانكارلىقلىرىمىزنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسام گۇناھلىرىم تاغدەك دۆۋىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ تۇرۇش، پاك-ساغلام ياشاش مۇھىم. باشقىلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلەم تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش بىلەن خاراكتېرلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەر ئىشتا مۆتىدىلللىك، تەبىئىيلىك بولغىنى ياخشى. ئاشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىكتىن دائىم سەلبىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. بىزدە بىئاراملىق، كۆڭۈلسىزلىك ئۇزاققا سوزۇلىدۇ، خاتىرجەملىك ۋە شادلىق قىسقا داۋاملىشىدۇ. قىيىن ۋەزىيەتتە شۇنداق بولىدۇ ۋە كىشىلەر ئېچىلىپ كۈلەلمەيدۇ. رەزىللەر بولسا شۇ كۈلكە ئۈچۈن ئىمانىنى، ۋىجدانىنى ساتىدۇ.

روھ غەليانلىرىم نۇر بىلەن زۇلمەت ئارىسىدا چاقماقتەك چاقىدۇ. ئارقىدىن گۈلدۈرماما كەبى تەنبىھ، ئىمان-ۋىجدان چاقىرىقى يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭغا قۇلاق سېلىش كېرەك، كۆڭۈل تىۋىشلىرى سىم-سىم يامغۇردەك پەرىشان ئەمەس، شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇدەك جۇشقۇن بولسا، ئارقىدىن ئاپتاپ چىقىپ، چېھرىمىز نۇرلانسا نەقەدەر گۈزەل!

40

كىچىك دائىرىدە خىيال سۈرۈپ ئۇششاق ياشىدىم. جانغا چۇشلۇق ئىش قىل دېگەن نىدا ۋۇجۇدۇمنىڭ جىمى ھۈجەيرىسىدىن كېلىدۇ. ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيمەن، ئايرىۋېتىلگەنمەن گويا بەرزەخ ئالىمىدە ياشاۋاتقاندەك. ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدا توسۇلۇپ قالغانمەن، ئامالىم يوق تۇرۇپ قېلىشقا ياكى بۇرۇن مېڭىشقا؛ ۋاقىت گاھى تېز، گاھى ئاستا ئۆتىدۇ، تۇيغۇ ۋاقىتنىڭ سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. ھەممىسى ۋاقىتلىق، ھەممىسى نىسبىي. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ بارلىق مەڭگۈلۈك ئەمەس.

41

نېمە ئالساملا زىيان، ماددا روھىمنى قاپلىۋالغاندا بوغۇلۇپ قالىمەن. توپا ۋە ئەخلەت چۈشۈپ بۇلغىنىپ ياكى دۇغلىنىپ كەتكەن سۇدەك خۇنۇك ھالدا چايقىلىپ تۇرىمەن؛ تاغ باغرىدا ھاۋالاندۇق، لەزىز تائاملاردىن ھۇزۇرلاندۇق، دىلكەشلىك سەيناسىدا ئايلاندۇق، ئۇزۇن-ئۇزۇن مۇڭداشتۇق، ئىچ دۇنيايىمىزنىڭ كەڭلىكى، رەڭدارلىقىغا چۆمدۇق. بىر-بىرىمىزدىن بىلىم ئالدۇق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تاپتۇق. ئەدەبىياتچىنىڭ ئەخمەق خىيالى دائىم ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. غەيۋەت قىلدىممۇ، قىلدىم. بىراق بۇرۇنقىدىن كۆپ دىققەت قىلدىم. مەزلۇم مىللەتنى سۆيۈش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەش كېرەك. ئىرادەمدىن تاشقىرى ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، ھورۇنلۇقنى ئاقلايمەن، راھىتىمنى ساقلايمەن، مۇشۇ ھالىتىمدە ئۆزلۈكۈمنى قوغدايمەن؛ باشقىلارغا ھەۋەسلەنگىچە باشقىلار ھەۋەسلەنگۈدەك ياشاش كېرەك، بۇنى مەقسەت قىلماي تەبىئىي، دۇرۇس ياشايمەن.

42

زورلانغان ۋاقىت مەھكۇملۇقتا ئۆتتى، نامازدا ھۆرلۈككە چىقتىم، ھەقىقىي ئىتائەتنىڭ ھۇزۇرىدىن شادلاندىم. ئاغىنەم «ئاجىزلار يوقالسۇن» دېدى، چىۋىنلار ئەتراپىمىزدا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك مەغرۇرلۇق بىلەن توختىماي ئايلاندى، يولدىن ئاپتوبۇسلار ئۆتتى؛ ھېچكىم قازانى، ئۆلۈمنى ئويلىمىدى. گۇناھقا خۇمار تۇتتى. باشقا شەرھى يوق تەكرار گۇناھقا، ئەمما چارە بار تەكرار ساۋابقا.

ئاجىز تۇرغاندا قورقۇنچ ئېغىر زۇلۇم سالىدۇ، كۈچلۈك بولۇشنى غايە قىلىۋالدۇق؛ ئىماننىڭ نەتىجىسى كۈچلۈك بولۇش ئەمەسمىدى؟ بىز نېمىشقا ھەممىدىن كۈچلۈك ئاللاھنىڭ دوستى بولالمايمىز؟ ئۇنىڭ ھەممىدىن ھەق سۆزلىرىگە، ۋەدىسىگە نېمىشقا ئىشەنمەيمىز؟ ئىشىنىمىز، لېكىن دېلىغۇل بولىمىز، ئۇنتۇپ قالىمىز، ئاجىزلىقىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالىمىز. خوتەنلىك ھاجىم بىلەن مۇڭداشتىم، تالاپەت تارتمىغان بەختىيار ئادەمكەن، تۇرمۇشىدىن رازى ئىكەن، مىللەت مەسىلىسىنى بەك ئويلاپ كەتمەيدىكەن.

43

ھەج كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىدا كۈنلەر دائىم مۇشۇنداق تېز ئۆتىدۇ. ئىشلار كۆپىيىدۇ. كەچتە ساخاۋەت داستىخىنى سالدىم، بەلكىم دوستلارنىڭ ھەققىنى قايتۇردۇم، ئەمما ھۆرمىتىنى قايتۇرۇپ بولالمىدىم. سائەتلەپ، دىن، ئەدەبىيات توغرۇلۇق گەپ ساتتۇق. ئومۇمەن، ۋاقتىمىزنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزدۇق. ئۆزئارا دەرت تۆكمىدۇق ھەم بۇنداق قىلىقنىڭ يارىماسلىقىنى كۆپ تەكىتلىدۇق. كاللا يېڭىلانسا ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، تەرەققىياتلار بولىدۇ. شاپتۇل داموللا كىم؟ خان خوجا نېمىشقا تەسلىم بولماي ياۋ بىلەن ئېلىشىدۇ؟… كىتاب كۆرۈپ خاتىرە يېزىپ كۆزلىرىممۇ ئېلىشىپ كەتتى، 5 كۈندە نېمە ئىش قىلدىم؟ خۇلاسەممۇ يوق.

