تۆگە چاترىقىمۇ ياكى توغرا سەپكە ئاۋاز قوشۇشمۇ؟
تۆگە چاترىقىمۇ ياكى توغرا سەپكە ئاۋاز قوشۇشمۇ؟
- تارىخ كەچۈرمىگەن ۋە كەچۈرمەيدۇ
«كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش پەيتى» تېمىسى بىلەن باشلانغان چاقىرىقتىن كېيىن مۇھاجىرەت ئاتموسفېراسىدا بىر يېڭى دولقۇن كۆتۈرۈلگىنىگە شاھىت بولدۇق. دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاتالمىش دىئاسپورالىشىش سەپسەتەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، باستۇرۇشقا تىرىشىلغان مۇھاجىرەت روھىنىڭ جەۋلان قىلغانلىقىنى، يەنى چۈشكەن يېرىگە قوزۇق قېقىپ جان ساقلاشقا غەرق بولۇش ئېڭىدىن قۇتۇلۇپ تاكى ئۆز ۋەتىنىنى غەلىبە بىلەن قولغا ئالمىغانغا قەدەر ھېچبىر ماكاننى ئۇۋا قىلماسلىق، ھەربىر تاڭنى ۋەتەن تۇپرىقىدا كۈتۈۋېلىش بىلەن ئاتقۇزۇش ئۈمىدىنى ئىمان يىلتىزى بىلەن مەزمۇتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھاجىرەت روھىنىڭ تىكلىنىۋاتقانلىقىنى، جىسمى يوقىسىمۇ مەزمۇنىنىڭ ھېلىھەم تىرىك قەلبلەردە ھاياتلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن كىشىگە ئۈمىدۋارلىق بېغىشلىغۇچى ھالەت.
نۆۋەتتىكى ئىمزا ھەرىكىتىگە ئاتمىشتىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقى ھەققىدىكى دەسلەپكى مەلۇمات شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، «ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى» چۈشەنچىسىنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، پۇرسەت كەلگەن كۈنى ئۆزىنىڭ سېپىنى قەيەردە كۆرۈشنى دەڭسىيەلەيدىغان ئاڭلىقلار ھېلىھەم ئاز ئەمەس. يەنە شۇمۇ ئايدىڭ بولۇۋاتىدۇكى، مۇستەقىللىق يولىدىكى بۇ ئىمزا ھەرىكىتىگە قارشى ھەر تۈرلۈك قارشى تۇرۇشلارنىڭ، سۇيۇقلاندۇرۇشلارنىڭ، مەسخىرىۋازلىق تىپىدىكى ئوبراز خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەسلىدە زېھنىيەت مەسىلىسىدىن بەكرەك، خىيانەت مەسىلىسى ئىكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. بۇنى كۆرۈپ يەتكەن پاراسەتلىك كۆزلەرنىڭمۇ ئۇنچە ئاز ئەمەسلىكىمۇ بىر ئەمەلىيەت. كۆردۇقكى، بۇ نۆۋەت ھېلىقىدەك قېيىداش تۈسىنى ئالغان «ئالدىن بىزگە مەسلىھەت سېلىشمىدى» يەي، «مەن بىلەن ئايرىم كۆرۈشمىدى» يەي، قاتارلىق باھانىلىرىنى تۇغ قىلىۋېلىپ تۇرۇپ ۋەتەن – مىللەت ئىشىدا قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋېلىشنى راۋا كۆرۈشتەك سىياسىي قاتماللىقلار، زېدىپەسلىكلەرمۇ بازار تاپالمىدى. توغرىسى بۇنى باھانە قىلىپ زۇۋان ئاچقۇدەك يوچۇققىمۇ پۇرسەت بېرىلمىدى. ئەكسىچە، سىياسىي ئويغاقلار بۇندىن بۇرۇن ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان جۈرئەتكارلىقى بىلەن تۇشمۇتۇشتىن چىقىپ ۋەتەن مۇستەقىللىقى يولىدىكى بۇ ھەرىكەتنى ھىمايە قىلدى، ئەرزىمەسلەشتۈرۈش، خۇنۈكلەشتۈرۈش قەستىدىكىلەرگە قارشى رەددىيەدە مەزمۇت، مەيداندا مۇستەھكەم تۇردى ۋە تۇرۇۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنداق بىر ئۇشتۇمتۇت چاقىرىققا، ئۇشتۇمتۇت سەپراسقا كېلىش ھادىسىسى يېقىنقى زامان دەۋا تارىخىدا ئۆرنىكى باردۇ، ياكى يوقتۇ. ئەمما شۇ ئېنىقكى، بۇ قېتىمقىسىنىڭ خەيرلىك باشلىنىش بولالىغانلىقىدا شەك يوق. ئەمدىكى مەسىلە مۇستەقىللىق تۇغى ئاستىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك سەپ تۇتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن پەخىرلىنەلەيدىغان شەرەپ ئىگىلىرىنىڭ بۇ مۇبارەك سېپىگە يەنە كىملەرنىڭ سەپەرۋەر بولالايدىغانلىقىدا، كىملەرنىڭ بۇ سەپنى پۈتۈنلىگۈچى رولىنى ئۆتەلەيدىغانلىقىدا بولسا كېرەك. شۇنداقلا يەنە كىملەرنىڭ بۇ سەپنىڭ قارشىسىدا، ھەمدە بۇ تۇغنىڭ ئەسەبىي رەقىبلىرى سۈپىتىدە چېگرا ئايرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۇقىمداشتا، ئاتالمىش مۇجادىلىچىلەر بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىشتا قالدى. لېكىن بۇ يەردە ئۈچىنچى بىر سەپ بار. بۇ سەپ مەزكۇر چاقىرىق خۇسۇسىدا رەڭگى - رويىنى ئېنىق قىلمايۋاتقان، گۆش ياكى بەزلىكىنى بىلىندۈرمەسلىككە، ئەمما قولىدىن كەلسە مەزكۇر چاقىرىقنى چايناپ - چىشلەپ پۈركۈۋەتكىدەك ئەلپاز بىلەن يىراقتىن ماراش، ئاتالمىش كۆزىتىش بىلەن تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋالغان سەپ، يەنى سۈكۈتۋازلار سېپى.
ھەر خۇلۇقنىڭ ئۆزىگە باب ماقامى ۋە ئورنى بولغىنىدەك، ئىنسانىي ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەردە سۈكۈتنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قانۇنىيىتى، پەلسەپەسى مەۋجۇت. ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە كۆرە، ئاچچىق تۇتقاندا قىلىنغان سۈكۈت ‐ كۈچتۇر. ئۇتۇق قازانغاندا قىلىنغان سۈكۈت كەمتەرلىكتۇر. قارار چىقىرىش پەيتىدە قىلىنغان سۈكۈت ئىككىلىنىشتۇر. نەسىھەت تىڭشىغاندا قىلىنغان سۈكۈت ئەدەپتۇر. موھتاجلىق پەيتتە قىلىنغان سۈكۈت غۇرۇردۇر. تەپەككۇر پەيتىدە قىلىنغان سۈكۈت تەدبىرچانلىقتۇر. باتىلنى ئاڭلىغاندا قىلىنغان سۈكۈت قورقاقلىقتۇر. شۇنداقلا ھەقىقەتكە شاھىتلىق قىلىشتا قىلىنغان سۈكۈت خىيانەتتۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلغانغان نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بېسىۋىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يۇيۇپ تاشلانغان ھەقىقەتنى ئېتىراپقا ئېرىشتۈرۈشتەك بىر ھەقىقەت ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش، ھەقىقەتكە شاھىتلىق قىلىش بولسا، دەل سۈكۈتۋازلىق خىيانەت سانىلىدىغان، قەستەن سەپتىن سىيرىلىۋېلىش نىپاقلىق ھېسابلىنىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. بۇنداق بىر ھەقىقەتكە ئىگىدارچىلىق قىلىش چاقىرىقى باش كۆتۈرگەندە، مۇستەقىللىق سېپى ئۈچۈن سەپراسقا كېلىش چاقىرىقى بولۇۋاتقاندا، چاقىرىقنى كۆزگە ئىلمىغان كۆرۈنۈۋېلىشلار، خۇنۈكلەشتۈرۈشلەر، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشلار، قانداقتۇر ۋاقتى ۋە يېرى ئەمەس باھانىلەر بىلەن مەيدانسىزلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشلار ماھىيەتتە ئۆز سېپىنى مۇستەقىللىق تۇغىدىكىلەرنىڭ سېپىدە كۆرۈشتىن قېچىش، سەپتىن ئورۇن ئالماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسقانلىقىنى ئىپادىلەش تىپىدىكى مۇناپىقانە ھەرىكەتتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنداق بىر قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشلار، ھەمدە ئۇرۇنۇش كويىدا يۈرگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى قەھرىمان ئەجدادلىرىنىڭ يولىنى ئەمەس، بەلكى تارىخقا سەپتىن ئەتەي چۈشۈۋېلىشنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولغان جەد ئىبنى قەيس كەبى ئىككى يۈزلۈكلەرنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر. ئۇنداقتا تارىختىكى، جۈملىدىن پەيغەمبەر دەۋرىدىكى جەد ئىبنى قەيس نېمە قىلغان ۋە تارىخ ئۇنىڭغا قانداق باھا بەرگەن؟
