تۇمشۇقتىكى ئەڭ ئاخىرقى كۇلالىچى ئائىلىسى

ئورنى Wikipedia

      تۇمشۇقتا ھازىرقى زامان ۋە قەدىمكى زامان ساپال بۇيۇملىرى سودىسىنى قىلىدىغانلار ھازىرقى زامان ساپال بۇيۇمى سودىسىنى قىلىدىغانلاردىن كۆپ. بۇ يەردە بازار كۈنى بازارغا ئېلىپ كېلىنگەن ساپال بۇيۇملارنى ئالمىسىمۇ كۆرىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

     تۇمشۇق گەرچە كىچىككىنە بىر جاي بولسىمۇ، بۇرۇن بۇ جايدا كۇلالچىلىق خېلى تەرەققىي قىلغان. ھازىر بۇ يەردە كۇلالچى ئائىلىسىدىن پەقەت بىرىلا قالدى. بۇ ئائىلىدىمۇ كۇلالچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشىنى خالايدىغانلار كۈندىن – كۈنىگە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئابدۇكېرىم ئۆزىنى بەكمۇ يالغۇز ھېس قىلىدۇ. ئۇ، بۇ ساپال بۇيۇملارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى فار – فۇر، ياغاچ، سۇلياۋدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى، جىق ياسىۋەتسە سېتىلمايدىغانلىقىنى، بىراقلا ياسىماي تاشلاپ قويسا، بۇ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ يوقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ مۇنداقلا تاشلىۋەتكۈسى كەلمىدى. ئۇ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ھۈنەردىن پۇل تاپالمىسىمۇ، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاتا مىراس كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، بۇنىڭ ئۆز قولىدا ۋەيران بولۇپ كەتمەسلىكىگە بەل باغلىدى.

    34ياشلىق ياقۇپ ھۈسىيىن ئالتە ئەۋلاد كۇلالىچى ئىچىدىكى ئەڭ ياش كۇلاكىچى بولۇپ، ئۇ 12 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا دادىسىدىن كۇلالچىلىق ئۈگەنگەن. كىشىلەر ئارىسىدا :‹‹ساپال بۇيۇملارنى ياساش بىر تېخنىكا، ئەمما ئۇنىڭ نەپىسلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر، مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھۈنەردە پىشقان ھېسابلىنىدۇ ››دېگەن گەپ بار. ساپال بۇيۇملار ئەسلىدە دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ، يېڭىلىققا يۈزلىنىش، ھەرخىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن ھۈنەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يېڭىچە نۇسخا، شەكىللەردىكى بۇيۇملارنى ياساشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشتا ئۇلار سىرت ناھايىتى كەمدىن – كەم ئالاقە قىلغاچقا، باشقا جايلاردا ئۆزلىرىگە ئوخشاش كۇلالچىلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى بىلمەيتتى، شۇڭا ئۇلار ياسىغان ساپال بۇيۇملار ئۇزاق يىللاردىن بېرى مۇقىم بىر خاسلىقنى ساقلاپ تاپاۋىتىمۇ كۈندىن – كۈنىگە ئازىيىپ كەتتى. كۇلالچىلىق داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئەۋلادقا كەلگەن بىلەن ئۇلار يەنىلا غۇربەتچىلىكتىن قۇتۇلالماي، كونا ئۆيدە ئولتۇرۇۋەردى.

   ياقۇپ ھۈسىيىن ئاتا – بوۋىلىرىدىن ئۈگىنىدىغاننى ئۆگىنىپ، كېيىنكىلەرگە ئۆگىتىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بوۋىسى بىلەن دادىسى يەنىلا ئۇنى داۋاملىق ئۆگىنىشكە زورلايتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كاللىسىدىن پەقەت ئۆتمەيتتى. چوڭلار بۇ ھۈنەرنىڭ ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئويلايتتى. بىراق ئۇ بالىلىرىنىڭ بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىپ، ئۆزىگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايىتتى.

   ياقۇپنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىممۇ كىچىك چېغىدىن باشلاپلا دادىسى قۇربان كېرىمدىن كۇلالچىلىقنى ئۈگەنگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى تۇمشۇقتا نامى چىققان كۇلالىچى بولۇپ، بۇيىل 18 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇ ياقۇپنىڭ دادىسىغا كۇلالچىلىقنى ئۆگەتكەن ۋاقىتتا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى خېلى ياخشى بولۇپ، ھەرۋاقىت ساپال بۇيۇملارنى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ساپال بۇيۇملارنىڭ باھاسى ئەرزان بولغاچقا، سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن ھەم بۇلارنى ياساشقا كېتىدىغان كېرەكلىك ماتېرىياللارغىمۇ پۇل كەتمىگەچكە، پەقەت ئەمگىكىنىڭ ھەققىنىلا ھېسابلايدىكەن. شۇڭا بۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم ھەر ھالدا بىر ئائىلىنى قامدىيالىغانىكەن.

   بوۋاي:‹‹ئائىلىمىز كۇلالىچى ئائىلىسى، بۇنى بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىز مىراس قالدۇرغان. تۇنجى ئەۋلاد كۇلالىچى بوۋامنىڭ بوۋىسى يۈسۈپ رېھىم بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھۈنەرنى قاچان، قەيەردە ئۆگەنگەنلىكى، كېيىنكىلەرگە قانداق ئۆگەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بوۋام توختى كېرەم ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى كېرەم توختىنى تۇمشۇقلارنىڭ ھەممىسى ‹كۇلالىچى› دەپ چاقىرىدىكەن،ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۇلارنى ‹خەلق سەنئەتكارلىرى›دەپ ئاتايدىكەنتۇق››دېدى.

   قۇربان بوۋاي ھەمىشە ساپال بۇيۇملارنى سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرگە ھەم يېزىدىكىلەرگە :‹‹نەۋرەم ياقۇپ دادىسى ئابدۇكېرىمغا قارىغاندا ھۈنەرگە پىششىق، ئۇنىڭ ياسىغان نەرسىلىرى ئادەمنى رازى قىلالايدۇ››دەپ ئوغلى ۋە نەۋرىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى.

   كۇلالىچىلىق ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملىشىش جەريانىدا ئۆز دەۋر ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ھەرخىل كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان باھالىرىغا ئېرىشكەن. بۇ ھۈنەردە پەقەت بىر جۈپ بىلەككە تايانغان بىلەنلا بولمايدۇ، چوقۇم دەۋر تەلىپى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئابدۇكېرىمنىڭ دەۋرىدىكىلەر سۇ، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات ساقلايدىغانلار ئىدىشلارغا ئېھتىياجلىق بولغان بولسا، ياقۇپ دەۋرىدىكىلەر پەقەت تەشتەك ۋە لوڭقىغا ئېھتىياجلىق بولۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. بۇرۇنلاردا ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى ئاساسىي نۇقتا بولسا، بۈگۈنكىلەر گۈزەللىك ۋە نەپىسلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئارىلىقتىكى بۇنداق پەرقنىڭ بولۇشى ھەرگىزمۇ ھۈنەرنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىدۇر. 100 يىلدىن كۆپرەك مۇشۇ كەسىپنىڭ ئىسسىق – سوغۇقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بۇ بوۋاي ياقۇپقا ئىچ – ئىچىدىن قايىل. ئۇنىڭ ياسىغان بۇيۇملىرىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزى ياسىغان نەرسىلەرگە قارىغاندا تولىمۇ سىپتا، نەپىس، جەلپ قىلارلىق ئىكەنلىكىگە قاراپ ئۇنىڭدىن سۆيۈنىدۇ. شۇڭا بوۋاينىڭ نەۋرىسى بۇ جەھەتتە ئۇتۇق قازىنىپ، ئەجداتلىرىنىڭ تەۋەرۈكى بولغان بۇ ھۈنەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالسىكەن دېگەن ئويى بار ئىكەن.

    ياقۇپنىڭ ئۆيىدىكى ھەربىر ساپال بۇيۇمىغا ئۇنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بوۋىسى، ھەتتا دادىسىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىش ئىدى. تۇمشۇقتا بۇرۇنقىلار ياسىغان ساپال بۇيۇملار تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بۇ قەدىمىي بۇيۇملارنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكىلەر ياسىغان ساپال بۇيۇملار قەدىمىي بۇيۇملارغا تەۋە ئىدى. بەزىدە، ئۇ، بۇ نەرسىلەرنى ئۆز جەمەتىدىكىلەرنىڭ ياسىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمۇ قالاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزى ياسىغان ھەربىر ساپال بۇيۇمنىڭ ئاستىغا ياكى يان تەرىپىگە ئۆز ئىمزاسىنى ئويۇپ ماڭدى. ئۇنىڭ مۇنداق قىلىشى نەچچە ئەسىر ئۆتسىمۇ ئەۋلادلارنىڭ بۇ بۇيۇملارنى تونۇيالىشى ھەم بۇلارنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈندۇر. ناۋادا بىرەر ئەسىردىن كېيىن بۇ كۇلالىچى تاسادىپىي بۇ ھۈنەرنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزەلمەي قالسىمۇ، بۇ جەمەتنىڭ ئىزناسى، شانلىق ئەنئەنىسى يوقالمايدۇ، كېيىنكىلەرمۇ بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ – سېتىش جەريانىدا بۇلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆرلەيدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن كېيىن بۇ جەمەتتىكىلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش روھىنى نامايەن قىلىپ، تارىخ بېتىدە ئۆچمەس بىر ئىز قالدۇرۇشى مۇقەررەر.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 13 14:53؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/13/content_128041.htm؛