تۇخۇم چۆچۈرىسى

ئورنى Wikipedia

تۇخۇم چۆچۈرىسى بولسا ئاق ئۇن ، تۇخۇم ، پۇرچاق ئۇنى ، كۈدە (جۈسەي) ، كاۋاۋىچىن ، سۇ يېغى ، تۇز ، يۇمغاقسۈت قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيىشلىك .

 

لازىملىق ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

8پارچەلازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇخۇم تۆت دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، كۈدە(جۈسەي) 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، يۇمغاقسۈت ئازراق.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا پۇرچاق ئۇنى، تۇز، قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم شىرىسى

ياسىلىدۇ. قازاننى قىزىتىپ ئازراق ياغ قۇيۇپ قازاننى ياغلاپ، تۇخۇم شىرىسىنى قۇيۇپ، نېپىز تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئاندىن ئۇنى ئۇششاق توغراپ، توغرالغان كۈدە، تۇز، كاۋاۋىچىن ۋە سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. بۇ ئاشنىڭ خېمىرى ئادەتتىكى چۆچۈرە خېمىرىدەك تەييارلىنىدۇ. بىر جىلتقا كىچىك قوشۇقتا يېرىم قوشۇقتىن تۇخۇم قىيمىسى سېلىپ، چۆچۈرە تۈگىلىدۇ.

3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تۈگۈلگەن چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا 10 15 مىنۇت سىم-سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان چۆچۈرىگە يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ، سۈيى بىلەن چىنىلەرگە ئۇسىلىدۇ.