تۇلۇم ياساش كەسپى

ئورنى Wikipedia

     تۇلۇم ياساش كەسپى ئوۋچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى ھايۋانات(چارپاي)نى قولغا كۆندۈرۈپ ئىشلەتكەن، گۆشىنى يەپ، تېرىلىرىدىن پايدىلانغان مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن.

    ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،  ئات،كالا، قوتاز، تۆگە قاتارلىقلارنى كۆندۈرۈپ پايدىلىنىشنى ھەم ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەپ، يۇڭ، تېرىلىرىدىن كىيىم –  كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىشنى بىلگەن. مەسىلەن: ئوزۇق  –  تۈلۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىلگىرى تېرىلەرگە يۆگەپ ساقلىغان بولسا، كېيىنچە تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن مال  –  ۋارانلارنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نەرسە قاچىلاپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئوزۇق  –  تۈلۈك، سۇ يېغى قاتارلىقلارمۇ شۇ تۇلۇمغا قاچىلىنىدىغان بولغان. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى:

‹‹ئون تۇلۇمدا ئاشلىقىم،

بەش تۇلۇمدا سۇ يېغىم.

كەلسىلە پوشكال سالاي،

زەپ سېغىندىم مېھمىنىم.››

دېگەن مىسرالار تۇلۇمنىڭ تارىخىي رولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    تۇلۇم كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال خىزمەت قىلىدىغان ئالاھىدە بۇيۇمغا ئايلانغان. مەسىلەن: دەريادىن ئۆتكۈچىلەر تۇلۇمغا يەل تولدۇرۇپ ئۇنىڭ ھىمايىسىدە دەريادىن ئۆتسە، سۇ تەگكۈزمەيدىغان ئالاھىدە بۇيۇملارنى تۇلۇمغا قاچىلاپ دەريا  –  كۆللەردىن ئۆتكەن. يەنە كېمە، يەلكەنلەرنىڭ بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن تۇلۇمغا يەل تولدۇرۇپ، كېمىنىڭ ئاستىغا تېڭىپ دەريادىن ئۆتكەن ھەم كېمىنىڭ ئەتراپىغا يەل قاچىلانغان تۇلۇم قويۇش ئارقىلىق(تۇلۇمنى كېمىنىڭ بۇرجەكلىرىگە قويۇپ) كېمىنىڭ تاغ  –  تاشلارغا سوقۇلۇشىدىن ساقلانغان. دېمەك ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت دائىرىسىدىكى دەريا  –  كۆللەردىن ئۆتۈشتە ياكى ساياھەت جەريانىدا تۇلۇمدىن زامانىمىزدىكى دېڭىزچىلارنىڭ بالونى سۈپىتىدە پايدىلانغان.

    تارىخنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىلجىشى بىلەن ئەجدادلىرىمىز خىلمۇ خىل تۇلۇم ياساپ، ئۇنى رەسمىي كەسىپ قىلغان. مەسىلەن: ئىلگىرىكى تۇلۇملار ماللارنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپلا، يۇڭى، ئىچى تازىلانمىغان ھالەتتە بولغاچقا، ئىپتىدائىي تۇلۇم ھېسابلىناتتى. تۇلۇم ياساش ھۈنەر  –  كەسىپ رىسالىمىزدىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، خىلمۇ خىل ئالىپتە تۇلۇملار بارلىققا كەلگەن. يەنى مال تۇلۇمچىلاپ سويۇلغاندىن كېيىن، ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا ئاشلىنىپ، يۇڭ ۋە قىرىندىلار چىقىرىپ تاشلىنىپ، سىرتى خىلمۇ خىل بوياقلار بىلەن بويالغان، قاپارتما ياكى باسما گۈللەر قويۇلغان، تۇلۇمنىڭ ئاغزى (بويۇن)، تۆت ئاياغ تەرىپى چۇچىلىق قىلىپ ئىشلەنگەن ۋە ھەرخىل رەڭ بېرىلگەن. بۇنداق تۇلۇملار خەلقئارا بازارلاردا سېتىلغان. بۇنداق تۇلۇم قەدىمكى دەۋردە شاھلارنىڭ ئالتۇن  –  كۈمۈش، جاۋاھىرات قاچىلايدىغان ئېسىل بۇيۇمىغا ۋە يول يۈرگەندە ئاتقا غانجۇغىلايدىغان نەرسىسىگە ئايلانغان. شاھلار ئۆزئارا قىلىشىدىغان سوۋغا  –  سالاملاردا تۇلۇم سانىغا قارالغان، سەپەر قىلغۇچىلار ئۇنى سۇ قاچىلايدىغان بۇيۇم قىلغان. تۇلۇم يەنە خەلقىمىزنىڭ چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا سۈت، قېتىق، قىمىز قاچىلايدىغان، سۇ ساقلايدىغان بۇيۇمى بولغان. تۇلۇمنىڭ بىرنەچچە تۈرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. 1949  –  يىلىغىچە پۇلدارلىرىمىز ئالتۇن  –  كۈمۈش، تىللا قاتارلىقلارنى ‹‹ئانچە تۇلۇم، مانچە تۇلۇم›› دەپ بايان قىلاتتى. بۇقا، قوچقارنىڭ تاش خالتىسى، ئىنەك، ساغلىقنىڭ سۈت خالتىسىدىن ياسالغان تۇلۇملار پۇل خالتىسى قىلىناتتى. بۇنداق تۇلۇملار ھازىرمۇ بەزى ئائىلىلەردە، بولۇپمۇ تاغلىق رايوندا ياشىغۇچى دېھقان  –  چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ساقلانماقتا. شۇنداقلا ئىپتىدائىي(يۇڭى ئېلىنمىغان)تۇلۇممۇ 1940  –  يىللىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ رولىنى يوقاتمىغان.

     دىيارىمىز پاختا، يۇڭ، ئاشلىق، مېۋە كانى، شۇنداقلا ياغلىق دان كانى. شىنجاڭدا يەرلىك جۇۋازچىلىق(كەسپىي جۇۋازچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا) %60 تىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە تارقالغان كەسىپ. ئۇلار كۈندۈزى دېھقانچىلىق قىلسا، كەچتە ۋە قىشتا جۇۋازچىلىق قىلىپ، سۇ يېغى بىلەن ئىچكى بازارنى تەمىنلىگەندىن سىرت، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، قوشنا ئەللەردىن پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىياغا  يىلىغا ئون نەچچە مىڭ تۇلۇم ياغ چىقىراتتى. چوڭ تۇلۇمغا 25  –  30 كىلوگرام، ئارا تۇلۇمغا 20  –  25 كىلوگرام سۇ يېغى قاچىلىناتتى.  ياغ قاچىلانغان تۇلۇم كوشۇك (ئارغامچىدىن چوڭ كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان تور)كە سېلىنىپ، ئات، ئېشەك، تۆگىلەرگە كوشۇكنىڭ تانىسىدا خۇرجۇن شەكلىدە ئارتىلىپ توشۇلاتتى. تۇلۇمغا قاچىلانغان ياغ بىخەتەر بولۇپ، قىيا تاشلارغا تېگىپ كەتسىمۇ، ئېگىز داۋاندىن چۈشۈپ كەتسىمۇ، سۇغا چۈشۈپ كەتسىمۇ ياغ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، ياغ ئۇنىڭدا ئۇزاق تۇرسىمۇ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ. تۇلۇم ئەنە شۇنداق چىداملىقلىقى، ئىشلىتىشكە قۇلايلىقلىقى بىلەن ئەتىۋارلىق بۇيۇمغا ئايلانغان. ئازادلىقتىن كېيىن تۇلۇم ياساش ئاساسەن ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، دېھقان  –  چارۋىچىلار يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا.

     تۇلۇم، ئاساسەن، ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدۇ. ئۆچكە بوغۇزلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بويۇن تەرىپىدىن تېرە بىلەن گۆش ئاجرىتىلىپ، گۆش پارچىلاپ ئېلىنىدۇ. قۇيرۇقىدىكى بوشلۇق تېرە تاسما(خام تېرىنى تىلىپ) بىلەن ھاۋا، سۇ ئۆتمەيدىغان قىلىپ تىكىلىدۇ. ئۆچكىنىڭ تۆت ئايىغىدىكى تېرە يېرىپ چاپلىنىپ، كىرىچ بىلەن تىكىلىدۇ. ئاشلانغان تۇلۇمنىڭ تۆت ئاياغ تېرىسى بوغۇپ تىكىلىپ، تۆۋەن قىسمى چۇچا قىلىنىدۇ. بويۇن قىسمىغا ھەرە چىشى گۈل چىقىرىلىپ تاسما بوغۇچە بېكىتىلىدۇ. ئاشلانمىغان تۇلۇمنىڭ ئاغزى بوغۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئاشلانمىغان تۇلۇم كېيىنكى مەزگىللەردە، ئاساسەن، سۇ يېغى ئېلىشقا ئىشلىتىلگەن.[1]

  1. ئاپتۇر: بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 02- 13 15:37؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-02/13/content_155362.htm