تۇرمۇش ئەنئەنىمىزدىكى ئالاھىدە بۇيۇم — بۆشۈك

ئورنى Wikipedia

     بۆشۈك خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇمى.

   ئادەتتە، بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا بىر تالمۇ تۆمۈر مىق ئىشلىتىلمەيدۇ. بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلىنىپ ياسىلىدىغان بۇ ئالاھىدە ‹‹كارىۋات››نىڭ كۆركەم، نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى بىر خىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

   بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەش خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۆشۈككە بۆلەش ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، نېرۋا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرىكەت سىستېمىسىدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك غەيرىي ئەھۋاللارنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىملىق بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم ‹‹بۆشۈكئانىسى›› تەكلىپ قىلىنىپ، ‹‹بۆشۈكئانىسى››نىڭ ئۇدۇمى ئېلىنىپ، ‹‹بۆشۈك تويى›› ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، بۆشۈك مۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

    بىرىنچىدىن، بۆشۈكتە ياتقان بالىنىڭ ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە بۆلەشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى، جاك، شۈمەكلەر يۇيۇلۇپ ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ تەرىتى ئۇدۇللۇق جاكقا چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ چات ئارىلىقلىرى ھۆللىنىش سەۋەبىدىن ئېچىشىدىغان، قىزىرىدىغان،  شەلۋەرەيدىغان، پىچىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.

   ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ، سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلىگەندە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئارتۇق ھۆللۈك ئازىيىپ، قان  ئاينىلىش راۋانلىشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ.        

    تۆتىنچىدىن، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ باش، قول، پۇت ۋە بەدىنى رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك غەيرىي كېسەللەرنىڭ، يەنى  يوغان باش بولۇپ قېلىش، باش مايماق بولۇپ قېلىش، دوك، تاشمايماق، ئىچمايماق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەش بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش؛ تېرە رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.  

    ئومۇمەن، بۆشۈك خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس. ‹‹ئەللەي ناخشىسى››(بۆشۈك ناخشىسى)، ئەمەلىيەتتە، خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىدىسىدۇر.[1]

  1. ئاپتۇر: ئۆركەش جاپپار؛ گېزىت: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 06- 19 18:55؛ مۇھەررىر: قەيسەر؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-06/19/content_205701.htm