تۇرسۇن ئايۇپ
| تۇرسۇن ئايۇپ | |
|---|---|
| تۇغۇلغان ۋاقتى | 1947-يىلى 2-ئاي |
| تۇغۇلغان ئورنى | قورغاس ناھىيەسى |
| ۋاپات بولغان ۋاقتى | 2003-يىلى |
| كەسپى | تۈركولوگ |
تۇرسۇن ئايۇپ ( 1947~ 2003)
جۇڭگودىكى تۈركولۇگىيە ساھەسىنىڭ مەشھۇر ئەربابى ، تۇركولوگىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىمى ، پروفېسسور ، «ئوغۇزنامە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىر تالاي مۇھىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى . تارىخشۇناس زات تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان . خەلقىمىز بۇ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنى چىن قەلبىدىن ئەسلەيدۇ .
تۇرسۇن ئايۇپ 1947-يىلى 2-ئايدا قورغاس ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1965-يىلى 9-ئايدىن 1968-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1971-يىلى 10-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
تۇرسۇن ئايۇپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن 27 يىل ئىچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار گىرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىيات تارىخى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى» ۋە «ئۇيغۇر يېزىق تىلى تەرەققىيات تارىخى» ئۇيغۇر تىلىدا مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئېچىلغان دەرسلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇ 1993-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخىنى تەتقىقات نىشانى قىلغان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئاچقان. 1982-يىلى لېكتور، 1990-يىلى دوتسېنت بولۇپ باھالانغان.
تۇرسۇن ئايۇپ پائال تۈردە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، يەنە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلگەن. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى «ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى شەيئى، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى توغرىسىدا» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹دېمەك› پېئىلى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك»، «‹كاشغار تىلى› توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «‹ئالتۇن يارۇق› نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى بۆلىكى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا ئوقۇغان. خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىدىن بولغان «ئەتەبەتۇلھەقايىق - ھەقىقەت بوسۇغىسى» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە)، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى - ئوغۇزنامە» (گېڭ شىمىن بىلەن بىللە)، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (ئابدۇقېيۇم خوجا، ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىللە) قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، «ئادەم قانداق پەيدا بولغان» (ياسىن ھۈسەن بىلەن بىللە)، «دۇنيا تارىخىدىن پارچىلار» (ياسىن ھۈسەن بىلەن بىللە)، «ماركسىزمچى پەلسەپە تارىخىدن قىسقىچە مەلۇمات» (جۇماخۇن نىياز بىلەن بىللە) قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكىى شۇكى، ئۇ 1986-يىلى ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسى ھاۋالە قىلغان ئاپتونوم رايون ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 7-بەش يىللىق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتكەن، ھەجمى 1 مىليون 500 مىڭ خەتكە يېتىدىغان، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى بۇددا دىنىغا دائىر يىرىك ئەسەر «ئالتۇن يارۇق» نى كەسىپدىشى مۇھەممەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىكتە، مۇقەددىمە، ترانسىكىرپسىيە، تەرجىمە، ئومۇمىي سۆزلۈك، ئىزاھتىن ئىبارەت بەش قىسىم بويىچە نەشرگە تەييارلاپ 1992-يىلى 2-ئايدا ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇنغا تاپشۇرغان.
تۇرسۇن ئايۇپ ئۇيغۇر يېزىق تىلى تارىخى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنى رەتلەش ھەم تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان، يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى ۋە شۇ ساھەدە مەخسۇس ئەسەر يېزىشنى بۇندىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانى قىلىپ ئىزدەنمەكتە.
مەنبەلەر
[تەھرىر]«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابتى ئېلىندى