44

ئاللاھ قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىكەن، مەنمۇ ھەددى ھېسابسىز ئۆزگىرىپ بولدۇم، ئازابلاندىم، قورقتۇم، غەزەبلەندىم، خۇشال بولدۇم، بىئارام بولدۇم، خۇرسەن بولدۇم، غەمكىن بولدۇم، قانائەت قىلدىم، دەھشەت قانائەتسىزمۇ بولدۇم، سەۋر قىلدىم ھەم پايلىمىدىم، ئاچكۆز بولدۇم، شۈكرى قىلدىم، بېخىل بولدۇم، مەرتلەشتىم، ئېسىل بولدۇم، گاھىدا سەتلەشتىم… ئومۇمەن ئېيتقاندا بىر مىجەز، بىر كەيپىياتتا سابىت بولالمىدىم. قورقۇنچ ئىچىدە تەۋەككۇلچىلىك، قىزىقىش، قىتىغۇرلۇق ھەم ئازاب بار. ئازاب ئىچىدە قاباھەتلىك چۈش كۆرىدىغان گەپ، قورقۇپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىش قارىماققا ساراڭلىق، تەلۋىلىك، ئەمما باتۇرلۇق دائىم قورقۇنچنى جىددىي ھۇزۇرغا، شادىمانلىققا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. خەتەرلىك ھەرىكەتلەر ئەنە شۇ ئۆلگىدەك غىدىق بىلەن ھۇزۇرنىڭ بىرلىشىشى.

ئۆزلۈك دۈشمىنى ئۆزلۈكتىن باشلىنىپ ئۆزلۈكتە مەغلۇب بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى يېڭىش، بەختكە ئېرىشىش دېگەن ئەنە شۇ. تاڭنۇر پاشا ھاجى خېنىمنىڭ كۆز ياشلىرى 50 رىيالنى سۇغۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بېرىۋەتتىم؛ ئۆزەم مۇھتاج تۇرۇپ شۇ پۇلنىڭ مېھرىدىن كەچتىم. كۆڭۈل دائىم پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرگەن ئايدەك گاھ پۈتۈنلىشىدۇ، گاھ يېرىم بولىدۇ. ئاللاھ سەنئىتى مۇكەممەللىك ئىچىدە جىلۋە قىلىدۇ، ئۇنى كۆرىدىغان كۆز، ئويلايدىغان ئەقىل كېرەك. ئاق كۆڭۈل، رەھىمدىل كىشىلەر دۇنيانىڭ كۆركى، باشقىلارغا رەھىم قىلمايدىغان ئادەمگە ئاللاھنىڭ رەھىم قىلماسلىقى ئادىللىق. ھەقىقەت ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ ھەقىقەتنى ياشاتماسلىق نامەرتلىك ھەم ئىنساپسىزلىق.

45

كەيپىيات ناخۇش، ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ يېرىمى. ئەمما تىرىكلىكتە تىنىم تاپمايمەن؛ تىنچلىققا مۇھتاج جېنىم دائىم ئۇششاق ئىشلاردىن، غەم-قايغۇلاردىن ئارام تاپمايدۇ. ھاياتلىق غەۋغا بىلەن داۋام ئېتىدۇ. قورقۇنچلۇق چۈش بىلەن زۇلمەتنى كەچتىم: تار، ئەگرى-بۈگرى لەخمىدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقۇدەكمەن، چىقىش يولى ئىزدىدىم، يورۇلۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان تۆشۈك تاپالماي سىقىلدىم، بىچارە جانىۋار ئىدىم، تىرىك تۇرۇپ زۇلمەتكە قامىلىپ قېلىش نەقەدەر دەھشەتلىك!… قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم. روھ ئاجايىپ بىر بارلىق ئىكەنكى، ھەممىنى سىغدۇرۇپ ساقلاپ قويىدىكەن؛ كۈتۈلمىگەندە ئالدىمىزغا ئەچىقىپ تاشلاپ بەرسە ھەيرەتتە قالىدىكەنمىز؛ خىلمۇ خىل كەيپىياتلارغا چۆمۈلىدىكەنمىز.

بۈگۈن ئاپتاپتا جۈمە ئوقۇدۇم، خۇپتەن نامىزىنى مەقامى ئىبراھىمدا ئوقۇپ ئىخلاس بىلەن سەجدە قىلدىم، دۇئا قىلدىم. زەم زەم كۈدەيدە سالقىن ھاۋادا ئولتۇرۇپ، بۇرادەرلەر بىلەن كاۋاب يېگەچ مۇڭداشتىم.

