تۇرسۇنئاي ساقىم

ئورنى Wikipedia

تۇرسۇنئاي ساقىم (لاتىن: Tursunay Saqim، كرىل: Турсунай Сақим؛ 1938 ماي 24 ― 2006 سىنتەبر باشى) ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمان، تۈركولوگ.

تۇرسۇنئاي ساقىم 1938 - يىلى 24 - ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوتتۇراھال ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1956 - يىلى ئۈرۈمچى 2 - قىزلار پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. شۇ يىلى بېيجىڭ مەركىزى خەلق رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشكەن. 1959 - يىلى مەركىزى خەلق رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق رادىئوسى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇخبىر، تەرجىمان، يازغۇچى ۋە دېكتورلۇق قاتارلىق خىزمەتتىكىلەرمۇ ئۈرۈمچىگە قايتقان. مەركىزى خەلق رادىئوسى باشقارمىسى رادىئو خىزمەتچىلىرىنىڭ بىلگۈ ۋە قابىلىيەتلىرىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۇرسۇنئاي ساقىم قاتارلىق بىر قانچە راىئو خىزمەتچىسىنى بېيجىڭ رادىئو ئىنسىتىتۇتى چەتئەل تىللىرى فاكۇلتېتى تۈرك تىلى بۆلۈمىدە ئوقۇشقا ئالغان[1].

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تاھىرجان مۇھەممەد، تىل ۋە تەرجىمە 2006 - يىللىق 1 - سان. ئابدۇلۋاھھاب قارا تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئۇلىنىش، 2022-01-19