بۈيۈك مۇئەررىخلەردىن تەبەرىي ۋە ئىبنى ئىسھاقلارنىڭ بايان قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، جەد ئىبنى قەيس ھادىسەسى شۇلاردىن ئىبارەت: رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ دەۋا سەپداشلىرى بولغان مۇھاجىرلار توپى ئانا يۇرتى مەككىدىن ھىجرەت نىيىتى بىلەن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىپ ئالتىنچى يىلغا كەلگەندە، سان ۋە ھىمايە جەھەتتىن بىر قەدەر نوپۇز قازىنىشقا باشلايدۇ. يۇرت ھەسرىتى بىلەن ئۆتكەن ئالتە يىل ئۇلارنى قاچان ئۆز يۇرتىنى ئادالەت ۋە ھەقىقەت نۇرى بىلەن يورۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولىدىغان فەتھى كۈنىگە مۇنتەزىر قىلماقتا ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇھاجىرلارغا ئەجداد ماكانىدىكى مۇقەددەسگاھ ۋە قىبلىگاھ بولغان كەئبە شەرىفنى تاۋاپ قىلىش نىيىتى بىلەن مۇھاجىرلار توپىنى ھەج مەۋسۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممە بىرلىكتە مەككىگە چۈشۈپ چىقىش پىلانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەج پۇرسىتى ئۇ دەۋردە يۇرتتىكى ئۇرۇق - تۇغقان، ئائىلە ھەسرىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ تۆۋەنلىتىش، دىدارلىشىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە قىلاتتى. لېكىن مەككىنى كونترولى ئاستىغا ئېلىۋالغان دۈشمەن كۈچ بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ، مەسىلە ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنغان زۇلۇمغا قارشى ئادالەت ئۈچۈن، زالىم قوللاردىن مەككىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ھېسابقا ئالماي قالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نۆۋەت پەقەتلا بىر يولۇچى مىسالى مەككىگە چۈشۈپ چىقىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرماقچى، بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭمۇ، ئۇلارنىڭمۇ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى يوق قىلىدىغان، ئاماننامەنىڭ بولۇشىنى ئىستىدى. مۇنداقچە ئېيتساق، بۈگۈننىڭ تىلىدا مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە مەككىگە كىرىپ - چىقىش ئىزنى ئېلىش زۆرۈر بولدى. ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە ئۆزىنىڭ يۇرتىغا ئۆزى رۇخسەت ئېلىپ كىرىشتەك بۇ ئىش زۇلۇم كۆرگەن مۇھاجىرلار توپى ئۈچۈن ھار ئېلىنىدىغان مەسىلە ئىدى. لېكىن سىياسىي شەرتلەر يۇرت - ماكان بىلەن، ئۇ يەردە قالغان ئۇرۇق - تۇغقان، قەۋم قېرىنداشلار بىلەن، شۇنداقلا مۇقەددەسگاھ بولغان كەئبە شەرىف بىلەن بولغان باغنىڭ ئۈزۈكلۈكىنىڭ داۋاملاشماسلىقى ئۈچۈن تىنچ يول بىلەن مەككىگە چۈشۈپ - چىقىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش فەتھىدىن ئاۋۋالقى دەسلەپكى قەدەم ئېلىش پۇرسىتىنى ھازىرلاشتا ئەھمىيەت قازانماقتا ئىدى. ئەجەبا، بۇنداق بۇ مۇرەسسەنى مەككىگە كىرىپ ساق - سالامەت ئورۇنداپ كېلىشكە كىم نامزات بولالالىشى مۇمكىن؟ بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ بۇ ئىشقا قەۋمنىڭ باھادىرى، ھەقىقەتپەرۋەرلىكتە مەرد ئوغلانى بولغان ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى چاقىرتىپ كېلىپ ۋەزىپىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. لېكىن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسىلىنىڭ ۋەھيى مەسىلىسىدىن سىرت سىياسىي كېڭىشىش دائىرىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەچ ئۆزىنى بۇ ئىشقا باب ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە بۇ ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا مۇۋاپىق نامزاتنىڭ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە نېمىشقا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئەمەسلىكىنى، نېمىشقا ئوسماننىڭ بۇ ئىشنى پۈتتۈرەلىشىدە ئۈمىد بارلىقىنىمۇ كېڭەشتە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