46

ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلدۇم، ۋاقتى كەلسە بولىدىغان ئىش بولىدۇ، مۈشكۈلاتتىن تاقىشىپ، تۈرۈلۈپ بولسىمۇ ئۆتۈپ كېتىمىز. ئوڭۇشلۇق بولمىسا ئاھ-ۋاھ دەپ قاقشاپ كەتمىگۈلۈك. بولىدىغان ئىش بولماي قالمايدۇ، بولمايدىغان ئىش شۇ جايىدا قالىدۇ. ۋەسلىگە يېتىش، تولۇق قېنىش دېگەن گەپ يوق؛ بۇ دۇنيا ئازغىنە مەنپەئەت، كىچىككىنە ھۇزۇر دۇنياسى، نەپسى بالا ئاچكۆزلەرمۇ ئۆز جېنىغا چۇشلۇق ياشايدۇ؛ كىمدىن ئاغرىنىپ، كىمدىن شادلىنىپ ياشاشنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ، ھەق يولدا تەۋرەنمەي ياشاش ھاياتىمنىڭ شادلىقىغا يەتمەمدۇ؟ شەيتان كولدۇرلىتىدۇ، ئەمما ۋاقىتلىق. ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە چاقىرىدۇ، غەزىپىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىنسان قىيامەتكىچە ئۆزىگە نىسبەت بېرىلگەن رىزىق ۋە بەلگىلەنگەن تەقدىردە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق «بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنلىرى» دېگەن ئاڭدا ياشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تاللاش ئەركىنلكى ئۇلارنى شۇنداق غەپلەتكە قويغانكى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ سىنىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ، تەڭداشسىز قۇدرىتىنىڭ بىر نامايەندىسى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى مۇتلەق، ئۇ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ ئىنسانغا كىچىككىنە ئىقتىدار ۋە ئەركىنلىك بېرىلگەن، ئەمما ئىنسان دائىم ئۇنتۇغاق، تەكەببۇر ھەم ئىسيانكار. شەيتان بۇ توزاقنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن قۇرغانكى، ھەر قەدەمدە پۇتلىشىپ تېيىلىپ تۇرىمىز. كۆڭۈلسىز خاتىرىلەر ھاياتىمنىڭ جىجىلانغان سەھىپىلىرى، ئۆچۈرمىسەممۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنتۇغاق. ئەمما ھەقىقەت كاتىپلىرى(پەرىشتىلەر) ھەممە ئىشلىرىمىزنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇكى، ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، يازغۇچى سىرتىدا يازغۇچى بار، چەكلىك كاللا سىرتىدا ئالاھىدە ئىشلار بار، كۆرۈنمەس مەۋجۇداتلار بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

47

دۇنيا بىزنىڭ قارا يومۇرلىرىمىزنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ ئاخىر زېرىكىدۇ، ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆزىمىزگە يۈزلىنىمىز. ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلمىساق، تارىخ بورانلىرىدا چاك-چېكىدىن بۆسۈلىمىز. ئەرەب مۈشۈكى ئەگەر ئۇيغۇر مۈشۈكىگە ئايلانسا ئەبگا، ئورۇق، جان ئاچچىقىدا توختىماي نالە قىلىپ مىياڭلايدىغان مۈشۈك بولۇپ قالامدىكىن. ئەمما بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، باشقىلار بىزنى ئۆزلىرىدەك چۈشەنمەيدۇ، دەردىمىزگە مەڭگۈ يېتىپ بولالمايدۇ، تەمەخورلۇق ۋە چۈشكۈنلۈك بىزنى پۈچەك ، قەدىرسىز، بىچارە قىلىدۇ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك. ئالىم بولماق تەس، ئەمما ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان ۋە شۇ ھەقىقەتنى تىرىكلىكى بىلەن تەڭ ياشىتالايدىغان ئادەم بولماق ھەممىدىن تەس. ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.

(تۈگىدى)


مەنبە: ئەنۋەر مۇھەممەد (ئەرتۈرك) ئەسەرلىرى