تىل بىلەن يېزىق ۋە ئۇلارنىڭ رولى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
تىل بىلەن يېزىق ۋە ئۇلارنىڭ رولى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
تىل – ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە پىكىر قىلىش قورالى. ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئالاقە باغلىشى ۋە پىكىر قىلىشى قاتارلىق بارلىق پائالىيەتلىرى تىل قورالىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تىل جەمئىيەتكە بېقىنىدۇ، جەمئىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. تىل جەمئىيەتتىن ئايرىلسا، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنمىسا، ئۆزىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، جەمئىيەتمۇ تىلدىن ئايرىلالمايدۇ، تىلسىز جەمئىيەت جەمئىيەت بولالماي قالىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار كوللېكتىپى ئۈچۈن چۈشىنىشلىك ۋە ئورتاق بولغان بىر تىل بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالسىز ئۆزىنىڭ نورمال پائالىيىتىنى ئېلىپ بارالمايدۇ.
تىل – ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە پىكىر قىلىشنىڭمۇ قورالى. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر جەريانى تىل ماتىريالى ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ يەنە تىل تاۋۇشى ئارقىلىق سۆز ۋە جۈملە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى تىلسىز بارلىققا كەلمەيدۇ.
يېزىق ئىنسانلار پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. يېزىق – تاۋۇشلۇق تىلنى خاتىرىلىگۈچى شەرتلىك بەلگىلەر سىستېمىسى، شۇنىڭدەك تىلنىڭ ئالاقە قورالىلىق رولىنى كېڭەيتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بىر - بىرىنى چۈشىنىشى، پەن - تېخنىكا ئىگىلىشىدىكى ئاساسلىق قورال. يېزىق بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. تىل ۋە يېزىق ئىنسانلار مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ھەم يېزىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىل - يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ پارلاق مەدەنىيەت يارىتىشىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ كەلدى ۋە خىزمەت قىلماقتا.
تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى بولغاچقا، ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تىل – مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىشىمىزنىڭ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدۇر.
2. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى
پىششىقلانغان ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئورتاق ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان تىل ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى كەڭ ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات كەچۈرۈش داۋامىدا زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قورالىدۇر. ئەدەبىي تىل قوللىنىش شەكلىگە ئاساسەن ئاغزاكى ئەدەبىي تىل ۋە يازما ئەدەبىي تىل دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
ئاغزاكى ئەدەبىي تىل تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىدا، كىنو - تىياتىرلاردا ۋە ھەر خىل ئاممىۋى سورۇنلاردىكى نۇتۇق، سۆھبەتلەردە قوللىنىلىدۇ.
يازما ئەدەبىي تىل ئىملا قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا سىياسىي ۋە پەننىي ئەسەرلەردە، دەرسلىكلەر ۋە گېزىت - ژۇرناللاردا، ھۆججەت ۋە خەت - ئالاقىلەردە قوللىنىلىدۇ.
ئەدەبىي تىل مىللەتنىڭ، جۈملىدىن مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئەدەبىي تىل بويىچە سۆزلىشى ۋە يېزىشى قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ.
3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى
بىر مىللىي تىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا قوللىنىلىدىغان ۋە مەلۇم جەھەتتىن ئۆزئارا پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەرلىك ۋارىيانتلىرى دىئالېكت دېيىلىدۇ.
دىئالېكت مەلۇم رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرىنى بۆلۈشتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى، يەنى فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىدا بولسۇن ئومۇمىي، سىستېمىلىق بولغان پەرقلەندۈرگۈچ ئالاھىدىلىكلەر ئۆلچەم قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مانا شۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن مەركىزىي دىئالېكت، خوتەن دىئالېكتى، لوپنۇر دىئالېكتى دەپ ئۈچ دىئالېكتقا بۆلۈنگەن.
1. مەركىزىي دىئالېكت: سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلەردە باشقا رايونلارغا ئۈلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، كۆلەم جەھەتتە ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايوننىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان، نوپۇس جەھەتتە باشقا دىئالېكتتا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن تەخمىنەن بەش ھەسسە ئارتۇق بولغان، ئەدەبىي تىلىمىزغا يېقىنلىقى باشقا دىئالېكتلارغا نىسبەتەن يۇقىرى، تىل تاۋۇشلىرى، لۇغەت تەركىبى، گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئەدەبىي تىلىمىزغا يېقىن بولغان، شەرقتە قۇمۇلدىن تارتىپ، غەربىي جەنۇبتا يەكەنگىچە بولغان قۇمۇل، ئىلى، تۇرپان، بايىنغۇلىن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم ئۈرۈمچى، قاراماي، كۇچا قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتى يېتەكچى دىئالېكت قىلىپ بېكىتىلگەن. مەركىزىي دىئالېكت تەركىبىگە ئۈرۈمچى شېۋىسى، ئىلى شېۋىسى، تۇرپان شېۋىسى، قۇمۇل شېۋىسى، قەشقەر شېۋىسى، تارىم شېۋىسى قاتارلىقلار كېرىدۇ.
2. خوتەن دىئالېكتى: بۇ دىئالېكت بىلەن سۆزلەشكۈچىلەر يەر كۆلىمى ۋە نۇپۇس جەھەتتە مەركىزىي دىئالېكتتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خوتەن دىئالېكتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەر ئارا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بەزى شېۋە پەرقلىرى بار. شۇڭا خوتەن دىئالېكتى گۇما شېۋىسى، قاراقاش شېۋىسى، ئىلچى شېۋىسى، لوپ شېۋىسى، كىرىيە شېۋىسى قاتارلىق شېۋىلەرگە بۆلۈنىدۇ.
3. لوپنۇر دىئالېكتى: بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق لوپنۇر ناھىيىسى دائىرىسىدە سۆزلىشىدىغان ئادەم سانى يۇقىرىقى ئىككى دىئالېكت بىلەن سۆزلەشگۈچىلەردىن خېلىلا ئاز بولسىمۇ، لېكىن فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا جەھەتتىكى پەرقلىرى خېلىلا چوڭ بولغان دىئالېكت ھېسابلىنىدۇ.
شېۋە دېگىنىمىز – دىئالېكتنىڭ تارمىقى ياكى يەرلىك ۋارىيانتى. دىئالېكت مىللىي ئەدەبىي تىلنىڭ تارمىقى، يەنى مىللىي تىلنىڭ يەرلىك ۋارىيانتى بولسا، شېۋە بىر دىئالېكتنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم جاينىڭ مەلۇم جەھەتلەردىن ئۆز ئالدىغا پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان يەرلىك تارمىقى ھېسابلىنىدۇ.
بىر دىئالېكت ئىچىدىكى رايونلارنىڭ بىر - بىرىدىن مەلۇم جەھەتتە پەرقلىنىدىغان يەرلىك تىلى شېۋە دەپ ئاتىلىدۇ.
شېۋىلەر دىئالېكتتىن كىچىك بولۇپ، كۆپ ھاللاردا رايون نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. شېۋىلەرنى بۆلۈشتە ئەڭ مۇھىمى، شۇ رايوننىڭ تىلىدا شېۋە بولۇشقا تېگىشلىك ئورتاق خۇسۇسىيەتنىڭ بار ياكى يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. يەرلىك شېۋە بىر مىللەت تىلىدىكى تۆۋەن باسقۇچ، ئەدەبىي تىل بولسا ئۇنىڭ يۇقىرى باسقۇچى، شۇڭا ئۇلار بىر - بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئەدەبىي تىل دىئالېكت ۋە يەرلىك شېۋىلەردىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆزىنى تولۇقلايدۇ. قېلىپلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئەدەبىي تىل يەرلىك شېۋىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ، ئۇلارنى چەكلەيدۇ، ئىلمىي ئاساستا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ ۋە بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي دائىرىسىدىكى ئالاقە قورالىغا ئايلاندۇرىدۇ.
4. تىلنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى
ھەرقانداق بىر تىل فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئۈچ تەركىبىي قىسىم بىر - بىرى بىلەن مۇستەھكەم باغلانغان ھالدا مۇئەييەن بىر تىلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
فونېتىكا: تىل تاۋۇشلىرى توغرىسىدىكى پەن. ئۇ تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى، تىلدىكى فونېما (ئۆلچەملەشكەن تاۋۇشلار)، ئۇلارنىڭ شەكىللىرى، تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىش، ئۆزگىرىش جەريانلىرى، تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيەتلىرى، بوغۇم، ئۇرغۇ قاتارلىقلارنى، شۇنىڭدەك توغرا تەلەپپۇز قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
لېكسىكا: سۆزلۈك دېمەكتۇر. بىر تىلدىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى لېكسىكا دېيىلىدۇ. ئۇ تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، سۆز مەنىسى ۋە تۈرلىرى، سۆز مەنىلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش يوللىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ. شۇنداقلا يەنە تىلىمىزدىكى تۇراقلىق تەركىبلەرمۇ لېكسىكا دائىرىسىگە كىرىدۇ.
گرامماتىكا: سۆزلەرنىڭ ياسىلىش، تۈرلىنىش قائىدىسىنىڭ ۋە سۆزلەردىن جۈملە تۈزۈش قائىدىسىنىڭ يىغىندىسى.
«ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكىنىڭ 1 - قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا فونېتىكا، لېكسىكا قىسىملىرى ئۆگىنىلىدۇ.
(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 1 - يىللىق «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىك كىتابىدىن ئېلىندى)