دەرۋەقە، كېڭەشتە بۇ پىكىر ماقۇل كۆرۈلىدۇ ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ. دېگەندەك ئىشنىڭ يۆنىلىشى پەرقلىق بولۇشقا باشلايدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەلچىلىك نامزاتلىقى، ئۇنىڭ پەزىلەتلىك كىشىلىكى ۋە مەسىلىنى قۇرەيش چوڭلىرىغا سەۋرچانلىق ھەمدە قابىلىيەتلىك بىر تىل بىلەن ئاڭلىتىشى ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى يوققا چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇرەيشلىكلەرمۇ مۇھاجىرلارنىڭ بارگاھ قۇرغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قورال - ياراقسىز، پەقەتلا سەپەر جابدۇقلىرى بىلەن كەلگەن مۇھاجىرلار توپىغا قارشى 200 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى مەككە سىرتىغا تىكىپ قاراۋۇللۇقتا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. لېكىن ئۇلار شۇنداق ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپمۇ تىنچلىقپەرۋەرلىك بىلەن ئۆز يۇرتىغا كىرىپ تاۋاپ قىلىشتەك ئەقەللىي ئىبادەت ھەققىنى رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇلارنىڭ سەپداشلىرىغا ئارتۇق كۆرىدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ھەزرىتى ئوسمانغا پەرقلىق ئىمتىياز ساقلاش ئارقىلىق ئۇنى ئېرىتمەكچى، شۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنى رەسۇلۇللاھ ۋە مۇھاجىرلارغا قايتىپ بېرىپ قوشۇلمايدىغانلىقىغا ئۇلارنى كۆندۈرۈشكە ئىشلەتمەكچى بولىدۇ. دۈشمەن كاتتىباشلىرى دەيدۇكى، ئۇلار مەككىگە چۈشۈپ چىقسا بولمايدۇ. لېكىن بىز ساڭا رۇخسەت قىلايلى، ئاتايىن كەلگەنكىن سەن مەككىگە چۈشۈپ تاۋاپ قىلىۋېلىپ قايتقىن.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويۇنغا كەلمەيدۇ ۋە بۇنى رەت قىلىپ: «رەسۇلۇللاھ مەككىگە چۈشۈپ تاۋاپ قىلمىسا مەنمۇ قىلمايمەن» دەپ پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. نامەرد دۈشمەن ھەزرىتى ئوسماننى تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانچە دۈشمەننىڭ ھەر تۈرلۈك شۇملۇق قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن مۇھاجىرلار ئەندىشىگە چۈشىدۇ. ھەتتا گەپ - سۆزلەر كۆپىيىپ، «ئوسمان» ئۆلتۈرۈلۈپتىمىش، دېگەن خەۋەر پۇر كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانچە ئەندىشە قىلغان ئىش راستتەك بىر ئاتموسفېرانى شەكىللەندۈرۈپ ئۈلگۈرىدۇ. ئەگەر دۈشمەن تەرەپ راستتىنلا بۇ پەسكەشلىكنى قىلغان بولسا، يۇرت - ماكاندىن ئايرىغاندىن سىرت، ئەلچى بولۇپ بارغۇچىنىمۇ قەتلى قىلغان بولسا، بۇنىڭغا ئاجىز - كۈچلۈك ھېسابىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم، پوزىتسىيەسى تۇتۇش ۋە بۇنى تەسجىل قىلىش كېرەك بولاتتى. رەسۇلۇللاھ ۋەزىيەتنى دەڭسىگەندىن كېيىن «ئوسمان راستتىنلا قەتلى قىلىنغان بولسا، بۇ ئىشنى بولدى قىلمايدىغانلىقىنى، تاكى دۈشمەن بىلەن ئېلىشمىغۇچە ئەسلا چېكىنمەيدىغانلىقىنى» ئېلان قىلىدۇ.
