تۆت تەكبىر ھەق بولۇپ قېلىۋاتامدۇ؟
تۆت تەكبىر ھەق بولۇپ قېلىۋاتامدۇ؟
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىسىگە خەيرى يوقلارنى، ئەتراپنى بىزار قىلىپ تۇرمىسا بەددۇئاغا لايىق قاشاڭلىقلارنى بەس قىلىشنى بىلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى تۆكۈۋېلىشتىن تەپتارتمايدىغان سەركەشلەرگە «ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىۋالغانمۇ بۇ» دەيدىغان ئەيىبلەشلەرنى بىلىمىز. بۇ خىل سەركەشلەرگە تەنقىدلەش، تەنبىھلەش، خاتالىرىدىن دەرس چىقىرىشقا پۇرسەت بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تۈزۈلۈشىنى كۈتۈش مۇمكىن. لېكىن ساقال كىندىككە تاقىشاي دەپ قالسىمۇ نە ئوقۇغان ساھەسىگە، نە پىكرىي ساھەگە قىلچە خەيرى يوقلۇقنى ئاز دەپ جەمئىيەتكە پايدىلىق پىكىرلەرنىمۇ بىمەنىلەرچە قامچىلاپ باقىدىغان، ئېگولىرىنىڭ ئاچلىقىنى چاكىنىلارچە تويدۇرماقچى بولىدىغانلارنىڭ تۈزۈلۈشى تەستەك. ئالدىنقى تۈركۈمدىكىلەرنى ئۆزى ئوزۇق ئالغان مەنبەنى، ئوزۇق بېرىۋاتقان نېمەت مەنبەسىنى، يەنى ئانىنىڭ بىغۇبار ۋە ساپ سۈت مەنبەسىنى چىشلەش بىلەن ئەيىبلەپ بەددۇئا ئالغانلىق تەمسىل قىلىنغان بولسا، ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەرنىڭمۇ ئوخشاش شۇ ساھەسىدىن ئىلىم بەرگەن، ئىلىم بېرىپ ئوزۇقلاندۇرغانلاردىن دۇئا ئورنىغا قارغىش ئالغانلار ئىكەنلىكىنى ئويلاش مۇمكىن. قىسقىسى، بۇنداقلارنىڭ نە ئۆزىگە، نە جەمئىيىتىگە، نە ساھەسىگە خەيرى يوقلۇقى بىر ئەمەلىيەت. قاشاڭلىق، مەمەدانلىق، بىلەرمەنلىك، ئالدىپەشلىك، گۇمانخورلۇق ۋە مۇتەكەببۇرلۇق خاراكتېرى، ئۈستىلەپ قاتمال زېھنىيەت ۋە ئەخمەقلەرچە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىلا بولىدىكەن، بۇ تۈر تىپلارنىڭ تۈزۈلۈشتىن، توغرىنى توغرا پېتى دېيىشتىن، توغرىنى توغرا ھەزىم قىلىشتىن سۆز ئېچىپ بولمايدۇ. بۇنداق تىپلار قارشى پىكىر خاتا بولغان تەقدىردە، خاتانىڭ خاتا تەرىپىگە قانداق ئىلمىي رەددىيە ياكى تۈزەتمە بېرىشتەك ئەقەللىي تەلەپنى ئورۇنداشتىنمۇ ئاجىز. ھەتتا ئۆزىنىڭ پەرقلىق قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا، ئادابىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشتىمۇ ناتىۋان. تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەسى كىشىگە ئىلىم ئەھلىگە خاس خۇلق-ئەتىۋاردىن بەكرەك چىركاۋ پوپلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي ساھە مونوپولچىلىقىنى ئەسلىتىدۇ. پىكىر مۇستەبىتلىكى دەل مۇشۇ تۈردىكى تىپلارنىڭ قولىدا بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئىلمىي ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە قاملاشسۇن - قاملاشمىسۇن تالاپ بېقىش، ئەتراپتىن ئۆزىگە ھە-ھۇ دېيىشىدىغان چاپارمەن يىغىپ بازار قاينىتىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىش بۇلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. گويا «بىر قاپ ئالمىنى بۇلغىغان بىر تال سېسىق ئالما» مىسالى بۇنداق تىپلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاتموسفېرانى توپا تەرەتكە چۆمدۈرمەكچى بولۇشلىرى توپلۇمدا توغرا پىكىرنىڭ توغرا شەكىلدە تارقىلىشىغا، ئىزاھلىنىشىغا ۋە توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدۇ. بولۇپمۇ، ئىش شەخسىي ئېگولىرىنىڭ چاچرىغان قانسىق غۇملىرىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن ئايەت-ھەدىسنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن، نەپرەت مۇشلىرىنى دىنىي رەڭلەرگە چىلاپ تۇرۇپ ئېتىشتىن ئۇيالمايدىغان پەسكەشلىكتىن تەپتارتمىغاندا شۇنداق. بۇنداق تىپلارغا ياخشى سۆز ياراشمىغاندەك، يامان سۆزمۇ زايە كېتىدۇ. ئەگەر بۇنداق تىپلارغا نېمە لايىق دېيىلسە، بەلكىم ئىلىم ۋە ھېكمەت پېشۋاسى بولغان ئىمام شافىئىي ھەزرەتلىرىنىڭ ياشلىقىدا ھەقىقىي ئىلىمدىن مەھرۇم قالغان ۋە شۇ ھالەتتە يېشى ئۆتۈپ كەتكەندە ئىلىم كوچىسىدا لاغايلاپ يۈرىدىغان تىپلارغا قارىتىپ ئالدىن «تۆت تەكبىر» ئوقۇپ قويۇش تەۋسىيەسىدىن باشقىسى لايىق بولمىسا كېرەك.
بەرھەق! بەزىلەرگە ھەقىقەتەن تۆت تەكبىر لايىق بولۇپ قالغاندەك: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر!
ئىزاھات: بۇ يەردە ئىمام شافىئىينىڭ كۆزدە تۇتقىنى جىنازا نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان تۆت تەكبىردۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-10-02
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى