Jump to content

تىلىڭنى يىغمىساڭ باش كېتىدۇ

ئورنى Wikipedia

تىلىڭنى يىغمىساڭ باش كېتىدۇ

بىر كۈنى پادىشاھ ئوردا ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىر، مۇلازىملىرىنى يىغىپ كېڭەش ئېچىپ ئولتۇرسا، توساتتىن ئوردا چوڭ دەرۋازىسىدىن بىر قەلەندەر ماراپتۇ. بۇنى پەقەت پادىشاھ سېزىپ قاپتۇ. لېكىن، شاھ يەنىلا ئۆز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ. قەلەندەر ئىچكىرىلەپ ئوردا ئىچىگە كىرىشكە تەمشىلىپتۇ - يۇ، لېكىن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ جىم تۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ كۆڭلىگە نېمىلەرنىدۇر پۈككەن ھالدا سۆزىنى توختىتىپ، قەلەندەرنى ئوردىغا كىرىشكە تەكلىپ قىپتۇ. قەلەندەر ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن شاھ ئۇنىڭغا قاراپ تىلىنى چىقىرىپتۇ، قەلەندەر شاھقا جاۋابەن ھايالشىمايلا بېشىنى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ يەنە گېلىنى كۆرسىتىپتۇ، قەلەندەر جاۋابەن يۈزىنى سىيلاپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا قاراپ، قەلەندەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە بارىكاللا ئېيتىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن تىللا ئىنئام قىپتۇ. قەلەندەر تىللانى ئېلىپ، پادىشاھقا رەھمەت ئېيتىپ ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ۋەزىر قەلەندەرنىڭ ئىنئام ئالغان تىللاسىغا چىدىماي شاھتىن:

_ ھۆرمەتلىك شاھىم، سىلى قەلەندەرنىڭ نېمىسىگە شۇنچىۋالا تىللا بېرىلا؟ بۇ بەك ئورۇنسىز زىيان بولدى. بولسا، ئۇنى تارتىۋالغىنىمىز تۈزۈك، _ دەپتۇ. پادىشاھ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەزىرنى سىنىماقچى بولۇپ:

_ قېنى ئېيتىڭ، قەلەندەرنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي «بۇ... بۇ...» دېگىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئۆز ۋەزىرىنىڭ دۆتلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى كايىپ كېتىپتۇ ۋە:

_ مەن دەسلەپتە تىلىمنى چىقارسام، قەلەندەر بېشىنى كۆرسەتتى. بۇنداق قىلغىنى «تىلىڭنى يىغمىساڭ، باش كېتىدۇ» دېگىنى. مەن گېلىمنى كۆرسەتسەم، ئۇ يۈزىنى كۆرسەتتى. بۇنداق قىلغىنى «گېلىڭنى يىغمىساڭ، يۈز كېتىدۇ» دېگىنى. مەن ئاشۇ ھېكمەتلىك ئىككى سۆزنى شۇنچە پۇلغا سېتىۋالدىم، _ دەپتۇ پادىشاھ، ۋەزىر لام - جىم دېيەلمەپتۇ.

«تىلىڭنى يىغمىساڭ، باش كېتىدۇ. گېلىڭنى يىغمىساڭ، يۈز كېتىدۇ» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن(1).

ھېكمەت:

تىل ئادەمنى ھەم يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ ھەم پەسكويغا چۈشۈرىدۇ. تىلدىن ئادەم ئاشكارا بولىدۇ. چۈنكى تىل ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەسلىي زاتىنى بىلىشكە بولىدۇ. سەن مەڭگۈلۈك بولمىغان بۇ دۇنيادا تىلىڭ ئارقىلىقلا تەقدىرىڭنى بەلگىلىيەلەيسەن.

(ئامىنە كىچىك تۇران، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن: «بوۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر»، ... خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006 - يىل 3 - ئاي نەشرى، 33 -، 34 - بەتلەر)

________________________

(1) بەدىرىدىن ئېيتىپ بەرگەن، پازىل قادىر توپلىغان. «ئۈرۈمچى تيانشان رايون خەلق چۆچەكلىرى»، 1994 - يىلدىكى نەشرىدىن ئېلىندى.