دەرۋەقە، خەۋەر كەلمىگەنچە بۇ ئىش ھەممىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدۇ. خەۋەر راست بولغىنىدا، بۇ ئىشنى ئەسلا بولدى قىلماسلىق نىيىتى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. شۇ ئارىدا رەسۇلۇللاھ بەيئەت (قول بېرىشىپ ۋەدىلىشىش) ھەرىكىتى جاكارلايدۇ ۋە ھەممىنى دەرەخ ئاستىغا كېلىپ مەيدان ئىپادىلەشكە، دەۋا يولىدىكى بۇ كىرىزىستا مەيداننى ئېنىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن توپلىشىپ رەسۇلۇللاھ سايىداۋاتقان دەرەخ ئەتراپىغا كېلىپ توپلىشىپ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئەھدىنامىسىنى، رەسۇلۇللاھ بىلەن چىققان بۇ دەۋاسىدا مەيدان مەۋقەسىنى جاكارلاپ ۋەدە بېرىشىدۇ. ھەممە بىردەك ئاللاھ يولىدا جىھادتىن باش تارتماسلىققا، بۇ مۇجادىلەدە ئارقىغا قاراپ قاچماسلىق، ئەھدىدىن يانماسلىق ۋە دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتە قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر كەينىگە دەسسىمەسلىك خۇسۇسىدا ئەھدى بېرىش، مەيدان - پوزىتسىيە جاكارلاش ھەرىكىتى قوزغىلىدۇ. ھەر ئىشنىڭ ھېساب - كىتابى، ئېھتىماللىقى ۋە مۇمكىنچىلىك تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق ئويلىغان رەسۇلۇللاھ ئۇشبۇ «ئەھدى جاكارلاش» ھەرىكىتىدە نەق مەيداندا بولالمىغان ۋە ھال - ئەھۋالى ھەممىگە قاراڭغۇ بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەسكە ئالىدۇ ۋە يەنە بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «بۇ قول ئوسمان ئۈچۈن» دېگىنىچە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋاكالىتەن ئۆزى ۋەكىل بولۇپ بەيئەت پائالىيىتىنى داۋام قىلىدۇ. ئوسماننىڭ نىيىتى، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى رەسۇلۇللاھقا ئايان، مۇھاجىرەتتىكىلەرگىمۇ ئايان ئىدى. ئەمما بۇ ھەرىكەتتە مەيدان ئىپادىلەش، ھەركىم ئۆزىنى ئىپادە قىلىشتەك كۈرەش مەجبۇرىيىتىدە نىيەتنى ئاشكارا ئىپادىلەش، ئۆزىنىڭ قايسى سەپتە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ تۇتۇمىنى ئېنىق قىلىپ ئۇقتۇرۇش زۆرۈر بولغاچ، ئوسماننىمۇ بۇ جاكارلاشتىن مەھرۇم قويمىدى. ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ھايات - ماماتلىق كۈرەش ئەھدىسىنى يېڭىلاشتەك بۇ قالتىس ھەرىكەت «بەيئەتۇررىزۋان»، (رازىلىققا ئېرىشكۈچىلەر) بەيئىتى دەپ ئاتالغانىدى. قۇرئان كەرىم بۇ ھەرىكەتنى گەرچە ئەمەلىي جەڭدە سىنىلىشتەك بىر ۋەزىيەت يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، روھىي جەڭدە ھەقتە چىڭ تۇرۇشتەك بۇ روھنى تەقدىرلىدى. بۇ بەيئەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن شۇ سورۇندىكى بارچە مۇھاجىرەت ئەھلىنى جەننەت بىلەن تارتۇقلانغۇچىلار، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازانغۇچىلار قاتارىدا سۈپەتلىدى. رەسۇلۇللاھ كېيىنچە سەھىھ ھەدىسلىرىدە ۋەھيى ئارقىلىق بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلارنى «دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقى، جەننەتلىك ئىكەنلىكى» بىلەن خۇش- بېشارەت بەردى.
مەسىلىنىڭ ئويلىنىشقا تېگىشلىك تەرىپى شۇكى، رەسۇلۇللاھ بىلەن تەڭ ئەھدىلەشكەن مۇھاجىرەت ئەھلىنىڭ بۇ بەيئىتى، يەنە كېلىپ تارىخىي مەنبەلەردە «الفتح أو الشهادة»، يەنى، يا غەلىبە يا شەھىدلىك، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم، دېگەن شوئار بىلەن توپلانغان بۇ بەيئەت ھەرىكىتى مەزگىلىدە نە دۈشمەن بىلەن جەڭ بولدى، نە دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتۇشۇش روي بەردى. ئەمما بۇ سىناقتا، قورال - ياراقسىز بىر سەيياھ مىسالى كەلگەن توپ قارشىسىدا 200 ئاتلىق قورال - ياراقلىق قوشۇننىڭ چېگرا بېشىدا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىق خەۋىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەققانىي مەيدان ئىپادىلەشتە ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا بەرگەن ۋەدىسىنى يېڭىلاش، ھەقنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشتا ھەرقانداق بەدەلگە تەييار تۇرۇشتەك بىر مەيدان ئىپادىلەش ھەرىكىتىدە شۇ مەيداندىكى مۇھاجىرەت ئەھلى ئومۇميۈزلۈك سەپتىن قالمىدى. قۇرئان ئۇلارنىڭ بۇ روھىنى، ئۇلارنىڭ قاتمۇقات داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي ئىمانىي بۇرچى ۋە ھەققانىي تۇتۇمىنى شەرەپ بىلەن تارتۇقلىدى.
