تۇغۇت مەرىكىلەش

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

     ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﯞﻩ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯧﯖﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻣﯘﻣﻠﯩﻖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﯘﻻﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﯩﺴﻰ .ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﺌﺎل ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺷﺎﮬﺎﻧﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ .

     ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ،ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺍﻻﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﯩﺖ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ <<ﺋﺎﺕ ﺗﻮﻱ >>(ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻱ ) ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ <<ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >> ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯗﺭ .

     <<ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >> ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻕ -ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺑﻮﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﺵ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻕ -ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻳﻪﯕﮕﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﺵ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯗﺭ .

     ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻛﻠﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻛﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﯚﻳﯜﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﭽﺎﻗﺘﻪﻙ ﺗﯩﻐﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻗﯩﺰ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ،ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺭﻩﺧﯩﺘﻠﻪﺭ ،ﻟﯚﯕﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭼﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﻳﯜﻧﭽﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺸﻰ << ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >>ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ، ﺗﻮﻏﯘﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ -ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ،ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺍﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺷﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

     <<ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >>ﺑﻪﺯﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ،ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﻳﺪﯗ .ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺩﺍﺩﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﭘﻪ ،ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻏﯩﺰﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻕ -ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﯘﻡ -ﻗﻮﺷﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻕ -ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﯘﻡ -ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ،ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﺳﯜﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .

      << ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >>ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ،ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ << ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ >> ﻛﯜﻧﻨﻰ ﭘﯜﺗﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ 7،3،9،11،13-ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﻕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .ﺩﺍﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﮔﯜﺭﯛﭺ ،ﻳﺎﻍ ،ﮔﯚﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺩﺍﺩا ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻕ -ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰﺍﻛﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻏﺎﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺩﺍﺩا ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻛﻠﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﯸﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﯘﻡ -ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻳﺪﯗ .ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﻳﻨﺎﻏﺎ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ (ېۈقتۈسادۈي ﺋﺎجۈزراق ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﺗﺎ ﮔﯚﺵ )ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ قۈلغان ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺳﺖ -ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﻗﯘﻟﯘﻡ -ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ،ﺑﯘ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ .<<ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >> ﻛﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﺳﺎﻻﻣﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻣﯚﺗﯩﯟﯨﺮﻯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻳﯘﺭﺕ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ،ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﭗ ﮬﯚﺯﺭﻩ ﺧﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺕ ﻣﯚﺗﯩﯟﯨﺮﻯ ﺩﺍﺩﺍ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﮬﯚﺯﺭﻩ ﺧﺎﮬﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﺎﻻﻡ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﻪﻳﻨﺎ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ << ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >> ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ .ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ <<ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺳﯜﻳﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 40ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﺎﺕ ﺗﻮﻱ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ .ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺋﻮﺭﯗﻕ -ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ،ﺩﻭﺳﺖ -ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ،ﻗﯩﺮﻗﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ <<ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >> ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .

     ﺩﯦﻤﻪﻙ ،<< ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >>ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ،ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ <<ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺵ >>ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ .[1]

  1. مۇھەررىر : لالە ؛مەنبە:تەڭرىتاغ تورى ؛ۋاقىت:2007- 04- 12 13:08؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2007-04/12/content_801.htm؛