تۆت پارچە مەشھۇر شېئىر ۋە ئۇنىڭ تەھلىلى
تۆت پارچە مەشھۇر شېئىر ۋە ئۇنىڭ تەھلىلى
ﭼﺎﺭﻟﯩﺰ ﺑﻮﺩلېر (فرانسىيە)
ئاپتور ھەققىدە:چارلىز بودلېر(1821-1867) فىرانسيەنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، مۇدېرنىزم شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ يولباشچىسى. ئالتە يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قېلىپ، ئۆگەي دادا قولىدا چوڭ بولغاچقا، كىچىكىدىنلا دەردمەن، مىسكىن خاراكتىر يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدا نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئىنتىزامسىز بولغاچقا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. 1841-يىلىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 1857- يىلى 6- ئايدا يۈز پارچە شېىردىن تەركىب تاپقان «رەزىللىك گۈلى» ناملىق توپلىمى ئېلان قىلىنغانىدىن كېيىن، بىر قىسىم گېزىت – ژۇرناللار بودلېرنى «ئۆرپ - ئادەتنى بۇزۇپ، دىنغا بىھۆرمەتلىك قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەم سوت 300 فرانك جەرىمانە قويۇپ، توپلامدىكى ئالتە پارچە شېئىرنى چىقىرۋېتىشكە بۇيرىغان. بودلېر بۇ ئارىلىقتا ھىندىستانغا ۋە تېنچ ئوكياندىكى رۇېنىئۇن، ماۋرچىيۇس ئاراللىرىغا بېرىپ ساياھەتتە بولۇش بىلەن بىرگە شېئىرلىرىنى قايتا رەتلەپ ۋە تەھرىرلەپ ئېلان قىلىپ ناھايىتى زور ئۇتۇق قازانغان. 1866- يىلى بودلېر سەكتە كېسەللىكى سەۋەبىدىن سۆزلىيەلمەس ھەم يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، ئىككىنچى يىلى 8- ئاينىڭ31- كۈنى پارىژدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
بودلېرنىڭ قىسقىغىنە 46 يىللىق ھاياتىدىكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى سىمۋولىستىك شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ يولباشچىسى دەپ قارىغان. كېيىنكى چاغلاردا غەرپ ئەللىرىدە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن مودېرنىست شائىرلار ئۇنىڭغا چوقۇنغان.
ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺶ
بۈيۈكتور ﺗﻪﺑﯩﯭﺕ، تۈﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﯬﺭﯞﺍھ،
ﺧﯩﺮﻩ ﯪﯕﻠﯩﻨﺪﯗ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ، ﯪﯞﺍﺯﻻﺭ.
ﺳﯩﻤﯟﯗﻟﻠﯘﻕ ﯮﺭﻣﺎﻧﻨﻰ ﯪﻳﻼﻧﺴﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ،
ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﺑﺎﻗﺎﺭ.
ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﯰﭘﯘﻗﺘﯩﻦ ﯬﻛﯩﺲﺳﺎﺩﺍﻻﺭ،
ﯰ پىنھان ھاڭلارغا ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ.
ﯰ ﺗﯜﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ، ﯪﭘﺘﺎﭘﺘﻪﻙ ﭘﺎﺭﻻﻕ،
ﺭﻩﯓ، ﭘﯘﺭﺍﻕ، ﯪﯞﺍﺯﻻﺭ، ﺗﯘﺗﺎﺵ ھەمسەﭘﻪﺭ.
ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩﻙ ﺳﺎﭘﺘﯘﺭ ﭘﯘﺭﺍﻗﻼﺭ،
ﻧﻪﻱ ﻛﯜﻳﯩﺪﻩﻙ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﻪﻙ ﻳﯧﺸﯩﻞ.
ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺑﯩﺨﺴﯩﻤﺎﻥ، ﯲﺗﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ.
ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ،
ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ھىد ﭼﺎﭼﺎﺭ ﺯﻩﭘﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺭ،
ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻨﻰ زىنھار.
«بىرىكىش» ئۈستىدە تەھلىل:
بودلېر ھاياتتا پىكىر يۈرگۈزگۈچى، سەنئەتتە سەزگۈچى، ئىجادىيەتتە ئىزدەنگۈچى، ئۇ گەرچە ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئۆزى ئېتراپ قىلىدىغان رومانتىزم پېشۋالىرىدەك شېئىرنى قەلبنىڭ مەھسۇلى دەپلا قارىمىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى رېياللىققا باغلىنىدۇ. ئەمما بۇ خىل باغلىنىش يەنىلا يېڭىچە. شائىرنىڭ نەزىرىدە، «ئىنسانلار ھەممىسى تەبىئەتكە چوقۇنغۇچىلار»، ھاياتلىق دۇنيادا، مۇنداقچە ئېيتقاندا «تۈۋرۈكلەر ئەرۋاھى»دىن بەرپا بولغان چەكسىز «سىمۋوللۇق ئورمان»دا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئورمانلىقتىكى ئاشۇ «خىرە ئاڭلىنىدىغان سۆزلەر— ئاۋازلار» ۋە «سىنچىلاپ بېقىشلار» ياكى ئادەملەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەر خىل ئۇچۇرلار ۋە ياكى تۈرلۈك شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىچىرلاشلار. سىرلىق تەبىئەت ئادەمنىڭ سىرلىق ئىچكى دۇنياسىغا ئوخشاشلا ئۆزئارا بىرىكىدۇ ھەم بۇ خىل تۇيغۇلار ئوخشاشل رەڭ، پۇراق، ئاۋازلار تۇتۇشۇپ «ھەمسەپەر بولىدۇ»، تامامەن ئۆزئارا ئۆتىشىدۇ. «پۇراقلار سەبىلەرنىڭ تېنىدەك ساپ» بولۇپ سىلاش سېزىمى بىلەن پۇراش سېزىمى گىرەلىشىدۇ. رەڭ، پۇراقلار «نەي كۈيىدەك يېقىملىق» بولۇپ كۆرۈش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى ئۆزئارا بىرىكىدۇ. ئاۋازلار «يايلاقتەك يېشىل» بولۇپ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمى ئۆزئارا بىرىكىدۇ. پسىخىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك «ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش» ھادىسىسى شائىر تەرىپىدىن شېئىرىيەت قەسرىگە ئېلىپ كىرىلىدۇ. شۋېتسىيەلىك مىستېتىزملىق پەيلاسوپ سېدنېيورۇگ (1688—1772) روھ ئۆلمەيدۇ، ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدا ماسلىق مەۋجۇت، دەپ قارايتتى. بودلېرنىڭ سەنئەت قارىشى ئېنىقكى، بۇ خىل «ماسلىق نەزەرىيەسى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شائىر مانا شۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ بىر خىل يېڭى بەدىئىي ئۇسۇلنى ئىجاد قىلغان. شائىر تاشقى رېياللىقىنى تەقلىدى تەسۋىرلىمىگەن، ياكى قەلبىدىكى لىرىك تۇيغۇلارنى بىۋاسىتە ئىپادىلىمىگەن. ئۇ «سىمۋوللۇق ئورمان» ئىچىدىكى ھەر خىل سىرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئۆز قەلبىدىكى مۇرەككەپ، نازۇك دۇنيانى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ جەريان شۇنى تەلەپ قىلغانكى، ئاۋاز، رەڭ، شەكىلگە ئىگە ماددىي ئوبرازلار بىلەن دارىتمىلاش، يۈكلەش، باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش شائىرنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلىپ تاللىۋېلىنغان. «بىرىكىش»تە «تەبىئەت»، «ئورمان»، «پۇراق»لار كۆزگە تاشلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ نەرسىلەر ئەسەرگە ئوڭايلىقچە چۈشەنگىلى بولمايدىغان غۇۋا، سىرلىق تۈس بەخش ئەتكەن.
مالارمى (فرانسىيە)
ئاپتور ھەققىدە:سىتىفان مالارمى(1844-1896) فىرانسىيەلىك داڭلىق شائىر، رىمبۇ بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدىغان يېڭىچە پىكىرگە ئىگە ئىزدەنگۈچى. ئۇ 1886-يىلى كۈزدە سىمۋولىزىمنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەبىئي ھالدىلا بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان. مالارمېنى مەركەز قىلغان ياش سىمۋولىزىمچى شائىرلار ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى پارىژ رىم كوچىسى 5- قورۇدىكى مالارمېنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ مەشھۇر «سەيشەنبە يېغىلىشى»غا قاتناشقان. ئۇلار شېئر دىكلىماتسىيە قىلىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئېقىمغا كۈچ بېغىشلىغان. مالارمى باشچىلىقىدىكى سىمۋولىزىمچىلار بۇ مەزگىلدە «مودا»، «سىمۋولىزىمچىلار»، «سەنئەت ئۈچۈن يېزىش»، «19-ئەسىر»، «پارىژ ساداسى»، «ئەركىن فىرانسىيە»، «قەلەم» قاتارلىق نۇرغۇن ژۇرناللارنى چىقارغان. ئۇلار نۇرغۇنلىغان نەزەرىيەۋىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئاساسەن پارچىلىنىشقا قاراپ ماڭغان رومانتىزىمنى بېسىپ چۈشۈپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پارناس ئېقىمى(Parnassians)غا قارشى كۈچلۈك ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن. دېمەك، مالارمى فىرانسىيە شېئىرىيەت ساھەسىدە مانا شۇنداق يېڭىلىق ياراتقۇچى شائىر سۈپىتىدە ئۆز ۋاقتىدىلا داڭ چىقارغان. بۈگۈنكى كۈندە مالارمىنىڭ شېئىرلىرى دۇنيادىكى كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ
ﺗﻪﻥ ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ، ﯮﻗﯘﻟﻐﺎﻥﻛﯩﺘﺎبلار ﺗﺎﻣﺎﻡ،
ﻗﺎﭺ، ﻗﺎﭺ، ﻗﺎﭺ، ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﺪﺍ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﺖ.
ﻗﯩﻞ ﻳﯘﭼﯘﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﺍ، ﯪﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺟﻪﯞﻻﻥ!
ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﯜﻥ، ﯪھ، ﺗﯜﻥ! ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍغ!
ﯪﭘﭙﺎﻕ ﻗﻪﻏﻪﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻥ،
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﯬﻣﺪﯛﺭﮔﻪن ﺟﺎﻧﺎﻥ،
ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﯜﻳﻰ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ،
ﺋﯧﭗ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﺱ ھېچنېمە ﺷﯘﯪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ﻣﺎچتامنى ﺗﻪﯞﯨﺮﯨﺘﻪﺭ ﻛﯧﻤﻪ،
ﻟﻪﯕﮕﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻦ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﻩ
ﻳﯘﭼﯘﻥ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻨﻰ ﯬﻳﻠﯩﮕﯩﻦ ﻣﺎﻛﺎﻥ...
ﺯﯨﺮﯨﻜﯩﺶ، ﺳﻮﻍ ﯴﻣﯩﺪ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥﯪﺯﺍﺏ،
ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﺮﺍﻕ−
ﯪﺩﺍﻗﻘﻰ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭘﯘﻻﯕﻼﺭ ﺷﯘ ﺗﺎﭖ!
ﺑﻮﺭﺍﻧﻨﻰ، ﻛﻪﻟﻜﯜﻧﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﻣﺎﭼﺘﺎﻡ،
ﯰ ﺳﯘﻧﺎﺭ ئېھتىمال ﺑﻮﻻﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﺭﻕ،
ﻣﺎﭼﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺷﯘ ﻛﯧﻤﻪﻡ ﻳﯩﺘﻪﺭ، ﺑﺎﻱ ﯪﺭﺍﻝ...
ﻏﻪﯞﯞﺍﺳﻼﺭ ﻛﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﯩﯖﺸﺎ ﯬﻱ ﻳﯜﺭﻩﻙ!
ﻏﻪﯞﯞﺍﺳﻼﺭ ﻛﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ ﻗﺎﻝ ﺑﯩﺮﺍﻕ.
«ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ» ئۈستىدە تەھلىل:
فرانسىيە رومانتىزم شائىرلىرى ھاياتنى كىشىلىك دېڭىزغا تەڭلەشتۈرسە، سىمۋولىزم شائىرى بودلېر ئۇنى ئازابنىڭ مەنبەسى دەپ چۈشىنىدۇ. ماللارمىنىڭ «دېڭىز شامىلى» بىلەن بودلېرنىڭ «ئادەم ۋە دېڭىز»ىنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى مەۋجۇت. يەنى، دېڭىز ئۇنچىۋالا مۇقەددەس ئەمەس. ماللارمى قەلىمى ئاستىدىكى دېڭىز ئاجايىپ -غارايىپ كۆپۈكلەر بىلەن تولغان بولۇپ، تەنلەر پەرىشان بولىدۇ. چۈنكى، تەن ئىشرەت دېڭىزىغا غەرق بولغان. «قەدىمكى گۈلزارلىق» ئىشرەت دېڭىزىغا چۆمۈلگەن. ئىنسان تارىخىدىكى بىمەنىلىك شەھۋەتپەرەسلىككە سىمۋول قىلىنغان. بالا - چاقىلارنىڭ ھاياتلىق نۇرلىرى بىلەن ھەقىقى ساپ تىل ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۇت. «مەن ياققان چىراغ، ئاپئاق قەغەزلەرگە بولغان پاسىبان»، «غەۋۋاس كۈيى»دەك ئاڭلىنىدىغان «دېڭىز شامىلى »دىن ئايرىلىش كېرەك. «دېڭىز شامىلى»دىن ئىبارەت بۇ ھېسسىي ئوبراز كۆپكۆك دېڭىزدا يۈرۈۋاتقاندا چىققان تەبىئەت شامىلدەك غايەت زور مۇقىمسىزلىققا ئىگە. كىتابخان ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلىشكە ئامالسىز. بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. شۇنداقتىمۇ «دېڭىز شامىلى»دىن ئىبارەت بۇ ھېسسىي ئوبراز ئېلىپ كەلگەن بارچە دارىتمىلارنى ئىگىلىمەي بولمايدۇ. شۇنداق بولغاندا كىتابخان شائىر بىلەن بىرگە شېئىرنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىگە بىللە كىرىپ كېلىدۇ. ئادەم غەيرى قۇش، شەيتان ۋەسۋەسىسى، قېنىش ئىچىدە « ئازاب» شەكىللەندۈرىدۇ. يۇقىرى مۇقامدىكى ساپ تىلدىن پۈتۈلگەن مىسرالار ھېسسىياتمىزنى ھەريان چاپتۇرۇپ ھەر خىل پەرىشانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. كۈلپەتلىك «دېڭىز شامىلى» ھەممىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، ھەممىنى مەۋھۇملۇققا ئايلاندۇرىدۇ. ئىنتىلىش بىلەن بەرباتلىقنىڭ تىركىشىشى ئىچىدە شائىر قەلبى پەسكويغا چۈشىدۇ. ئۇ دېڭىز شامىلى ھوشقۇيتقاندىكى ئاشۇ خىل تەلپۈنۈشنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەلب ساداسى دېڭىز بورىنىدا ئاڭلانغان ناخشا—كۈيگە ئاڭلىنىپ شەكىلسىز ھالدا لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ماللارمىنىڭ بارلىق شېئىرلىرىغا ئوخشاشلا بۇ شېئىرمۇ سىرلىق كەيپىيات بىلەن تولغان بولۇپ چۈشسىمان كۆرۈنۈشكە ئىگە. شۇنداقلا پۈتكۈل شېئىر قويۇق غۇۋالىق بىلەن تولغان. گەرچە، قىرغاقتىكى دۇنيادا شائىر ياشىغان ئەينى دەۋر ئىزنالىرى بولسىمۇ ئۈمىدكە قاراپ «لەڭگەر تاشلايدۇ»، يەنى ئىنسانىيەت مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنىدۇ. چۈنكى، دېڭىز بورىنى مەڭگۈ يېڭى پېتى تۇرىدۇ. «دېڭىز شامىلى»مۇ مەڭگۈ ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ!
ۋېرلون (فرانسىيە)
ئاپتور ھەققىدە: سىمۋولىزىم شېئىرىيىتىدىكى «شائىرلارنىڭ پادىشاھى»، فرانسىيە شائىرى پائۇل ۋېرلون (1844-1896) فرانسىيە شېئىرىيىتى تارىخىدىلا ئەمەس، دۇنيا سىمۋولىزىم شېئىرىيىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۇ شېئىر سەنئىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىگە ئاسىيلىق قىلغان شائىر. ماللارمې، رىمبو بىلەن بىللە بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما مالارمى بىلەن رىمبونىڭ ئېنىق بولمىغان شېئىرىي ئۇسلۇبلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ۋېرلوننىڭ شېئىرلىرى تېخىمۇ ئاھاڭدار ۋە جەلپكار، شۇڭا ئۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
ۋېرلۇننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، تىپىك مۇڭلۇق شائىر بولۇپ، ئۇ 1866-يىلى نەشر قىلىنغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمىغىمۇ «مۇڭلۇق شېئىرلار» دەپ ئىسىم قويغان، پۈتۈن ھاياتى مۇڭ ئىچىدە ئۆتكەن.
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﻳﺪﯗ ﻳﺎﺵ
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﻳﺪﯗ ﻳﺎﺵ
ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ شەھەردەك ﺑﯘﺩﻩﻡ
ﺩﯨﻞ ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺳﯩﺰﯨﭗ
ﺗﻪﭘﭽﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻡ
ﯪھ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ
ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﻳﺪﯗ كاھىشقا، ﻳﻪﺭﮔﻪ!
ﻏﻪﻡ-ﻏﯘﺳﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ
ﺯﻭﻗﻤﻪﻥ ﯬﻳﻠﻪﺭ ﻟﻪﺭﺯﺍﻥ ﻛﯜﻳﻠﻪﺭﮔﻪ!
ﻳﺎﺵ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﯬﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻱ،
ﯲﺯ-ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺯﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯜﺭﻩﻙ.
يېڭىلىق ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﻳﺎﻕ، ﻳﺎﻕ،
ھەسرەت ﺳﯩﻐﻤﺎﺱ ﯬﻗﯩﻠﮕﻪ ﺩﯦﻤﻪﻙ.
ﺑﯘ ﯬﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ، ﯬﯓ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﯪﺯﺍﭖ،
ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ زىنھار.
ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ گەر ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻳﺎ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ،
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﺪﻩ ﯪﺯﺍﺑﯩﻢ ﯪﺷﺎر.
«ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﻳﺪﯗ ﻳﺎﺵ» ئۈستىدە تەھلىل:
بۇ شېئىردىكى ئوبرازلار بىزگە تونۇشلۇق. شائىرنىڭ باغلانما تەسەۋۋۇرى ئادەتتىكىچە، ياش تامچىسى بىلەن يامغۇر ئوتتۇرىسىدا روشەن ئوخشاشلىق، يېقىنلىق مەۋجۇت. ئەمما، شائىرنىڭ يېزىش ئۇسۇلىدا بەزىبىر ئارتۇقچىلىقلار مەۋجۇت. دەسلەپ «مەن»نىڭ يۈرىكىگە يامغۇر تولغان شەھەردەك روھى كەيپىياتتىن مەنىۋى كەيپىيات يارىتىپ ھېسسىيات بىلەن مەنزىرە گارمونىيە شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، پەرىشان قەلب يامغۇر تامچىلىرىنى ئاڭلايدۇ. شائىر دەسلەپ مەنىۋى مۇھىتىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن روھى كەيپىياتىنى يازىدۇ. مۇشۇنداق تەكرارلىنىش ئارقىلىق روھى كەيپىياتى ۋە مەنىۋى مۇھىتى مۇقىملىشىدۇ. شائىر يەنە، بايان نۇقتىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىككىنچى شەخس تىلدا «يېڭىلىق يوقمۇ» دەپ سوئال قويىدۇ. ئاندىن ئەڭ زور ئازاب مەنبەسىنى «بولسىمۇ سۆيگۈ يا نەپرەت» دەپ ئىزاھلايدۇ. خۇددى ۋىرلۇن شېئىرنىڭ مۇزىكىچانلىقىنى تەكىتلىگەندەك بۇ شېئىرمۇ كۈچلۈك مۇزىكىچانلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ شېئىردىكى مۇزىكىچانلىق ۋەزىن، قاپىيەلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. شېئىردا بەزى مىسرالار تەكرار—تەكرار كۆزىگە چېلىقىدۇ. يامغۇر تامچىلاش ئاۋازىدەك ئاددىي، ئەمما سوزۇلما ھېسسىياتلار ھەسرەت—نادامەت ياڭرىتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. شېئىردىكى مۇزىكىچانلىق شېئىردا ئۇرغۇۋاتقان كەيپىيات بىلەن بىرىكىپ ھېسسىيات، مەنىۋى مۇھىت ۋە مۇزىكا تەبىئىي رەۋىشتە بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان. ۋىرلۇن بىلەن رامبو سىمۋولىزمنىڭ غوللۇق شائىرلىرى، شۇنداقلا جان—جىگەر دوستلاردىن ئىدى. بىراق، بۇ شېئىر يېزىلغان چاغدا سۆيگەن ئايالى بىلەن ئوتتۇرىسىدا ھاڭ چوڭىيىپ كەتكەن. يەنە كېلىپ مەسىتچىلىكتە رامبونى ئېتىپ ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقان. تەگسىز ئازاب ئۇنى قىيىناۋاتقان مەزگىل ئىدى. شېئىردا شائىرنىڭ چەكسىز ئازابلىرى قىسقىغىنا بىر نەچچە مىسرادا ئىپادىلەنگەن.
رىمبۇ(فىرانسىيە)
ئاپتور ھەققىدە: ئارتور رىمبۇ (1854-1891)— فىرانسىيە سىمۋولىزىملىق شېئىرىيەتنىڭ مەشھۇر پېىشۋالىرىدىن، «پەۋقۇلئاددە تالانتقا ئىگە غەلىتە شائىر». ئۇ 15 يېشىدا شېئىر يېزىشنى باشلاپ، 20 ياشقا كىرگەندە: «مەن ئۆزۈمنى شەيتان، پەرىشتە سانايتتىم. مەن ئاخىر، زېمىنغا قايتىپ كەلدىم. رىياللىقنى قۇچاقلاپ دېھقان بولۇپ كېتەيچۇ!» دېگەن ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ-دە، قەلەمنى تاشلايدۇ. ئەمما ئۇ ئاشۇ قىسقىغىنە بەش يىللىق شېئىرىي ھاياتىدا فىرانسىيە شېئىرىيەت مۇنبىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ.
ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﺳﻮﻧﯩﺘﻰ
ئا− ﻗﺎﺭﺍ ؛ﺋﯥ− ﯪﻕ ؛ﺋﻰ− ﻗﯩﺰﯨﻞ؛ ﯰ− ﻳﯧﺸﯩﻞ؛ ﯮ− ﻛﯚﻙ: ﺳﻮﺯﯗﻕ ﺗﺎﯞﯗﺷﻼﺭ،
ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻳﻤﻪﻥ ﻛﻪﻟﻤﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺵ ﯪﻗﯩﯟﻩﺕ:
ﯪ— ﺳﯧﺴﯩﻖ ﯬﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﻏﯩﯖﺸﯩﻐﺎﻥ ﭼﯩﯟﯨﻨﺪﯨﻜﻰ−
ﻗﺎپقاﺭﺍ ﺗﻮﻧﺪﯗﺭ، ﺑﻮﻏﯘﺯﺩﯗﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﻪﻧﺖ.
ﺋﯥ— ﺋﯧﺮﯗﺭ ھور ﯞﻩ ﭼﯩﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﯪﻗﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﺯ ﭼﻮققا ھەم،
ﯪﻕ ﻟﯩﺒﺎﺳﻠﯩﻖ شاھ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﺮىشى ﻛﯜنلۈكسىمان.
ئى— ئىرۇر ﺩﻩﻝ ﭼﺎچرىغان ﻗﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪﺍ ﮔﺎﻝ،
ﻳﺎ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ نازىنىن ﻗﯩﺰ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ.
ﯰ— ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﻛﯚﻙ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ سېھىرلىك ﻏﯩﻠﺪﯨﺮﻟﯩﺸﻰ،
ﭘﺎﺩﯨﻼﺭ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﺑﺎﺭﺍﺭ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻤﺘﺎﺱ ﺳﯜﭘﻪﺕ.
ﻣﺎﯕﻠﯩﻴﻰ ﺯﻩﺭﮔﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﯮﻳﻐﯘﭼﻰ راھەت ﭘﻪﻗﻪﺕ.
ﯮ— ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺗﻮﯞﻟﯩﺸﯩﺪﯗﺭ، ﻏﻪﻳﺮﻯ ھەم ﻳﺎﺭﻏﺎﻥ ﻗﯘﻻﻕ.
ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ جىملىقىنى ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﻯ ﺑﯘﺯﻏﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﻕ:
ﺩﻩﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﻪﭘﺸﻪ ﻧﯘﺭ ﯪﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﺎﻕ!
«ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﺳﻮﻧﯩﺘﻰ» ئۈستىدە ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ تەھلىل
ﯪ، ﯰ، ﺋﻰ، ﺋﯥ، ﯮ−ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺯﯗﻕ ﺗﺎﯞﯗﺷﻼﺭ، ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﻪﻛﻜﻪ ھاﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ھېچقانداق ﻣﻪﻧﺎ ﺋﯩﭙﺎﺩىلەﭖ بېرەلمەيدۇ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، رامبو ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺴﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﯞﯗﺷﻼﺭﻧﻰ «ﯬﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﻏﯩﯖﺸﯩﻐﺎﻥﭼﯩﯟﯨﻦ»، ﯪﻕ ﻟﯩﺒﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﺎھ «ﻗﯩﺰ ﻟﯧﯟﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ»، «ﻛﯚﻙ ﺩﯦﯖﯩﺰنىڭ سېھىرلىك ﻏﯩﻠﺪﯨﺮﻟﯩﺸﻰ»، «ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﺗﻮﯞلىشى»غا ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻥ؟
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﺳﺴﻪﯞﯞﯗﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﻪﺯگۈﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺑﻮلۇشى ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، رامبۇ 1871-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺯغاﻧﺪﺍ ﯲﺯﻯ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺧﻪﺕ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ئېلىپبەﻧﯩﯔ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ﯰ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ئېلىپبە ﺑﻮﻟﯘپ، ھەر بىر ھەرپ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺭﻩﯓ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ئۇنىڭدا ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺳﯩﻤﻮﯞﻟﯩﺰم ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ھېسسىي ﯮﺑﺮﺍﺯﻻﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯲﺯﯪﺭﺍ ﻣﺎﺳﻠﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ھالبۇكى، رامبو ﺗﺎﯞﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﯕﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﯰ ﺗﺎﯞﯗﺷﻼﺭﻏﺎ «ﯪ− ﻗﺎﺭﺍ، ﺋﯥ− ﯪﻕ، ﺋﻰ−ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﯰ− ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﯮ− ﻛﯚﻙ» دېگىنىدەك رەڭلەرنى ﺑﯧﺮىدۇ. ﯰ «تىل كىمياگەرلىكى» ناملىق نەسرىي ﺷﯧﺌﯩﺮىدا «مەن ھەر ﺑﯩﺮ ھەرﯨﭙﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھەرىكىتىنى ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ، ﺗﯘﻏﻤﺎ ئىقتىدﺍﺭﻧﯩﯔ ﺭېتىمىنى ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗ ﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ھاﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ھەﻣﻤﻪ ﺳﻪﺯﮔﯜﮔﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﯩﻨﻤﻐﺎ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ئىشىنىمەن» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﻟﯩﻐﺎنىدى.
ﺑﯩﺰ ﯬﻣﺪﻯ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ-ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ يېزىلغان بۇ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﯩﻞ ﻗﻮللىنىلغىنىغا ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، ﭼﯩﯟﯨﻦ «ﻗﺎپقارا ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﯟﺍﻟﻐﺎﻥ» ھور ﯞﻩ چېدىردىمۇ ﯪﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮىدە ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺟﯩﻠﯟىلىنىدۇ. ﯬﻣﻤﺎ، ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﯮﺗﻘﺎﺷﺘﻪﻙ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﯩﻨﺪﯗ.
ﺑﯘ ئوخشىتىشلار ﺑﯩﺮ نەچچە مەنىسىز ﺳﻮﺯﯗقﺗﺎﯞﯗﺷﻼرنى ﯪﺳﺎسﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺑﯘ ﯪﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﺩﻩ ﯬﺳﻼ ﺑﻮﻟﯘشى ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ئاجايىپ قالتىس ﺳﯩﺰﯨﻢ، ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮلىدىغان شېئىرىي ﺗﺎﻻﻧﺖ!
ﺑﯩﺰ ﯪﺩﻩﻣﻨﻰ ﯬﺟﻪﭘﻠﻪﻧﺪۈﺭىدﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﻏﻼﻧﻤﺎ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪكىللىنىشىگە ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ، رامبو ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ «ﭘﯩﺨﺴﯩﻚ ﺑﺎﻏﻼﻧﻤﺎ ﺳﻪﺯﮔﯘ»ﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. دېمەك، ﯰ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ پۈتكۈل ﻛﻮﻧﺎ ﺳﻪﺯگۈﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ يىپيېڭى، ﯪﺩﻩﻣﻨﻰ ھاڭ-ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭىدىغان ھەقىقى ﯮﺑﺮﺍﺯﻻﺭﻧﻰﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ.
ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ! ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻼ ﯰ ھەقىقى ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ!
(تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر روزى)