تارىخ رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقان بۇ قەھرىمانلارنى، سىناقتىن ئۆتكەن ۋە دەۋاسىغا سادىق بولغان بۇ ئۈلگىلەرنى خەيرلىك بىلەن تىلغا ئالدى. ئۇلار قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن، تارتۇقلانغان ئاشۇ سۈپەتلىرىگە يارىشا كېيىنكى يىللاردىكى مەككە فەتھىسىدىن باشلاپ، يەنى دەۋاسى باشلانغان ئانا يۇرتىنى ئىسلام فەتھىسى بىلەن مۇشەررەپلەندۈرۈشتىن تارتىپ ئۇندىن كېيىنكى تارىخقا پۈتۈلگىدەك شانلىق ئىش - ئىزلارغا ئۇل سېلىش، دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخىنىڭ ھىدايەت يۇلتۇزلىرىغا، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۇتۇق بۇغراخان كەبى باھادىر ئەجدادلارنىڭ قولى بىلەن كېيىنكى مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ئىسلام باھارى بىلەن پۈركەشتە تۆھپىسى كۆز يۇمغۇسىز نەمۇنىلەرگە، ئۈلگىلەرگە ئايلاندى. ئەنە شۇ مۇھاجىرەت ھاياتىدا يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلغان، ھەق دەۋاسىدا مەزمۇت تۇرۇپ ئېغىر سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن مۇھاجىر ساھابە كىراملار ھەمىشە بىز ئۈچۈنمۇ ھىدايەت يۇلتۇزلىرى بولۇپ كەلدى.
تارىخ بۇ ۋەقەدە يەنە كىملەرنى خاتىرىلىدى؟ ئەلۋەتتە جەد ئىبنى قەيسنىمۇ خاتىرىلىدى. جەد ئىبنى قەيس مەزكۇر رىزۋان بەيئىتىدە كىشىلەر تۇشمۇتۇشتىن مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ قول بېرىۋاتقان، ھەق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن قاچمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ دەۋاسىدا نېمە بولۇپ كەتسۇن كەينىگە دەسسىمەيدىغانلىقىغا مەيدانىنى بىلدۈرۈۋاتقان، سۆز بېرىپ ئەھدىنامىسىنى تەسجىل قىلدۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشمىدى. مۇھاجىر سەپداشلار بەس - بەستە دەرەخ ئەتراپىغا چۆمۈلىدەك سەپ - سەپ بولۇشۇپ ئۇلىشىۋاتقان، ئورتاق غايىسىنى قول - قولچە ئېلان قىلىپ نىيەتلىرىنى ئېنىق بىلدۈرۈۋاتقىنىدا، جەد ئىبنى قەيس ئارقىغا داجىدى. مۇھاجىرەت توپى ماگنىتتەك دەرەخ تەرەپكە تارتىلىۋاتقان بىر مەنزىرە ئىچىدە يۈرۈش قىلىۋاتقاندا، ئىبنى قەيس خۇددى خەتنىسىدىن قورققان كىچىك بالىنىڭ ئۇستىرىچىسىنى كۆرگەن چاغدىكى ھالىتى كەبى مۆكۈنگىلى يەر ئىزدەپ تۇرالماي قالدى. رىزۋان بەيئىتىدە بۇ مەنزىرىگە شاھىت بولغان ساھابىلەردىن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋەقەنى شۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇ تاپتىمۇ ئۇنىڭ كىشىلەردىن دالدىلىنىشقا ئۇرۇنۇپ تۆگىسىنىڭ چاترىقىغا قىسىلغىنىچە مۆكۈنۈۋاتقان ھالىتى ھېچ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ».
قەھرىمانلار تارىخقا پۈتۈلگىنىدەك، رىزۋان بەيئىتىدىن كېيىن دەۋاسىغا سادىق بولۇش شەرتىنى يوقاتمىغان ئاساستا كېيىنچە قانداق ئىختلاپقا، قانداق توقۇنۇشلارغا كىرگەن، ياخشى - يامان كۈنلەرنى، ئىسسىق - سوغۇقنى كۆرۈپ، ياشاپ ئۆتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تارىخ ئۇلارنى ئۇنتۇمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەيدان ۋە مەۋقەنى ئېلان قىلىش ھەرىكىتىدە سۆرۈلۈۋالغان، دالدا قىلغىلى جاي چىقمىغاندا تۆگىنىڭ چاترىقى ئاستىغا تۈگۈلۈۋېلىپمۇ بولسا مەۋقەسىنى ئىپادىلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان جەد ئىبنى قەيسنىمۇ ئۇنتۇمىدى. ئىسلام تارىخىدا تۇنجى ساغلام سىيرەت ئەسىرى يېزىش بىلەن تونۇلغان مەشھۇر پېشۋا ئىبنى ئىسھاق ئۆز ئەسىرىدە «بۇ بەيئەتتە بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىم چۈشۈپ قالمىدى. چۈشۈپ قالغان ئۇ كىشى مۇناپىقلار تائىپىسىدىن بولۇپ، ئىسمى جەد ئىبنى قەيس ئىدى» دېيىش ئارقىلىق مەزكۇر جەد ئىبنى قەيسكە تارىخنىڭ باھاسىنىمۇ خاتىرىلەپ پۈتتى.
تارىخ ئىبرەتگاھ بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆز نۆۋىتىدە ئۈلگىلەر بىلەن تولغانلىقى مەلۇم. مەسىلىگە بۇ جەھەتتىن قارالغاندا، پەرقلىق قىسمەت، ئەمما ئوخشاش مەۋقە ۋە مەيداندا سىناقلارنىڭ كۈتمىگەن پەيتتە ۋە ئويلىمىغان تەرزدە ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن بىر ھادىسە. ھەقنىڭ تەرىپى بولغاندەك، باتىلنىڭمۇ تەرىپى بولىدۇ. بىرىنىڭ ئىشى ھەق يولدا ئۈستىگە چۈشكەننى ئادا قىلىش، يەنە بىرىنىڭ ئىشى بولسا، باتىلنىڭ جېدىلىنى كۆپەيتىش ۋە ھەقنىڭ يولىغا توسقۇن بولۇش. بۇ يەردە باتىلنىڭمۇ قەبىھ يۈزى بار بولۇپ، ھاۋايى - ھەۋەس ۋە كىشىلىك ئېگولارنىڭ، مەرەزلىك ۋە ھەسەتنىڭ، جانباقتىلىق ۋە دىنساتارلىقنىڭ، دوگمىلىق، رىياكارلىق ۋە ھاماقەتلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ، يىغىپ ئېيتقاندا، قاتماللىق ۋە پۇرسەتپەرەسلىكلەرنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە سۈكۈتۋازلىقنى، تۈگۈلۈۋېلىشنى ماھارەت ساناش، ئىت - مۈشۈكلىرىنى ئەتراپقا سېلىپ سۈنئىي تالاش - تارتىش يارىتىپ پىرىنسىپال ئورتاقلىق شەكىللەندۈرۈش پەيتى بولۇۋاتقاندا مەسىلىنى خالىسا قىلىدىغان، خالىمىسا قىلمىسىمۇ بولىدىغان، ھېچكىم - ھېچكىمگە پىكىر بىلدۈرسە، تەنقىدلىسە بولمايدىغاندەك ئاتموسفېرا يارىتىشلار بەئەينى جەد ئىبنى قەيسنىڭ تۆگىنى دالدا قىلىش ئۇرۇنۇشىغا ئوخشاش يۈزنىڭ ئەڭ قەبىھى، نومۇسسىزىدۇر. باتىلنىڭ ئۆزىنىڭ باتىللىقىدا ئاشكارا بولۇشى، ھەق ئىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق دېيەلىشى ئۇنىڭ ئۆز يۈزىنى ئوچۇق كۆرسىتەلىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ سېپىنى ئاشكارا قىلىدۇ، مەيدانىنى، مۇجادىلىسىنى شۇ يوسۇندا بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ پەسكەشرەكى، سۈكۈتۋازلىق، ھەقنىڭ تەرەپدارلىقىنى خامتالاش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشىغا قاراپ تۇرۇش، نە باتىلنىڭ باتىللىقىنى، نە ھەقنىڭ ھەقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەستىن، ئاۋاز چىقارماستىن تۈگۈلۈۋېلىشتۇر. مانا بۇ تۆگە چاترىقىنى دالدا قىلىش تىپىدىكى نىپاقنىڭ، مۇناپىق خاراكتېرنىڭ ئالامىتىدۇر.
تارىخچىلار جەد ئىبنى قەيسنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلىگەن چاغدا شۇ چاغدا بەيئەت قىلغۇچىلار سانىنى 1400 ئەتراپىدا دەپ قەيت قىلىشىدۇ. شۇ قەدەر كۆپ ساھابىلەر مەزكۇر بەيئەتكە ھۆر قاتناشتى. زۇلۇمغا قارشى بىرلىكنى، بىر يولدا ئىكەنلىكىنى ھەممىگە تەييارلىقىنى ئېلان قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈگۈلۈۋالغان مۇناپىقمۇ كۆزدىن قاچمىدى. ئۇنتۇلمىدى، مەيدان - مەۋقە بىلدۈرۈشتە جاكارلاش سېپى تۈزۈلگەندە شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتتە ھېچكىمنىڭ ھېچنىمە قىلالمايدىغانلىقىدەك ئەركىن ئاتموسفېرادا سەپتىن چۈشۈۋېلىش، ئاۋاز قوشماسلىقتەك خىيانەت نەزەردىن ساقىت بولمىدى. دەۋا ئەھلىمۇ بۇنى ئۇنتۇمىدى، تارىخمۇ تېگىشلىك باھانى بەردى ۋە ئۇنۇتتۇرمىدى.
خۇددى شۇنىڭدەك، ھېچكىم كۈتمىگەن بىر كۈندە، كۈتمىگەن بىر ۋەزىيەتتە مۇستەقىللىق كۈرەش سېپىدىكىلەرگە، زۇلۇمغا قارشىلىقنىڭ ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ، ئىمانىي ۋە ئىنسانىي ھۆرلۈكنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ياشاشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بولغان مۇستەقىللىقنىڭ يولچىلىرىغا خىتاب قىلىندى. يەنە كۈتمىگەندەك، دۈشمەنلەرنىڭ «مۇستەقىلچىلەرنى ئازايتىش»، «ئاز قىلىپ كۆرسىتىش» ھەققىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنى بەربات قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاتمىشتىن ئارتۇق تەشكىلات خىتابقا ئاۋاز قوشقانلىقى مەلۇم بولدى. سۇيۇقلاندۇرۇشلار، ھەر تۈرلۈك قالپاق كىيگۈزۈشلەر، ھەتتا چاقىرىق قىلغۇچىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، سېسىتىشقىچە بولغان نەيرەڭلەر ئورتالىقتا كېزىۋاتقان پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە تىك تۇرالايدىغانلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرغۇدەك دەرىجىدە سادالار چىقىشقا باشلىدى ۋە بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئاۋازلارنىڭ تۇۋىقىنى ئەتكۈدەك، سۇغا چىلاشتۇرۇش قەستىدىكىلەرنىڭ قازىنىنى ئۆرۈپ تاشلىغۇدەك رەددىيەلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.
مانا بۇ ئويغىنىش، مانا بۇ مىللىي ئىرادە. ئەمما شۇمۇ دىققەتتىن قاچمايۋاتىدۇكى، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزلىرى تەۋەلەنگەن گۇرۇپپا ۋە تەشكىلاتنىڭ باش ئاتىقىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ يېزىپ تۇرۇپ دەۋا قىلىۋاتقان خېلى سالماقتىكى تائىپىلەر ھېلىھەم سۈكۈتتە. ھەتتا يوشۇرۇن ئىمالىق سۆزلەر بىلەن مەزكۇر ئىمزا ھەرىكىتىدىن بىئاراملىقىنى ئىپادىلىمەكتە. ئۆزلىرىنىڭ بىئاراملىق تۇتۇملىرىنى مەسىلىنىڭ سىياسىي ۋەزنىگە ئۇدۇللاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا يەر ئىزدەۋاتقانلىق بېشارىتىنى بەرمەكتە. توغرىسى ئارىمىزدا تۆگە چاترىقىنى ئىزدەش ياكى ھەقىقەت چىنارى ئەتراپىغا ئورتاق سادا بىلەن ئۇيۇشالايدىغان ھەققانىي روھ ئىگىسى بولۇش ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقانلىق، خەيرلىك ئىشتا ئالدىن رول ئالغۇچى «السابقون الأولون» سۈپىتىگە سازاۋەر مۇھاجىرلارنى ئۈلگە قىلىش بىلەن تۆگە چاترىقىنى دالدا قىلغۇچى جەد ئىبنى قەيسنى ئۈلگە قىلىش ئارىسىدا «مۇزەبزەب» (تىكىشى توختىماس مەخلۇق) بولۇۋاتقانلىق خاھىشلىرى ئەكس ئەتمەكتە. ئەمما شۇ ئېنىقكى، ھەرقاچان چاتراقتا دالدىلانغۇچى بىلەن مەيداندا دادىل بولغۇچىنى پەرق قىلىپ تۇرغۇچى بىر جابىر، تارىخقا پۈتۈش بىلەن لەنەت ياكى رەھمەت ئىگىسى ئىكەنلىكنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ۋە ئادىل باھاسىنى بەرگۈچى بىر ئىبنى ئىسھاق ھەرقاچان مەۋجۇت. چۈنكى شەرنىڭ بارلىقى خەيرنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى خەيرنىڭ ھاياتلىقىدىن دېرەكتۇر. ھەقىقەت ئەھلى باتىلغا قارشى كۈرەش قىلىدۇ، ئەمما سۈكۈتۋازلارنى ئۇنتۇمايدۇ. تارىخ ماددىي جازا بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇ شۇنداق ئادىل سوتچىدۇركى، ئۇنىڭ تامغىسىنىڭ بۈگۈن دالدىلىنالىغانلارنى ئەتە دالدىلىنالماس قىلىپ قويىدىغانلىقى، تەڭرىنىڭ ئادالىتىگە، ھۆكمىگە تاپشۇرۇشتەك ۋەزىپىسىدىن ئەسلا توختاپ قالمايدىغانلىقى شەك - شۈبھىسىز مۇقەررەر.
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-02-18
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى