تۇيۇق مىڭئۆيى

ئورنى Wikipedia

تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 55 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي (پىچان ناھىيەسى) دە تۇيۇق مىڭئۆيى بار بولۇپ، ھازىرغىچە 46 مىڭئۆي ساقلىنىپ قالغان.

ئۇيغۇرچە نامى تۇيۇق مىڭئۆيى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى شىنجاڭ تۇرپان شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 55 كىلومېتر
خەنزۇچەنامى 吐峪沟千佛洞
قاراشلىق رايون تۇرپان

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 55 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي (پىچان ناھىيەسى) دە تۇيۇق مىڭئۆيى بار بولۇپ، ھازىرغىچە 46 مىڭئۆي ساقلىنىپ قالغان. بۇ مىڭئۆيلەر تۇرپاندىكى مىڭئۆيلەر ئىچىدە بىرقەدەر بۇرۇن ياسالغان، تام سىزمىلىرى ناھايىتى كۆپ ساقلانغان مىڭئۆي بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.

تارىخى[تەھرىرلەش]

تۇيۇق مىڭئۆيى تەخمىنەن مىلادىيە 5-ئەسىردە ياسىلىپ، مىلادىيە 13-ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. ئۇ شىنجاڭدىكى تارىخى ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ چوڭ مىڭئۆي خارابىسىدۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، نۇرغۇن چەت ئەللىك ئېكىسپېدىتسىيەچى تۇيۇق مىڭئۆيدىن زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ ئېلىپ كەتكەن.

تۇيۇق مىڭئۆي خارابىسى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان ‹‹ 2010-يىلى جۇڭگۇدىكى ئالتە چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش›› نىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ، مىلادىيە 4-ۋە 5-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ مىڭئۆي خارابىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. تۇيۇق مىڭئۆيىدىكى مەبۇتلار ئەڭ بۇرۇن غەربىي جىن ۋە 16 بەگلىك دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە تۇيۇق مىڭئۆيى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۈنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدىن بۇرۇن ياسالغان. ساقلىنىۋاتقان تام سىزمىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ھەيران قالدۇرىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى