تيېرى مېيىسسان

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى تىيېرى مېيسسان)

تىيېرى مېيىسسان (Thierry Meyssan، فرانسۇزچە "arpetan" دەپ ئوقۇلىدۇ)

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

تېيىرى مېيىسسان فىرانسىيەلىك ئەركىن مۇخبىر، يازغۇچى ۋە ۋولتىر ئىجدىمائى ئالاقە تورىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1957-يىلى 18-مايدا تۇغۇلغان.

تەرجىمىھالى[تەھرىرلەش]

ئۆزىنى "ئەركىن تەپەككۈرچى" دەپ قارايدىغان مېيىسسان ناھايىتى قويۇق كاتولىك مۇھىتىدا چوڭ بولغان. لايىكلىق تەرەپدارى بولسىمۇ، مۇخبىرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم پائالىيەتلىرى دىنغا ئائىتتۇر.

تېيىرى مېيىسسان 2002-يىلى ئېلان قىلغان "ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق يالغانچىلىق" (فىرانسۇزچە) كىتابىدىن كىيىن، شۇ يىلى ئاپرىل ئىيىدا، ئاپتور، مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى بىر مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى كۆرۈنۈشىدىن كىيىن، مەملىكەتلىك رادىئو-تېلىۋىزىيە ئالى مەجلىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان چەكلەشكە ئۇچرىغان. ئالى مەجلىس پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئاۋاز-سۈرەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تېيرى مېيىسساننى پروگراملارغا چاقىرىشىنى چەكلىگەن.[1]

ئاپتور يەنە ئون بىرىنچى سېنتەبىر ۋەقەسى ھەققىدە ئانالىز تور ژورنىلى 9/11 Scholars Review نىڭ ئەزاسى.

2008-يىلى ئۆكتەبىردە بېرىلگەن بىر ئاخبارات كۆرۈشمىسىدە، تيېرى مېيىسسان ئامرېكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى بىر توختام ئېلان قىلغانلىقى ۋە ژاك.شىراك پرىزدىنتلىك مەزگىلىدە، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قوغدىشىغا ئېرىشكەنلىكى، نېكولا. ساركوزى ھوقۇققا چىققاندىن بېرى بۇ قوغدىنىشتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ۋە باشتا سۈرىيەدە، ئاندىن لىۋاندا پانالىققا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان. ئۇ يەنە بىر قېتىملىق كوماندىروپكىدا، ۋېنېسۇئېلا ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشىدا، ئۆلۈم تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.[2]

ئاپتور ھازىر ئوباما مەمۇرىيتى توغرىلىق بىر كىتاپ يېزىۋاتىدۇ.

ئىجدىمائى ۋە سىياسى پائالىيەتلىرى[تەھرىرلەش]

1989-يىلى، تيېرى ميېسسان ئورنىكار قۇرۇلۇشى نامىدىكى ئالاقە تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر تەشكىلات ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ جىنسى تەڭسىزلىككە قارشى كۈرەش بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ، جنىسداشلىقنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدە جازالانماسلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.[3]

1994-يىلى، ميېسسان ۋولتىر ئالاقە مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان.[4] مەزكۇر مەركەزنىڭ مەقسىتى لايىكلىق ۋە سۆز ھوقۇقى ئەركىنلىكىنى قوغداش دەپ ئېلان قىلىنغان. شۇ چاغلاردا، مەركەز فرانسىيە رادىكال ئوڭچىللار پارتىيىسى ۋە كاتولىك چىركاۋلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۆتكۈر ئانكىتلارنى ئېلىپ بارغان. كىيىن بۇ مەركەز خەلقئارا مۇستەقىل يېزىق ئاخباراتى تورىغا ئايلاندۇرۇلدى.

1996-يىلىدىن 1999 غا قەدەر، تيېرى ميېسسان دۆلەتلىك رادىكال پارتىيەلەرگە سەزگۈرلۈك كومېتىتىنىڭ ئالاقىچىسى سۈپىتىدە، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم 45 ئوخشىمىغان پارتىيە، تەشكىلات ۋە ئۇيۇشما رەھبەرلىرىنى يىغىپ، فرانسىيەدە ئوخشىمىغانلارنى ئارىغا ئالماسلىق ئەھۋالىنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولغان.[5]

1999-يىلىدىن 2002 گە قەدەر، خەلقئارا تەشكىلى جىنايەتلەرگە قارشى رادىكال كۈرەش تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ۋەكىلى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق كۈرەش نىشانى زەھەرلىك چېكىملىك.

1994-يىلىدىن 2008 گە قەدەر، فرانسىيە رادىكال سولچىلار پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 2007-يىلى لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىگە ئۆزىنى يېقىن كۆرىدىغانلىقى ۋە مەزكۇر پارتىيە رەئىسى ھاسان ناسراللاغا ھۆرمىتى بارلىقىنى جاكارلىغان. 2008-يىلى 8-ئايدىن ئېتىبارەن، لىۋاندا ياشاشنى قارار قىلغان.

دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئىككى كىتابى[تەھرىرلەش]

2002-يىلىنىڭ بېشىدا، يەنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسى بولۇپ كۆپ ئۆتمەي ئېلان قىلغان كىتابى "ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق يالغانچىلىق" پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتاپ بولۇپ 28 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.فرانسىيەدە نەشىردىن چىققان بىرىنچى ھەپتىسىلا سېتىلىپ تۈگىگەن. بۇ كىتابتا، مېيېسسان، سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تامامەن ئامرېكىدىكى ئىچكى تېرورچىلىق ئىكەنلىكىنى، سىرتقى كۈچلەرنىڭ قولى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئانالىز بويىچە، ميېسسان ب.د.ت غا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر رەسمى ئانكىت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلاردىن بىرى. گەرچە ئەرەپ بىرلىكى ۋە گولف بىرلىكى بۇ ئىلتىماسنى قوللىغان بولسىمۇ،[6]بۇ ئانكىت ئېلىپ بېرىلمىدى. 2002-يىلى ئىيۇندا، ئامرېكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تيېرى مېيسساننى "قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ۋە ئامرىكا تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشىنى چەكلىگەن. ميېسساننىڭ ئانالىزى پۈتۈن دۇنيادا 3000 دىن ئارتۇق كىتاپ ۋە ماقالىلەرنىڭ تالاش-تارتىشىغا مەنبە بولغان.[7]

2007-يىلى ماي ئىيىدا، تيېرى ميېسسان "ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق يالغانچىلىق 2" نى ئېلان قىلغان. كىتاب 2006-يىلىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قارشى ئۇرۇشى ۋە غاززەنى بېسىۋىلىشى ئۈستىدىكى ئانكىت ئانالىزىدۇر. بۇ كىتاپ باشتا لىۋان ۋە سۈرىيەدە ئەرەپچە ئېلان قىلىنغان. فرانسىيەدىكى چوڭ نەشرىياتلار ئېلان قىلىشتىن باش تارتقان بولسىمۇ، ئىككى كىچىك نەشرىيات يەنىلا ئېلان قىلغان.

قىزىقارلىق ھايات جېڭى[تەھرىرلەش]

خۇددى ئۆزى ئېيتقاندەك، تيېرى ميېسسان ھەقىقەتەن مۇتلەق ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغۇچى رادىكال سولچىل ھەرىكەتچى.[8] بىر تەرەپتىن، دىنى ئەركىنلىكنى قوغداشنى تەلەپ قىلپ، ھەتتا فرانسىيەدە ئىنتايىن يامان ئاتىقى بولغان ۋە تېرورچى ئاتالغان لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنى ئاشكارا قوللىشى ۋە ئامرىكىنى قاتتىق سۆكۈشى كىشىنىڭ ئۇنىڭ جۈرئىتىگە قايىللىقىنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، جىنىسداشلىقنىڭ قانۇنى ئورۇنغا ئېلىنىشى ۋە جىنىسداشلارنىڭ نورمال جۈپلۈك ھايات ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تيېرى ميېسسان ئۆزىنىڭ جىنىسداشلىقىنى كېچىكىپ ئېتىراپ قىلدى.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

1. ياۋروپا قانۇنىدا، جىنىسداشلارنىڭ قوغدىلىشى، ئورنىكا قۇرۇلۇشى نەشرى. پارىژ. 1993 2. جىنس ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ جەمىيەتكە سىڭىشى، ئورنىكا قۇرۇلۇشى نەشرى. پارىژ. 1993 3. شاغلى.مىيون، قىلىچۋاز. گولىياس نەشرى. لىئون. 1999 4. چۈشىنىكسىز پاسكۇۋا. گولىياس نەشرى. لىئون. 2000 5. سۇتان(پوپنىڭ چاپىنى)چە تېرورلۇق: ژان-پولII ۋە ئۇنىڭ IVGگە قارشى كۈرىشى، ئۆتكۈر روھ نەشرى. پارىژ. 2000 6. ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق يالغانچىلىق، كارنو نەشرى. پارىژ. 2002 7. پانتاگېيت، كارنو نەشرى. پارىژ. 2002 8. Os Senhoares da Guerr، فرېنىسى نەشرى. لىېسسابون. 2002 9. ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلىق يالغانچىلىق 1 ۋە پانتاگېيت، يېرىم ئاي نەشرى، 2007 10. ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلىق يالغانچىلىق 2، ئالفې-ژاڭ پول بەختىخان نەشرى. پارىژ. 2007

تور بېتى[تەھرىرلەش]

http://www.voltairenet.org

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. Emission Tout le monde en parle : courrier à France 2 [archive], La Lettre du CSA n°151, avril 2002
  2. Si j’avais plié, je n’aurais pas eu à partir » [archive], entretien publié par le Réseau Voltaire, le 13 octobre 2008
  3. ource : Conservatoire des Archives et des Mémoires LGBT, Fonds Thierry Meyssan, Dossier "Statut du personnel des organisations gouvernementales" [archive]. Comprend les correspondances auprès d'une centaine d'organisations intergouvernementales, notamment les agences de l'ONU. Porte principalement sur l'égalité du statut du conjoint par rapport aux couples mariés (indemnités d'expatriation, accès au comité du personnel (restaurant d'entreprise, cours de langues, etc.) et la création d'associations de personnels
  4. Journal Officiel, 2 mars 1994
  5. Comité national de vigilance contre l'extrême droite : des réponses communes» par Thierry Meyssan, L'Humanité Dimanche, 25 septembre 1997
  6. Nombreux articles en langue arabe. En anglais, voir « French author calls for probe into September 11 attacks » in Khaleej Times; « Call for probe into terror attacks », in Gulf News, 9 avril 2002
  7. Cité dans le dossier de la revue Popular Mechanics « Debunking 9/11 Lies », mars 2005. Il est possible que cette statistique établie par les attachés d'ambassade cumule les versions en plusieurs langues de certains livres
  8. a et b Un humaniste dans la Résistance [archive], voltairenet.org, seconde partie, 30 août 2008